قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى 1 ئاي ئىشتىن توختايدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى 1 ئاي ئىشتىن توختايدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئېنىق بىلىشىمىزچە 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىنىڭ 3-قەۋەت ۋە 4-قەۋەت زىننەتلىنىدىكەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق زىننەتلىنىشى بولۇپ، بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى 2-قەۋەت پۈتۈنلەي ئىشتىن توختاپ، بىر تۇتاش زىننەتلەنگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە 3-قەۋەت ۋە 4-قەۋەتتىكى بارلىق دۇكانلار پۈتۈنلەي كۆچۈپ، تىجارەتتىن توختايدۇ. 4-قەۋەتكە جايلاشقان «ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى»مۇ بىر ئاي ئىشتىن توختايدۇ. يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز.

ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز!
    مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە تەربىيلىنىشكە كەلگەن بىر خەلىق ئوقۇتقۇچىسى،سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى قىزىقىپ كۆرىدىغان ئىشتىراكچىڭىز.گىپىمىزگە كەلسەك قىزىل بايراق كومپىيوتىر بازىرىنى بىرئاي ئىشتىن توختايدۇ دەپتىكەنسىز،ھازىر بىرئاي بولدىغۇ دەيمەن،دۇككانلار ئىشقا كىرىشتۇرۇلگەنمىدۇ؟(ئۇ تەرەپلەرگە بېرىشقا پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمىدىم،دەم ئېلىش يوق)مىنىڭ خاتىرە كومپىيوتىر سېتىۋېلىش ئۇيۇم بار ئىدى،سىزنىڭ دۇككىنىڭزدىن ئالاي دىگەن،ئۆزىڭىز بۇكەسىپنىڭ ئەھلى بولغانلىقىڭزئۈچۈن ماڭا ياخشىراق خاتىرە كومپىيوتىر سېتىۋېلىشىمغا ياردەم قىلارسىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:29
    • ئەسلىدە بۇ گەپنى ئۇلار دېگەن ئىدى، مەن بۇ يەرگە چاپلاپ قويغان. لېكىن ھازىرغىچە پۈتتۈرۈپ بولالماپتۇ. ھېيتتىن كېيىن قالىدىغان ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ يەرگە ھەممە ئادەم كۆچۈپ بازار بولغۇچە ئاي ئاخىرى بولۇپ كەتكۈدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە سېتىلىدىغان خاتىرە كومپيۇتېرمۇ يوق، بەيخۇاسۈن كومپيۇتېر بازىرىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: SONY, DELL دېگەندەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:24
  • رەھمەت ، ئىشىلتىۋاتقىنىم Windows8 سۇپىسى. قارغاندا يەنىلا نەشىرىنى كۈتۈرمەي تۇرسام بولغۇدەك . قايتا قايتا قاچلاش بەك ئاۋارىچىلىقكەن . رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:51
  • 8.1 گە قانداق نەشىر كۈتىرمىز ، ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:46
    • 1.ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز win8 بولۇپ win8.1 كۆتۈرمەكچى بولسىڭىز win8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ياخشى ساقلاڭ.چۈنكى win8.1 نىىڭ رەسمىي نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان ۋاقتىدا ئاشۇ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئىشلىتىسىز.
      .ئالدى بىلەن Microsoft نىڭ ئورگان بېتىدىن win8.1 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ.
      .ئاندىن قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلىسڭىز بولىدۇ.
      2.ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز win7 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرى بولۇپ قالسا دېسكىغا ئويۇۋېلىپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

      تەۋسىيە:كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى رەسمىي سىستېمىغا ئالماشتۇرماڭ، پەقەت مەۋھۇم كومپييۇتېرلارغا قاچىلاك كۆرۈپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:26
  • ما توربەتكە يىڭىدىن ئىزدەش ئىختىدارى قوشۇلدىمۇ نىمە، ۋە ياكى بۇرۇندىنلا بار بولسا مەن ئەمدى بايقىدىممۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 17:05
  • مەيلى قايسى تىل بولسۇن، پىششىق ئۆگەنسىڭىز، تەپەككۇرىڭىز جانلىق بولسىلا يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يېتەلەيسىز. بەك بىلەلمىدىم دېسىڭىز ++C ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن قالتىس پىروگرامما ئېچىش تىلى.
    JAVA بۇ راستىنلا قالتىس! بۇ سۇپا ئاتلىيالايدۇ. يەنى سىز بىر پىروگرامما ياكى يۇمشاق دېتال ئاچسىڭىز ۋىندوۋس، مەك ئو ئەس(ئالما مەشغۇلات سىستېمىسى) شۇنداقلا ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا بىمالال ئىجرا بولالايدۇ. ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ماتېرىيالى بامۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن. بار، http://3dlar.com/ كىرسىڭىز JAVA ۋە ++C دەرسلىكلىرى بار. سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. VB دەپ قالدىڭىز. بۇمۇ ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن قالتىس پىروگرامما ئېچىش تىلى. ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز VB.NET 2012 نى ئۆگىنىڭ. بۇنىڭمۇ ئۇيغۇرچە دەرسلىكى بار http://WWW.ALTAXNA.COM غا كىرىپ ئۆمەرجان مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بۇنىمۇ پۇلغا سېتىۋالىسىز، ئەلۋەتتە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:02
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۇرۇستا ئوقۇماقچى ئىدىم، قايسى تىلنى ئۆگىنىشنى بىلەلمىدىم، كومپىيوتىر تىللىرىنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار بولامدۇ؟
    C تىلى ….مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە.
    +C ….مۇنداق،
    ++C….مۇنداق،
    VB ….مۇنداق،
    JAVA ….مۇنداق،
    ئىشلەش مۇھىتى،ئارتۇقچىلىقى،كەمچىلىكى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى بەرسەڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:30
    • ھازىر ماۋۇ پىروگىرامما تىلى ياخشى، مۇنداق ئالاھىدىلىكى بار؛ئاۋۇ تىلنىڭ مۇنداق كەمچىلىكى بار،دېگەندەك گەپلەرگە ئاساسەن خاتىمە بېرىلدى. +c دەپ كومپيۇتېر تىلى يوق.مېنىڭ شەخسى تەۋسىيەرىم ++c نى ئۆگىنىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:11
    • «JAVAنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يوقىرى،بۇ ئارقىلىق ئەڭ مۇكەممەل پروگىراممىلارنى تۈزگىلى بۇلىدۇ،ئەمما خاككېر بولغىلى بولمايدۇ.خاككېر بولاي دېسىڭىز ++Cنى ئۆگىنىڭ!»بىرى ماڭا ئاددىيلا قىلىپ شۇنداق چۈشەندۈرگەن.ئەڭ ياخشىسى قالغىنىنى ئالىم مۇئەللىم ۋاقتى يار بەرسە قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قويسا ياخشى بولاتتى!دېمىسىمۇ نۇرغۇن كىشى بۇلارنىڭ بىر خىل كومپىيۇتېر تىلى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ-يۇ،ئەمما پەرقىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيدۇ،خۇددى مەندەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:24
  • ئەزانكەن دەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بىقىڭە قېنە! كومپيوتىرىڭىزنى ھوددەس كىرەكتىن چىقىرىپ، قالاپ ئولتۇرمىسىڭىز ھىساپ ئەمەس، خەقنىڭ ئەمگىكىگە ھورمەت قىللى. مەن ئېپقويغان 4نى توپ باھادا بىرىمەن. ئېپ قۇياڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:19
باھا بېتى: 1 2