نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى 2007-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، 50 مىڭ سۆزلۈك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تەمىنلەنگەن ئىدى، كېيىن يەنە مىليوندىن ئاشىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لۇغەت ئارايۈزى يېڭىلانماي كەلگەن ئىدى. ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتە تېلېفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، مانا بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى»(سىناق) يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق، ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم مۇلازىمىتېر سەپلەندى، تور ئادرېسىمۇ قايتىدىن ئەنگە ئېلىندى.

تور لۇغىتىمىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تور ئادرېسى: http://www.udict.cn

ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:

ئەڭ يېڭى سۆزلەرمۇ لۇغىتىمىزدىن تېپىلىدۇ، ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى لۇغەتمۇ ئوخشاش، شۇڭا پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
udict-1
———————————————-
تور لۇغىتىمىزدىن خەنزۇچە سۆز ئىزدەش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، قەغەز لۇغەت بىلەن ئوخشاش تۇرالايدىغان يان-بۆلەك ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
udict-1
——————————————–
ئەلۋەتتە پىنيىن بويىچە ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ.
udict-1
——————————————–
ھەربىر سۆزنىڭ مەنا يەشمىسى ئېنىق ۋە تولۇق.
udict-1
——————————————–
سۆز ئىزدىگەندە ئىزدەش يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىڭ، ئۈستىدىكى بەتكۈشتىن مەنبە تىلنى تاللايسىز، ئوڭ تەرەپتىكى رامكىدىن لۇغەت يۆنىلىشىنى تاللايسىز.
udict-1
——————————————–
ئىنگلىزچە لۇغەتلىرىمىزمۇ تولۇق تەمىنلەنگەن، خالىغانچە ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
udict-1
——————————————–
ئەرەبچە لۇغەتلەرمۇ بار، ھەربىر سۆزنىڭ زىر-زىۋەرلىرىمۇ كام ئەمەس تېخى.
udict-1
——————————————–
ھازىر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدە تۈركچىمۇ كام ئەمەس، تۈرك مىللىتى دەيسىز، قېنى قانچىلىك تۈركچە بىلىسىز؟ سىناپ بېقىڭ.
udict-1
——————————————–
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە جۈملە تەرجىمە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىڭ؟ قانچىلىك توغرا توغرا چىقىدىكەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟! دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى پات-پات ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدىكى ئىنگلىزچە جۈملىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قانداق چىقىپتۇ؟!
udict-1

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
102 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • مەن لۇغەتكە خەت يازسام بەزىدە this page at………. project project دەپ مۇشۇنداق خەت يېزىلغان رامكا چىقىپ قالدى، بۇ مېنىڭ كومپيۇتېرنىڭ مەسىلىسىمۇ مۇئەللىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:58
  • “ ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. “

    2008 لوغەت يىڭىلانمىغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ، خوشخەۋەر ساقلايمىز …
    تەكلىپ : تەرجىمە ئەمەلىيتى جەريانىدا بەزى تەرجىمە قىلىنمىغان ، ياكى تەرجىمىسى جايىغا چۇشمىگەن سۆزلەر ئۇچرايدىكەن ، بۇلارنى سىزگە ئەۋەتىپ بەرسەك ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ ، لوغەتكە بىراقلا قوشىۋەتسىڭىز قانداق بولار ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:49
    • مانا بۇنى ئەڭ دانا پىكىر دەيمىز، ئەلۋەتتە بولىدۇ. دۇنيادا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لۇغەت بولمايدۇ، لېكىن بۇ لۇغەتنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتى. پەقەت سۆزلۈكلەرنى داۋاملىق تولۇقلاش، يېڭىلاش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرساقلا بولىدۇ. بىز يەنە ئايرىم ئىشلەتكۈچىلەرگە تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:01
      • ئىشلەتكۈچىلەرگە ئامبارغا قۇشۇش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسىڭىز بەك ياخشى بولغۇدەك ، بۇنداق بولغاندا جىق سۆزلۈك ،جۈملە قوشقىلى بولىدىكەن

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:52
      • مەنمۇ بۇپىكىرگە قوشۇلىمەن. مېنىڭچە لوغەتنى ئاساسى رامكىسى خېلى مۇقىملىىشپ،پىشىپ يىتىلىپتۇ. ئەمدى سۆزلۈك كېڭەيتىشكە كۈچ سەرىپ قىلىنسا!! بىراق ئايرىم ئىشلەتكۈچىلەرگە تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلسا، ئۇلارغا بولغان نازارەتچىلىك كۈچەيتىلسە.
        يەنە بىرىسى، تور لوغىتى بولامدۇ ياكى ئۈندىدار ياكى قاچىلاش نۇسخسى بولامدۇ ھەممىسىگە «تېپىلمىدى» كونۇپكىسى قوشۇپ قويۇلسا.بۇ كونۇپكىنى باسقاندا تېپىلمىغان سۆز ئاپتۇماتىك ئۇيغۇرسوفىتقا يوللانسا، مەنىسى تېپىلمىغان سۆزلەرنى قوشۇشقا قولاي بولىشى مۇمكىن.
        بۇنىڭ رولى بولامدۇ يوق بىلمىدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 23:52
        • ياخشى تەكلىپ، ناۋادا تېپىلمىسا ئۇنداق كۇنۇپكا قىلىپ يۈرگىچە ئاپتوماتىك ئامبارغا كىرىپ كەتسە، ئاندىن تور لۇغىتىمىزدە كۆرگىلى بولسا، بىز تەكلىپ قىلغان تەرجىمانلار قوشۇنى ئۇنى تەرجىمە قىلسا، بىز مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىكى كەسپىي خادىملار بىلەن بۇ ئاتالغۇلارنى بېكىتىپ چىقساق، ئاندىن جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنسا، قانداق دەيسىلەر؟

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:04
        • پىكىرىڭىز بويىچە ئۈندىدار لۇغىتىدە ئىزدەپ تاپالمىغان سۆزلەرنى ئامبارغا ئاپتوماتىك قوشىدىغان قىلدۇق، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە تەرجىمىسى قوشۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭا قايتا كېلىپ ئىزدەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، رەھمەت!

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:47
      • لۇغەتكە سۆز قوشۇش ئىقتىدارىنى قوشۇشنى قوللايمەن لېكىن سىزنىڭ تەستىقىڭىزدىن ئۆتكەن سۆزلەرنى ئاندىن قوشۇلسا دەپ قارايمەن. بولمىسا ھەممە ئادەم ئۆزى بىلگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇۋەرسە خاتا توغرىلىقىغا قارىمايلا بۇ بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇ نۇقتىلارنى ئويلىشىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:48
        • ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، خۇددى ئىنكاسلار تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈنگەندەك. بۈگۈنكى ئەھۋالغا قارىغاندا تۈزۈك يېڭى سۆز چۈشمەپتۇ، ساپلا ئادەم تىللايدىغان، سەت گەپلەرنى تولا ئىزدەيدىكەن دېسە؟!

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:34
      • بۇ خەقلەرنىڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئۈگەنمەي نەدىكى نەرسىلەرنى ئۈگۈنۋاتقىنىنى قارىمامدىغان، لىكىن ياخشى نەرسلەرنى ئۈگۈنىدىغانلار يەنىلا كۆپ دەپ ئويلايمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 16:24
      • مەنمۇ مۇشۇ پىكىرنى بىرىپ ئۆتكەن،خۇددى Googleدىكىدەك بىز نامزات سۆزى كۆرسىتىپ تاللىساق دەپ،خۇددى كوررېكتوردىكىدەك دەيمەن.بۇنداقتا ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرى تىخىمۇ تىز بولاتتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:46
      • بىز بىر قىسىم كىنولاردىكى ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ چىققان، شۇنى ئەۋەتىپ بەرسەم كۆرۈپ باقسىڭز، مۇۋاپىق بولسا شۇنى قوشۇپ قويسىڭىز بولاكەن. ئەۋتكەندە سىزنىڭ ئېلخەتكە ئەۋەتەمدىم ياكى؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:25
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!
      كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟! دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى پات-پات ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.
      دەپسىز بۇنڭدا بىرەر گەپ بارمۇ قانداق؟مەن چۈشنەلمىدىم،دائىم ئىشلەتسەك ئۇيغۇرچە قوشۇشقا ياردىمى بولامدۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:34
  • مەن ئىنگىلىزچد لۇغىتىدىن Uyghur,Uighur دەپ ئىزدىسەم چىقمىدى.پەقەت ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە يۆنىلىشتىلا چىقتى.
    مەن ئادەتتە توردىكى لۇغەتلەرنى ئىشلەتمەكچى بولسام «ئۇيغۇر»سۆزىنى ئىزلەيمەن،بۇ سۆز بولسا بۇ لۇغەتنى خىلىلا ياخشىكەن دەپ ئىشلىتىمەن،نىمىشقىلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:17
    • ئۇنداقتا سىزمۇ قەغەز لۇغەت ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولغۇدەك. لېكىن سىزگە قەغەز لۇغەتمۇ ماس كەلمىگۈدەك. چۈنكى بۇ يىل نەشرىدىن چىققان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تۈزگەن 260 يۈەنلىك ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەتتىمۇ مىللەت نامىنى كىرگۈزمەپتۇ. خەت باسىدىغانلار ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ بۇ لۇغەتكە ھازىرچە قوشالمايدۇ-دە.

      تۈنۈگۈن بىرسى 液压阀 نىڭ تەرجىمىسى چىقمىدى، بۇ لۇغەتنى ئىشلەتكۈم يوق دەپ خەت يېزىپتۇ، تەكشۈرۈپ باقسام راستتىنلا يوق ئىكەن، ئەمما
      液压安全阀 (سۇيۇق بېسىملىق بىخەتەرلىك كلاپانى) نىڭ تەرجىمىسى بار ئىكەن. بۇنىڭ تەرجىمىسىدىن 安全 دېگەننى چىقىرىۋېتىپ، (سۇيۇق بېسىملىق كلاپانى دەپ) جانلىق پايدىلىنالمايدىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق ئوخشايدۇ.

      10 ئىشنىڭ 9 نى ياخشى قىلىپ، 1 نى ناچار قىلساق، بولمايدىكەن دەيدۇ، چۈنكى بىز ئىنسان. بىزگە ماختاشمۇ كېرەك ئەمەس، چۈنكى بىز يەنىلا ئىنسان.

      ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىمىزدىن 100 ھەسسە كۆپ بىرەرسى بىلەن بىزنى سېلىشتۇرماڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:43
      • كىرگۈزگەن سۆز ياكى خەت بىلەن باشلانغان، ئاخىرلاشقان سۆز ھەم سۆز بىرىكمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدار قوشۇلغان بولسا قوشۇلغان بولسا ھە!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:14
      • ناھايىتى ئېسىل گەپ بوپتۇ ماۋۇ، ھازىر توردا ئۆزى قلالماي باشقىلار قىلغاننى ياراتمايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
        بىزنىڭ كىنولارنىڭ ئىشلىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭدەك ئۆسەك سۆزلەر بىلەن پۇت تېپىشىۋاتىدۇ. بىر كىسم كىنو كۆر يىاكى ماۋۇ تور لۇغىتىنى چوقۇم ئىشلەت دېمىدى. خالىسا قىلسا بولىدۇ خالىمىسا ئېشكنى باقسا بولاتتى بۇ خەق. ئاجايىپ ئىنسانلار بادە
        بۇنداقلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ئالىم مۇئەللىم. ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:46
      • ماقۇل مۇئەللىم رەھمەت.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! ھەم يەنە داۋاملىق قوللايمەن!
        مەن شۇنداق كۆنۈپ قاپتىمەن،تىخىمۇ ياخشى بولسۇن دەيدىكەنمىز. «ھە راس بۇ سۆز يوقكەن،قېتىپ قويىلى »دىگەن بولسىڭىز ،ياكى «بۇلارمۇ ئاستا-ئاستا بولىدۇ »دىگەن بولسىڭىز مەنمۇ خۇش بوپ قالاتتىم.
        —————————————————————-
        بۇ مۇساپىرچىلىقتا «ئۇيغۇر»نى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بولالماي مۇشۇنداق بولۇپ قاپتىمەن، كىشىلەرگە تىبەتنىڭ قوشنىسى دىسەم ئازراق بىلەلەيدۇ. مۇئەللىم گىپىم ئىغىر كەممىسۇن مۇشۇ لوغەتتىمۇ ھەم Tibet سۆزىنى ھەرقايسى يۆنىلىشتە تاپقىلى بولىدىكەن،لىكىن Uyghur يوق كەچۈرۈڭ! ئەسلى دىگىنىم مەندەك يۈرىكى زەرداپلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئەڭ مۇلايىم رەۋىشتە قىلغان بايانى ئىدى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:38
  • ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ياخشىمۇسىز!
    تەرجىمە قىسمىدا ئۇيعۇرچە يوق ئىكەنعۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:55
    • ھازىرچە يوق، 1 مىليون ئىگلىزچە-ئۇيغۇرچە جۈملە ئامبىرى تەييارلانسا، بۇ ئىش بىردەمدە پۈتىدۇ. 1 مىليون ئامبارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆپ پۇل ۋە ۋاقىت كېتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!ئالدى بىلەن ئەجرىڭىزگە كۆپلەپ تەشەككۈر بىلدۈرىمەن،بۇ لۇغەت ماڭا ھەمراھ بولغىلى 4 يىلدىن ئاشتى.
    ھازىر مۇشۇ تور بەتتە كۆرۈنۈۋاتقان خەت نۇسخىسى ئەسلى مۇشۇنداق گېرويمۇ ياكى بەت تۈپەيلى سوزۇلۇپ قالدىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:13
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئاللاھ سالامەت قىلسۇن سىللىنى بەرىكەت بەرسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:17
  • ئەجەپ خۇش بولدۇم! تولىمۇ ئەسقاتىدىغان بولدى بۇ لۇغەت! تىل يۆنىلىشىمۇ خىلىلا كۆپكەن… مومكىن بولسا بۇندىن كىيىنكى يىڭى ئاتالغۇ، يىڭى پەيدا بولغان سۆزلەر دەل ۋاقتىدا مۇنۇ لۇغەتكە قوشۇلۇپ ماڭسا، ئىشىنىمەنكى كىشىلەر ئىشلەتكىلى سۆز تاپالماي ئاخىرى قالايمىقان ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ ئولتۇرمايدۇ… بەكلا ياخشى بولدى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. IEدا ئىچىپ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەتكە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان سۆزنى يازسام نورمال كۆرۈنۈۋاتىدۇ، لىكىن googleدا ئېچىپ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان سۆزنى يازسام ئ چىقمايۋاتىدۇ. بۇ توركۆرگۈنىڭ ئىشىمىدۇيا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:18
    • خەت نۇسخىسىنىڭ ئىشى، بىز باشقا خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇۋەتسەك بولغۇدەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:42
      • ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىزدەپ ئارقىدىن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىزدىمەكچى بولسا، توربەت تەمىنلىگەن بەيدۇ كىرگۈزگۈچتە خەنزۇچە بىلەن ئۇيغۇرچە تەڭلا كىرىدىكەن، ئىزدەش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:44
        • بىز تېخى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغانلارنى ئويلىشىپتىكەنمىز، ھەتتا google نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى قوشۇشنى ئويلىشىپتىكەنمىز. قارىغاندا جىم تۇرساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:51
  • بۇ ئىش ئاخىرى ۋۇجۇتقا چىقتى، رەھمەت كۆپ رەھمەت !جاپا چەكتىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:46
  • ئۇيغۇر ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالار چەكتىڭىز ،ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:04
  • توربەت Windows8 نىڭ ئاساسى رەڭىدە بەك سۈزۈك چېرايلىق چىقىپتۇ،ھەم بەك قولاي ياخشىكەن.ئاللاھ ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
    جۈملە تەرجىمە قىلدۇرسام Lingoesبىلەن 100% ئوخشاش چىقتى،بۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئامبىرىنى ئىشلەتتىڭىزمۇ ياكى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇلدىمۇ؟ بولسا ئۇيغۇرچە تەرجىمە تىزراق قېتىلسا،مۇكەممەل بولمىسا ئۆزىمىز خۇددى گوگېل تەرجىمە قىلغۇچتا خاتاسىغا تىخىمۇ مۇۋاپىق سۆز كۆرسىتىش ئارقىلىق تۈزۈتۈش ئىقتىدارى بولسا بارا-بارا تولۇقلاپ كەتكىلى بولارمۇ؟
    بۇنى ئويلاپمۇ بولدىڭىز ھەقىچان،شۇنداقتىمۇ دەپ باقتىم.ئامان بولۇڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 06:31
    • سىز قانداق تەرجىمە قىلدۇردىڭىز؟؟؟؟ مەن پەقەت ئىنىگلىزچىنى خەنزۇچىغا بەزى جۈمىللەرنى تەرجىمە قىلدۇرالىدىم، لېكىن خالىغان جۈمىلىنى تەرجىمە قىلدۇرالمىدىم، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە جۈمىلىلەرنىمۇ تەرجىمە قىلدۇرغىلى بولسىتى

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:09
  • بارىكاللا، ئختىدارلار ھەقىقەتەن كۆپ ۋە تولۇقكەن،بۇ ئىشلارغا كۆپ ئەجىر سڭدۈرگەنلىكىڭلار بىلنىپ تۇرۇپتۇ، ھارمىغايسىلەر،رەھمەت!!
    —————————————————————-
    مەن windows8 دە ماۋۇ توربەتنى http://www.uighursoft.org/bbs/
    نۇرمال كۆرۇش ئۈچۈۈن alkatip ui خەت نۇسقىسنى قاچىلغان ئىدىم، ئۇيغۇرچە خەت يازسام ڧ f ھەرىپى كۆرۇنمەدىغان بولۇپ قالدى، مەسىلەن سوڧىت ، ڧاتنڧۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:01
  • خېلى كۈنلەر بولغانتى بۇ تور لۇغىتىنى ساقلاۋاتقىلى، خېلىلا ئۆزگىرىشلەر بولۇپتۇ. ھەر بىر مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:21
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!
    ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئىزچىل قان تەر ئاققۇزۇپ نۇرغۇن توھپىلارنى قوشۇپ كەلدىڭىز. مانا بۇ لوغەتمۇ بىزنىڭ مۇھىم قۇراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇش جەريانىدا بولسۇن ئۇيغۇرسوفت تور لوغىتى بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى.
    ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:14
  • ئەلكۈيى تورىدا ئانا تىلىم توغرىلىق ئىيتىلغان شۇنداق ياخشى ماقالە كۆرگەن ئىدىم ،،،،،،سىلەرگە ئۈزۇندە سۇنغۇم كەلدى، رۇخسەت قىلغايسىلەر
    «ھەركىم ياخشى بىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن زور تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان ئەقىل ــ پاراسەتلىك، چىدام ــ جاسارەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ھەر قانداق باھانە ــ سەۋەپلەر بىلەن يوق قىلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. مەن قۇياشنىڭ نۇرىدەك پارلاق ئىلمىي ھەقىقەتنىڭ ھۆكمى بىلەن شۇنى ئېيتىشقا ئىمانىم كامىلكى، بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىل-يېزىقىمىز خەلقئارالىق ۋە باشقا خىل تىللاردىن ( جۈملىدىن شۇ تىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزىقلاردىن) زادىلا قالغۇچىلىكى يوق تىل-يېزىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇشتا ھەر قانداق تىل-يېزىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرالىغان ۋە مەڭگۈ تۇرالايدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلمىي قىممەتكە ۋە ئۇلۇغۋار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا قوللىنىش قىممىتى ئاجايىپ يۈكسەك ھەقىقىي دۇنياۋىي تىل – يېزىقتۇر !!!»

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:13
باھا بېتى: 1 2 3 4