Windows 10 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى ]ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.
Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.
پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.
Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
(بىر مەھسۇلات ئائىلىسى، ئوخشاش سۇپا، ئوخشاش دۇكان)
قارىغاندا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن ئوخشايدۇ.
قايتۇرۇپ كېلىنگەن باشلاش تىزىملىكى
قاراڭ بۇ يەرگە، باشلاش تىزىملىكىدىمۇ جانلىق تىزملار بار
(بۇ ئېكراندىكى ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق)
كارخانا قىممىتى
تونۇشلۇق، ماسلىشىشچان، ئۈنۈمدار
زامانىۋى باشقۇرۇش
ئىختىيارىلاشقان دۇكان
كارخانا مەلۇماتلىرىنى قوغداش
چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا:
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,940 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى am 7:38
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىنىڭ دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
- كېيىنكى يازما :ياپۇنىيە ئالىملىرى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ۋىندوۋىس 8.1 گە ئۇيغۇرچە ياماق سالغان خەت نۇسخىسنى چىرايلىق شەكىلگە ئەكەلگىلى بولامدۇ
ئەلۋەتتە بولىدۇ
ۋىن 10 نىڭ كۆرۈپ بىقىش نەشىرىنى 20 كۈن ئىشلەتتىم، سىستىىنىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
بىراق بەزى بىر دۆلەت تور بىكەتلىرىنىڭ ie11 گە نىسبەتەن، ماسلىشىشچانلىقى يىتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەتكە تەسىر يىتىپ قالدى. مەسىلەن ; بەزى تور بىكەتلەر ئىچىلمىدى. خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.
رەسمى نۇسقىسى ئىلان قىلىنسا، ئاندىن ھەقلىق قىلىپ ئىشلەتسەم بولغىدەك.
ھازىرچە ۋىن 7 نىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋىرەي.
بۇ پەقەت تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشرى، يۇمشاق دېتال ياسايدىغانلار ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى بۇنىڭغا توغرىلىغاچ تۇرسۇن دېمەكچى، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار Windows 7 دىن ۋاز كېچىپ دەرھال بۇنىڭغا كۆچسۇن دېگەنلىك ئەمەس.
ئالىمجانكا wi10 دا تۇتغا كۇمپىيۇتۇرنى قانداق ئۇلايدۇ ؟
مەن ھازىر سىمسىز تۇر تارقاتقۇچ ئارقىلىق چىقىۋاتىمەن . بىۋاستە تۇر سىمىنى كۇمپىيۇتۇرقا چاتاي دەپ تەڭشىيەلمىدىم
ئالىمجان كورۇنمەيدىغۇ سىزنىڭ جاۋاپلىرىڭىزغا تەشنا بوپ كەتتۇق………………………………
ئالىمجان كورۇنمەيدىغۇ……………
بۇ سېستىمىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بىلىندىغۇ…
ئىشقىلىپ بۇ سېستىمىنىڭ يېنىك، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى ياخشى ئىكەن…
ساقلانغان مەسلىلەرنى ئېنگلىزچە بىلمىگەندىكىن دېيەلمەي قالدۇقتە بىراق
ياخشىسى ئاۋۇ چاقچاقنى ئۆچۈرۋەتسىلە مۇئەللىم ،بىكار پىتنە ئېغۋا تارقاپ ئادەمنى بىئارام قىلمىسۇن.رەھمەت سىلىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر .
مۇئەللىمنىڭ تەپسىلى چۈشەنچە بەرگىنىگە رەخمەت.
مۇئەللىم ، مەن گۇگىلنىڭ ‹‹گۇگىل تەرجىمىسى ››نى داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتىم . ھەمدە ئالدىنقى قېتىم windows8نىڭ ئۇيغۇرچە خەت بولىقىنىڭ Microsoft ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ھەمدە شۇندىن كىيىنلا گۇگىل تەرجىمىسى توغۇرلۇق خەۋەرگە دىقەت ئىتبارىمنى تاشلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، مەقسىتىم پەقەتلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۇگىل تەرجىمىسىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىدا ئۆزىمزنىڭ ئانا تىلىنى كۆرۈش ئىدى . تا باياتىنغا قەدەر مەن گۇگىل تەرجىمىسىنى قوللايدىغان تىللارنىڭ ئىشلەتكۈچىللىرى چوقۇم ئىنتايىن كۆپ دەپ ئويلاپ كەلگەن . بىراق بايا مەن بەيدۇ قامۇسىنىڭ گۇگىل تەرجىمىسى قىسىمىدىن گۇگىل قوللايدىغان تىللارنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى سانىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم . خېلى كۆپ بولغان تىللارنىڭ ئىشلەتكۈچىللىرىنىڭ سانى 10 مىليونغىمۇ بارمايدىكەن ، بۇ دىمەك گۇگىل تەرجىمىسىدىكى كۆپ بولغان تىللارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئۇيغۇرچىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانىغا يەتمەيدىكەن ، ھەتتا بەزىلىرى بىزنىڭ نوپۇسىمىزنىڭ يېرىمىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن . بىراق ئاشۇنداق نوپۇسى شۇ قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ بار ئىكەنۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى يوق ئىكەن . راستىمنى ئېيتسام بۇنى بىلگەندىن كېيىن كۆڭلۈم بىرقىسىملا بوپ قالدى . بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇ ؟ بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغان بىلەن بىزنىڭ تەسىرى كۈچىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىنمۇ ؟ ياكى باشقا سەۋەپلەردىنمۇ ؟؟
«ئالىم ئەھەت :
بۇرۇنقىدەك كۆپ يېڭىلىق بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم تەرجىمىسى تېخىمۇ راۋان بولۇشى، قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرى تۈزىتىلىشى مۇمكىن، يېڭى خەت نۇسخىسى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقىت رايونى قوشۇلسا تېخىمۇ ئوبدان ئىش بولاتتى.»
مۇئەللىم يۇقىرىدىكى-«يېڭى خەت نۇسخىسى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقىت رايونى قوشۇلسا تېخىمۇ ئوبدان ئىش بولاتتى»غا تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم ، win10 دىكى ie11 تور كۆرگۈدە http://10.0.0.194:7000/غا ئوخشاش ئىدارە تورى ئېچىلمايدىكەن ، win8 ۋە 8.1 دىكى ie11 تور كۆرگۈدىمۇ ئېچىلمايدىكەن، بىراق win7 دىكى ie9 دا ئېچىلىدىكەن، win10 ، win8 ۋە 8.1 دا بۇخىلدىكى توربەتنىڭ ئېچىلماسلىقىدىكى سەۋەپنى بىلمىدىم، ie9 نى قاچىلىغىلىمۇ بولمايدىكەن، بەلكىم ماسلىشىشچانلىقىدا مەسلە بار بولىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇخىلدىكى تور بەتلەر ئېچىلمىسا، win10 ، win8 ۋە 8.1لارنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەنمىز( win10 نى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان دىسە)، ياردەم قىلىپ بۇ مەسلىنى مىكروسوفت شىركىتىگە ئىنكاس قىلىپ قويالارسىزمۇ؟(مەن ئىنگىلىز تىلىنى بىلمەيمەن ھەم قانداق ئىنكاس قىلىشنىمۇ بىلمىدىم)
بۇ بىر تېخنىكىلىق سىناق نۇسخىسى، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇلارنىڭ بۇلارنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
9 نى ئېلان قىلماي تۇرۇپلا بىۋاستە 10 نى ئېلان قىلغاندىكىن 2 دەرىجە ئاتلىغان ئوخشايدۇ.
win10دا ئۇيغۇر يېزىقى بۇلىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەنغۇ؟!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،ۋە بارلىق تورداشلار !
مەن مۇشۇ windows كومپىيۇتېر دىگەنلەرگە شۇنداق قىزقىمەن ،لىكىن مۇشۇ ‹‹كۆرۈپ بىقىش نۇسقىسى››بىلەن رەسمى نۇسقىسدا قانداق پەرىق بار؟كۆرۈپ بىقىش نۇسقىسىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدۇ .ئۇنىمۇ توردىن يىڭىلاشقا بولامدۇ،‹رەسمى نۇسقىسىنى سىتىۋالماي ،كۆرۈپ بىقىش نۇسقىسى››نى داۋاملىق ئىشلەتسەك قانۇنسىزلىق بولامدۇ ؟
شاگىرتىڭلارغا قىممەتلىك ۋاقىتڭلارنى چقىرىپ تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار بەكمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم
چوڭ جەھەتتىن يەنى يادروسى ئوخشاپ قالىدۇ، ئەمما رەسمىي نەشرى چىققانغا قەدەر يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ
ئىلىگىرلەش نىمانداق تىز ھە