Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!
قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.
نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى
======
Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,783 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
- كېيىنكى يازما :بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە
سىزنىڭ تۆھپىلىرىڭىز ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.سىزگە كۆپ رەھمەت مۇئەللىم .قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
يازمىڭىزغا تۇنجى بۇلۇپ ئىنكاس يېزىپ ئۈلگۈردۈم، ناھايىتى خۇشالمەن. ئايىمىڭىزگە مۇبارەك!!!!
ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . ئەتىدىكى قۇربان ھېيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . . .سىز ھەزىر نيۇيورك تە ئىكەنسىزدە ھى ھى . . . توردىن كۆرۈش ئادىرىسىنى ئىزدەي. ..
ئۇيغۇرچە بامۇ يوقمۇ ، چۇقۇم با . . . uyghur دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام يىغلاپ تاشلايمەن .
ئېلان قىلغان ھامانلا ئۇيغۇرچە تىلى قۇشۇلغان بۇلامدۇ . . شۇ ۋاقىتتىلا بىرىنچى بوپ چۈشۈرۈپ كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ . . .
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
نەخ مەيدان . .
مانا بۇ ۋاقىت كەلدى 9دىن 15 مىنۇت ئۆتتى مانا ، ئۈلگۈرۈپ كىرىپتىمەن دىسە ، ئەمدى جىزا ئالىدىغان يەرگە ئاتلىنامدۇق
مانا بۇ ۋاقىت كەلدى 9دىن 15 مىنۇت ئۆتتى مانا ، ئۈلگۈرۈپ كىرىپتىمەن دىسە ، ئەمدى جىزا ئالىدىغان يەرگە ئاتلىنامدۇق
تاس قاپتىمەن
جىزا دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە دىگىلى بولمامدۇ دوستۇم ؟
ئەمدى نەخ مەيداندىن قانداق كۆرەرمەن
بۇ يەردىن كۆرۈڭ
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
كۈرىۋاتىمەن ،لىكىن تۇلا قېتىۋېلىب بارىدۇ.
خېلە ياخشىغۇ؟! ئاستىدىكى باشقا مەنبەلىردىن كۆرۈشنى سىناپ بېقىڭ
The service is unavailable دەپ چىقىۋېلىپ ئاستىدىن باشقا مەنبەگە يۆتكىگەن بولمىسا ، تور سۈرىتىم ئاستا ئوخشايدۇ.
بەلكىم، شۇنداق ئوخشايدۇ،
مەن قايسىنى بىسىپ كۆرۈشنى پاقات بىلەلمىدىم
ئەجەپ مىنىڭكىدە چىقمايدىغۇ.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تىخىغىچە تەييار بولماپتىغۇ، چۈشۈرۈشكە بولمىدى، يىغلاي دەپ كەتتىم قىرىنداشلار، ئاھ ئانا تىلىم!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۈگۈن ئېلان قىلىۋەتسە قانداق بولىدۇ؟! ئەمما خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىش تاماملىنىپ بولدى، ئالدى بىلەن جۇڭگو رايونىدىكى سېتىلىش باھاسىنى ئېلان قىلىۋەتسۇن
بەزى ئىشلارنى بۇ يەردە دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ھامان چىقىدۇ، نۆۋەت بويىچە ئېلان قىلىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ.
مەن كېيىن قاپتىمەن دە… ھەي! مۇراسىم ئاخىرلاشقان ئوخشايدۇ، تەكشۈرسەم ھېچبىر ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ سىنلىق كۆرۈنىشلىرى يوق.
مۇشۇ ئالدىراشچىلىقمىنى قاچانمۇ تۈگىتەرمەن؟…
ياق، تېخى تۈگىمىدى. Windows نى بايا ئېلان قىلىپ بولدى، ئەمدى Surface نى ئېلان قىلىدۇ، تېخىمۇ نوچىسى مۇشۇ شۇ تېخى. ۋاقتىدا كېلىپسىز.
ھازىر مەھسۇلات تۇنۇشتۇرىۋاتىدۇ، تېخى ئاىىرلاشمىدى، كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ .
ماۋۇ سۆزلەۋاتقان پەينەك باش ceo سىمۇ ، بىلگايتىس بىلەن جىق كۆرگەنگۇ بۇنى . ..
بۇ كىشى بۇ قېتىم Windows نىڭ ئېچىش ئىشلىرىغا بىر قوللۇق مەسئۇل بولغان. ئۇ بىر كەسپىي خادىم. بۇ كىشى ئاۋۇ بالمېرغا ئوخشىمايدۇ. ئۈنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن بىل.گېيتىس تۇغۇلغان كۈنى، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر سوۋغات ئوخشايدۇ.
باھاسىنى مۇشۇ يەردە ئېلان قىلامدا . . . ئۇيغۇرچىنى ئېلان قىلىش توغرا كەلسە مۇشۇ يەردىلا دەمدۇ يا . سىزگىلا خەۋەر قىلامدۇ .. . . .
تور دەششەت ئاستا، بەكلا قېتىۋېلىۋاتىدۇ…
بىر مۇزىكىنى ئون نەچچە قېتىم قاتۇرۇپ ئاڭلاۋاتىمەن دىسە، ۋاي بولدىلا ئەتىلە كۆرەي يېڭىلىقلارنى، ھامان ساقلىغاندىكىن يەنە بىر قانچە سائەت تاقەت قىلاي، بولسىما نامازغا بارالماي قالماي يەنە
سىز گۇچۇڭدىكى ئادىلجانمۇ ؟
ياق، مەن ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندىن
قاقشىماڭ بولدى ئامال يوك . . .
تۈگىدىمۇ يا ..
ئاۋۇ چىقىپ تۈرغان خەت ئەتە ئەتىگەن سائەت 10 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە زاكاس باشلايمىز دىگىنىمۇ يە ئۇيغۇرچە ئەتە ئاشۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ دىگىنىمۇ ..ھى ھى ..