Surface Pro3 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى ]تۆنۈگۈن ئاخشام (2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9 ) Microsoft شىركىتى نىيۇيورك شەھرىدە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا Microsoft شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تاختا كومپيۇتېرى surface pro3 ئېلان قىلىندى. يىغىننىڭ باشلىنىش قىسمىدا Microsoft نىڭ يېڭى CEO سى ساتىيا نادىللا سۆزلىدى.
surface pro3 تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ھازىر بازاردىكى ھەرقانداق بىر تاختا كومپيۇتېردىن يۇقىرى بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ تولۇق ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى.
بۇ تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئىكران چوڭلۇقى 12 دىيۇمغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ لەپتوپ (يان كومپيۇتېر)غا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ئىكران ئېنىقلىقى 2160x 1440 بولۇپ بازاردا سېتىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم لەپتوپ كومپيۇتېرلاردىن يۇقىرى. CPU غا Intel نىڭ i3,i5,i7 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى ئىشلەتكەن. ئېغىرلىقى 800 گىرام، قەلەم ۋە ماگىنىتلىق كونۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن. قىسقىسى بۇ لەپتوپنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاختا كومپيۇتېر.
ئىكراننىڭ، ئىكراندىكى سىنزورلارنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى يوقۇرى بولۇپ خاتىرىگە خەت يازغانغا ئوخشاش يۇقۇرى ئىنىقلىقتا قوليازما خەتلەرنى يازغىلى، رەسىم سىزغىلى بولىدۇ. قەلىمىگە سۈرەت تارتىش كونۇپكىسى ئورنىتىلغان بولۇپ قەلەم كونۇپكىسىنى بېسىپلا كامىرادا سۈرەت تارتقىلى، تور بەتلەردىن رەسىم تۇتقىلى، تاقاق ھالەتتە قەلەم كونۇپكىسىنى بېسىپ تاختا كومپيۇتېرنى بىۋاستە قوزغىتىپ خاتىرە پىروگراممىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ.
Adobe شىركىتىمۇ سەزمە ئىكرانلىق windows لار ئۈچۈن photoshop نىڭ مەخسۇس نۇسخىسى ياسىغان بولۇپ surface كومپيۇتېر بىلەن ناھايىتى ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ.
ئىزاھات: سارۋان بىلوگىدىن ئېلىندى
http://www.elierkin.com/blog/news/surface-pro3/
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,944 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 15:10
- ئالدىنقى يازما :2-باسقۇچلۇق تەربىيەلەش پات ئارىدا باشلىنىدۇ.
- كېيىنكى يازما :ئاتا-ئانىمىزنىڭ نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە قانداق يۆتكەيمىز؟
ھاھاھا… ئەلى بەگىنىڭ سۇئالىغا ئالىم مۇئەللىم چاياندەكلام چاۋاپ بېرىپتىغۇ….. نىمانداق نەق كەلگەن جاۋاپ بۇ؟ (كۈلۈپ ژۇمۇلنۇپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى..)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، Office 2013 ئۇيغۇرچە تونۇمدىغاندۇ ،، بۇ تاختا كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولامدىغاندۇ
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن بەز بىر كومپىيۇتىر يۇمشاق دىتاللىرىغا ئائىت بىلىملەرنى ئىلىشقا بەك قىززىقىمەن ئەمما. قەيەردىن ئىزدەشنى ھەم قانداق باشلاپ ئىدىنىشنى بىلمەي قالدىم . يول كۆرسەتسىڭىز…………………
مالال قىلدىم
قايسى نەرسىلەرنى دەيسىز؟ ئېنىق دېمەمسىز دەيمەن. بۇنداق ئەھۋالدا سىزگە بېرىدىغان جاۋابىم ئۇنداق بەزى بىلىملەرنى بەزى تورلاردىن ئىزدەپ تاپالايسىز خالاس.
ھا ھا……
توغىرا بەزى بىلملەرنى بەزى تورلاردىن كۆرۋالسا بولدۇ
ئالىم مۇئەللىم، windows phone 8 دىكى ئۇيغۇرچىدىكى ئائىت گەپ-سۆزلەر يوقاپ كەتتىغۇ؟ 4-ئايلاردا خۇش خەۋەر بار دېگەن ئىدىڭىز، لېكىن ھازىر 6-ئاي كىرەي دەپ قالدىغۇ…
بەزى ئىشلارنى مەن راستىنلا بىلمەيمەن، يەنە بەزى ئىشلارنى مەن دېسەم بولمايدۇ.
مەن تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغىنىنى ئالغان ئىدى. مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە گەپ كەتمەيدۇ. قاراپ ئولتۇرغۇدەكلا…
باھاسى بىزگە نىسپىتەن يەنىلا قىممەت،ئۇيغۇرسوفت ئۆزىنىڭ تاختا كومنى چىقارسا ياخشى بولاتتى.
ئالىم مۇئەللىم جاپا تارتتتىڭىز رەخمەت . باھاسى قانچە ئەتراپىدا بولا بۇنىڭ؟
مىكروسوفتنىڭ پائالىيىتىدە ئىشلەتكەن ماشىنىغا Dropbox قاچىلىۋاپتۇ، OneDrive مۇ ياخشىتى… لېكىن مەنمۇ ھەر ئىككىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
نىمانچە قىممەت كومپىيۇتېر بۇ، بۇ خىلدىكى ئېلىكتىرون مەسھۇلاتلىرىنىڭ باھاسى سەل چۈشكەندە ئالمىسا ئادەمگە زىيانلا چىقىدىكەن
باھاسى سىپىۇسىنىڭ تىپىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىكەن. مانا باھاسى
Intel i3 64GB ¥ 5,688
Intel i5 128GB ¥ 7,388
Intel i5 256GB ¥ 9,688
Intel i7 256GB ¥ 11,088
Intel i7 512GB ¥ 13,988
Intel i3 64GB ¥ 5,688
Intel i5 128GB ¥ 7,388
Intel i5 256GB ¥ 9,688
Intel i7 256GB ¥ 11,088
Intel i7 512GB ¥ 13,988
ئاڭلىسام مۇشۇ يىل مېترو ئۇسلوبىدىكى Office 2013 نى تارقىتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان . ئۇ چاغدا قولدا مەشخۇلات ئېلىپ بارغاندا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى . لىكىن بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتتا سۈزۈكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سىنبەلگە ۋە تىزىملىك قاتارلىقلارنى بارا بارا چوڭايتىسا كىيىن ئايرىم نۇسقىدىكىنى ياساش ھاجىتى قالماسلىقى مۇمكىن.
نوچىكەن، ئەمما باھاسى تەخمىنەن قانچە دوللاردۇ؟
بۇ surface كومپيۇتېر يەنە بىر ئىنقىلاب ئېلىپ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ جۇمۇ. سەپلىمە، ئىقتىدار، ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسى جەۋەتلەردىن باشقا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چۆچۈتۈش ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. ئېكرانىنىڭ چوڭلىقىمۇ ياخشى ئويلىشىلىپتۇ. باھاسى قانچە چىقار بۇنىڭ؟
باھاسى قانچە ئەتراپىدا بولا بۇنىڭ؟
http://www.microsoftstore.com.cn/%E7%B1%BB%E5%88%AB/Surface/Surface-Pro-3/p/0660-00000?WT.mc_id=msftcn_Baidu_Surface-Pro3_14052104
بۇ ئۇلانمىدا بارئىكەن
surface pro يۈرۈشلۈك تاختا كومپيۇتېرلىرى ھەقىقەتەن نادىر مەھسۇلاتلاردۇر. Microsoft نىڭ بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش روھىغا بەكمۇ قايىل جۇمۇ مەن…