مىكروسوفت TechEd2012 يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت TechEd2012 يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن يەنى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىكروسوفت TechEd2012 تېخنىكا تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 2012-يىلى مىكروسوفت تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مەھسۇلات تارقىتىش يىلى ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. Windows 8 قاچىلانغان كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر،…قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى.

Windows دۇكىنىدا ھەقلىق ئەپ يوللىسىڭىز، مىكروسوفت %30 نى تۇتۇپ قالىدۇ، سودا قىممىتى 25000 دوللارغا يەتسە، مىكروسوفت %20 نى ئالىدۇ، سىزگە %80 ى قالىدۇ. مىكروسوفت يەنە جۇڭگو كۆچمە، 支付宝 قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خېرىدارلارنىڭ ئەپ سېتىۋېلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرماقچى ئىكەن.
بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە سىنلارنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ.
http://teched.zol.com.cn

ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدىكى بىر ئىنكاسقا جاۋاب بەرگەندە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى دېگەن ئىدىم، شۇڭا خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار. ئەمما 2-قېتىم (ياكى 3-قېتىم)دا تارقىتىلىدۇ. 1-قېتىمدا يەنى بىر ئاي ئىلگىرى 57 تىل بولىقىنى تارقاتقان ئىدى، كېيىنكى 50 نەچچە تىل بولىقىنى 2-قېتىمدا (ياكى 3-قېتىمدا) بۆلۈپ تارقىتىدۇ، ئۇيغۇرچە شۇنىڭ ئىچىدە بار، بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت قالمىدى، سەۋر قىلىڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
  • windows8 قانچىلىك ئورۇننى ئىگەللەيدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 19:15
    • 20 گىگابايىت ئورۇن قويسىڭىز بولىدۇ.. ئۇنىڭدىن كىچىك بۇلۇپ قالسا قاچىلانمايدۇ… قاتتىق دېسكىڭىز چوڭ بولسا، 40 ئەتراپىدا بوشلۇق قۇيۇڭ…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:48
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن windows8 دىن بىر نى چىداپلا سېتىۋالاي دىگەنتىم، توردىن سېتىۋالغاندىن سىزدىن ئالسام ياخشى بولامدىكىن دەيمەن، شۇڭا سىزدىن سېتىۋىلىش ئۇسۇلى بولسا دەپ بەرسىڭىز مەن تىزراق windows8 نىڭ پەيزىنى سۈرەي دىگەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:50
  • سىز بەلكىم بىلمىسڭىز مۆمكىن ، بۇ مەكتەپتە مەن تېخى بىزگە دەرىس بىردىغان مىللى ئۇقۇتقۇچلارنىڭ دەرىس ۋاختىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىگىننى بىلمەيمەن . ئاڭلىسام بىر قانچە ئۇقۇتقۇچى دەرىس ۋاختىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىگىنى ئۇچۇن مەكتەپ ئۇقۇتۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش بۇلىمى تەرپىدىن سىزلىپ قاپتىمىش، بىر قېتىم بىر خەن ئۇقۇتقۇچىغا ئۆلچەملىك تىلدا سۆزلىمەيدىكەن دەپ پىكىر بەرگەنگە سىنىپ باشلىغى ، ئۇگنىش باشلىغى دىگەندەكلەر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرلۇپ، ئۇزىمىزنى تەكشۇردۇق. بولدىلا ، جىق سۆزلىمەي ، خۇددى بۇ يۇرىتتا ياشاپ باقمىغاندەك ئەجەپلىنىپ كەتمىسڭىزمۇ بۇلىدۇ. كەچۇرۇڭلار،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى am 09:29
  • مەرىپەت ئىزدە، ئېرىنمە، سەرىپ ئەتكىن كۈچۈڭنى،
    بوياق بىلەن بويىغىچە يۈزۈڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى.
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ

    ئىلىم ھەقىقەت ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ… شۇنچە ئادەملەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ، سېتىۋاتقان، قوللاۋاتقان ئىشتىن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەنسىرەپ كەتكىنىدىن بەكمۇ بەكمۇ ئەجەپلىنىپ كەتتىم دېسە….
    سالاخۇنكامنىڭ مەكتىپىمۇ يا ئۇ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:01
  • مۇشۇ كاتتا يىغىنغا بارغان ، لىكىن ئالىم مۇئەللىمنى كۈرەلمەي قايتتىمدە ئەپسۇس

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،
    مۇشۇ windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە خەت شەكلى تازا كۆزۈمگە ياقمىدى ، بولسا مۇشۇنى ئەسلىيە خەت شەكلىگە ئالماشتۇرغىلى بولارمۇ ؟ بولسا قايسى خەت شەكلىنى ئالماشتۇرساق بولىدۇ مەسلەھەت بەرسىڭىز ،
    يەنە بىر سۇئالىم ، مەن ئۆز ۋاقتىسى windows7 نى 98 يۈەنگە windows8 كە ئۆزگەرتكەن ئىدىم ، كىيىن ئەرزان سېتىۋېلىپسەن ، پۇل تۆلە دىمەيدىغاندۇ ماۋۇ مىكروسوفتتىكىلەر؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:20
  • بۇ كاتتا خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:27
  • دوسلار Windows 8 نىڭ كۆرۇنمە يۇزى تورغا نورمال ئۇلانمايدۇ. تۇرۇپلا ئىشلىمەي تورغا ئۇلىنالمىدى دەپ چىقىۋالدى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟؟؟؟؟؟لىكىن ئەپ بازىرى ئۇلىنىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:51
  • دوسلار ياخشىمۇ سىلەر . بىر دانە ئىناۋەتلىك كارتىغا Windows 8 دىن نەچچىنى سىتىۋلغىلى بولىدىكەن . مەن كارتامدىن پايدىلىنىپ 3 دانە Windows 8 سىتىلغان ئىدىم . ئالدىنقى ئىككىسىنى 248 يۇەن دىن كىيىنكى بىرسىنى 98 يۇەنگە . شۇڭا بىلەلمىدىم . بىر كارتىغا قانچە Windows 8 سىتىۋالغىلى بولىدۇ.؟؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:48
  • نىانداق مىنى تىكەندەك قۇيسىلە تورداشلار، قارغاندا چارچاپ كەتكەن ئوخشايسىلەر؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:59
  • مۇشۇ windows8 نى مەكتەپ ئىچىدە بىر تەشۋىق قىلاي دىگەن ، تۇرۇپلا يەنە ئەنسىرەپ قالدىم ، ئۇقۇش پۇتەي دەپ قالغاندا بىرەسىنىڭ كىلىپ ئۇيغۇرچە بولسا نىمە بولماقچى ، نىمە مەخسىدىڭ بار ، تەشۋىق قىلىش ساتقۇچىنىڭ ئىشى دەپ تۇقۇم تۇقشىدىن قورقىمەن ، ئۇنداق قىلماي دىسەم بۇ مەكتەپتە مەندىن بۇلەك بىرەسىنىڭ بۇ سۇپىنى ئىشلەتكىنى بىلمەيمەن . (كومپىيوتېر كەسپى ۋە ئالاقىدار كەسىپتىكلەرنى ئوبدان تۇنىيمەن)بىر ئالي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى تۇرۇپ بۇپتۇ پۇل يوق ئىشلەتمىسۇن ، ھېچ بولمىسا بىلۋېلىپ باشقىلارغا كەسپى بىلىمىدىن پايدىلنىپ چۇشەندۇرۇپ بەرسىمۇ مەيلىتى.
    ئارتۇق گەپ قىپ قويدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:37
    • قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما.
      بىلگىنىڭىزگە مۇۋاپىق يۇسۇندا تەشۋىق قىلسىڭىز ھېچ زىيىنى يوققۇ…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:37
    • سىز تۇرۇۋاتقان رايون ئالاھىدە ۋىلايەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ھېسياتتا بولغانلىقىڭىزنى چۈشنىمەن .

      مەكتەپتىكى ھەممە بالالارنى يىغىپ مەكتەپ مەسئۇلىدەك تەشۋىق قىلماي . خاتىرە كومپېيۇتېرىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بىر سائەت ئانا تىل Windows8 توغرىسىدا داملاتسىڭىز . قالغان ئىشلارنى ئاشۇ بالالار قىلىدۇ ….
      كەچۈرگەيسىز …… ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 06:48
    • ms.shop.edu.cnمالا بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تەشۋىق قىلىشقا ياردەم بىرىدۇ . پەقەت مۇۋاپىق ساتالىسىڭىز ئايرىم ئۈلۈش ئايرىشىمۇ بار . بۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باققان ، بىزنىڭ باھا يۇقىرى بولغانلىق ئۇلار قۇبۇل قىلمىغان . سىز مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ، ئاندىن ئىتتىپاق كومتىتى بىلەن يوللۇق قىلسىڭىز بۇلار قوللاپ بىرىشى مۇمكىن . لىكىن چۇقۇم ساتالىشىڭىز شەرتتە…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:22
    • ئالى مەكتەپ ئوقۇپ دىپلوم ئالىدىغان ئادەم، بىر تېخنىكىنى تەشۋىق قىلىشتىن قورقۇۋاتامسىز… توۋا….
      سىز ئالى مەكتەپتە كومپىيوتېر ئۆگەندىڭىزمۇ ياكى سىياسەتمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:58
  • راست ئالىم مۇئەللىم، ماۋۇ ھاۋا رايى ئورنىدىن ئاقسۇ ياكى ئۈرۈمچى دەپ ئىزدىسەم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يوق دەپ تاپالمىدا. بۇ تورنىڭ ئىشىمۇ ياكى ھاۋا رايى ئۇچۇرىنىڭ ئىشىمۇ؟ جىق سىناپ كەتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:04
    • ياخشىمۇ سىز بۇرادەر ! سىز رايۇنىمىزنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى خەت كىرگۈزگۈچ ئۇسۇلىنى خەنچىگە تەڭشەپ ئاندىن بىۋاستە
      乌鲁木齐ياكى 阿克苏دەپلا بىۋاستە كىرگۈزسىز،بۇ ۋاقىتتا سېستىما سىز يازغان خەنچە خەتنىڭ ئالدىغا ئۆلچەملىك ھالەتتە 中华人民共和国’阿克苏دىگەن خەت پەيدا بۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بەتنى دائىم كۈرۈندىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز بۇلىدۇ. مەنچە بىۋاستە ئويغۇرچە كىرگۈزسەك تاپالايدۇ دەپ ئويلىغان. ئەمما ئويغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىزدەتسەم تاپالمىدى. شۇڭا خەنچە كىرگۈزۈشكە مەجبىۇرى بولدۇم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:51
      • ئاللاھقا شۈكىرى. ئالدىنقى قېتىم ئىزدىسەم چىقمايۋاتاتتى ئەمدى چىقىۋاتىدۇ. تەڭشىۋالدىم رەھمەت سىزگە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:55
  • قىزىلبايراق يولىدىكى ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىگە بېرىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان ۋىندوۋس8 نى كۆرۈپ كەلسەك ،ھەق ئالماسسىز؟
    ھى ھى چاقچاق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:56
    • ھەقسىز، بەلكىم يەنە قايناقسۇ دەملەپ بېرىشىمىز مۇمكىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:24
      • ھەي ئېسىت ، ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە 1800 كىلومىتىر يول بېسىپ بارغان ئىدىم ، بىر قىزىل بايراق يولىغا بېرىش نىسىپ بولماي يېنىپ كەلدىم ، بولمىغان بولسا كۆرۈۋىلىپ كېلەركەنمەن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:25
  • 支付宝باي بولىدىغان بوپتۇدە !!!!ھەي …!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:53
  • مۇئەللىم تورغا ئۇللانغان لىكىن(ئورنىڭىزنى تاپالىمىدۇق.خەرىتىگە ئۆرنىڭىزنى تىپىش ھوقۇقى بىرىپ تەڭشەپ،ئەپنى قايتا قوزغۇتۇڭ دەپ چىقىۋالدى)قانداق تەڭشەشنى بولەلمىدىم شۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:46