زىيارەت

زىيارەت ئۈچۈن 33 ئىنكاس بار

  1. ئىزدىنىش مۇنداق يازغان:

    ئەپسۇس ، زىيارەت ناملىق بۇ مەخسۇس سەھىپىنىڭ يۇمشاق كىرىسلوسىدا ئۆزۈملا ئولتۇرىۋالدىم !

  2. مۇزلۇق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم ئاكا
    مەن بىر خىيالىم نار ئىدى ،سىزگە دەپ باقسام.
    ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنىمۇ سوگو ،گوگول كىرگۈزگۈچتەك باش ھەرىپىنى كىرگۈزسە قالغان قىسمىنى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ بېرىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟مەسلەن:
    ئەلكاتىپقا ‹ئا›دەپ كىرگۈزسەك
    1.ئالىم
    2.ئال
    3.ئالما
    4.ئاياق
    ……..
    دەپ چىقدىغان قىلغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى.
    قىلغىلى بولسا قانچىلىك ۋاقىت ۋە مەبلەغ كىتەر؟

  3. ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

    «ئا» نى كىرگۈزسە، «ئا» دىن باشلانغان بارلىق سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بەك ئاسان ئىش، لېكىن، «ئال» دېگەن بىر تۈپ پېئىلنى مىسال قىلسام، ئۇنىڭ 5500 خىل تۈرلىنىشى بولىدۇ، «ئال»، «ئالاي»، «ئالماي»، «ئالىمىز»، «ئالمايمىز»، «ئالامسىز»،….«ئالمايۋاتقانلىقىمنىمۇ» دېگەندەك، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنى تاللاش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ كۇنۇپكا تاختىسىغا خەتلىرىنى پاتقۇزالمىغان خەنزۇچە، ياپۇنچە، كورىيەچە،…تەسۋىرىي يېزىقلارغا ماس كېلىدۇ، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە،….قاتارلىق ئېلىپبەلىك يېزىقلارغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ.
    ئەلۋەتتە، سۆزلەرنىڭ چاستوتاسى ئارقىلىق مەلۇم بىر ساھەگە ماس كېلىدىغان قىلىپ، كىرگۈزگۈچ ياساش ئوڭاي، بۇنداق بولغاندا، ئىملا خاتالىقى كۆپ ئازىلايدۇ. لېكىن، چاستوتاسى ئوخشىمىغان ساھەدە ھەر خىل بولىدۇ. مۇتلەق تۇراقلىق بولمايدۇ،
    بۇنى ياساش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ كەتمەيدۇ، ھەم بەك مۇھىم تېخنىكىمۇ ئەمەس بۇ ھازىر.

  4. چىچەك مۇنداق يازغان:

    سىزنى پىروگىرامما ساھەسىدىلا قالتىسمىكىن دېسەم يازمىلىرىڭىزمۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ جۇمۇ !؟ يېزىپلا تۇرسىڭىز ئۇستا يازغۇچى ئاتىقىنىمۇ ئېلىپ قالامسىز قانداق ؟ مەنمۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان ،ئانچە – مۇنچە يېزىپ قويىمەن .بۈگۈن يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ،خېلى نەرسىلەرنى يازغۇدەكسىز ،لېكىن ئالدىراپ ئۆتۈپ كېتىپسىز .مەن يازمىلىرىڭىزدىن تەبىئىي پەن ساھەسىدىن چىقىدىغان يەنە بىر يازغۇچىنىڭ يۇلتۇزىنى خىرە – شىرە كۆرگەندەك بولدۇم .

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      پىروگرامما يېزىش ۋە ئەدەبىي نەرسىلەرنى يېزىش ھەممىسى ئوخشاش ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بىز يەنىلا كەسىپداش ئىكەنمىز. نۇقسانلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى ۋە تەلىم بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

  5. ئوزۇغ مۇنداق يازغان:

    ئالىم مۇئەللىمنىڭ يازمىلىرى شۇنداق تېتىشلىق ، راھەت چېقىۋاتىدۇ . ئادەم بېشىنى ئوقۇپ قالدىمۇ بولدى ئاخىرىنىمۇ ئۆزى بىلەيلا ئوقۇپ تۈگىتىۋىتىدۇ ( قانچە جىق بولسىمۇ )
    ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان « ئۆزبىكىستانغا زىيارەت» دېگەن يازمىسىمۇ شۇنداق ئۆزگىچە .
    مەن كۈندە دېگۈدەك بىلوگىڭىزنىڭ يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى كۈزىتىپ ، يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشقا ئامراق بولۇپ قالدىم .
    ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز .

  6. ئابلەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم مۇئەللىم،مۇمكىن بولسا بىلوگىڭىزنى گوگول خروم،ئالما سەپەر قاتارلىقلاردىمۇ نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز.
    رەھمەت!
    ئشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

  7. زەپەر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم مۇئەللىم بولسا يېڭى مەھسۇلات توغرىسىدا ئانچە مۇنچە ئۇچۇر بېرىپ قويمامسىز.ياكى سىزمۇ ئالمىدىن ئۆگىنىپ مەخپى تۇتامسىز؟
    يېڭى ئەۋلاد لۇغەتنىمۇ پۈتۈپ قالدى دەۋاتاتتىڭىز،لېىكىن ھازىرغىچە بازارغا سېلىنمىدى،سەۋەبى نېمىدۇ؟بولسا بىر قانچە پارچە ئېكران سۈرىتىنى يوللاپ قويىسڭىز.

  8. خەلىل مۇنداق يازغان:

    ئالىم مۇئەللىم، ئەلكاتىپ 6.0 نېمىشقا ھازىرغىچە تارقىتالمايدۇ، بىرەر ئالاھىدە سەۋەبى بارمۇ؟

  9. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    مانا چولپانلىرىمىز، مەشھۇرلىرىمىز بىلەنمۇ ئانا تىلدا پىكىر-ئالماشتۇرالايدىغان بوپتۇق، ئۆتكەندە ئابدۇللا ئابدىرىيىم بلوگى ئېچىلىپ خوش بولسام ئەمدى بىزنىڭ يۇمشاق دېتال ئالىمىمىز ئالىم ئەھەت مۇئەللىممۇ بلوگ ئېچىپتۇ. سىز بىلەن ئانا تىلدا پىكىر- ئالماشتۇرالايدىغان بولغىنىمدىن خۇشالمەن.
    نېمىشقا بەزى چولپانلىرىمىز ئاناتىلدا يازما يازمايدىغاندۇ؟! …. ياكى ئىشلەتكۈسى كەلمەمدۇ… ئىشقىلىپ بلوگىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم ئالىم مۇئەللىم. ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىغا قوشقان تۆھپىڭىزگە قانداقچىلىك رەھمەت ئېيتساقمۇ ئەرزىيدۇ…
    بلوگىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

  10. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    بولسا بلوگ فونتىنى alpida unicode system غا توغۇرلاپ قويسىڭىز. ukij خەت نۇسخىسى تازا ئېنىق كۆرۈنمەيدىكەن.

  11. ruler مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم:
    مەنمۇ كومپىيۇتېر كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بۇ يىل بىرىنجى يىللىقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. مەن مۇشۇ بەزى ئىشلارغا ھەيران، ماۋۇ مىنىڭ windows mobile6.5 لىق يانفۇنىمغا opera mobile نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرسەم «ى» ئۇلاشمايدىكەن، يەنە بىر uzard web نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە چىقسام «ە» ئۇلاشمايدىكەن. تور بەتلەردە دىيىشىچە ئاساسى رايون، كىڭەيتىلگەن رايون دىگەندەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ توغرىسىدا سورىسام، ئۇلار خەنزۇ بولغاچقا بىلمەيدىكەن. سىز بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرەلەسىزمۇ؟

  12. 1987 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ئېسىمدە قېلىشىچە بۇرۇن بىر ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېتالى بولىدىغان. مەن قارىماي بېسىشنى مەشق قىلاي دېگەن. شۇ دېتالنىڭ win7 دە ئىشلەيدىغان نەشىرى بارمىدۇ؟

  13. ئابدۇكېرىم تەمكىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم:
    مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي،ئۇيغۇرچە OCR نىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇپ كەتتى. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ئاز-تولا خەۋەردار قىلمامسىز.

  14. مۇزلۇق مۇنداق يازغان:

    سىزچە مۇلازىمەت خارەكتىردىكى ئىشلارنى قىلدىغانلار چاي پۇلى،تاپان ھەققى دېگەندەك ھەقلەرنى ئالسا بۇلامدۇ؟
    مەن مۇلازىمەت خارەكتىردىكى خىزمەت قىلمەن، مۇلازىمىتىم ياخشىمۇ بىلمىدىم؟ بەزىدە خىزمەت دائىرەم ئىچىدە بولمىغان قولامدىن كېلدىغان ئىشلارنى بىر قىسىم خېرىدارلار ئىشىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنمىغانغا ئۇنماي ئازراق پۇل تۇتقۇزۇپ قويىدۇ،ئالمىسام،‹مۇشۇنداق قىلساڭ كېلەر قېتىم كەلمەيمىز؟پۇلنى ئاز كۆرىۋاتەمسەن؟……….›دەپ خىجىل قىلىدۇ،مەن ئىزچىل ئالمىدىم،لېكىن بەزىدە ئويلاپ قالمەن،مائاشىم تۆۋەن بولغاندىن كېيىن خېرىدارلار بەرگەن تاپان ھەققىنى ئالسام قانداق بولار دەپ؟ھازىر گەرچە چاي پۇلى بېرىدىغانلار كۆپ بولمىسىمۇ بۇ ئەخلاق ۋە ئىقدىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئىشكەن.
    سىزچە مۇلازىمەت خارەكتىردىكى ئىشلارنى قىلدىغانلار چاي پۇلى،تاپان ھەققى دېگەندەك ھەقلەرنى ئالسا بۇلامدۇ؟

    • ئالىم ئەھەت مۇنداق يازغان:

      ئىلگىرى مەنمۇ چاي پۇلى بىرىشنى مەقبۇل كۆرمىگەن ئىدىم، ئەمما، تاشكەنتكە بارغاندىن كېيىن مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم.

      بەزىدە تاماق يەپلا بىر يەرگە بارىدىغان جىددىي ئىشىمىز چىقىپ قالىدۇ، مۇلازىملارغا ئازىراق چاي پۇلى بەرسەك، ئۇلار قازان بېشىغا بېرىپ تاماقنى سۈيلەپ ۋاقتىدا تاماقنى ئېلىپ چىقىپ بەرسە، مېنىڭچە بۇ ئىشنىمۇ ئانچە خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

      چاي پۇلى بەرمىسەكمۇ ياخشى سۆزلەرنى دېيىش، ئىلگىرىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا تەتىللىك ئۆيگە قايتقاندا، يول بويىدىكى بەزى ئاشخانىلارغا كىرگەندە مۇشۇ ئاشخانىنىڭ چېيى بەك تەملىك جۇمۇ؟، ئالدىنقى قېتىم بەك تەملىك دەملەپتىكەن دەپ قويساق، مۇلازىملار يۈگىرەپ بېرىپ چاي ئېلىپ كېلەتتى. بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ-دېگەندەك، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ شۇ مۇلازىملارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، چاينى تېخىمۇ ياخشى دەملىتىپ ئېلىپ چىقىش ئىدى.

      ئەمما، مۇلازىملارمۇ پۇل بەرمىسەك ياخشى مۇلازىمەت قىلمايمەن دەپ، ئۆگىنىپ قالسا مۇۋاپىق بولمايدۇ. چاي پۇلى بېرىش، قانچىلىك بېرىش شۇ ئادەمنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولسا، ھەم ئۆزى رازى بولۇپ بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

      بەلكىم، جىددىي تۇرمۇش رېتىمى بۇنداق ئىشلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قويىدىغاندەكلا تۇرىدۇ.

  15. خىيالى(سالام) مۇنداق يازغان:

    ئالىمكا ، ياخشىمۇسىز، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇرسوفت قا بارغانتىم، ئەمما سىز يوقكەنسىز، ‹‹مۇناسىۋەتلىك خادىملار›› تېلىفون نومۇرىمنى قالدۇرىۋالدى، پراكتىكانت قوبۇل قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟

  16. مەمەت ئىمىن مەمەت مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم مەندە بىرmysql ساندانى بار ئۇنىaccess ياكى exel ساندان ھالەتتە چىقىرالمىدىم . مالال كۆرمەي بىر ياردەم قىلامسىز؟

  17. ئۇيۇشقاق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ياخشىمۇسىلى ئالىمجان مۇئەللىم .
    مەن سىلىنىڭ تۇغلىرىنى سۇراپ كەلدىم ، مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىلا ، مەنمۇ بىر ئەدەبىياتقا تەۋە تور خاتىرىدىن بىرنى ياسىۋالغان ئىدىم . شۇنىڭغا ئۇلىغان ، رەسىم يوق خەتلىك بوپ قالدى !

  18. ئابدۇللا ئابلىز مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇرسوفت توربېكىتى ئېنگىلىزچىلا چىقىدىكەن، ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئادېرىسى قانداق؟

  19. ساكۇرا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،سىزدېن بىر سوال سوراي:
    http://www.udict.cnدا خەنزۇچە تور بەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بارمۇ؟
    مەن ‹‹كومپىيۇتېر ۋەتۇرمۇش››دېن كـۆرگەن.

  20. قاراخان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، ياخشمۇسىز؟
    تۇرمۇشىڭىزنىڭ خۇشاللىق، كۈنلۈرڭىزنىڭ مەنلىك، خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭوشلۇق ، ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرڭىزنىڭ تنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭوشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
    ئالىم مۇئەللىم بولسا ماڭا كوتكوت نومۇرڭىزنى بېرەلەمسىز؟ ياكى تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى ؟
    سىز بىلەن كەسىپ ۋە خىزمەت توغۇرلۇق خۇسۇسىي پاراڭلاشماقچى.
    مېنىڭ ئىسمىم : ئالىمجان قاراخان.
    تېلېفۇن:غا تېلېفۇن نومۇرىڭزىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسىڭزى تېخى ياخشى،
    13579986406 |كوتكوت:1176474298

  21. قاراخان مۇنداق يازغان:

    ئالىم مۇئەللىم ئەھۋالىڭىز ياخشمۇ؟ كۈنلۈرڭىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن.
    ئالىم مۇئەللىم، مەنمۇ تور بېكىتمگەWordPress نى قاچىلاپ بولۇپ باشقا كومپيۇتېر دا كىرسەم ئىسم توغرا بىراق پارولنى پەقەت تونومايۋاتدىۇ؟ ماڭا بولسا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!
    مەن باشقىلارنى دوراپ بۇ سېستىمىنى قاچىلىغان يىرىم يوق ، پەقەت ئۆزمنىڭ قىزقىشى ھەم تور بەتكە بولغان قىزغىنلىقىم تۈپەيلى قۇرغان.
    مەسلىھەت بەرسىڭز.

    • قاراخان مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، ياخشمۇسىز؟
      تۇرمۇشىڭىزنىڭ خۇشاللىق، كۈنلۈرڭىزنىڭ مەنلىك، خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭوشلۇق ، ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرڭىزنىڭ تنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭوشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن!
      سزدىن مۇشۇ تور خاتىرە (بلوگ)توغۇرلۇق مەسلىھەت ئالقچىدىم بولسا ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭز.
      ئاۋۋال كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن ماڭا بىر يول كۆرسىتەرسز!
      مەن بۇنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى، پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسى يازمىللىرىم ھەم باشقا تور دۇنياسىدىكى مۇنەۋۋەر يېزلغان ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ ئېلان قىلماقچى، ھەم قىزقىشىم بويىچە مۇشۇنى بىر قوللۇق تەرەققىي قىلدۇرماقچى!

      سىزدىن ياردەم ھەم مەسلىھەت سوراپ : ئالىمجان قاراخان

  22. قاراخان مۇنداق يازغان:

    قاراخان مۇنداق يازغان:
    2011-يىل 13-ئاۋغۇست سائەت 4:49 چ ك
    ئالىم مۇئەللىم ئەھۋالىڭىز ياخشمۇ؟ كۈنلۈرڭىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن.
    ئالىم مۇئەللىم، مەنمۇ تور بېكىتمگەWordPress نى قاچىلاپ بولۇپ باشقا كومپيۇتېر دا كىرسەم ئىسم توغرا بىراق پارولنى پەقەت تونومايۋاتدىۇ؟ ماڭا بولسا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!
    مەن باشقىلارنى دوراپ بۇ سېستىمىنى قاچىلىغان يىرىم يوق ، پەقەت ئۆزمنىڭ قىزقىشى ھەم تور بەتكە بولغان قىزغىنلىقىم تۈپەيلى قۇرغان.
    مەسلىھەت بەرسىڭز.

    بۇنىڭ جىدىلىنى ئۆزۈم باشقا بىر تورداشنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ھەل قىلدىم.
    بۇنىڭ جىدىلى تۈگىدى!!!!!

چىچەك ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: