يېڭى دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]«ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى ئۆگىتىش سىنىپىدىكى دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلاندى، ھەركۈنى 1-2 دەرس سۆزلەۋاتىمەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەركۈنى 1 دەرس ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، 399 يۈەن ئېتىبار باھادىن ئەسلىگە باھاسى 499 يۈەنگە قايتىدۇ. دەرس پىلان بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. QQ نومۇرىدا ھەق تاپشۇرغان بولسىڭىز، بۇ دەرسنىڭ QQ توپىغا ئاپتوماتىك قوشۇلىسىز. چاغان مەزگىلىدە تېڭشۈن شىركىتى دەم ئالىدىغان بولغاچقا، 1080p (Blue ray) ئېنىقلىقتىكى سىن دەرسنى توپقا يوللاۋاتىمەن. دەرسنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,254 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 02-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:38
- ئالدىنقى يازما :Controlled Assertions That Climate Change Is Groundless
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى 2.0 (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى
تېخىمۇ كۆپ
مۇئەللىم،بۇ دىتالنى سىمسىز تور ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مەلۇم بىر تاماق يىزىش ئۈسكۈنىسى بىلەن باغلىغىلى بولامدۇ؟مەسلەن ئايپەد دىگەندەك؟ئەگەر بوپ قالسا شۇنىڭدىكى سىستىمىنىمۇ ياساشنى ئۈگۈنەمدۇق،مىسالى تاماقنى ئايپەدتە يىزىپ يوللايدىغان ئىش بولسا ،بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتايىن ios دىتالىنى ياساشنى ئۈگىنەمدۇق؟ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز.
ياق، ios دېگەن ئايرىم نەرسە، ئۇ سۇپىدىكى دېتالنى ئايرىم قورالدا ياسايمىز، مەن ھازىرچە پەقەت VB.NET بىلەن SQL Server شۇ سىستېمىلارنى ياساشنى ئۆگىتىۋاتىمەن
ھۆرمەتلىك الىم ەھەت مۇەللىم :
يازمىغا مۇناسىۋەتسىز .ىنكاس يېزىپ سالدىم
الىم مۇەللىم سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى چەتەللىك ۇقۇغۇچىلار بۈلۈمىدە خەيرىگۈل نىياز دەپ بىر ۇقۇتقۇچى بار ىكەن . شۇ خانىمنىڭ تېل نۇمۇرى بىر قازاقىستانلىق ۇقۇغۇچىغا لازىم بۇلۇپ قالغان مۇمكىن بولسا تېل نۇمۇرىنى ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز .
كەچۈرۈڭ مۇەللىم سىزنى .اۋارە قىلدىغان بولدۇم .
.ايپاد تا يازغاچقا خەتلەر قالايمىقان چىقىپ قالدى . ۆزىر
مەن ماتېماتىكا ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەيمەن، سىز دېگەن ئۇ ئوقۇتقۇچىنى بىلمەيدىكەنمەن، بىزنىڭ مەكتەپتە 1800 ئوقۇتقۇچى بار، ھەممىمىز تونۇشمايمىز، مەكتەپنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ شۇ بۆلۈمنىڭ تور بېتىنى ئاچسىڭىز، ئىشخانىلارنىڭ تېلېفون نومۇرى بار، شۇ نومۇرغا ئۇرۈپ سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.
مۇئەللىم ،مەن مۇشۇ يۇمشاق دىتال لايھەلەشكە كىچىكىمدىن قىزىقاتتىم،خەنچە ،ئىنگىلىزچىلەردىن ئازراق ساۋادىم با،كومپىيۇتىرنىڭمۇ photoshop ,corel video, دىگەنلەردىن پايدىلىنالايمەن،HTMLنىمۇ ئازراق ئۈگەنگەن،لىكىن ماتىماتىكىغا بەك ناچار،تىجارەت باشقۇرۇش دىتاللىرىنىڭ ساندان دەيدىغان يەرلىرى باركەن،شۇڭا قىينىلىپ قالارمەنمۇ؟ياكى ماتىماتىكا سەۋىيەم بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ؟
ياق، ماتېماتىكىنى ئەڭ بەك تەلەپ قىلمايدىغىنى شۇ ساندان باشقۇرۇش قوللانما دېتاللىرىنى ياساشتۇر، چۈنكى بۇنىڭ بىرنەچچە تال SQL جۈملىسىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، ھېسابلاش، ئىستاتىستىكا قىلىش، گۇرۇپپىغا ئايرىش،…دېگەنلەرنى ساندان باشقۇرۇش قورالى ئۆزى تاماملايدۇ، سىز پەقەت مەلۇم بىر كۇنۇپكىنى باسقاندا شۇ SQL جۈملىسىنى چېتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر ئىملا تەكشۈرۈش، OCR دېگەندەك دېتاللارنى ياسايمەن دېسىڭىز ماتېماتىكىنى چوڭقۇر بىلمىسىڭىز بولمايدۇ
مالىم سىزدىكى ئەقلىي قۇۋۋەتكە سەل پەل ھەيران قېلىۋاتىمەن. مەكتەپتىكى ۋە شىركەتتىكى ئىشلارنى دېمەيلا تۇرايلى، ھەقسىز دەرس ھەقلىق دەرسلەرنى تەييارلاۋاتىسىز يەنە زېھنىڭىزنىڭ يېرىمىنى دېگىدەك ئاتالمىش ماۋۇ سېتىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مۇلازىمەتلەرگە كېتىۋاتقاندەك . كىشىگە سەت كۆرۈنگۈم يوق، بىراق دەرسخانا چ چ توپ ۋە مۇشۇ بلوگلاردىكى ئايىغى چىقماس بىساناق مەسلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىپ يەنە مۇلازىمەت قىلىپ سىزدىكى كاللا قانداق كاللىدۇ. بىرەر مەسئۇل خادىم قويسىڭىز بولمامدۇ. ھەراست «چىپار كود»دېگەن ئاتالغۇنى كارامەت ياساپ تاشلاپسىز جۇما، كۆرۈپ بىر ھازا كۈلۈپ كەتتىم. يامان شۇشەن چىقىپتۇ.
مەنمۇ ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى ياساشقا قىزقىمەن ، بىراق ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلمىسى تۈپەيلىدىن بۇ پۇرسەتتى ئۆتكۈزۈپ قويۇپتىمەن ، مومكىن بولسا سىز ھازىر سۆزلەۋاتقان دەرسلىكىنىڭ زاپازلاپ قويغان سىن ھۆجىتتى بارمۇ ؟ بار بولسا تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟ ھازىر باھاسى 399 يۇەن ئىكەن ،
تىزىملاپ كىرسىڭىز سىن ھۆججىتىنى كۆرەلەيسىز ھەم چۈشۈرەلەيسىز، شۇنداق يەنە 3 كۈنگىچە 399 يۈەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،سىز دىگەن توپقاقايتا-قايتا خەت يېزىپ كىرەلمىدىم،ئېغىر كۆرمەي قېتىپ قويغان بولسىڭىز، دەرسنىڭ ئاخىرىغا بەك تەقەززا بۇلۇپ كەتتىم،دەرسكە يىتىشەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم QQ:315485662
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئالىم ئەخەت مۇئەللىم مىنى توپقا قوشۇپ قويسىڭىز بولاتتى،مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان توپقا قايتا قايتا ئىلتىماس قىلىپ كىرەلمەيۋاتىمەن
دەرسلىكنى ئۈندىدارنىڭ ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ دەرسلىكنى كۆردۈم ،مىنىمۇ توپقا قوشۇپ قويسىڭىز بولاتتى،دەرسلىكنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئۈگىنىپ ماڭسام دەيمەن
ئۈندىدار دىكى ئىسمىم ئەركى
ئۈندىدار نومۇرۇم qq345079898
چ چ نومۇرۇم 345079898
چ چ دىكى ئىسمىم qin sirdax
مەن چىن سىرداش دەپ ئىلتىماس قىلسىڭىزلا بولاتتى. ھازىرغا قەدەر بىرەرسى مەن qin sirdax دەپ توپقا كىرىمەن دەپ باقمىدى. توپقا كىرىمەن دېگەنلەر ئۆز لەقىمى بىلەن كۆرۈنىدىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،سىز دىگەن توپقاقايتا-قايتا خەت يېزىپ كىرەلمىدىم،ئېغىر كۆرمەي قېتىپ قويغان بولسىڭىز، دەرسنىڭ ئاخىرىغا بەك تەقەززا بۇلۇپ كەتتىم، QQ:315485662
مەن يۈسۈپجان تۇرسۇن دەپ ئىلتىماس قىلسىڭىزلا بولاتتى. بولمىسا مەن Space X, Jubgle Man دېگەندەك ئىسىملاردا ئىلتىماس قىلسىڭىز قانداق بىلىمەن. توپقا كىرىمەن دېگەنلەر ئۆز لەقىمى بىلەن كۆرۈنىدىكەن. مەن يۈسۈپجان تۇرسۇن دەپ كۆرۈنمەيدىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم،سىز دىگەن توپقا ئۇچۇر يوللاپ كىرەلمىدىم،ئېغىر كۆرمەي مىنى قېتىۋالغان بولسىڭز: QQ: 315485662
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەرسلىرىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم،سۆزلىگەن دەرسلىرىڭىز ناھايتى چۈشىنىشلىك ۋە سۈپەتلىك بوپتۇ،شۇ مۇناسىۋەت سىزگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن! بۇ قېتىمقى ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالىنى ئېچىش دەرسلىكىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن سېتىۋالغانتىم، ئويلىغىنىمدەك دەرىسلەرنى بەك ياخشى سۆزلەپسىز، 第2章-第4节 关系数据库的范式 دىگەن دەرستىن كىيىن ئىككى كۈن بولدى، تېڭشۈن دەرسخانىسىدا يېڭى دەرسلىك كۆرمىدىم، دەرسلىك پىلانىدا باشقا ئۆزگىرىش بۇلۇپ ۋاقىتلىق دەرسلىك ئۆتمىدىڭىزمۇياكى نەق مەيدان دەرسلىك سۆزلەنگەن بولسا مەن قاتنىشالمىدىمۇ ؟ چ چ توپقا خەت يازاي دىسەم بارلىق ئەزالارنىڭ ئىنكاس يېزىشى بىردەك چەلىنىپتۇ،شۇڭا يۇقارقى مەسىلىلەرنى چۈشىنەلمەي خەت يازدىم،ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ئۇستاز
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى دەرس تەستىقلانمايدىكەن، شۇڭا مەن بۇ توپقا يوللاۋاتىمەن.
Visual Basic .NET 程序设计
群号: 390039985
مۇشۇ توپقا كىرىمەن دەپ ئىلتىماس قىلسىڭىز، مەن تەستىقلاپ قويسام بولىدۇ
مۇئەللىم مەن سېتىۋالغانتىم مېنڭ كىرگۈزسىڭىز بوپتىكەن
چچ ئىسمىم ablat
قوشۇپ قويدۇم ھازىر
مەن بۈگۇن چۈشتە پۇل تۆلىگەنىدىم ، ئاپتۇماتىك ھېلىقى توپقا قېتىلغانىدىم ، ئەمما باياتىن ئالىم مۇئەللىم مېنى تىپىپ چىقىرۋەتتى ، مەلىم ، بىر تەشكۈرۈپ بېقىڭ ، چ چ 1106177790
مەن تېڭشۈندىن 5-چېسلاغىچە پۇل تاپشۇرغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئېرىشتىم، شۇڭا شۇ تىزىملىكتە يوقلارنى چىقىرىۋېتىپ تۇردۇم، چۈنكى 10 غا يېقىن ھەق تاپشۇرماي كىرىۋالغانلارمۇ بار ئىكەن، بۇنداق قىلساق پۇل تاپشۇرغانلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىكەن، ئادىللىق بولمايدىكەن، سىز قايتا ئىلتىماس قىلىڭ مەن قوشۇپ قوياي.
تەپمىدىم، ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكەن ئىدىم، ئەمدى قوشۇپ قوياي
بولىدۇ رەھمەت مۇئەللىم كەچتە ياكى ئەتىلا تىزىملىتىمەن
مۇئەللىم ھازىر ھەقلىق دەرسكە پۇل تۆلىسەك يەنە پۇل تۆلىمىدىڭىز دەپ چىقىۋالماس ھە
پۇل تۆلىگەن بولسىڭىزلا ئۇنداق ئىش مۇمكىن ئەمەس يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى تېڭشۈننىڭ پۇل ئېلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇكەممەل، سىز پەقەت QQ باغلىمىغان ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلىگەن بولسىڭىز، ئاندىن بۇ باغلانمىغان QQ بىلەن دەرسكە كىرىمەن دېسىڭىز، پۇل تۆلىمىدىڭىز دەپ چىقىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تېڭشۈننىڭ ئىشى ئەمەس سىزنىڭ ئىشىڭىز بولىدۇ. ئۈندىداردا پۇل تاپشۇرغان بولسىڭىز، ئۈندىدار نومۇرىدا كىرىڭ. چۈنكى ئۈندىدار ئايرىم نەرسە QQ ئايرىم نەرسە، بۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىمۇ ئايرىم، ئەڭ ياخشىسى بۇلارنى باغلىۋېلىڭ.
مۇئەللىم ھازىر ھەقلىق دەرسكە پۇل تۆلىسەك يەنە پۇل تۆلىمىدىڭىز دەپ چىقىۋالماس ھە