Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Microsoft Office كوللېكتىپى 2012-يىلى 10-ئايدا Office 2013 RTM نەشرىنى تاماملىغان بولۇپ، 2013-يىلى 1-پەسىلدە Office 2013 نى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. Office 2013 گە يەنە 13 يېڭىدىن تىل ئارايۈزى قوشۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئانا تىلدا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. بەلكىم بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

ئالدىنقى يىلى مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشكەن بولسا، بۇ يىل نۇرغۇن قوللىنىشچان دېتاللار ئۇيغۇرچە يەرلىكلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر يېزىقى كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تەلتۈكۈس قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
222 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 9
  • ۋاھ -. بۇ ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنىارلىق ئىش بۇپتۇ.
    بۇ خوشخەۋەرنى مىكروبلوگ ئارقىلىق باشقىلارغا ئۇقتۇراي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:58
  • لا لالا لا، ھەجەپ پەخىرلىنىپ كىتبارىمەن، ھەرقانداق ماتىرىيال باسسام بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا بولسىمۇ ئۇيغۇرچە قىستۇرۇپ قويۇشقا تىرشاتتىم، ئاددىسى ۋورد قا بەت نومۇرى كىرگۈزسەم ئاپتۇماتىك خەنزۇچە چىقىرىشىدىنمۇ كۆڭلۈم بىئارام بولاتتى. ئەمدى ئۇيغۇرچە Office دىتالى تارقىتىلسا بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولغۇدەك.
    لىكىن يەنىلا excel نىڭ كود يازىدىغان يېرى ئېنگىلىسچە بولىدۇ ھەقىچان.
    خىيال سۈرۈپ قوياي: 1- نومۇرلۇق ئوقوغۇچىنىڭ 7 پەندىن ئالغان نەتىجىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى تاپىدىغان كود : ‹‹ماۋۇ›› كاتەكتىن ‹‹ماۋۇ›› كاتەككىچە ئوتتۇرىچە قىممەت، دەپ كىرگۈزۈپ قويسام شالاققىدە چىقىرىپ بەرسە…
    ئېنگىلىسچىنى يادىلاپ يۈرمىسەم…. (كۆزۈمنى يوغۇن ئېچىپ شۆلەىيىمنى ئېقىتقان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:57
    • فونكسىيە نامى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىنگلىزچە بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 13:59
      • مەنWindows 8 بىرنى سېتىۋالاي دەپ،سىز كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات قىلغان ئىدىم،ھىسابات قىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن،كارتا ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ ،سېتىۋېلىش كونۇپكىسىنى بېسىپ مۇقۇملاشتۇرغان ئىدىم،بىراق زاكاسنى بىرتەرەپ قىلالمىدۇق دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرىۋالدى،مەن ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى(visa)ئىدى،بىلمىدىم قايسى يەردىن مەسىلە چىقتىكىن،ياردەم قىلغان بولسىڭىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:43
    • تەلىپىمىز يۇقىرى ئەمەس، خەنزۇچە چىقىدىغان يەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بولسا بولاتتى، ئەسلى ئىنگىلىزچىگە ئامال يوق،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:40
  • تۈنۈگۈن باشقا يەردە ئاڭلىغان ئىدىم .
    مانا بۈگۈن ھەقىقەتەن ئىكەنلىكىگە تامغا بىسىلدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:54
  • مەنمۇ بۇخوشخەۋەرنى كۆرۇپ پەخىرلىنىۋاتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:42
  • Windows 8 گە ئوخشاش ئېتىۋار باھادا ساتسا چوقۇم سېتىۋالىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:36
  • بەك ياخشى خەۋەركەن.
    مەنمۇ ۋىندوۋس سەككىزنى قاچىلاپ ،ئاران ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋالدىم. ئالىم ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.
    ئەمدى ئوففىس 2013 نى قاچىلىۋالسام تولۇق بولغۇدەك.
    كومپۇتېرغا ئۈچ ئابونت قۇرۇپ ،ئۇيغۇر،خەن،ئېنگىلىز قىلىپ قويدۇم. كۆپ قولايلىقكەن.يامان يېرى بىر ئابونتتا قاچىلىغان ئەپ نى يەنە بىرسىدە تىزما يۈزدە كۆرسىتەلمىدىم، بولماي ھەر بىر ئابونتقا بىر قېتىمدىن قاچىلاپ چىقتىم. بۇنىڭ باشقا ياخشىراق ئامالى بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:30
    • «ئۈچ ئابونت »دېگەن گەپ باشقا باشقا «ئۈچ ئادەم»دېگەنلىك.«كۆزنەك»سۇپىسى نېمىشقا ئوخشاش بولمىغان ئابونتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىر بىرىگە ئاشكارىلىغۇدەك؟بانكىغا بېرىپ ئالدىڭىزدا ئۆچرەتتە تۇرغان ئادەمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېيتىپ بەر دەپ بېقىڭە؟بانكا خادىمى ئېيتىپ بېرەمدىكىن؟ خۇددى شۇنداقلا ئىش.بانكا باشلىقى قوشۇلسا قانداق بولاركىن؟شۇڭا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ«بانكا باشلىقى»سالاھىيىتىدە ئورناتقان ئەپلىرىڭىزنى«ھەممە كىشى كۆرۈشكە رۇخسەت»دېگەن بۇيرۇقنى بەرسىڭىز ئاندىن كۆزلىمەكچى بولغان مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.مېنىڭچە نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:30
    • ئەمەلىيەتتە سىز ئورنىتىدىغان يۇمشاق دېتالنى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ھەممە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئورتاق ئورناتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يۇمشاق دېتالنىڭ ئورنىتىش پىروگراممىسى مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قوللىشى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:59
  • بۇ ئىنتايىن ياخشى خەۋەركەن،بۇرلانىڭ ھەممىسى سىزنىڭ باشچىلىقڭزدىكى ئۇيغۇر سوفىت خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى دە،رەخمەت سىلەرگە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:26
  • ھەقىقەتەن ياخشى خۇش خەۋەر ئىكەن. مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:19
  • رەھمەت مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز.
    باھاسى win8 نىڭ باھاسىدەك بولارمۇ ياكى قىممەترەك بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:04
  • راستىنى ئېيتسام بەك ھاياجانلىنپ كىتىپ بارىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:54
  • بۇمۇ كاتتا خوش خەۋەركەن ، ئالىم مۇئەللىم سىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن،،،،،،،،،،،،،تىل-يىزىقىمىز كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىسىز،،،،،،،،،،،،،داۋاملىق تىرىشىپ تىخىمۇ ياخشى مەسھۇلاتلارنى چىقىرشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز،،،،،،،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:52
  • قارىغاندا كومپوتېر ساھاسىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنىڭ گۈللىنىشى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋىتىپتۇ. مۇشۇ كۈنلەرگە يەتمىكىمىز ئاسانغا توختىمىدى. ئەلۋەتتە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالىملىرىمىزنىڭ ، ئىلىم ئەھلىلىرىىنىڭ ئائىلىسىدىن ، ئەتراپدىكى مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن ، ئارتۇقچە توي تۆكۈندىن، قۇرۇق ئولتۇرۇش سورۇنلاردىن يىراق تۇتۇپ ، كىچە كىچىلىپ كىتاب كۆرۈپ سالامەتلىك بەدىلىگە نەچچە مىليون ئادەمنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش ، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇقنى كۆرسىتىپ بېرىش، ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىنى ئۈنتۈلۈپ قالماسلىمىز لازىمدۇر. يەنە بىرسىگە بۇ يەردە بىر ئغىز گەپنى قوشۇپ قويغۇم قىلىۋاتىدۇ.
    ==============================
    ئىقدىسادى تامامەن يىتەرلىك تۇرۇپ ، يەنىلا شۇ 5 يۈەنلىك ئوغرى نەشىردىكى Windows 8 نىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بولسا ، بۇ پەقەت ساپا ۋە ۋىجدان مەسىلىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:17
    • توغرا گەپتىن بىرنى قىپپسىز ئەخمەتجان مەخمۇت ئەپەندى ، مەنمۇ Windows 8ئىلان قىلىنغاندىن بۇيان پۇرسەت تاپساملا تەشۋىق قىلىۋاتقان ،بىر كۇنى بىر تاماق سورىنىدا Windows 8نىڭ گىپىنى قىلسام ئارىدىن داۋاملىق مىللەت ،خەلق ،يۇرىت دەپ ئىغىزدىن چۇشۇرمەيدىغان بىرەيلەن «ئۇنىڭ 5يۇەنلىك ئوغرى نەشىرى چوقۇم چىقىدۇ،248يۇەن خەجلەپمۇ سىستىما ئالامدۇ»دەيدۇ، بولمىسا ئالى مەلۇماتلىق دۆلەت كادىرى، ئالى ماشىنىسى بار،قولىدا 5مىڭ يۇەندىن ئارتۇق ئايفۇنى بار،،،،،،،،،، راس ھازىر بەزى ئۇيغۇرلىرمىز ئاغزىدا مىللەت دەپ قويغان بىلەن ساپا ۋە ۋىجدان دىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن،،،،،،،،،،،،،،،مەن ئادەم كوپ بولغاچقا نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:27
      • شۇ ئەمەسمۇ…مۇشۇنداق كىشىلەر كۆپ دەيمەن، كۆزنەك 8 نىڭ ئۇيغۇرچە چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ ھاياجانلىنىپ نەچچە كۈن ئۇيقۇسىز قالدىم، گەرچە ئىشەكنىڭ قولىقىغا غىجەك چالغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ئۇچىرىغانلىكى ئادەمگە سۆزلەپ يۇردۇم بۇ خوش خەۋەرنى، ھەقىقىي نۇسخىىسى چىققاندا يېنىمدا پۇل يوق باشقىلاردىن قەرىز ئېلىپ بىرنى ئەپ قويغان ، مانا ھازىر باشقىچە ھوزۇر، نەچچىلىگەن كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بەردىم، ئۇيغۇرچە قىلىپمۇ بەردىم، ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ كاتتا خوشاللىنارلىق ئىش بولامدۇ!!!! لېكىن مۇشۇنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدىغانلار نۇرغۇن، ئاغىنلىرىمىز قىزلارغا خەجلەيدۇ يۇزلەپ مىڭلاپ، بۇزۇپ چاچىدۇ…. گەپ بولسا ۋىجدان ۋە مىللەتتىن چۈشىدۇ، مۇشۇندا ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسى ئايان بولىدۇ… بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كىېتەر، كاللىسىدىن ئۆتۈپمۇ قالار…. ئۈستىدىكى ماۋۇ ئويغان دەك كالۋا ۋىجدانسىزلار جىق دەيمەن…
        ئالىم مۇئەللىمگە چەكسىز بەخىت، سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن …

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:52
  • يەنە بىر كاتتا ئىش بوپتۇغۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم . سىلىنىڭ ۋە مىكروسوفىت شىركىتىدىكى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىزدىنىۋاتقان ۋە ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان بارلىق يولداشلارغا رەھمەت ……….مەن شۇتاپتا ھاياجاندىن نېمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:13
  • ۋاھ، بۈگۈن مەن بۈگۈن ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خوش-خەۋەر بولدى، نىمىدىگەن ياخشى، رەھمەت سىزگە ئالىم مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:46
    • مىكىروسوفىت قايسى تىلنى كىرگۈزۈشنى ئويلىسا ، كىمنى ھەمكارلاشتۇرسا ئۆزىنىڭ قاراى بولىدۇ. قانداقتۇر مىللەت، قىرىنداش دەپ قىلدىغان ئىش ھەم سىياسىدا ھەم ئىقتىسادتا مومكىن ئەمەس. ئەگەر رىقابەت كۈچەيمىگەن بولسا، مىكوروسوفىت ئۇيغۇرچىنى ئالىم مۇئەللىمىڭىز ئەمەس ، باشقىلار بۇلسىمۇ نەتىجىسى ئوخشاشلا بولاتتى .
      قانداقتۇر مۇشۇنداق ئىشلارنى ھەقىقىيتىنى چۈشىنەلمەي بەزى ئىشلارغا زورلاپ تىڭىۋىلىشنىڭ زۆرۆررىيتى يوق.
      مىكىروسوفىتمۇ ئۇيغۇرچىنى تۇنجى بولۇپ كىرگۈزگەن مەشغۇلات سىستىمىسى ئەمەسقۇ ؟
      روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مۇستەبىت ھۆكىمەتنى قوللاپ ئەمدى ئۆكتىچىلەرنى قوللىشنى، ئۆكتىچىلەردىن روسىيە مېنىمۇ ئاخىرى قوللىدى دەپ ھاياجانلىنىپ يىغلايدىغانلار چىقارمۇ!؟
      مېنىڭچە ئەمدى سىستىمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشىنىڭ جىق ئەھمىيتى قالمىدى. قوش تىل ئوموملىشىپ بولدى، ئۇيغۇر يىزىقىنى يېزىشنى بىلمەيدىغانلارمۇ كۆپىيۋاتىدۇ، كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە باسماق خېلىلا يېراق. بۇ ئىشخانا دىتالىنىمۇ قايسى ئورگانلار ئىشلىتەر؟سىز ئۆيىڭىزدە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئارخىبىڭىزنى (个人简历)يېزىپ چىقىپ ،ھۆكىمەت ئورگىندا ئەمەس شەخسى شىېركەتلەرگە ئاپىرىپ بەرسىڭىزمۇ ئاخىرىنى ئويلىماق تەس.
      تىل يېزىقتىن مۇھىم!.بۇ يەردە ھاياجانلىنىپ يىغلىماي ، تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئۇيغۇرچە دىيېشىنى مەشىق قىلىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:33
      • بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى؟ خوشاللىقنىڭ ئۈستىگە «سەۋىر توپىسى » چاچقاندەك؟ شۇنچىلىك ئىشقا تورداشلارنىڭ خوشال بولۇشقا ھەققى يوقمىكەن؟ نەدىمۇ قوش تىل ئومۇملىشىپ، ئۇيغۇرچە سەپتىن قاپتۇدەك؟ كوچىدىكى ئىككى توكتوك «بۇززۇۋان»لارنىڭ گېپىگە قاراپ قوش تىل ئومۇملاشتى، ئۇيغۇرچە سۇغا چىلاشتى دېگەن نېمە گەپ؟ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قانچىلىك نىسپىتى دېھقان؟ ئۇ قايسى تىل، قايسى يېزىقنى ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ تىجارەتچىلىرىمىز قانچىلىك نىسپەتتە؟ ئۇلار قايسى تىل، قايسى يېزىقنى ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ قوش تىل بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەتمەيدۇ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىھال يازسا ئۆتمەيدۇ دېگەن قانداق گەپ؟ ئۆتمىسە، ئائىلىدە، سودىدا، تۇرمۇشتا، كىشلىك ئالاقىدە، يەنە نۇرغۇن يەرلەردە ئىشلىتىۋاتىمىزغۇ؟ ھۆكۈمەت تېخى «ئەھمىيىتى قالمىدى» دەپ تىل يېزىقىمىزغا چەكلىمە قويغىنى يوق، ئەھمىيىتىنىڭ بار يوقلىقى سىزنىڭ ، بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ، ئىشلىتىشىمىزگە باغلىق. ھەممە ئادەم ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىمەيدۇ، شەخىسلەرمۇ ئىشلىتىدۇ ئۇنى…
        ئەگەر «ئا» ھەرىپى 0.1 پىرسەنت ئىشلىتىلسىمۇ، بىز ئەلۋەتتە خوشال بولۇشقا ھەقلىق.
        شۇنچە چوڭ خەلقئارالىق شېركەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن خوشال بولماي، «ھەي، تىل يېزىقىمىز» دەپ ئۇھسىنىپ يۈرۈش ، ھاماقەتلىكنىڭ ئىشى…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:49
      • ئويغان: سىنىڭ نېرۋاڭ تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ،(سەن ئاۋال ئۆزەڭ ئۇيقۇدىن بىر ئويغىنىپ ئاندىن كۆپچىلىك ئۈچۈن سۆزلە) سەن بەلكىم باشقا مىللەتتىن بولساڭ، بۇ يەردە مۇشۇندق تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتامسەن يا؟
        رىقابەت دەپقاپسەن، ئەمەلىيەتتە سەن دىگەندەك مىكروسوفت پەقەت رىقابەت ئۈچۈنلا ئۇيغۇرچىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بولسا، ئۇلار سەن بىلگەن «قوش تىل مەسىلىسى، ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەسما؟ ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ 10نەچچە مىلىيون نوپۇسى شۇنچە مۇھىمما؟ بىزنىڭ تىلنى قوشمىسا مىكروسوفت ۋەيران بولۇپ كىتەرما؟ يازغان خەتلىرىڭنى كۆرۈپ سەندىن بەك ئۈمۈتسىزلەندىم، بۇ يەردە جىق گەپ قىلماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئۆزئەرك رايونى دىگەن نام ھېلىمۇ مەۋجۇت، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا 20مىللىيوندىن كۆپ ئۇيغۇرمۇ ھەم مەۋجۇت، ئۇيغۇرچىنى ساەن ئۇنتۇپ كەتكىنىڭگە پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمنى تەشكىل قىلغان جەنۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ھېلىھەم سۈيۈملۈك ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ! ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇرچىنىڭ ئىزناسى يوقاپ كەتكىنى يوق، بانكا پۈل بەرگۈلىرىدە ئۇيغۇرچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ( 74ياشقا كىرگەن، دادام پۇل بەرگۈنىڭ ئۇيغۇرچە تىلى بىلەن ھېچكىمنىڭ ياردىمىسىز پۇل ئېلىپ، پۇل يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ)، جەنۇبى شىنجاڭ شەھەر يېزىلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ۋە شەخسى يەسلىلەر ھېلىمۇ سۈيۈملۈك ئۇيغۇر تلىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ! گەر سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسەڭ، ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىساڭ جەنۇبى شىنجاڭغا كەل، مەن بارلىق چىقىمىڭنى كۆتۈرۈپ ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرسىتىپ كىلەي! يەنە باشقا پىكرىڭ بولسا خەت ساندۇقۇمغا خەت ياز:armnan0903@126.com

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:53
      • مەنمۇ باشتا ئويغاننىڭ ئىنكاسىنى ئالدىراشلا كۆرۈپ ئاچچىق يۇتۇپ چىقىپ كەتكەن، ئالدىرىماي ئىنكاس يازماقچى ئىدىم، ھازىر قارىسام ئۇيغۇر بىلەن ئارمان ئىككى تورداش ناھايىتى جايىدا ئىنكاس يېزىپ ئويغانغا تېگىشلىك جاۋابنىمۇ بېرىپ بوپتۇ.
        ھەممىمىزگە ئايان، ھازىر ئىچىمىز ئاچچىق بولىدىغان ئىشلارغا قەدەمدە بىر دۇچ كېلىپ تۇرىۋاتىمىز، مۇشۇنداق پەيتتە تۆشمۇ-تۆشتىن خۇشخەۋەرلەر كېلىپ سۇنغا دىلىمىزغا تەسەللىي بېرىۋاتىدۇ. بۇ خۇشخەۋەرلەر ئىچىدە مىكروسوفتنىڭ دۇنياۋىي مەشغۇلات سىستېمىسى Windows8 گە ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنىڭ قېتىلىشى ئارقىدىن داڭلىق ئىشخانا قورالى Office نىڭمۇ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىناتتى، بۇ خەۋەرلەر ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى كۆتۈرۈشكە قادىر ئىدى!…
        بۇنداق دىلنى غەش قىلىدىغان گەپنى قويۇپ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلساق، قانچىلىك قىلالىساق شۇنچىلىك قىلساق! مانا بۇ نۆۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدىكى تەخرسىز مەسىلىدۇر!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:09
      • سەن بەك ئويغۇنۇپ كەتكەن ئوخشىمامسەن، سەن نەلىك، ئۇيغۇرمۇ يا، كاللاڭنىڭ … بار … ئوخشايسەن. سەندەك …لارنىڭ دەدىدىن ئانا تىل يىزىغىمىز…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 01:29
        • بولدى، چېچىلماڭلار. ئالىم ئەھەت بىلوگىدا ئىناقلىقنى ساقلاڭلار. ئەمدى ئۇنداق تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بولسا، تەستىقلانمايدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:01
      • دەپ قاپسەەن باشقىلار سەندەك ……بىلىپ قال ..،.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:39
      • ئويغان سىلە بالدۇر ئويغىنىپ كەتتڭلىمۇ ياكى ئوخلاپ ئويغىنالماي ئۆزەڭلىگە ئويغان دەۋەتامسىلەر ،ئىشقىلىپ ئويغان كەن ئىسمىڭلار. ئالۋال ئالىم ئاكامدىن كەچۇرۇم سورايمەن ،سىزنىڭ تورىڭىزدا ماۋۇ ئويغانغا سەل چېچىلىپ سۆزلەپ سالدىم ،سىزنىڭ تورىڭىز ئۇيغۇر كومپىيۇترچىلىقىدىكى بىلىملەرنى بىز بىلەن خەۋەردار قىلىغان سورۇن ئىدى ،ھەرگىزمۇ مۇنداقلار بىلەن بەزى مۇناسىۋەتسىز ئىشلار توغرىسدا مۇنازىرلىشىدىغان. لىكىن سىزمۇ ماۋۇ ئىنكاسىنى ئۇچۇرۋەتمەپسىز شۇڭا مەن ئوزۇمنىڭ پىڭىرنى دادىل ماۋۇ ئويغانكامغا دەپ قۇياي .پەقەت مەنگىلا ۋەكىللك قىلىدۇ .
        ———————————
        ئويغان دەپتۇ لەركى :مىكىروسوفىت قايسى تىلنى كىرگۈزۈشنى ئويلىسا ، كىمنى ھەمكارلاشتۇرسا ئۆزىنىڭ قاراى بولىدۇ. قانداقتۇر مىللەت، قىرىنداش دەپ قىلدىغان ئىش ھەم سىياسىدا ھەم ئىقتىسادتا مومكىن ئەمەس. مەن دېدىم :مۇنكدق دەپ قۇيۇڭلا ،سىلە مىكروسولفىتنىڭ بايانات ئىلانچىىسىمۇ ياكى ئاشۇ يەردە ئىشلەمسىلە ؟ ئۇنداق ھىچنىمنىى بىلمەي تۇرۇپ پاكىتسىز گەپ قىلماڭلار ،ئەگەر ماۋۇ يۇقارقى گىپىڭلار راسىت بولسا ئىزاھلاپ قۇيۇڭلا مەن مىكروسىلفىقا تىلىفۇن قىلىپ سورىغانتىم شۇلار شۇنداق دەيدۇ دەپ .ئۇنداق ئاقىڭلىغا بىرلا ئۇرۇپ پەرەز قىلىپلا دىسەڭلەر بولماس .-
        ———————————–
        ئويغان دەپتۇ لەركى :ئەگەر رىقابەت كۈچەيمىگەن بولسا، مىكوروسوفىت ئۇيغۇرچىنى ئالىم مۇئەللىمىڭىز ئەمەس ، باشقىلار بۇلسىمۇ نەتىجىسى ئوخشاشلا بولاتتى .
        مەن دېدىم : سېنىڭ (ئەزەلدىن بىرسىنى سەنلىمەيتىم پەقەت سىز دىيىشكە تىلىم بارمىدۇغۇ ماۋۇ گىپىڭنى كۆرۇپ)ماۋۇ گېپىڭنى قارا ،سەن ئالىمكام پەقەت پۇرسەتكە يوغرا كىلىىپ قالدى ھىچقانداق ئىش قىلمىدى دىمەڭچىمۇ .قىشىڭدا بولغان بولسام راستىلا ئۇرۇشۇپ قالاكەممە(يوغان مۇشنىڭ چىراي ئىپادىسى) .مەن كەسكىن ئيتىمەنكى ئالىمكام ئۇيغۇر كومپىيتۇرچىلىقى ئۇچۇن ئالەمشىمۇر ئىشلار قىلۋاتىدۇ ،ھەي ساڭا نىمە دىسمەم بۇلا ئەمدى گپىڭدە ھەسەتخورلۇق چىقىپ تۇردۇ .
        ——————————–
        ئويغان دەپتۇ لەركى :قانداقتۇر مۇشۇنداق ئىشلارنى ھەقىقىيتىنى چۈشىنەلمەي بەزى ئىشلارغا زورلاپ تىڭىۋىلىشنىڭ زۆرۆررىيتى يوق.
        مىكىروسوفىتمۇ ئۇيغۇرچىنى تۇنجى بولۇپ كىرگۈزگەن مەشغۇلات سىستىمىسى ئەمەسقۇ ؟
        مەن دېدىم :ھەقىقىيتىنى سىلە چۇشندىغان ئوخشىمامسىلە ؟ ھىچىمكىم بىرىنچى بۇلۇپ ئويغۇرچىنى كىزگۇزدى دىمىدىغۇ، ماۋۇ ئالىمكامنىڭ تىمېسىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆزۆڭلىنى كۆچىلۋىتىپ ئويغنىنىپ قاراڭلا .ئىشخانا دىتالنىىڭ ئويغۇرچىسى چىىقتى دەپتۇ ،بىرىنچى بۇلۇپ ئويغۇرچىنى تۇنۇتتۇق دىمەپتىغۇ .
        ———————————
        ئويغان دەپتۇ لەركى :روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مۇستەبىت ھۆكىمەتنى قوللاپ ئەمدى ئۆكتىچىلەرنى قوللىشنى، ئۆكتىچىلەردىن روسىيە مېنىمۇ ئاخىرى قوللىدى دەپ ھاياجانلىنىپ يىغلايدىغانلار چىقارمۇ!؟
        مەن دېدىم ،سىلە ئەدىياتچىمۇ ياكى تارىغچىمۇ ئىشقىلىپ ماۋۇ كومپىيۇتورنى بىلمەيدىكەنسىلە ،شۇڭا ماۋۇ ئىنكاسىڭلىنى كومپىيتۇر ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرۋالمىشاڭلار ،بۇنى دىيشى ئارقىلىق ئۆزىڭلىنى تارىغىنى بىلدىغان ئۇقۇمۇشلۇق كۆرسەتمەچىمۇ بەكلا ئۇقۇمشلۇق كەنسىلە .
        ———————————
        ئويغان دەپتۇ لەركى :مېنىڭچە ئەمدى سىستىمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشىنىڭ جىق ئەھمىيتى قالمىدى.
        مەن دېدىم :ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋايىم 40كەز ئۇچتى (قاتتق غەزەپلانگەن چىراي ئىپادىسى) ،سىلنىڭچە ماۋۇ ئالىمكام يىتەكچىلىدىكى ئويغۇر سولفىتتكىلەر ئەھمىيىتى يوق ئىشلارنى قلۋاتامدا ،گەپنى ئۇدۇللا قىلاي ،سىلە قىلمايسىلەر ھەم قىلامايسىلەر باشقىلار قىسا ئەھمىيتىي جىق يوق دەيسىلە سىلدە ئىنسانىي ھۇجەيرە بارمۇ ؟ ئەسلى ھايۋان دەپلا تىللارپ كىتەي دىگەنتىم .
        ————————————
        ئويغان دەپتۇلەركى :قوش تىل ئوموملىشىپ بولدى، ئۇيغۇر يىزىقىنى يېزىشنى بىلمەيدىغانلارمۇ كۆپىيۋاتىدۇ، كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە باسماق خېلىلا يېراق. بۇ ئىشخانا دىتالىنىمۇ قايسى ئورگانلار ئىشلىتەر؟سىز ئۆيىڭىزدە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئارخىبىڭىزنى (个人简历)يېزىپ چىقىپ ،ھۆكىمەت ئورگىندا ئەمەس شەخسى شىېركەتلەرگە ئاپىرىپ بەرسىڭىزمۇ ئاخىرىنى ئويلىماق تەس.
        مەن دېدىم :قوش تىلى تىخى ئۇمۇملىشىپ بولاممىدى ،ئۇمۇملاشقان تەغدىردىمۇ ئۇ قوش تىل (ئويغۇرتىلى ۋە خەنزۇ تىلى) ،ئويغۇرچە سوزلەشنىلا ئۆگۇنۋالسا كۆمپيۇتېردا ئۇيغۇرچە باسماق نە قىيىن ،مەنمۇ مەخسۇس خەت بېسىنشى ئۆگەنمىگەن ئالىي مەكتەپنىمۇ ئىچىردە ئۇقۇغان ھازىرمۇ شاڭگەيدە خىزمەتتە ئويغۇرچىنى گۇلدەك باستىمغۇ ئەنە. بۇ ئىشغانا دىتالىنى نۇرغۇن بۇرغۇن ئورگانلار يۇقرىدىن مەركىزى خەلىق راىدىيو ئىستانىدىن (ئويغۇرچە تارقىىتىش بولىمى)تارتىپ توۋىنى يىزا قىشلاقلاردىكى ئوتتوارا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەممسى ئىشلىتىدۇ ،بۇرۇپ ئويغۇرچە بىۋاستە كىركىزگىلىى بولمىسا ئەمدى بىۋاستە كىرگىىزگىلى بولدىغان بولۇپتۇ . شىنجاڭدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىشلرىنى قولايلاشتۇرۇشتا دەۋىر بولگۇچ ئەھىمىتى بار .(سلە بىلمىسەڭلا مەن دەپ بىرەي )
        ئويغۇرچە قىقسىچە تەرجىمال مىسالىي بۇ يەرگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ ،دولىتىمىز دولەت تىلى خەنزۇتىلى شۇڭلاشقا تەرجىمالنى يازغاندا خەنزۇچە يىزىش بىرقەدەر ئەۋزەللىككە ئىگە خۇددى ئىچكىردە ئىنگىلز تلى تەجىمال تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش ئىش . بىرە ئىشقا مىسال كەلتۇر گەندە ئۇمۇملىقنى كۆزدە تۇتۇپراق مىسال كەلتۇرۇڭلا بولمىسا بەكلا بىر تەرەپلىمىىلىك ھىساپلىنىپ قايىل قىلىش كۇچى ئاجىز بۇلىدۇ .
        —————————————-
        ئويغان دەپتۇلەركى :تىل يېزىقتىن مۇھىم!.بۇ يەردە ھاياجانلىنىپ يىغلىماي ، تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئۇيغۇرچە دىيېشىنى مەشىق قىلىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ.
        مەن دېدىم :ئالىمكام يىزىق تىلىدىن مۇھىم شۇڭا ئىشخانا دىتالىنى ئويغۇرچە قىلدۇق دەپتىما ؟ (مېنىڭچە ئىككىلىىسى مۇھىم ) بانكىر نىڭ «ۋاھ، بۈگۈن مەن بۈگۈن ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خوش-خەۋەر بولدى، نىمىدىگەن ياخشى، رەھمەت سىزگە ئالىم مۇئەللىم.» ئىنكاسىغا ھاياجانىلىپ يېغلىماي دەپسىلە مېنىڭچە بانكىر ئۆز خوشاللىمىىنى ھەم ئالىمكانىڭ ئىشلارىغا بولغان رەھمىتىنى ئىتىپتىغۇ ،مېنىڭچە ئىنتاينى نورمال ئىش . ئاخىردىكى تلىغۇن نۇمىرىغا بولدى گەپ قىلمايلا قۇياي ئىشقىلىپ بىرەر ئىغىز گىپىڭز دىتىمغا ياقمىدى .بولسا ماۋۇ ئىنكاس مېنىڭ ئىنكاسىم بىلەن بىللە يۇيۋىتىلسا .بۇتورنى كىر قىلماي . (ئملائىم خاتالىق بولسا كەچۇرچەتكەيسىلەر ،خىزمېتىم ئالدىرش ،ئالدىراپلا يېزىپ سالمدىم)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:08
      • كىچىك ۋاختىمدا (غۇۋا ئېسىمدە )دادا ئاپام سىرلىق ئانا تىل يېزىقىدا خەت يېزىشنى ئۇگۇتەتى ،ئۇ يېزىقلار كوزۇمگە گۇلدەك كورۇنۇپ كەتكەن.
        مەن مەكتەپكە كىرگەندە لاتىنچە ئۇگەتتى ،مەن ئۈيگە قايتقاندا ئاتا-ئانامغا ئۇگۇتىدىغان بولدۇم.
        خىزمەتكە كىرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن سويۇملۇك ئانا تىلىمىز قايتىپ كەلدى.
        ھازىر باللىرىم قوش تىللىق ،بىرسى ئالى مەكتەپنى پۇتتەدى يەنە بىرسى ماڭماقچى .
        بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلى شۇنداق ئۈتكۇركى ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ئۇتۇپ چىقالايمىز(خەن مەكتىپىدە ئالى مەكتەپكە كوچكەن شەرەپ تاختىسىدىكى 1- 3- 4-مىللى باللارنىڭ ئىسىملىرىنى نومۇستىن بويۇۋەتكەنلىگىنى كۈرگەن).
        ئويغان………مۇشۇ ئىشلار يانا قايتىلانماسما ؟
        ئۈيغان……ئۈيلان…….10يىل…..20يىل…..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:10
      • ئويغۇر تىلدىن ئۈمۈتنى ئۆزگەن تۇنجى كىشى دەپ قامۇسقا ئىلىپ قويساق بولغىدەك! ئۈمۈتۋار بۇلۇپ ، قولچىلىق ئىدىيىسدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ساقلاپ،ئەۋلاتلارغا مەسئۇل بۇلۇپ، دەۋىرنىڭ ئالدىدا ماڭايلى!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:29
      • بۇ شەخىسنىڭ بىلوگى ،بەس مۇنازىرە مۇنبىرى ئەمەس ،بەس مۇنازىرىنى مۇنبەردە قىلىمىز ،ئىچىڭىزدە خېلى گەپ بار ئوخشايدۇ.گىپىڭىزنى ئىزدىنىشتە قىلىڭە شۇيەردە بىر دىيىشىلى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:45
      • سىز تولا نىرۋامغا چاچماي كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ گەپ قىلسىڭىز بولامدىكىن. قايسى ئىدارە-ئورگانلاردا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرتىلى يىزىقىنى ئىشلەتمەيدىكىن. ئىسىڭىزدە بولسۇن! سىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنىدا ياشاۋاتىسىز! مەن ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيىتسام مەنمۇ بىر ھۆكۈمەت خادىمى خەنزۇتىلىنىمۇ پىششىق بىلىمەن ھەم ئىش ئورنۇمدا تەرجىمانلىق قىلىمەن! تىخى ئۇيغۇرتىلى سىزدىگەندەك ئۇنداق ھالغا چۇشۇپ قالغىنى يوق !! پەقەت سىزگە ئوخشاشلارنىڭ دەستىدىن ……………………………………….. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم
        گەپنىڭ ئوچۇقى سىز خۇشال بولمىغان، ياقتۇرمىغان بولسىڭىز، بىز خۇشال بولدۇق، ئۇيغۇرتىلى ئىشلىتىۋاتقانلار خۇشال بولدى! (سىزدىن باشقا)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:28
      • دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق،بىراق ئادەمدە مىللىي غورۇر دېگەن نەرسە بار ئەپەندىم.ھېلىغۇ نۇرغۇن خۇشاللىقلار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ،ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇرلار كومپىيوتېر ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ،بىز يەنىلا بۇنىڭدىن خۇش بولغان بولاتتۇق.مېنىڭچە بۇ خىل ھېسىياتنى سىز مەڭگۈ چۈشىنەلمەيسىز،كاللىڭىزدىنمۇ ھەرگىز ئۆتكۈزەلمەيسىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 01:39
      • ئويغان، قانداق ئادەم سىز، سىز ئۇيغۇرمۇ يا؟ قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزغا قاراپ ھەيران قالدىم، قويىۋالغان ئىسمىڭىزغا لايىق ئىنكاس يازسڭىزچۇ؟
        مەن سىزگە دىسەم، مەن جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر ناھىيەدە خىزمەت قىلىمەن، ئەڭ ئاددىيسى: بۇ يەردە سىز دىگەندەك ئۇيغۇرچە ئەمەلدىن قالغىنى يوق، يۇقۇردىن خەنزۇچە چۈشكەن ھۆججەتلەرنى يەنىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سىز ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقىتىشنىڭ زۆرۈرىيتى بولمىغان office دا ئۇرۇپ چىقىپ تۆۋەنگە تارقىتىدۇ. يەنە ……
        جىق گەپلىرىم بار ئىدى، . . . . مەن سىزگە دىسەم ئەڭ ياخشىسى ئانا تىل يىزىقىڭىزنى قەدىرلەڭ، مۇشۇنداقلا پوزىتسىيەدە بولسڭىز كىينكى ئەۋلاتلىرىڭىز مەن كىم دەپ ئاچچىق نىدا قىلىدۇ.
        يەنە بىرگەپ، كۆكسى-قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ، كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسىدا بولماڭ، بىڭسىڭىز بولسا سىزمۇ ئالىم مۇئەللىمدەك ئۆز خەلقىڭىز ئۈچۈن، ئانا تىلىڭىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ، سىزدىنمۇ ئوخشاشلا پەخىرلىنىمىز، ھۆرمەتلەيمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:07
      • قوش تىل ئۇمۇملىشىپ بولدى دەپسەن!ئاپاڭ ياكى ھەدەڭ بىلەن ئاشۇ قوش تىلىڭدا بىرەر قېتىم مۇڭدىشىپ باقتىڭمۇ؟ئاشۇ قوش تىلىڭدا يىراقتىكى ئاشۇ قوش تىلى بار ئاتاڭغا بىرەر پارچە مەكتۇپ يېزىپ باقتىڭمۇ؟بولدى ئاخىرىنى سورىماي جۇما!………………

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:17
      • ئويغان ئەپەندىمنىڭ گىپىدىنلا چۈشكۈنلۈك،ياشاشقا بولغان ئۈمىدىنى ئۈزگەن،روھى مەجروھلىقنى كۆرگىلى بولدىكەن،ئەلۋەتتە بىز ئۈزىمىز تىرىشمىساق ۋە قەدىرلىمىسەك ھىچكىم تىلمىزنى قەدىرلىمەيدۇ،ئىچكىردىكى ۋاقىتتا كەچ ۋاقتى چىش چوتكىلاۋاتسام بىر مانجۇ تۇنۇشتىن بىرسى ئۇيغۇرچە چىش پاستىسىنى كۈرۈپ ھەيران قاپتىكەن،كىيىن ئېرپان لۇغىتىنى كۆردى يەنە كومپيۇتېردىن بەزى ئۇيغۇرچە تور بەتنى ئاچقان ئىدىم تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ سىلەر بەك قالتىس ئىكەنسىلەر دىگەن ئىدى،ھازىرغۇ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشنىسىمۇ ئۇيغۇرچىلىشىپ بولدى .ئېچىنىشلىقى ئۇ تۇنۇشۇم ئۈزىنىڭ يېزىقىنىمۇ يازالمايدىكەندۇق.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 23:33
      • سىز قارىغاندا شىمالىي شىنجاڭدا توغۇلۇپ چوڭ بولغان ئوخشايسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تېخى يەنىلا ئانا تىلىنى قوللىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. سىز دىگەندەك- «قوش تىل» تېخى ئومۇملىشىپ بولالمىدى. بىزنىڭ دىيارىمىزدا مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشى، جۈملىدىن مەن پەرزەنتىمنى ئانا تىلدا ئوقۇتىۋاتىمەن. سىزگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولسا، ماڭا نىسبەتەن ئەھميىتى بەك زور (گەرچە خەنزۇ تىلىنى سىزدىن بەكىرەك بىلسەممۇ)، بولدىلا…….

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:29
      • ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ كومپىيوتېردىكى قوللاش دەرىجىسى قانچىلىك دەرىجىدە ئاشسا، ئۇ پۈتۈن ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزغا پايدىلىق-ئەلۋەتتە. قانداقتۇر ، ‹‹ئۇيغۇرتىلىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەتمەيدۇ›› دەپلا، بىزمۇ ئاشۇ سەپكە قىتىلىپ، يەنە داۋاملىق خەنزۇچە سېستىما ۋە ئىش يۇمشاق دىتاللىرنى ئىشلەتسەك، بىزنىڭ ئۇيغۇرچىلاشقان سېستىمىلىرىمىزنىڭ قەدىرىنى باشقا مىللەتلەر بىزگە قىلىپ بىرەرمۇ؟
        مانا مەنمۇ مەكتەپ كومپىيوتېرخانىسىدىكى 50 دانە كومپىيوتېرغا Windows8 نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى قاچىلاپ، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم. بۇنى كۆرگەن مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى دىگۈدەك پەخىرلىنىش ئىلكىدە سۆيۈنۈپ كەتتى. مانا مەن ئالدى بىلەن ئۆز مەكتىۋىمدە(باشلانغۇچ مەكتەپ) ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق كومپىيوتېرنى ئوموملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. office2013نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىنىشنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن. ئىلان قىلىنغان ھامان ھامان مەكتىۋىمدىكى بارلىق كومپىيوتېرلارغا قاچىلانغان office2013نىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋىتىمەن .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:48
      • سەن «ئويغان» شېئىرىنىڭ يازغۇچىسى مەرھۇم ئوغلانىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــ روزى موللامغا ئوخشاش سۆزلەپ قاپسەنغۇ، ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇرتىلدىن ۋازكەچمەكچىمۇ سەن، خەنزۇتىلىدا ساۋادىڭ بەك چىقىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ، ئانا تىلىمىزغا ساتقىنلىق قىلماقچىمۇ سەن ، ھوشۇڭنى يىغىۋال(غەزەپلەنگەن چىراي ئىپادىسى)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى am 11:00
      • سەل نىرۋىڭىزدىن كىتىپ قاپسىز… بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپلا نەچچە كۈن ئۇخلىيالماي قالغانلار ئاز ئەمەس، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، كۆزنەك 8 قاچان ھەقىقىي نۇسخىسى چىقار دەپ كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتكەنتى، ئاخىرى چىقتى، سىز قارىغاندا ئىچىڭىزدىن قىزىللىشىپ كىتىپىسز … سەل كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:31
      • ‹‹ئويغان ›› دىگەن سۆزنى قايسى تىلدا قانداق يازغانلىقىڭنى ئويلاپ باق ~! ھاماقەت……………………..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:49
    • مەنمۇ خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىن. خوتەندە سىز دىگەندەك ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. 70% كە يېقىن ئاھالە پەقەت تۇلۇقسىزغىچىلا ئوقۇغان (شۇ تۇلۇقسىزغىچىمۇ ئاران ئوقۇيدۇ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئامال قىلىپ باللىرىنى مەكتەپكە بارغۇزماي ئىشقا سېلىۋېلىشنى ئويلايدۇ). شۇ ۋەجىدىن خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تۆۋەن، پەرق ئىتىش سەۋىيىسىمۇ چەكلىك. شۇڭلاشقىمىكىن ھەرخىل ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار خوتەن ۋىلايىتىنى بىر ئاپتۇ. ئاساسەن ھەممە ئادەمدە بىردىن «ئېلېكترونلۇق زەھەر» ھىسابلىنىدىغان 山寨 يانفۇن، توردا باشقىلارنىڭ يانفۇننىڭ رادىئاتسىيىسىدىن پايدىلىنىپ تاماكا تۇتاشتۇرغىنىنى كۆرگەنىدىم، تەتقىقاتچىلار 山寨 يانفۇننىڭ رادىئاتسىيىسى ماركىلىق، سۈپەتلىك يانفۇننىڭكىدىن 50 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئىپاتلىغانلىقىنى ژورنالدىن ئوقۇغانمەن. بۇنداق يۇقىرى رادىئاتسىيىسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى بەكلا ئېغىر، بۇلۇپمۇ ئېغىر ئاياق ئاياللار ئىشلەتسە بالىسىغا بەكلا زىيانلىق. ھېلىقى «ئەمىر»، «قۇتلان»، يەنە بىرقانچە ئاتالمىش «شىركەتلەر» ئىچكىرىدە ئاللىبۇرۇن ئەخلەت دەپ قارالغان بۇ ناچار ماللارنى ئۇيغۇرچە قىلىپلا رايونىمىزدا تۆكمە قىلىپ سېتىۋېتىپتۇ. خۇدايىم بۇ ناكەس «شىركەتلەر» نىڭ كۆڭلىگە ئىنساپمۇ بىرىپ قالار….
      يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشى، ئاشۇ يىراق خوتەن قاتارلىق دىيارلارنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدىكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىرقەدەر ئارقىدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زامانىۋىلىققا يۈزلىنىشىگە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. كىيىنچە كومپيۇتېرنىڭ باھاسىمۇ چۇقۇم تۆۋەنلەيدۇ، يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن ئاشۇ يېزا- قىشلاقلاردىمۇ ئادەم بېشىغا بىردىن لەپتوپ بوپ كېتەمدۇ تېخى. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس، ئۇيغۇرچە ئوففىس، ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ، ئۇيغۇرچە email سىستىمىلىرى كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تورچىلىقمۇ تېخمۇ جانلىنىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:29
    • ئويغان بۇرادەر، بىر چىرايلىق ئىسىم قويىۋاپسىز، شۇنىڭغا تۇشلۇق ئىش قىلسىڭىزچۇ! يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز بۇ يەردە ئىقتىسادتىن ئېغىز ئېچىپ قاپسىز، جۇڭگودىكى ھەر بىر ئۇيغۇر بىر تالدىن Windows8 سېتىۋالسىمۇ (بۇغۇ مۇمكىن ئەمەس) مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلى تىرىلمەيدۇ، بۇ نۇقتىنى مىكروسوفت بىلمەسمۇ! ئىش ھەرگىز ئۇنداق ئاددىي ئەمەس! سىز بۇنىڭدىن خوش بولمىسىڭىز، سۆيۈنمىسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى! ئەمما زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر (%99 دېسەم خاتا كەتمەس) بۇنىڭدىن سۆيۈنۈش ھېس قىلىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ! شۇڭا دەيدىغىنىمىز بۇ يەردە تەتۈر قويۇن چىقىرىمەن دېگۈچە قول مەشىقى قىلىپ ئىملايىڭىزنى توغرىلىۋېلىڭ، بۇنىڭ سىزگە پايدىسى بار!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:31
    • ئالدى بىلەن ، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە قايىللىقىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەن. بۇرۇندىنمۇ ھۆرمەتلەيتىم. ئۇيغۇر تىلىنى ۋە يېزىقىنى ھەرقايسى سىستىمىلارغا كىرگۈزۈشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
      ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
      مېنىڭ دىگەنلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆز-قارشى ۋە ئويلىغانلىرىم، قانداقتۇر ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى كۆرەلمەسلىك ئەمەس.win8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولغانلىقىدىنمۇ ،office2013 نىڭمۇ ئۇيغۇرچە بولدىغانلىقىدىن ، تاختا كومپىيۇتېرنىڭمۇ ئۇيغۇرچە قىلغىلى بۇلدىغانلىقىدىن مەنمۇ خۇشال.
      ئاجىزلار كۈچلۈكلەر تەرپىدىن ئىتىراپ قىلنىشقا ئىنتىلدۇ .بۇ گەپنىڭمۇ ئاساسىي باركەن.
      ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولدىغان ،بولمايدىغانلىقى مىكىروسوفىت شېركەتنىڭ تەررەققىيات پىلاننىڭ ،ئىستىراتىگىيىسنىڭ بىر قىسمى ،بىزنى ئويلاپ،كۆڭۈل بۆلۈپ قىلغان ئىشى ئەمەس.
      ئۇيغۇرچە بولمىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن دەپ ئىشلىتەلمەي قالدۇقمۇ!؟ياكى بىزنى تەرەققىي قىلالمىدى ، ئىقتىساد سەۋىيسى ئارقىدا قالدى ،كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ناچار دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇيغۇرچە قىلىپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ.
      مەن بۇ تەرەپتىن گەپ قىلسام ،مەن دىمىگەن گەپنى دەپ،بىر -بىرىگە ماس كەلمەيدىغان گەپلەرنى ماڭا قايتۇرۇپسىلەر.
      win8 ئېلان قىلنىپ ، ئۇيغۇرچە تىل بولاق چىققاندا ، مۇشۇ گەپلەرنى ئويلىغانتىم، ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتتا دېگەن بولسام.يىراقىنى ئويلىمايدىغان ، ھېسيات،كەيپىيات بىلەنلا ئېش قىلدىغانلار بۇ يەرنى قالايمىقان قىلىۋىتەر بولغىيتى؟
      خوش بولۇشقا تېگىشلىك ئېشلار ئەمما مىللەت مەسلىسىگە كۆتۈرۋالغۇدەك ئېشلار ئەمەس.
      بىكارغا پۇل بەرسە ساناپ ئال دېگەن گەپ نېمە مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ؟
      ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:04
      • ئويغان:
        مېنىڭ دىگەنلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆز-قارشى ۋە ئويلىغانلىرىم،
        =========================================
        ئۇنداقتا سىزمۇ بىرەر ئىشنى پاكىتسىز پەرەز قىلماڭ، ھەتتا سىزمۇ ھاياجانلىنىپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى دەپ، قوش تىلغا، ئارقىدىن بىر مىللەتكە كۆتۈرۈپ سۆزلىمەڭ، بۇ تېمىدا باشقا ئىش سۆزلەنمىدى. پەقەت خۇشخەۋەر يەتكۈزۈلدى.

        ئويغان:
        ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولدىغان ،بولمايدىغانلىقى مىكىروسوفىت شېركەتنىڭ تەررەققىيات پىلاننىڭ ،ئىستىراتىگىيىسنىڭ بىر قىسمى ،بىزنى ئويلاپ،كۆڭۈل بۆلۈپ قىلغان ئىشى ئەمەس.
        ئۇيغۇرچە بولمىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن دەپ ئىشلىتەلمەي قالدۇقمۇ!؟ياكى بىزنى تەرەققىي قىلالمىدى ، ئىقتىساد سەۋىيسى ئارقىدا قالدى ،كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ناچار دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇيغۇرچە قىلىپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ.
        =========
        سىز بۇ ئىشلارنى پەرەز قىلىپ باقتىڭىزغۇ دەيمەن؟ ياكى Microsoft شۇ ئىستىراتىگىيەنى ئوتتۇرغا قويغاندا يېنىدا بارمىدىڭىز؟ ياكى Microsoft ئىچكى تورىغا كىرىپ، تىل-بولىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش، يىغىن خاتىرىسىنى كۆرسىتەلەمسىز؟ ياق دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇنداق ئارتۇق پەرەز قىلىۋالماڭ. مەندىن ياندۇرۇپ سورىسىڭىز، مەن «ھەئە» دېيەلەيمەن. نوپۇس جەھەتتىن بولسۇن ياكى Windows قا يېزىقى كىرگەن تەرتىپى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇرچىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرنەچچە تىل-يېزىق مۇشۇ جۇڭگودىلا بار. كىمنىڭ ئىلتىماس يېزىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن تەستىق ئالغانلىقى، يىلدا نەچچە قېتىم قاتىراپ خىزمەتلەردىن دوكلات بەرگەنلىكىنى كېيىن دەپ بېرەي.

        مەنمۇ پەرەز قىلىپ باقاي، مېنىڭغۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق، ناۋادا «Windows مەشرىپى» ياكى «Windows ئۇيغۇرچە تىل بولىقى» ھەققىدە ئىلمىي يىغىن-پائالىيەت ئۆتكۈزۈلسە، سىز بىرىنچى بولۇپ قارشى ئالمايدىغاندەك تۇرامسىز-نېمە؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:40
      • ھەي ‹ئويغان› گىپىڭگە دىققەت قىل، ئانا تىلىمغا ھاقارەت كەلتۈرمە، سەن تۇغۇلۇپ تۇنجى بولۇپ مۇشۇ ئۇيغۇرتىلدا تىلىڭ چىقمىغانمۇ ، سەن ‹ئويغان› دىگەن تەخەللۇسنى ‹ساتقىن غالچا›غا يۆتكىۋەتسەڭ بولغۇدەك.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:34
      • ھەي ئىتنىڭ بالىسى، قارىغاندا كاللاڭ تازا جايىدا ئەمەسكەن، باشتىكى ئىنكاسىڭنى ئوقۇپ شۇندا ئاچچىقىم كەلگەنتى، ماۋۇ ئىنكاسىڭنى كۆرۈپ ئۆلتۈرۋەتكۈم كىلىپ كەتتى سىنى… سەندەكمۇ ئادەم بولامدۇ، ئۆزەڭ قالايمىغان بىلجىرلاپ يەنە ئۈزەڭنى ئاقلىغىلى قانداق تىلىڭ باردى… خەپ…ما گەپنىڭ ئاخىرىنى دىمەي جۇما………..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:45
باھا بېتى: 1 2 3 9