ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق)نى كۆرۈپ بېقىڭ، ئىشلىتىش، ئىزدەش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت. ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:
خەنزۇچە خەت، سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
خەنزۇچە پىنيىن ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىزدەش مەزمۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پەرقى يوق.
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
ئەرەبچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز. تەپسىلىي قاراڭ، زىر-زىۋەرمۇ كام ئەمەس تېخى.
ئىنگلىزچە خەت ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىنگلىزچە ئىزدەش سىناق قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئالدى بىلەن پىنيىنچە ئىزدەش ۋە تۈركچە ئىزدەشكە يول قويىدىغان بولغاچقا، بىرئاز مەسىلىە بار، بۇ سىناق نۇسخىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن بۇ مەسىلە رەسمىي نەشرىدە ھەل قىلىنىدۇ.
بۇ لۇغەت پۈتۈنلەي ھەقسىز، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، تېلېفونىڭىزغا مەخسۇس دېتال چۈشۈرۈپ قاچىلىمايسىز، ئارتۇق سىغىم ئېگەللىمەيدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ. تەرجىمە قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى نەچچە كۈندىن كېيىن قوشۇلىدۇ. شۇڭا بىرەر قېتىم تاپالمىسا، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ، مەسىلەن: ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە 殡葬改革 نى لۇغىتىمىزدىن تاپالايسىز. كۈندە ئاز-ئازدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىلىق ئۈزۈلمەيدۇ، پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
========================================
بۇ لۇغەتنى قانداق قاچىلايمەن؟
(1) ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق قاچىلاش
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى»نى قاچىلىۋېلىڭ.
(2) ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قاچىلاش
ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مۇنداق قوشۇۋېلىڭ، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
====================
ئەگەر دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز مۇنداق قىلىڭ.
=========================================
ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، Uighursoft نى ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.
ياكى ئالاقە دەپتىرىدىن(通讯录) مۇلازىمەت نومۇرىغا(服务号) كىرىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 57,585 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:59
- ئالدىنقى يازما :WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (سىناق) تورى ئېلان قىلىندى
مۇئەللىم مەن يازمىڭىزنى ئۇقۇغاندىن كىيىن مۇنداق ئويلاۋاتىمەن ، ئەگەر ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ تەرجىمىسىنى چىقرىمىز دىسەك چۇقۇم ھېلىقى پىنيىننى ئەۋەتىپ خەنزۇچە خەتكە ئىرىشىش ئىقتىدارنى تاقاشقا توغرا كىلىدۇ ، نىمىشقا دىگەندە بۇ سۇپا ھالقىلىق سۆزگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇردىغان بولغاچقا سۇپا ئاپتۇماتىك ھالدا پىنيىن بىلەن ئىنگىلىزچىنى پەرىق ئىتەلمەيدۇ .بۇ ئىككىى خىل ئىقتىدارنى تەڭ ھازىرلاش ئۈچۈن چۇقۇم تۇقۇنىشىپ قالدىغان پىنيىن ياكى ئىنگىلىزچىنىڭ مەلۇم بىرسىنىڭ ئالدىغا بىرەر بەلگە قۇيۇپ قۇيۇش كىرەك . مەسىلەن *TONGXue( ئاۋۇ يۇلتۇزنى ئالدىغا قويغان ) نى ئەۋەتسەك پىنيىننىڭ خەنزۇچە خېتىگە ئىرشىش ، TONGXUE دەپلا ئالدىغا بەلگە قويماي ئەۋەتسەك بىۋاستە ئىنگىلىزچىنىڭ تەرجىمىسىگە ئىرشىش. ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانساق ئاۋۇ ئۇندىدار سۇپىسىنىڭ ئۈزىدىكى چەكلىمە تۇپەيلى كىلىپ چىققان مەسىلىنى ھەل قىلغىكى بۇلىدۇ .
قالغان پىكىرىمنى داۋاملىق يازىمەن ، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر سوفىتقا پايدىسى ئىنتايىن چوڭ ، مولچەرلىگۇسىز بازار.
مەنمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم دوسلىرىمغا …..
ئالىم مۇئەللىمwww.bing.comنىڭمۇ ئۇيغۇرچە بېتى ئېچىلىدۇ دېگەن خەۋەرلەرنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم. قاچانلاردا ئۇيغۇرچە قوشۇلار؟ ھازىرغۇ ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارى ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن. بولسا تەرجىمە ئىقتىدارلىرىغمۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلغان بولسا ناھايتى ياخشى بولاركەن.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم . بۇ سۇپا ۋىندوۋس سېستىمىلىق تېلفۇنلاردا نورمال ئىشلىمەمدۇ نىمە ؟ مەن نوكىيا 920 تىپلىق تېلفۇن ئىشلىتەتتىم . ئۈندىدارغا بۇ لۇغەتنى كۆرسەتمىڭىز بويىچە قوشىۋالدىم . نورمال قوشۇلدى . لىكىن ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە يېزىق ئەۋەتسەم ھېچقانداق ئىنكاس يوق . ھەممە مەشخۇلاتنى كۆرسەتمىڭىز بويىچە قىلغان بولمىسا .
ھازىر نورمال، قايتا سىناپ بېقىڭ.
نورمال ئىشلەيدۇ ،مەنمۇ wpسېستىمىسى ئىشلىتىۋاتىمەن.
مۇمكىن بولسا شۇ مىليۇن جۈملىلىك ئۇيغۇرچە-ئېنگلزچە ئامبارنى شىركىتىڭلا قۇرۇپ چىققان بولسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئاساس سېلىنغان بولاتتى مۇئەللىم. ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۈھپىسى خېلى زور.بۇ ئۈمدىدار سۇپىسىنىڭ قۇرۇلغىنىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. ئەمدىلىكتە بۇ سۇپىغا يوللانغان،سىلەرنىڭ مەنبەدە تەرجىمىسى يوق بولغان،كىشىلەرنىڭ ئىستىمالىغا ئېھتىياجلىق بولغان سۆزلەرنى توپلاپ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرەلەيسىلەر-دە. ياخشى ئىشلار داۋاملاشقۇسى….
بولسا ئۇيغۇرچە يازساق ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىنىمۇ يوللاپ بەرگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
بولىدۇ، بۇنىمۇ پات يېقىندا ئېلان قىلىمىز، بۈگۈن مانا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەتنى ئۇلاپ قويدۇم، كۈندە ئاز-ئازدىن يېڭىلىق بار، پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ،
ئالىمجان، http://www.udict.cn يېڭى نەشىرى بەك ياخشى چىقىپتىكەن، لېكىن بىر نەچچە كۇن بولدى، ئۇ تور بەت ئېچىلمايدىغۇ؟
服务器错误
403-禁止访问,访问被拒绝
مۇشۇنداق چىقىۋالدى
ئەنگە ئالدۇرىۋاتىمىز، شۇڭا ئاچماي تۇردۇق
مۇشۇ خەنچىدىكى 加面نى نىمە دەپ تەرجىمە قىلساق بولا؟بۇ سۇپىدىمۇ يوقكەن بۇ سۆز
بىرنەچچە كۈنگە قالماي قوشۇلىدۇ، ھازىرچە ئاقئاش دەپ ئېلىپ تۇرۇڭ.
ئۈندىدارىمدا بار 124 ئادەمنىڭ ھەممىسىگە يوللىدىم ( بىر قانچە قازاق ، قىرغىز ساۋاقدېشىممۇ بار )، باشتا يوللىسام تېلېفۇنۇم قېتىۋېلىپ ئىككى ئۈچ قېتىم سىناپ ئاران تەستە ھەممىسىگە تەۋسىيە قىلدىم ، كەم بولغاندىمۇ 50 تىن كۆپرەكى قۇشۇۋالدىغۇ دەيمەن .
================================
ئۇيغۇرچە خەتنى يوللاپ شۇ خەتنىڭ خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنىمۇ تاپقىلى بولىدىغان ئىقتىدارنىمۇ قۇشىۋەتكەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
بۇ ئىقتىدار بۈگۈن قوشۇلدى، يەنى ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ خەنزۇچىسىنى تاپالايسىز.
ياخشى بوپتۇ،دوسلىرىمغا دەپ قوياي.
بۇ ياخشى بولۇپتۇ، بۇنى كۆرۈپ مۇنداق بىر ئىش ئەقلىمگە كەلدى:
ئەمدى بۇنى لوقماندىكىلەرگە ئاتاپ ئايرىم سۇپا ياساپ خېرىدارلار مۇشۇ سۇپىغا ئەگىشىۋالغاندىن كېيىن يۈك-تاقلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىگە مال كەلگەننى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان سۈرۈشتۈرەلەيدىغان، تېلېفون نومۇرىنى مۇشۇ ئاممىۋى سۇپىغا يوللىۋەتكەندىن كېيىن كېيىنكى قېتىملاردا مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ئۆزىگە خەۋەردار قىلىدىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.
شۇنداق قىلىۋاتىمىز ھازىر
ماۋۇ ئىددىيە نوچى ئىددىيە بولاپتۇ …
ماۋۇ ئۇسۇل ئەمەلگە ئىشىپ قالسا نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ نۇرغۇنلىغان ۋاقتىنى تىجەپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ …..؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىممۇئەللىم، بۇ بەك ياخشى بوپتۇ، ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، ئەتتىگەن ئالىپ تۇرىغا چىقسام شۇ يەرگە يوللاپ بوپتىكەن، خۇشاللىقىمدا قۇشۇپلا سىناپ باقسام، ئىشقىلىپ ماڭا بەك ياقتى. شۇ ھامان ئۈندىدارىمدىكى 117 دوستۇمغا توپ يوللاش ئىقتىدارى ئارقىلىق يوللاپتىمەن، 113 دوستۇم ئىنكاس قايتۇردى. 94 كىشى «رەھمەت،
قۇشۇۋالىم، بەك ياخشىكەن» دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ، قالغانلىرى قانداق قۇشىدۇ، 订阅号里看不到,在哪个地方可以看到,دەپ، يەنە بەزىسى «ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىكەنسەن ئاداش، بۇنى يوللىغاندىكىن چۈشۈرۈش ئادىرىسىنىمۇ يوللىمامسەن» دەپ يوللاپتۇ، تىزىمغا تازا سېلىپ بىردەم كۈلىۋەتكەندىن كىيىن، « ھۇ دۆتلەر، قاراپ بېقىشە دىتالمىكەن ياكى سۇپا» دەپ قويسام، ئۆزرە سوراپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ. ئىشقىلىپ ئەتتىگەندە تېلېفۇنىم دۇچۇدەك سايراپ كەتتى( سەت ھىجايغان چىراي). ئىشقىلىپ ھارماي تالماي مۇشۇلارنى ساناپ چىقىپتىمەن. ئەمدى نۆۋەت كەپتۇ ما يەگە كىرگىلى، كىرسەم پەگادا ئولتۇرۇپ بوپتۇ باشقىلار.
ئەمدى شۇ ماڭا رەھمەت دەپ قايتۇرغان دوستلىرىمنىڭ رەھمەتلىرىنى يىغىپ سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
كۆپ دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپسىز، سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.
پەگادا مەن ئولتۇرۋالدىم(خىجىللىق بىلەن كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)، ئالىپقىمۇ مەن يوللاپ قويغان.
ئالىم مۇئەللىم Windows Phone 8 گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قىتىشتىىن خوش خەۋەرلەر بارمىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،مەن ئانا تىلىمنى قوللىغان مىكرو سوفىت شىركىتىگە رەھمىتىمنى بىلدۇرۇپ ئۇنى قوللاش يۈزسىدىن نوكىيا نىڭ 旗舰店سى دىن 诺基亚lumia1520دىن بىرنى 4999يۈەن گە بىرنى سىتىۋالغان ئىدىم ،،،،زاۋۇت تەرەپتىن قىتىلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىسا بولمايدىكەن كۆچۇرۇپ چاپلاپ يىزىش بەك ئاۋارچىلىق ئىكەن ،،،،ئىختىسادى ئەھۋالىم ياخشى بولىسىمۇ ،ھازىر ئۆيۈمدىكى كومپىيۇتىرىمدا windows 8.1نىڭ كەسپى نۇسخىسىدىن بىرسى بار ،،،ئۇنىڭدا ئاساسلىق فىلىم ئىشلەيمەن ،،،،ئاندىن ئايالىمغا microsoft surface 中文版128gدىن بىرنى ئىلىپ بەردىم ،،،،،،ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىغى چىقىدىكەن دىسە بۇيىل ئەتىيازدا ئۆيۈمدىكى كومپىيۇتىرغا Microsoft Office 2013دىن بىرنى سىتىۋالدىم ،،،،دىمەكچى بولغىنىم قوللاشنى مەن ئاۋال ئۆزەمدىن باشلاپ ، ئەتىراپىمدىكى دوسلارغا ،تۇققانلارغا،،،خىزمەتداشلارغا كەڭ تۇردە تەشۋىق قىلىۋاتىمەن ،
بۇنىڭ ئۈنۇمى ياخشى بولىۋاتىدۇ ،نۇرغۇنلىرى ياختۇرۇپ سىتىۋىلىپ باردۇ،،،بەلكىم مەندىنمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىۋاتقانلار باردۇ،،،،ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىپ تەشۋىق قىلساقلا ئۈنۈمى ياخشى بولدىكەن ،،،مەن ئۆزەم شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلىمىدە ئىشلەيمەن ،بۇ ئەۋزەللىكىمدىن تولۇق پايدىلنىۋاتىمەن ،،Windows Phone 8نىڭ ئۇيغۇرچە بولىغى چىقىدۇ دەپ نۇرغۇن دوسلىرىمغا نوكىيا تىلفۇننى ئالغۇزۇپ بولدۇم ،،،، ئالىم ئاكىمىزغا ئوخشاش ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن تىرىشىپ تۆھپە قوشىۋاتقانلاردەك سەۋىيەرىمىز بولمىغاندىن كىيىن تەشۋىقات جەھەتتىن بولسىمۇ كۈچ چىقىرايلى دەپ ئويلىدىم
ياخشى قىپسىز ،مۇشۇنداق تەشۋىقات قىلىپ تۇرساق ياخشى ،مەن 920نى بىر مەزگىل ئىشلەتتىم ،يۈتۈپ كىتىپ ۋاقتىنچە 625ئىشلىتىۋاتىمەن ،1520نى ئىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن توكى قانچىلىك يىتەر دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن،ئەمما ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ ھە.مۇشۇ ئۈندىداردا ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى ئىشلىتەلمەي ،ئىشلەتكەنلىنىڭكىنى توغرا كۆرەلمەي،ھەممىدىن قوسقىم كۆپىدىغىنى دوسلار چەمبىرىكىدە تارقىلىۋاتقان ئاممىۋى سۇپىلار تارقاتقان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك رەسىم شەكلىدە يېزىق مەزمۇن يوللايدۇ،ئۇنى ئېچىپ كۆرگەنلەر نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپ تور ئىقىمىنى سەرىپ قىلىپ مەزمۇنلارنى ئوقۇيدۇ،ئاممىۋى سۇپىلارمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ،شۇ مەزمۇنلارنى تور ئىقىمىنىڭ قانچىلىك ئىسراپ بولىۋاتقىنىنى بىلمەي جاھان مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ يۈرگەن ئوقۇرمەنلەرمۇ نادانلىق قىلىۋاتىدۇ،تور ئېقىم مەسىلىسى بولمىسىغۇ مەيلىتى ،نۇرغۇنلىرىمىز ئاي ئاخىرىغا بارغاندا ئېقىم تۈگىدى دەپ 1-چىسلانى ساقلايدۇ.ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوللاش قولىماسلىقى كۆپ تەرەپتىن ئويلىغاندا ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە،لىكىن بۇنى ھېس قىلىدىغانلار چۈشۈنىدىغانلار بەكلا ئاز،يوق دىيەرلىك.
wpدا ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆچۈرۈپ چاپلاشتىن شۇنداق زىرىكتىپ،يا چىقمىدى بۇ كىرگۈزگۈچ،مىللەتنىڭ تەسىر كۈچى بەك جىق ئىشلارنى بەلگۈلەيدۇ.مەن ئويلايمەن ئاشۇ ئۇيغۇرچە مەزمۇن تارقىتىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىلىرى رەسىم شەكلىدە(ئەمەلىيەتتە قاتتىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق دەپ قارايمەن)يېزىق مەزمۇن يوللاشنى توختۇتۇپ ،ئۇيغۇر تىلىدا يوللىسا ئىنتايىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان يانفون ئېلىشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ.شۇلارنىڭ ئىچىدە مەيلى قانچىلىك بولسۇن چوقۇم بىر قىسمى wpسېستىمىلىق يانفون سېتىۋالىدۇ . مىكروسوفتنىڭ دىققىتىنى قوزغىسا سېستىمنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ھەل بولاتتى.دەپ كەلسەك گەپ جىق،ھۆپۆپتەك ساقلاستىن باقا ئامال يوق ئوخشايدۇ.
wp نىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ئالدىنقى يىلى تاماملانغان، ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىشمۇ 9-ئايدا تاماملانغان. كىرگۈزگۈچنىڭ قوشۇلۇشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسدا قالدى. بەلكىم كېلەر يىلى بىر گەپ بولار.
ئۈنىداردا بىر پارچە رەسىملىك مەزمۇن كۆرگەن ئېقىم بىلەن ماۋۇ ئۈندىدار لۇغىتىمىزدىن نەچچە سۆز ئىزدەشكە بولىدۇ. رەسىم بىلەن خەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور پەرقى بار.
كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى قىپسىز ،،،،ئىقىم مەسىلىسىدىن باشقا بىز تەتۇر قىيلىنىۋاتقان ئىشلار كۆپ ،،،،،،،،،،،،،بەلكىم ئالىم مۇئەللىممۇ بۇ توغرىسىدا كۆپ تىرىشىۋاتقاندۇ ، بەلكىم بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بولۇشى مۇمكىن ،،،،،،شۇنداق بولسىمۇ تەشۋىقاتنى قىلىۋىرەيلى ھازىر ھۆكىمەت ئورۇنلىرى ،ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلارغا سىسىتىمىلارنىڭ ھەقىيقى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش توغرىلىق ھۆججەت چۈشتى ،ئمكانىيىتى بار قىرىنداشلار مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەشۋىق قىلىپ ،ئامال بار Windows8بىلەن Microsoft Office 2013نى ئالغۇزايلى،،،،،،،،Windows Phone نىڭ ئۇيغۇرچىسى قانچە تىز چىقسا شۇنچە ياخشى ئىدى ،،،،تىل بولىغى ئۆز ۋاختى كەلگەندە چىقسىمۇ ، كىرگۈزگۈچ بولسىمۇ چىقىپ تۇرسا بولاتتى ،،،،،،قارىغاندا كىرگىزگۈچ قىتىشمۇ بىر قىيىن مەسىلە ئوخشايدۇ،،،
ئالىم مۇئەللىم «ئەرەپچىسنىمۇ تىخى يىقىندا قاتتى »دەيدۇ
ئالىم مۇئەللىم سىزمۇ 1520دىن بىرنى ئىشلەتسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى،باھاسىمۇ خېلى چۈشۈپ قالدى،بولمىسا بىزنىڭ دەرتنى چۈشەنمەيسىز،دىگىنىڭىزدەك كىرگۈزگۈچ بالدۇرراق قوشۇلار.
مەن بۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن، بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاز قالدى،
بۇ ئىشنى بەك ياخشى قىلدىڭلار،سۆزلۈكلەرنى توختىماي تولۇقلاپ تۇرساڭلار بولىدۇ،ئۈرۈمچىنىڭ بەزى يەر ئاتالغۇلىرىنى تاپالمىدى، ئۇندىدارنىڭ ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارى خېلى بار ئوخشايدۇ،تەيكاڭ سوغۇتىسىنىڭ ئاممىۋى سۇپىسىنى قوشۇپتىكەنمەن،كۆرۈنمە يۈزى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن،ئاستىدا ئۈچ تىزىملىك بار ئىكەن،ھەر بىرسىدا يەنە نۇرغۇن تىزىملىك چىقىدىكەن.ئىزدىنىپ باقارسىلەر.
شىركەتلەر ۋە شەخىسلەرنىڭ قۇرغان سۇپۇسىسى ئوخشىمايدۇ ، ئالىم مۇئەللىم شەخىلەر سۇپىسىنى ئىشىلتىپتۇ ، بۇنىڭ ئىقتىدارى بەكمۇ ئاجىز.
تۆۋەنلىك بىلەن سوراپ باقسام ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرى توپى بارمىدۇ . مۇشۇنداق بىر توپ بولسا بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن بولساق،ئەگەر شۇنداق توپ بۇلۇپ قالسا مىنى قېتىپ قويغان بولساڭلار چچ:1029704940 (بۇ پىكىر تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ قالدى ،لىكىن مەن ھاقاچان كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرى مۇشۇ توربەتنى كۆپ كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ يازدىم )
http://www.uighursoft.org/bbs غا كىرىڭ
مۇئەللىم ئەجرىڭىزگە مىڭ شۈكرى .ئۆزۈم شەخسەن شۇنداق خوش بولدۇم.