بۇ مىكروسوفتنىڭ ئالمىنى قوللىغانلىقىمۇ ياكى؟؟؟
[ IT خەۋەرلىرى ]Windows 10 دا iOS ئەپلىرىمۇ ئىجرا بولالايدۇ،
مىكروسوفت Windows 10 يان تېلېفونلىرىنىڭ Android (ئاندرويىد)غا ماسلىشىشى كىشىنى ھاياجانغا سېلىۋاتىدۇ، ھازىر apk نى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ، پەقەت مىكروسوفت ROM دىكى مۇكەممەل Android 4.4 نى قوزغاتسىلا بولىدۇ.
بۇ يىلقى Build يىغىنىدا، مىكروسوفت يەنە iOS قا ماسلىشىدىغان Project Islandwood پىلانىنى ئېلان قىلدى، Android (ئاندرويىد)نىڭ بولسا Project Astoria پىلانى ئىدى. ھازىر بۇ كۆۋرۈكنى تۇتاشتۇرىدىغان قورال ئاشكارە ئېلان قىلىندى.
ئەلۋەتتە مىكروسوفت iOS دىكى ئەپلەرنى Android (ئاندرويىد)دىكى apk غا ئوخشاش ئىجرا قىلمايدىغان بولۇپ، پەقەت ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ مۇشۇ قورال ئارقىلىق ipk نى تېز سۈرئەتتە Windows 10 دا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەپكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
project Islandwood پىلانىدىكى مۇھىم ئىشلار
Xcode نى Visual Studio مۇھىتىغا ئېلىپ كىرىش
Xcode ئارقىلىق يېزىلغان iOS ئەپلىرىنى ئازراقلا ئۆزگەرتىپلا، Windows 10 نەشرىدىكى ئەپنى ھاسىللاش
Visual Studio مۇھىتىدا Objective-C ئەسلىي كودىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش
iOS ئەپلىرىنى كېڭەيتىپ، Windows 10 ئورتاق ئەپ سۇپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش
مىكروسوفت ھازىر GitHub تا كودىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرچە iOS ئەپلىرىنى x86ۋە x64 بىر تەرەپ قىلغۇچ قۇرۇلمىسىدىكى Windows 8.1/10 ئۈسكۈنىلىرىدە ئىجرا بولىدىغان ئەپكە ئايلاندۇرۇشنى قوللايدىكەن.
بۇلارنى بۇ يىل كۈزدە ياكى كېلەر يىلى قىشنىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,263 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:50
- ئالدىنقى يازما :Welcome to my 10 Days of Teaching Writing Collection.
- كېيىنكى يازما :The Concept AND Appropriate Characteristics OF Throughout the world SANCTIONS
مەنمۇ كومپىيوتىرنى كۆزنەك10غا يېڭىلىغانىدىم،ئەمما كەڭ بەلۋاغلىق تور بىر ئۈزۈلۈپ كەتكەنچە قەتئىي ئۇلانمىدى.كۆزنەك7نى قاچىلىسام ئۇلاندى.ئەمدى تور ئۇلىنىدىغان كۆزنەك7نى ئىشلىتىۋاتىمەن،لېكىنغۇ بەك ئېسىل چىقىپتىكەن كاساپەت…….ھەي…………..
ئالىم مۇئەللىم، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟
win10دا بارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش بىر سېسىتما (win10) ئىشلىتىلىدۇ. دەپ ئاڭلاپ ئۈستەل كومپيۇتر، تاختا كومپيۇتېر، تېلفۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش سېستىما ئىشلەتسەك، ئۈستەل كومپيۇتېرىدا قوزغىلىدىغان exeنى تېلفۇندىمۇ ئىشلەتكىلى بولامىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن. خاتالاشقاندىمەنمۇ يا؟ خەۋەرسىز قالغاندىمەنمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز. ئاۋارە قىلدىم.
مەن خاتا چۈشىنىۋاپتىمەن، atlan نىڭ كۆزدە تۇتقىنى كومپىيۇتېر نۇسخىسىكەن ، مەن يانفۇننىڭ گېپى ئوخشايدۇ دەپ تەپسىلى ئوقۇمايلا ئىنكاس يېزىپتىمەن.
Atlanبۇرادەر ھەممىز تېخى تىل بولىقى تارقىتىلمىدى دەپ يۈرەتتۇق. ئالىم مۇئەللىممۇ سەۋىرى قىلىپ تۇرۇڭلار ھەممە ئىشلار بىر بىرلەپ بولىدۇ، تېخى تارقىتىلمىدى دەۋاتسا سىز تارقىتىلىپ بولدى دەۋاتىسىز ، رەسىملىرى بولسا يوللاپ قويۇڭە كۆرۈپ بولسىمۇ ھوزۇرلىنايلى.
Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تىل قوشۇشتىن چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز، مەن دېگەن ئىش Office 2016 نىڭ تىل بولىقى ئىدى، ھازىر بۇمۇ تاماملاندى، بۇ يىل كۈزدە Office 2016 تارقىتىلغاندا ئۇيغۇرە تىل بولىقىمى تارقىتىلىدۇ، Windows Phone دىكى ئىشلار بىربىرلەپ بولىدۇ
يامغۇر : سىز تېخى ئۇخماپسىزدە تىل بولىقى تارقالغىلى خېلى بولدى
atlan :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن بۈگۈن ۋىن10نىڭ10525نەشىرىگە يېڭىلىغان يېڭىلىسام ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق تۇردۇ خەنزۇچە بوپقالدى بۇ نەشىردە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چىقىرۋەتكەن ئوخشايدۇ، نىمە بولغاندۇ زادى بىرچىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىشلىتىۋاتاتتىم بولمىسا
———————————————-
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئەزەلدىن تېخى تارقىتىپ باقمىدىغۇ؟ ناۋادا سىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنىڭىز ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا رايوندىن رايون فورماتىنى «ئۇيغۇرتىلى(جۇڭگو)»غا تەڭشەپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن تىل تاللاشتىن «ئۇيغۇرچە»نى ئۈستگە يۆتكەپ قويسىڭىز تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ ۋە چېسلامۇ ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن بۈگۈن ۋىن10نىڭ10525نەشىرىگە يېڭىلىغان يېڭىلىسام ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق تۇردۇ خەنزۇچە بوپقالدى بۇ نەشىردە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چىقىرۋەتكەن ئوخشايدۇ، نىمە بولغاندۇ زادى بىرچىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىشلىتىۋاتاتتىم بولمىسا
wp10 10512دا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur قوشۇلۇپ Officeئەزالىرىدا ئۇيغۇرچىنى نورمال بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدىغان بوپتۇ.wp10نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان ئېلان قىلىندۇ؟
يەنە سەۋرى قىلىپ تۇرۇڭ، ھەممە ئىشلار بىربىرلەپ بولىدۇ
مۇلازىمەت ئورنىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بىلسىڭىز يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، مەن تاپالمايۋاتىمەن! سىزنى ئاۋارە قىلدىم!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم بۇتىمىدىكى ئىنكاسىمغا بىر جاۋاپ قايتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز:?p=5093
مىكروسوفتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ.
ئالىم مۇئەللىم، ھەمىشە سىزنىڭ بېشىڭىزنى ئاغىرتىۋېتىدىكەنمىز، باشقا تور بىكەتلەردە يوق بولغاچقا دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم، ۋىندوۋۇس ئون دا ئوفىس ئىشخانا ئاپتىماتلاشتۇرۇش دىتالنىڭ ماكرۇ ئىقتىدارى مەشخۇلات سېستىمىسى ئۇيغۇرچە قىلىنغان ھالەتتە خاتالىق چىقىۋېلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، خەنچە قىلىپ تەڭشەپ قويساق نۇرمال ئىشلەيدىكەن، ئوفىسنى قانداق تىلدا تەڭشىسەك ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقكەن، يەنە بىرى ئۇيغۇرچە قىلىنمىغان ئەپلەرنىڭ ئىڭگىلىزچە بولوۋېلىشنى ئوڭشاشنىڭ بىرەر ئامالى يوقمىدۇ
ئاۋارە قىلدىم
Win8.1 تاختا كومپيۇتېرنى Win10 غا يۇقىرى كۆتۈرۈش دەرسلىكى
http://alpbeg.cn/?p=1020