نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بىلوگىمدىكى باشقا تېمىغا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىنكاس چۈشۈپتۇ، قارىغاندا Outlook توغرىسىدا تېما يازمىسام بولمىغۇدەك، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى مۇشۇ تېمىغا يېزىڭلار، رەھمەت!

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى Outlook نى ئېلان قىلىپ، Hotmail بىلەن خوشلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى Google شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىش دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا، Hotmail نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىل خېرىدارلىرى 324 مىليون، Yahoo نىڭ 290 مىليون، Gmail نىڭ 278 مىليون بولغان.

يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نى ئېلان قىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى 16 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Hotmail ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىدىن ۋاز كەچتى. مىكروسوفت بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنىڭ ماركىسى Outlook.com بولۇپ، دۇنيادىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، ئىشخانا ئېلېكتىرونلۇق خەت يۇمشاق دېتالى Outlook بىلەن ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.

Outlook.com دىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك:
ئۇ Hotmail غا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، تېز بولۇپ، Hotmail دىكى كىشىلەر، كالېندار، SkyDrive قاتارلىق مۇرەككەپ تاللانمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان. يەنە Gmail.com ،LinkedIn ۋە Facebook دىكى كىشىلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، …قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور ھېساباتلىرى بىلەن ئۇلىنالايدۇ.

يېقىن كەلگۈسىدە Outlook.com دا، Skype نىڭ سۈرەتلىك سۆزلىشىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، مىكروسوفت يەنە دېيىشىچە خەت-ئالاقە قىلغاندا كىشىلەرنى زېرىكتۈرىدىغان ئېلانلار ئاز بولىدىكەن. ئەگەر بۇنى مىكروسوفت ئىشخانا دېتالى Office بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، Outlook.com دا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىللار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە راۋان خەت-ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكىمىزگە ھېچقانداق باھانە قالمىدى. بۇ خەۋەرلەرنى باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار.

بەزى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئارايۈز تەرجىمىسىدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر، كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىڭ.

سىناش ئۈچۈن http://www.outlook.com بېسىپ كىرىڭ، ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىللاردىن «ئۇيغۇرچە»نى تاللاپ ساقلاڭ. ئاندىن بارلىق كۆزنەكلەرنى بىرمۇبىر ئېچىپ، سىز بايقىغان زور خاتالىقلارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىڭ. ھېچبولمىغاندا، ئارايۈز تىلىنى ئۇيغۇرچە تەڭشەپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن دەپ قالسۇن. رەھمەت!

تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

================
تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.

قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
168 پارچە باھا يېزىلدى
  • قاتتىق ھاياجان ئىچىدە تۇرىپتىمەن نىمەدىيشىمنىمۇ بىلمەيلا قالدىم دىسە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:48
  • بۇنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم قايسى كۈنى hotmailنىڭ كۆرۈنمە يۈزنى ئۇيغۇرچە تەڭشىەپ بېقىپ شۇنداق خۇشال بولغانتىم، بۇنى كۆرۈپ دەرھاللا بىر خەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلىۋالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:03
  • ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ….قىنى مەنمۇ سىناپ باقسام بولغۇدەك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:48
  • ئالىم مالىم سىزنىڭ خەت نۇسخىسى شۇنچىۋىلا چىرايلىق چىقىپتۇ بىزنىڭكىگمۇ چىرايلىق چىققىدىغان يولنى كۆرسەتمەمسىز؟ windows8دىن باشقا سېستىمىدا ئاچسا شۇنداق بۇلامدۇيە ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:55
    • رەسىمدە كۆرسىتىلگەن خەت نۇسخىسى ھەقىقەتەن چىرايلىق چىقىپتۇ، ئۇ قايسى خەت نۇسخىسى بولغىيدى، ئالىم مۇئەللىم دەپ بەرسىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:55
    • مېترو توغرا دەيدۇ،ئالىم مۇئەللىمنىڭ ھەجەپ چىرايلىق چىقىپتۇ قانداق قىلساق بىزنىڭمۇ شۇنداق چىقىدۇ ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:13
  • ئادەمنى قانداق قاچىلايدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 12:31
  • قارىغاندا پەقەت كۆزنەك 8نىلا قاچىلغاندا خەتلەر مۇشۇنداق چىرايلىق چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
    بەزى جۈملىلەر تازا بەك ياخشى تەرجىمە قىلىنماپتۇ،،بەزى سۆزلەر جۈملە ئىچىدە كەلگەندە تازا ياخشى چۈشىنىشلىك بولمايدىكەن
    مەسىلەن:كەلگەن خەتلەر
    1.«بۇ يەردە يوق (بەك ئوبدان!)Microsoft SmartScreen;&mdash مۇ ئۇلارنى كەلگەن خەتلەرگە بېرىشىدىن توسۇۋالدى.»
    此处没有垃圾邮件(太棒了!)- Microsoft SmartScreen也致力于保护你的收件箱免受垃圾邮件的侵扰
    ئۇدۇل تەرجىمە قىلىسام:بۇ يەردە ئەخلەت خەتلەر يوقكەن (بەك ئوبدان بولدى!) Microsoft SmartScreenمۇ ئەخلەت خەتلەرنىڭ سىزنىڭ كەلگەن خەتلەرگە دەخلى قىلىشىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.بۇيەردە كەلگەن خەتلەر مىنىڭچە ئىككى خىل ئۇقۇمنى كۆرسىتىم تۇرىدۇ.1.ئىسىمنى بىلدۈرىدۇ.2.بولسا خەتنىڭ قانداق خەت ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا بۇ يەردە چۇقۇم ئىسىمنى بىلدۈرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
    قانداق «كەلگەن خەتلەر»بەزىدە ئىسىم ئورنىدا كەلسە باشقىچە بۇلۇپ قالىدىكەن ،ئەگەر ئۇنى «كەلگەن خەتلەر ساندۇقى»دەپ ئالساق
    مىنىڭچە ياخشىراق مۇلامىكىن دەيمەن .ياكى «تاپشۇرۋىلىش ساندۇقى».
    بۇ يەردە ئەخلەت خەتلەر يوقكەن (بەك ئوبدان بولدى!) Microsoft SmartScreenمۇ ئەخلەت خەتلەرنىڭ «كەلگەن خەتلەر ساندۇقى»ڭىزغا دەخلى قىلىشىدىن ساقلايدۇ.
    2. مۇشۇ «كىشىلەر»دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا باشقىچە سۆزنى ئالساق .مەسىلەن مەن: «ئالاقىلاشچىلىرىم» دەپ بىرىنچى شەخىستە ئېلىشنى خالايمەن.常用联系人نى «دائىملىق ئالاقىلاشچىلىرىم»دىسەك .
    3.يەنە بەزى سۆزلۈكلەر:
    电子邮件转发 ئېلىكتۇرۇنلۇق خەتنى يۆتكەش
    创建 Outlook 别名‏‏:‏‏ باشقا ‏‏Outlook نام قۇيۇش
    答复地址 : خەت قايتۇرۇش ئادىرىسى
    保存已发送邮件: يوللىغان خەتلەرنى ساقلاپ قىلىش
    活动视图设置:جانلىق كۆرۈلمىلىك تەڭشەكلىرى
    按照对话进行组合并预先加载邮件:
    سۆھبەتكەئاساسەن گۇرۇپپىلاش(يىغىنچاقلاش) ۋە خەتلەرنى ئالدىن يۈكلەش
    白名单和黑名单: قار تىزىملىك ۋە ئاق تىزىملىك (بۇ سۆزلەرنى بىز بەك ئاسان چۈشىنىمىز)
    ‏‏ 高级隐私设置: خۇسۇسىي مەخپىيەت ئالىي تەڭشەكلىرى
    键盘快捷方式: تىز كۇنۇپكىلار
    新邮件排序规则: يىڭى ئىلىكتۇرۇنلۇق خەتنى رەتلەش(تەرتىپلەش )(ئورۇنلاشتۇرۇش) قائىدىسى
    ئەگەر سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىشتا گەپ يوق دىسىڭىز ،بەزى چۈشنىكسىز جۈملىلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ تۈزۈتسەك بۇلىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:28
    • مەخپىيەتلىك ئۈچۈنمىكىن تەرجىمىدە ئاران %20 ئېكران كۆرۈنۈشى تەمىنلەنگەن، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرىدىغان باشقا تىلمۇ يوق (ھەممىسى قەدەمداش تەرجىمە قىلىۋاتقان بولغاچقا)، ئەمما مۇۋاپىق بولمىغان جايلارنى ئىنكاس قىلساق بولىدۇ. بىر ھەپتە تەكلىپ-پىكىر توپلايلى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:28
    • سىز دېگەن تەرجىمىلەرنى مېنىڭچە ئالىمكاممۇ كۆپ ئويلاشقان ھەم نۇرغۇن كىشىنىڭ پىكرىنى يىغىنچاقلاپ تۈزۈلگەن. شۇڭا ھازىر تىرجىمە قىلىنىپ بولۇنغىنىغا ئەمەس تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان بۆلەكلىرىگە كۆپرەك باش قاتۇرساق ياخشى بولارمىكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 15:45
  • RICH TEXT
    PLAIN TEXT
    EDIT IN HTML
    بۇلار تېخى تەرجىمە قىلىنماپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:31
  • ۋاھــــــــــــــــــــــــــــــــ نىم دىگەن ياخشى ئانا تىلىمىزدىكى ئېلخەت بەك ياخشى رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:42
  • چىشلىق چاقىنى باسسام جىم – جىت تۇرىدىغۇ .. ئۆزگۇرۇش يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:46
  • سىلەرگە ئاپرىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:20
  • بەك ياخشى بولدى،مەنمۇ بىرنى ئىلتىماس قىلىۋالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 06:00
  • رەھمەت سىلەگە بۇلانى كۈرۈپ كۆزنەك8نىڭ ھەقىيقى نۇسقىسىنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 06:23
  • «‏‏بەزى باشقا پىروگراممىلار Outlook دىن ئۇچۇرنى چۈشۈرۈپ ئۆچۈرۈشكە تەڭشەلگەن. خاتا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئالاھىدە POP قىسقۇچىغا قويۇپ قويدۇق. بۇ خاتا ئەمەستۇ؟» ماۋۇ تەرجىمە بەكمۇ مۇلايىم، ئوماق بىلىندى. ^_^

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:18
    • يارىغان يەرلەرنىمۇ دەپ قويۇڭلار مۇنداق، ھاردۇق يەتكەندە روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ قالىدىكەن، بىر پۇتىمىزنى بۇ يەرگە دەسسىۋالدۇق، ئەمدى بۇنى تېخىمۇ راۋان، يېقىشلىق قىلىشقا تىرىشساق بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:21
  • 1. ”ئارگىنال“نى باسقاندا كۆرۈلىدىغان جۈملە،يەنىلا ئىچى قۇرۇق ئەھۋالدا:
    ئۈچۈرىڭىزنى ھازىرچە ئەۋەتمىسىڭىز ”ئارگىنال ساقلاش“ نى چىكىڭ.بۇنداق قىلسىڭىز بۇيەرگە قايتىپ كىلەلەيسىز،تەييار بولغاندا تاماملاڭ
    如果你尚未准备好发送邮件,请点击“保存草稿“。这样你可以在准备好后返回此处并完成邮件发送
    تەرجىمەم :ئەگەر خەتنى ھازىرچە يوللىماسلىقنى ئويلىغان بولسىڭىز ،«ئارگىنال ساقلاش» نى بىسىپ خەتنى ساقلاپ قۇيۇڭ . كىيىن يوللىماقچى بولغاندا بۇ يەردىن بىۋاستە يوللىسىڭىز بۇلىدۇ.
    2.“ئۆچۈرۈلگەن“نى باسساق مۇنداق جۈملە باركەن:
    ”ئۆچۈرۈش“كۈنۇپكىسى ۋە ”ئەخلەت“كۈنۇپكىسى ئارقىلىق ياقتۇرمايدىغان ئۇچۇرنى چىقىرىپ تاشلايسىز،لىكىن ئەخلەت كۈنۈپكىسى يوللىغۇچىنىمۇ كەلگەن چىقىرىۋىتىدۇ.(ھەم ئەخلەت خەت سۈزگىچىنى ياخشىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ)
    “删除“按钮和”垃圾邮件“都可以清除不需要的邮件,但是”垃圾邮件“按钮还会阻止某个发件人在你的收件箱中出现
    تەرجىمەم:“ئۆچۈرۈش“كۈنۇپكىسى ۋە ”ئەخلەت خەت“كۈنۇپكىسى ھەر ئىككىلىسىدە لازىمسىز خەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە بۇلىدۇ،بىراق ”ئەخلەت خەت“كۈنۇپكىسىنى ئىشلەتكەندە ،خەت ئەۋەتكۈچىنى «كەلگەن خەتلەر»گە كىرىشىنى تۇسىدۇ.
    3.ئوڭ تەرەپتىكى ”سۈرەتلەر“نى باسسا مۇنداق جۈملە باركەن:
    رەسىملەرگە ئېرىشسىڭىز –ياكى پەقەت ئۇلانمىلىرىغا ئېرىشسىڭىز مۇ ،-ئۇلارنى بۇيەردە كۆرسىتىمىز
    当你的获取照片或者仅仅是照片的连接时,我们会在此处显示这些照片或链接
    سىز سۈرەت ياكى سۈرەت ئۇلىنىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، بۇلار مۇشۇ يەردە سىزگە بىۋاستە كۆرسىتىلىپ بېرىلىدۇ.
    4.«ئەۋەتىلگەن»«ئۆچۈرۈلگەن»نىڭ كەينىگە «خەت »دىگەن سۆزنى قۇشۇپ قۇيۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:24
    • ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپسىز، ئەسلىي مەنبە پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە، خەنزۇچىدىن ئاساس قىلىشنى خالىمايمەن، لېكىن پايدىلانساق بولىدۇ. 2-تەرجىمە تىلدىن پايدىلىنىپ 3-تىلغا تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ سۈپەتسىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپىمۇ چوقۇم ئەسلىدىكى تىل يەنى ئىنگلىزچىدىن پايدىلىنىش. بۇلارنى تېزدىن تېپىشىمىزغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىنگلىزچىسى لازىم ئىدى، شۇڭا، ئىنگلىزچە قىلىپ تۇرۇپ پىكىر بەرسىڭىز. رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:21
  • مەن ئۇ چىشلىق چاقنى باسسام تىل بار يەرلەر چىقمىدىغۇ؟ يول كۆرسەتسەڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:07
    • سىزدە Windows Live كىملىكى بولسا بىۋاسىتە كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بولمىسا، يېڭىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىڭ، تىزىملاپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاۋۇ چىشلىق چاق چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:28