Windows 10 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى ]ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.
Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.
پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.
Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
(بىر مەھسۇلات ئائىلىسى، ئوخشاش سۇپا، ئوخشاش دۇكان)
قارىغاندا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن ئوخشايدۇ.
قايتۇرۇپ كېلىنگەن باشلاش تىزىملىكى
قاراڭ بۇ يەرگە، باشلاش تىزىملىكىدىمۇ جانلىق تىزملار بار
(بۇ ئېكراندىكى ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق)
كارخانا قىممىتى
تونۇشلۇق، ماسلىشىشچان، ئۈنۈمدار
زامانىۋى باشقۇرۇش
ئىختىيارىلاشقان دۇكان
كارخانا مەلۇماتلىرىنى قوغداش
چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا:
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,939 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى am 7:38
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىنىڭ دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
- كېيىنكى يازما :ياپۇنىيە ئالىملىرى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
مەن نەگە بارسام ۋڭن8 نى داڭلاپ ھاياجانلىنىپ تۇرسام ئادەم قورقاتماڭ ئالىم مۇئەللىم ، ھەممىنى چىقىرىپ تاشلاپتۇ دەپ بۇلۇپ بېرنى كۇلىۋېتىڭڭە مۇئەللىم ، خوش بوپ قالاي ، ئاشۇ سىرداشقا قايتا جاۋاپ بېرىپ بىرنى كۇلۇپ قۇيڭڭە مۇئەللىم ، خوش بوپ كىتەي سادغان كىتەي ، مانداق چوڭ چاقچاقنى قىلمىڭڭە ، بۇ ئۇيغۇرچە يەنى ئانا تىلىمىزنى مىكروسوفىتقا كىرگۈزگىنىمىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆڭۇل بۇلىدىغان ۋە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىمىز تۇرسا ئانداق چاقچاق قىلماڭ مۇئەللىم .
بىزگە نىسبەتەن نىمە يېڭىلىقلار باردۇ؟
بۇرۇنقىدەك كۆپ يېڭىلىق بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم تەرجىمىسى تېخىمۇ راۋان بولۇشى، قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرى تۈزىتىلىشى مۇمكىن، يېڭى خەت نۇسخىسى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقىت رايونى قوشۇلسا تېخىمۇ ئوبدان ئىش بولاتتى.
چوڭ سەكرەپتۇ-دە~
بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قىتىلامدۇ ياكى قىتىلمامدۇ.
ھازىرچە قوشۇلمايدۇ دېگەن ئېنىق ئۇقتۇرۇش يوق، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن.
ئالىم مۇئەللىم، ھەممىنى چىقىرىپ تاشلاپتۇ دېگىنىڭىز چاقچاق ياكى تەنىدۇ-ھە؟
شۇنداق،
بۇنىڭمۇ ئۇيغۇچە تىل بولىقى باردۇر ھە .
ھازىرچە يوق، رەسمىي نۇسخىسدا بىر نېمە دېيىشەيلى.
مەنمۇ ھەيران قالغانتىم،بىرسى نىمىشقا 9 چىقماي 10 چىقتى دىسە چۇشەندۇرۇلمەي تۇرۇپ قالدىم.ئەمدى مانا چۇشەندۇرۋېتەي…ئالىمكا جاپا چەكتىڭىز…
ئالما ھەر يىلى ئازىراق ئىقتىدارنى قوشۇپلا بىر دەرىجىدىن قوشۇپ يېڭىلاپ مېڭىۋەردى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نەشرى نومۇرى 8 گە كەلدى، ئۇلارنىڭ يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرى ئارىسىدىكى ئېكىلوگىيەلىك سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما بۇ قېتىم مىكروسوفت تېخىمۇ چوڭ غەيرەت قىلىپتۇ، شۇڭا 2 دەرىجە ئاتلىتىپ باققان ئوخشايدۇ.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بەك كېچىكىپ كەتمەس ؟
بۇ 10 نىمۇ ئېتىۋار باھادا ساتامۇ ؟
مەن 248 يۈەنگە 8 نى ئالغان ، ياكى مۇشۇ ھەقلىق 8 نى 10 غا يېڭىلىغىلى بولامۇ يە ؟
سېتىش ئىشلىرىنى ئايرىم بۆلۈم بېجىرىدۇ. بۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن.
مۇئەللىم بۇ رەسمىي نۇسخىسىمۇ ياكى كۆرۈپ بېقش نەشىرىمۇ؟
تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشرى ئوخشايدۇ.
ھاھاھاھا……….
ھە راس مۇئەللىم ۋىدوۋىسفۇنلارغا ئۇيغۇرچە تىل بولاق ۋە كىرگۈزگۈچلەر قوتۇلدىغان دەك مۇ يە 10 غا
ياق، ھەممىنى چىقىرىپ تاشلاپتۇ.
مۇئەللىم مىكروسوفىت تىكىلەر گە ئەسكەرتىش بىرىپ قويسىلا چوڭ سەكرەيمەن دەپ ئىشتىننىڭ ئېغى يىرتىلىپ كەتمىسۇن يەنە. ھى ھى ھى ھى (چاق چاق )
ئۇلارغا دېمەي قالاتتىممۇ؟ ئۇلارغا دېسەم، «بىز سىلەردەك ئېغى ئوچۇق ئىشتان كېيىپ چوڭ بولمىغاچقا، بۇنداق ئىشلارنى چۈشەنمەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەممە يەردە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش مودا تۇرسا»-دەپ ئاڭلاپ قويمىدى.(ھاھاھا!!)
ئالىم مۇئەللىم بۇلار ھەجەپ 9 نى چىقارماي بىراقلا 10 نى چىقىرۋاپتا
Windows 7, Windows 8 ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارنى قوشۇپلا، 2 دەرىجە ئاتلىتىۋېتىپتۇ. مەن بولسام 3 دەرىجە ئاتلىتاتتىم(ھاھاھا!!)
چۈشۈرۈشنى تەمىنلىۋەتسە كۈرۈپ باقساق بولاتتى
بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىمىز دەپتۇ، بۇ يەرنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ
preview.windows.com
9 نى كۈتىۋاتساق 10 نى ئېلان قىلىۋېتىپتۇ
Windows 7, Windows 8 ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپلا، 2 دەرىجە ئاتلىتىۋېتىپتۇ.
قارىغاندا يەنە بىر يىل ساقلىغۇدەكمىز.