نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!

قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.

نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى

http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/

============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى

======

Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
222 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندى ،windows8نىڭ دىسكىسىنى قانداق قىلساق ئۆزلىرىدىن بىۋاستە سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟مەن ۋە بىرقانچە دوسلىرىمىز سىلىنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن سىلىدىن سېتىۋالماقچى بولىۋاتىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:04
  • ھازىرغىچە ساقلاپتىمەن، ئەمدى ئۇخلاي… ئەتىگىچە چوقۇم يېڭى ئۇچۇرنى كۆرىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 01:47
  • توپ تارقىتىش باھاسى قانداق بۇلاركىن ، مەنمۇ تۇرپاندا ساتاي دېگەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 06:33
  • 56 ، يۇكۇ دىگەندەك تور بەتلەردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم بۇ تارقىتىش مۇراسىمىنى . تاپالىغانلار يوللاپ قويۇڭلار باللا . بىر كۆرەيلى !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 06:46
  • شۇنداق قىلىپ Windows 8 دەۋرى رەسمىي باشلاندى. بۈگۈندىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزىقى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا مۇكەممەل قوللاشقا ئېرىشتى. بۇنى ھەتتا كومپيۇتېردا دېسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى دىيارىمىزدا %99 كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسىدە Windows نىڭ ھەرخىل نەشرى قاچىلانغان بولۇپ، بۇ قۇربان ھېيتلىق كاتتا خۇش خەۋەردۇر. ھەممىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 07:57
  • تارقىتىش مۇراسىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
    http://news.alkuyi.com/show.php?mid=15759

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:04
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. مەن win7نى 98 يۈەن بىلەنwin 8 كە ئالماشتۇرغانئىدىم. لېكىن مېنىىڭكىدە 语言包无法使用 دەپ چىقىۋالدى. بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ يا مېنىڭ ھەقىقىي نۇسخىلىق بولمىدىمۇ يا؟ مەن خەت ساندۇقۇمغا كەلگەن نومۇرنى كىرگۈزدۈم بولمىسا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:27
  • wp-content/uploads/2012/10/Windows8_release.png
    نىڭ ئوڭ تەرىپىكى كېسىلىپ، كەڭلىكى 980px بولسا مۇۋاپىق بولغۇدەك، ئوڭ تەرەپكە تام تېشىپ كېتىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:33
  • Windows 8 نى سىناشقا كەتكەن بىر مىليارد 240 مىليون سائەتنى مۇنداق ھېسابلاب باقتىم.
    1,240,000,000 سائەتلىك سىناقنى بىر ئادەم كۈنىگە سەككىز سائەتتىن يالغۇز سىنىىسا 155,000,000 مىليون كۈن سىنايدىكەن، بۇنى ئۆزۈمنىڭ مۆلچەرى بىلەن بىلەن 100,000 ئادەم سىنايدۇ دېسەك، 1,550 كۈن سىنايدىكەن. بۇ 4.234 يىل بولىدىكەن، قارىغاندا مۆلچەرىم خاتا ئوخشايدۇ، بۇنى ئايرىم سىنايدىغان يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سىنايدىغان ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:57
  • قۇربان ھېتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! كۆزنەك سەككىزنىڭ ئويغۇرچە نەشىرىمۇ بىللە ئېلان قىلىندىمۇ ؟ مۇشۇ توغىرىلىق ئېنىق ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز؟ نەدىن قانداق سېتىۋالىمىز ؟ ياكى يەنە ئازراق ساقلامدۇق؟ ھېيتىڭىزنى خوشال ئۆتكۈزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:03
  • ئالىم مۇئەللىم مەن ئەسلى نەشىردىكى ۋىندوۋس 7 نى سىتىۋالغان ئىدىم ئەمدى ۋىندوۋس 8 كە يىڭلىماقچى پۇل تۆلەپ يىڭىلامدىم ياكى ھەقسىزمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:12
  • مۇشۇ ۋاقىتقىچە ساقلاپ ئولتۇرىمەن !
    يا ئۇلارنىڭ زۇۋانىنى چۈشەنمەيمەن . ھەي ھەي

    ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم
    ھەم نەدىن قانداق سىتىۋىلىشنىمۇ بىلمىدىم !

    مەلىم : جۇڭگۇلۇقلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمىسا بۇلار .
    بىزنى قىيناپ قويدىمۇ نېمە ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:55
    • بىزگە ياخشى بولسۇن داۋاتسا …..سىزنى قانداق قىيناپ قويدى …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:20
      • ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنى ئوخشىمغانلىقى ئۈچۈن ئىككى خىل چۈشنىشىمىز تەبئىي ئەھۋال !

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:55
  • http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/buy

    بۇيەردە 248 يۈەن دەيدۇ ، خەلق پۇلى ئىكەن
    سېتىۋىلىش توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز
    ھىسابات قىلىش ، ھەم چۈشۈرۈش دېگەندەك مەشخۇلاتلار قانداق ئىلىپ بىرىلىدۇ .
    ھە راست مۇئەللىم ئۇيغۇر تىلىمۇ قوشۇلۇپ تارقىتىلدىمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:03
  • http://www.bilik.biz/bbs/thread-25266-1-1.html
    بۇتوربەتنى كۆرۈك تىل بۇلىقىمۇ چىقىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭىز ساغلام، تۇرمۇشىڭىز بەخىتلىك بولسۇن!
    ۋىندوۋس 8 نى قانداق سېتىۋالساق بولىدۇ مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز، مېنىڭ ۋىندوۋس 8 نى دىسكا ھالىتىدە سېتىۋېلىپ، خاتىرە بويۇمى قىلىپ قويغۇم بار ئېدى، ئەھۋالدىم قارىغاندا خەنچە نەشرىنى ئالسام ئۇنداق قىلالمىغۇدەكمەن، ئۇنداقتا ئىنگىلىزچە نەشرىنى نەدىن، قانداق سېتىۋالىمەن، مەسلىھەت بەرسىڭىز، رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:45
    • رەھمەت! ئەمما بەزى ئىشلارنى كېيىن دەپ بېرەي، ھازىرچە بولمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:47
      • سىزگىمۇ رەھمەت، ئۇنداق بولسا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلوگدا بىرىنچى ۋاقىتتا ئېلان قىلسىڭىز، مەن ۋىندوۋس 8 نى سىزنىڭ يازمىڭىزدا كۆرسەتكەن بويىچە سېتىۋېلىشنى تولىمۇ خالايمەن، ئەگەر سىلەر بىۋاستە سېتىشقا ئېرىشەلىسەڭلار، ئۇنداقتا چوقۇم سىلەردىن سېتىۋالىمەن، يەنە ئازراق ساقلاي : )

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:50
  • مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغات بولىشى مومكىن !مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى تۆھپىكارلارغا ئايەملىك تەشەككۇر!قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:57