نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!

قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.

نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى

http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/

============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى

======

Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
222 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 7 8 9
  • شىنجاڭ رايۇنىدا Windows 8 نىڭ تىل بولىقىنىڭ روياپقا چىقىش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ، مۇھىم بولغان بىر ئىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم ئەھەت سىز ئاز بولمىغان جاپالارنى چەكتىڭىز . سىز ئۇيغۇرلارنىڭ شان- شەرپى،ھارماس تۇلپارى . بۇ جەھەتتە يەنىمۇ تىرشىپ ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دېتاللىرىنىڭمۇ ئويغۇرچە تىل بولىقىنى روياپقا چىقارغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى

    (شايار مازارغوجامدىن)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:32
  • شىنجاڭدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر جامائەت سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمىز ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارتالايدىغانلىقىڭىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز ……!
    ھارمىغايسىز ! چارچاپ قالمىغايسىز ! ئۇلۇغ ئاللا سىزنىڭ ئۆمۇرڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن . بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىلمى ئەمگەكلەرگە كۆپ تەر ئاققۇزدىڭىز ، بۇ ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ شانلىق مۇئاپىقيەتلىرىنى ئاز بىرقىسىم خەلقىمىز بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ، بۇ ئەجىرڭىز بىزدىن يانمىسا ئۇلۇغ ئاللادىن يانار .
    سىزگە ئالەمچە تەشەككۈر ……………………….!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:42
  • قىنى مەنمۇ بىر ھەركەتكە كىلەي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 23:42
  • ئالىم مۇئەللىم، تور كېكىتىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمنى ئېلىپ مېنىڭ بلوگىمغا تەشۋىقات سۈپىتىدە چاپلاپ، مەڭگۈ ئۇلانمىنى سىنىڭ مەزكۇر يازمىڭىزغا توغۇرلاپ قويسام بولامدۇ؟ رۇخسەت قىلغان بولسىڭىز، بولمىسا ئۆزۈم PS بىلەن قايتىدىن ياساپ تەشۋىقات قىلىپ قوياي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:14
  • ئۇيغۇرچە ئىلخەت ساندۇقى بار دەپتى پەللەپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:37
  • ئالىم ئاكا مەن Windows 8دىن بىرنى لوغەتتىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم ،بۇلتۇر ئۈرۈمچىگە بارغاندا قىزىلبايراق يۇلىدىكى ئۇيغۇر سوفت شىركىتىگىمۇ بارغان ئۇلار 8-ئايدا كىلىڭ دىگەن بىراق مەن بارالمىدىم ،مەندە تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋالىدىغان بانكا كارتىسى بار ،مىنىڭ شۇ ئىككى مەسئۇلاتنى سېتىۋېلىشىمغا ياردەم قىلالارسىزمۇ ؟سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيارمەنمۇ يە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:36
  • ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى ياخشىمىسىز،مەن win8مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئاران كومپىيۇتىرىمغا قاچىلىغان ئىدىم ئەمما تورغا ئۇلۇيالمىدىم،ئۈيۈمدە تۈمۈريول خەۋەرلىشىشىنىڭ كەڭ بەلباغ تورى بارئىدى،winxpسېستمىسىدا نورمال ئۇلۇندۇ،ئەمماwin8سېستىمىسىدا تورغا ئۇلانمايدۇ،توردا شۇنداق ئىزدەنسەممۇ ھەل قىلالمىدىم ،مۇمكىن بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 22:19
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، windows8نى ھازىر سېتىۋېلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئاكتىپلاپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:10
  • ئەسسىلامۇ- ئەلەيكۇم !
    ئالىم مۇئەللىم كۈنلىرىڭىز ياخشىمۇ ، مەن بۇ يەردە سىزدىن ئەھۋال سورىغاچ كىچىككىنە ياردەم سوراي دىگەن .
    مەن Windows8 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇ چۈشۇۈرپ قاچىلاپ بولدۇم . cرايوندىن باشقا يەنە 4رايۇن بار ئىدى ، ئۇنىڭ ئىچىدە f,gئىككى رايوننىڭ نامىنى خالىغانچە قويۇشقا بولىدۇ ،لىكىن d,e ئىككى رايوننىڭ نامىنى خەنزۇچە قىلىپ خالىغانچە ئۆزگەرىتىشكە بولىدۇ لىكىن ئۇيغۇرچە خالىغان نام قويۇشقا بولمايۋاتىدۇ ، پەقەت يەرلىك دىسكا دىگەن خەت كۆرىنىدۇ باشقا نام قويۇپ جەزىملەشتۈرسەم پەقەت كۈچكە ئىگە بولمايۋاتىدۇ ، بولسا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
    رەھمەت سىزگە ، ئاۋارە قىلدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 12:51
  • مەن يىشىم چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ كومپيۇتىر ئۆگەندىم. كۆپ يۇمشاق دىتاللارنى ھەقلىق قىلىپ ئىشلەتمىسەممۇ ئۇيغۇر سوفىىت چوڭ لۇغىتىنىڭ تۆت تىللىق نۇسقىسىنى 220 يۈەنگە سىتىۋالغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە windows8 نى سىتىۋىلىپ كۆپ ئاۋارىچىلىق بىلەن سىستىمىنى ئۇيغۇرچىلشتۇرۇپ ئەمدى ھاردۇقۇم چىقاي دىگەندە يەنە مەسىلىگە يولۇقتۇم. يەنى مەن windows8 نىhttp://shop.edu.cn توردى سىتىۋالغان ئىدىم . بىراق ئۈچ كۈن ئاۋۋال سىكانىر ئىشلىتىدىغان ئىش بولۇپ قىلىپ سىكانىرنى windows8 گە تونۇتىدىغان پىروگىرامما بولمىغانلىقتىن winxp نى قاچىلاپ قىلىدىغان ئىشىمنى قىلىپ بولۇپ windows8 نى قايا قاچىلاي دىسە ماڭا ئەۋەتكەن 25 خانىلىق نومۇرنى ئىشلىتىپ بولغان نومۇر دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى. http://shop.edu.cn تور بەتكە كىرىپ قارىسام بىر يىرىدە 248يۈەن دەپ تۇرىدۇ. يەنە بىر يىرىدە 488 يۈەن دەپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمگە بەرگەن مەخپى نومۇرنى يەنە بىرسىگە بىرىش ئىھتىماللىقى بارمۇ. قانداق.
    订单编号:AE20121216592977831

    付款日期:2012-12-16 18:19:55
    يۇقىرقى نومۇرلار مىنىڭ خەت ساندۇقىمغا ئەۋەتكەن نومۇرئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قاچىلاش جەريانىدا سۇئال جاۋاپ ئارقىلىق قاچىلىنىدىغان ئورنىمۇ بار بۇ زادى قانداق گەپتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:20
باھا بېتى: 1 7 8 9