قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى 1 ئاي ئىشتىن توختايدۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئېنىق بىلىشىمىزچە 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىنىڭ 3-قەۋەت ۋە 4-قەۋەت زىننەتلىنىدىكەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق زىننەتلىنىشى بولۇپ، بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى 2-قەۋەت پۈتۈنلەي ئىشتىن توختاپ، بىر تۇتاش زىننەتلەنگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە 3-قەۋەت ۋە 4-قەۋەتتىكى بارلىق دۇكانلار پۈتۈنلەي كۆچۈپ، تىجارەتتىن توختايدۇ. 4-قەۋەتكە جايلاشقان «ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى»مۇ بىر ئاي ئىشتىن توختايدۇ. يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز.
ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,438 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 06-ئاينىڭ 21-كۈنى am 9:28
- ئالدىنقى يازما :بۇ ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولار؟
- كېيىنكى يازما :غۇلجىغا سەپەر
تېخىمۇ كۆپ
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرنداشلار:
بۈگۈن كۆزنەك 8.1 نى ئىلان قىلغان بولسا كۈرۈپ باقاي دەپ يېڭىلانما تەكشۈرسەم ھېچنىمە يوق ،تېخى ئېلان قېلىنمىدىمۇ ياكى كومپىيوتىرىمدىكى مەسىلىمىدۇ؟
مەنمۇ 8.1گە كۇتۇرەلمىدىم. بۇ نىمە ئىشتۇ؟
تۇنجى قېتىملىق ئاكتىپلانغان ئۇيغۇرچە Ghost Windows8 نەشىرى ئىشلەندى(32لىك)، بۇ سىستېمىنى خاتىرە كومپىيۇتېر، ماركىلىق-ماركىسىز كومپىيۇتېر، قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر قاتارلىقلار بارلىق كومپىيۇتېرلارغا قاچىلاشقا بولىدۇ، ئاكتىپلاشتۇرۇش ھاجەتسىز، سىزگە ھەقىقىي Win8 نىڭ تۇيغۇسىغا ئېگە قىلىدۇ، قاچىلىنىشى تىز بولۇپ سېستىما 360 ۋىروسخورى ئارقىلىق تازلانغان، ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
تەپسىلى مەزمۇنى ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈۋېلىڭ
بەيدۇ تور دىسكىسى چۈشۈرۈش مەنزىلى
ئوغرى نەشىرگە قارشى تۇرىمىز .بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئوغرى نەشىردىكى كۆزنەك 8 ………2يۈز يۈئەن بەك قىممەت ئەمەس . ھەممىمىز قوبۇل قىلالايمىز .
كومپىيوتىرچىلىقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇنداق ئوغرە نەشىرنى چەكلەيلى ! شۇڭا بۇ تېمىنى مەقسەتلىك تەستىقلاپ قويدۇم .
چۈشۈرۈش ئولىنىشىنى چىقىرىۋەتتىم .
ئوغرى نەشىرىگە قارشى تۇرۇپسىز-يۇ،باشقىلارغا قاياققا مېڭىش توغرىلىق چىراق يېقىپ بېرىپسىز.ئوغرى نەشىرىنى،تېخى«ئەرۋاھ نەشىرى»نى200يۈەن دېدىڭىزما؟ماۋۇ گەپكە ھېچ چىداپ بۇلالمىدىم!«رەسمىي نەشىرى»نىڭلا بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چاپلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ دېسە!(ھەقسىز)؛بولدىلا ئۆزۈمنى بېسىۋالاي!كۆزنەك8نىڭ رەسمىي نەشىرىدىن بىرى بار بولسىمۇ،لېكىن يەنىلا كومپىيۇتېردىكى ئەسلى بار بولغان كۆزنەك7نەشىرىنى(رەسمىي نۇسخا)ئىشلىتىپ كېتىۋاتىمەن،ياراتمىغۇدەك ھېچ يېرى يوق!
مۇئەللىم ئېلخېتىم باردىمۇ؟
alpbeg@live.com
مۇشۇ ئېلخەتتىن.
باردى، لېكىن مەن ھازىر سەپەردە.
Windows 8 Pro upgrade مۇشۇ نۇسخىسىنى سىتىۋىلىپ باشقا نۇسخىسىنى Windows 8 upgrade مانۇسخىسىنى قاچىلىسا ئەلۋەتتە ئاكتىپلانمايدۇ دە
دوستلار ياردەم قىلساڭلار! تۈنۈگۈن بىر توردىشىمىزغا ئۆزۈم ئېلىپ ساقلاپ قويغان ۋىندوۋس8 نى نەشر يۇقۇرىلىتىش ياردەمچىسى ئارقىلىق ئاچقۇچ نومۇرنى كىرگۈزۈپ قاچىلىغان. لېكىن كومپيۇتېر قوزغالغاندىن كېيىن ئاكتىپلانمىغان دەپ چىقىۋالدى. cmd /slmgr/ ئاچقۇچ نومۇر شەكلى بويىچە ئاكتىپلاش نومۇرنى كىرگۈزسەم 成功地安装了产品密钥 3B77M-TGHDF-XXXXX-XXXXX-XXXXX دەپ چىقتى(Xلەرنىڭ ئورنىدا ئاچقۇچ نومۇر بار ئەلۋەتتە).دەپ چىقتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟
چ چ:295415322
سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز يەر ئاستى 2-قەۋەتتىن ئۈستى 2-قەۋەتكىچە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
بۇنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇ ئۇقتۇرۇش ئېنىق، ھازىر بەزىلەر كۆچۈشكە باشلىدى.
ئۇقتۇرۇشتا 3-قەۋەت ۋە 4-قەۋەت تاقىلىدىكەن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمئىي 40 دۇكاننى قوغلاپ چىقىرىدىكەن. بەلكىم بۇ شامال بىلەن (مۇشۇنداق بىر باھانە بىلەن) «ئۇيغۇرسوفت» سېتىش بۆلۈمى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرى ئۇ يەردە ئەمدى مەۋجۇت تۇرالامدۇ-يوق؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ تېخى.
ئۇنچىلىك بوپ كەتمەس،لىكىن بىر ئەھۋال بەك ئېغىركەن،بىر شىركەتنىڭ مەلۈم بىر ماركىنى مونوپۇل قىلىۋالىدىغان ئىشى. بۇرۇنمۇ بەزى شىركەتنىڭ نەچچە دۇكىنى بولىدىغان،لىكىن ھازىر قارىسام بەزى ماركىلارنىڭ ھەربىر قەۋەتتە بىردىن ئىككىدىن ھەتتا ئۇنىڭدىن جىق دۇكانلىرى بار ئىكەن،مەھسۇلات باھاسى ئوخشاش، ساتىدىغان ئادەملىرى دۇكانلار ئارا ئالمىشىپ قالغاندا ،مەيلى قايسى دۇكاندىن سۇدىدا پۈتۈشكەن بىلەن يەنىلا شۇ ياندىكى بىر چوڭ شىركەتتىن مال چىققاندا قوسقۇمغا جىن كىرىپ قالدى،بۇلار پۇل تاپقانسىرى دۇكاننى بولىشىغا ئىجارە ئېلىپ ،پۈتۈن پارچە سېتىش بازىرىنى مونوپول قىلىۋالدىمىكىن دىدىم.بۇنداق قىلغاندا بازارنىلا ئەمەس باھانىمۇ مونوپول قىلغىلى بولىدۇ،سودىگەرگە بۇنىڭدىنمۇ خوش ياقىدىغان ئىش يوققۇ دەيمەن. ئەمدى سىلىگە دۇكان يوق بوپ قالسا قاملاشمىغان ئىش بولىدۇ.قوغلايدىغان ئىش بولسا شۇنداق مونوپولچى گۇيلارنىڭ نەچچىنى قوغلىسىلا دۇكانلار خېلى كەڭچىلىك بوپ قالاتتى.
بىز ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك . خەق جۈرئەت قىلىلىسا بىزمۇ بوش ئەمەس. ئۇيغۇرسوفت بوزەك بولسا بىز ئۇيغۇرغا نومۇس
تېما مەزمۇنغا زىت.
مۇئەللىم،بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ،بۇ يەردە بىر ساراڭ win8نىڭ ساختا نەشىرىنى ساتقىلى تۇرغاندەك قىلىدۇ.http://www.uqur.cn/html/894146.shtml
ئىست ، نادان خەقلىرىمىز پۇل دېسە،قىلمايدىغان ئىشى يوق دە! ھەممەيلەن ھەقىقىي نەشىرىنى ئىشلەتسەك بولاتتى!!!
مەندە بىر تال ھەقىقىي نەشىرى بار (بۇرۇن 2 تال ئېلىپ قويغان)،ئەسىلى باھادا(248خەلق پۇلى) سېتىلىدۇ.
windows8 نىڭ ساختا نەشىرنى 50 يۆندىن ساتقان بولسا خىلى ئىنسابى باركەن ساختا نەشىرنى 248 كويدىن ساتققانلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ!
قاچىلاش جەريانىدا ھىچقانداق مەخپى نۇمۇر تەلەپ قىلمايدۇ دەپتا؟؟؟ ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئەمدى مۇشۇنداق قىلىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغاندىمۇ بىزنىڭ ئادەملىرىمىز؟ ئا ئۇچۇر تورىنىڭ باشقۇرغۇچىللىرى بۇنى كۆرمىگەندىمۇ؟
ئۇيغۇرسوفتتىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇ باھانىدە بىرەر ئاي ئارام ئېلىۋالار ئەمدى
مۇئەللىم، msgboxتا ئۇيغۇر يېزىقىنى نورمال تونۇتۇش كودىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
surxon@hotmail.com
Google دىن MessageBox Custom Font دەپ ئىزدەپ تېپىلغان نەتىجىلەردىن
http://social.msdn.microsoft.com/Forums/en-US/7964902a-ac76-4495-8e9b-f512233957a8/custom-message-box
نى كۆرۈپ باقسام، ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ پەقەت Ok كۇنۇپكىسىنىلا ئويلىشىپ يېزىپتۇ، بۇنى تەھلىل قىلىپ YesNo, YesNoCancel، … قاتارلىق ھەرخىل ئەھۋالغا كېڭەيتىپ باقساق بولىدۇ.
بۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئىدىيە: Private Sub New() دېگەن Method نى YesNo, YesNoCancel، … قاتارلىق پارامېترلارنى قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ، ئاندىن قوبۇل قىلغان پارامېتر(يەنى MessageBox تا كۆرسىتىلىدىغان كۇنۇپكىلار)لارغا ئاساسەن لازىملىق كۇنۇپكىلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
بۇنىڭدا ناننى ئۆزىڭىز چايناپ تەمىنى ھېس قىلالايسىز، مالىمنىڭ ۋاقتىنى تېجىيەلەيسىز.
بۇ نىمە دېگىنىڭز مۇئەللىم، مەن ئەتە مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى پۇتتۇرۇپ ئۇرۇمچىگە قاراپ يول ئالىمەن، تىخى مەن ئۇرۇمچىدە ئىككى كۇن توختاپ سىز بىلەن بىر كۆرۇشۇپ ئۆتۇپ كىتەي(قىزىل بايراق كوچىسغا بىرىپ سىزنى تاپماقچى ئىدىم)دەپ پىلان سوقاپ ئولتۇرغان، ئەمدى نەدىنمۇ تاپامەن سىزنى. ھەي بوپتۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئوبدان ئارام ئىلۋىلىڭ.
قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قارىغاندا ماۋۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە مېنى بىل گېيتىستىن باشقا ئادەم تاپالماسلىقى مۇمكىن. 8.1 ئېلان قىلىنىۋالسۇن، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئەرزانچىلىق، ھەر ۋاقىت ئىزدەپ تاپالايسىز.
بىل گايتىسقا بىز دەپ بەرمىسەك، سىزنى تاپالماسلىقى مۈمكىن
ھە يەنە جاپا تارتىپ ئشىلەيدىكەنسىز دە مۇئەللىم، توردا تەرجىمە قىلغۇچىلارغا خىزمەت يوقمۇ، چامىمىزنىڭ يىتىشچە ياردەملىشەيلى.
ياخشى بوپتۇ ، جاپا چەكسىڭىزمۇ ئۇيغۇر ئۇچۇن …….
شۇ بىل كايتىستەك كۆكلەپ كەتسىلە مۇئەللىم. تارتقان جاپالىرىنى ھەممىمىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ يۈرىكىمىز بىلەن سىزىپ تۇرىۋاتىمىز. ئەلنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئوغلان چوقۇم زەپەر قۇچىدۇ.
1 ئاي ، شۇنداق كۆپ ۋاقىت كىتەمدىكەن ؟؟
ۋاي ئاللاھ، نېمە ئانچە ئۇزۇن…
ھە ياخشى بوپتۇ
باشقا قەۋەتتىكى دۇكانلار نورمال تىجارەت قىلىدىكەندە