ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,چۈشۈرۈش  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى.

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، چۈشۈرۈش ]

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005» دېتالىمىز تارقىتىلغان ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەھسۇلاتىمىز «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» (ھەقسىز نەشرى) بارلىققا كېلىپ، تارقىتىلدى. تۆۋەندىكى رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 

چۈشۈرۈش تور بېكىتى:
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/CAT
سىغىمى: 2.87 مېگابايت

تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

cat-down-ok

بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى

(كومپيۇتېر ياردىمىدە تەرجىمە قىلىش دېتالى)

 

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملە ئۇچراتسىڭىز، ئىلگىرىكى تەرجىمىنى ئەسكەرتىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ بىر يۇمشاق دېتالدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.

 

يۇمشاق دېتال تەلىپى:

مەشغۇلات سىستېمىسى: Windows XP/Windows 7/8/8.1

ئىچكى ساقلىغۇچ: 512 MB ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ

ئېكران ئېنىقلىقى: 1024*768

 

يۇمشاق دېتالنىڭ ئارايۈزى:

ucat0

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە تېكىست رامكىسى، جۈملە رايونى، تەرجىمە رايونى (ئاتالغۇ، ئەسلىي جۈملە، تەرجىمە جۈملە ۋە تەۋسىيە جۈملە) بولۇپ، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى تەھرىرلەش رامكىسى (1-رايون)غا چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ (2-رايون)، نۆۋەتتە تاللانغان جۈملە ئىچىدە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئىزدەپ (3-رايون سول تەرەپتىكى) ئاتالغۇ رايونىدا كۆرسىتىدۇ.

========================
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى CTRL+C ياكى CTRL+V بىلەن چاپلىماي، قورالبالداقتىكى «چاپلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چاپلاڭلار، ئاندىن تەرجىمە ئىچىدىكى «ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش»نى بېسىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قوش تىللىق سېلىشتۇرما جۈملە شەكىلدە 20 مىڭغا يېقىن جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلالايدۇ، مەسىلەن: بەيدۇدىن 宪法 نى ئىزدەپ، بۇ يەرگە ئاۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، شۇندىلا سېلىشتۇرما جۈملىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر.
cat-auto
========================

ucat1
نۆۋەتتىكى جۈملىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاستىدىكى (سېرىق رەڭلىك) تەھرىرلەش رايونىغا يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سول تەرەپتىكى مەلۇم بىر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئاتالغۇنى قوش چەكسىڭىز ياكى شۇ ئاتالغۇنى تاللاپ، تەرجىمە رايونى قورالبالدىقىدىكى «بىر ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 2-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 3-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ.

ucat2

باشقا سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىلەن تەھرىرلەش رايونىدىكى خەنزۇچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بوياپ قۇيۇپ بەرسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (http://www.udict.cn)گە ئۇلاپ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر لۇغەتتىكى بەزى تەرجىمىلەرنى پايدىلانماقچى بولسىڭىز، يەنە مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن شۇ دائىرىنى بوياپ قويۇپ بەرسىڭىز، تەرجىمە رامكىسىدىكى نۇربەلگىسى تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا كۆچۈرۈلىدۇ، قايتا كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ucat3

تەرجىمىسى مۇقىملاشقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۈستىدىن خەنزۇچىسىنى تاللايسىز، ئاندىن ئاستىدىن تەرجىمىسىنى تاللاپ، قورالبالداقتىكى «قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

ucat3

كېيىنكى جۈملىدە سىز قوشقان ئاتالغۇ ئۇچراپ قالسا، تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاتالغۇ جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلىيالايسىز، ئەمما تۇرغۇن سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ قوشماڭ، ھازىرچە سىناق نەشرىدە ئۆزىڭىز قوشقان ئاتالغۇلارنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىدى.

ucat4

ئۇنىڭدا يەنە ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقىنى ئاپتوماتىك توغرىلاش، ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا ئىملا توغرىلاش، تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار تولۇق سەپلەنگەن.
========================
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى CTRL+C ياكى CTRL+V بىلەن چاپلىماي، قورالبالداقتىكى «چاپلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چاپلاڭلار، ئاندىن تەرجىمە ئىچىدىكى «ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش»نى بېسىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قوش تىللىق سېلىشتۇرما جۈملە شەكىلدە 20 مىڭغا يېقىن جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلالايدۇ، مەسىلەن: بەيدۇدىن 宪法 نى ئىزدەپ، بۇ يەرگە ئاۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، شۇندىلا سېلىشتۇرما جۈملىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر.
cat-auto
========================
ئەگەر سىزدە قوش تىللىق تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ، جۈملە ئامبىرىمىزغا قوشۇپ، باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.

بۇ يۇمشاق دېتال ئالدىنقى ھەپتە تۇخۇمىدىن چىققان بولۇپ، ھازىر كاتەكتە چۈجە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بەلكىم دەسلەپتە سىزگە كۆپ پايدىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ سۈپەتلىك دان ۋە پاكىزە سۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ساغلام چوڭ بولۇپ كاتەكتىن رەسمىي چىققاندا كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان بولسۇن، بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز.

شۇنداقلا يەنە بۇ يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشنى ۋە بىزگە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. رەھمەت!

team@uighursoft.com

ئاخىرىدا بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئېچىش گۇرۇپپىسى

2015.4.18

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
362 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئويلۇشۇپ باقسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:57
  • ئالىم مۇئەللىم. كىچىككىنە تەكلىپ ،سوگۇ كىرگۈزگۈچنىڭ شەخىسلەر توپلىغان سۆزلۈك ئامبىرىنى 导出,导入 قىلىپ ئايرىم ھۆججەت قىلىپ ساقلاپ چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇشۇلسا.
    بۇنداق بولغاندا ئورتاق ئامبارغا يوللىمىغان جۈملە ئامبىرىنى ئۆزىمىز ئايرىم ھۆججەت قىلىپ چىقىرۋېلىپ كىيىن باشقا كومپىيوتېرغا شۇ ھۆججەتنى كىرگۈزسەك. ئىشخانا ۋە ئائىلىدىكى كومپىيوتېرلارنىڭ جۈملە ئامبىرى ئوخشاشلىقنى ساقلىيالايتى. ھەم ئورتاق ئامبارغا يوللاپ تەستىقلانمىغان جۈملىلىلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھىرلەنگىلى بولاتتى. بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەب ھەمكارلىشىپ كىنو تەرجىمە قىلدىغان ۋە رومان تەرجىمە قىلدىغانلارغا پايدىسى بولاتتى. چوڭ تىپتىكى سىرلىق ۋەھىمىلىك ئەسەر كىپەن ئۇغۇرلاش خاتېرسىنى تورداشلار تەرجىمە قىلىپ 2-تومنى تۈگىتەي دەپ قالدى. جىن ئۈچۈرگەن چىراق دىگەن رومانمۇ تەرجىمە قىلىنۋاتىدۇ. مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئورتاق ئامبارغا قۇشۇلشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر ئورتاق ئامبارغا قۇشۇلالمىسا شەخىسلەر ئامبىرىنى زاپاسلاپ ھۆجەت قىلىپ ساقلاپ بەرسە ئاندىن باشقىلار ئۇ ھۆججەتنى ئۆزىنىڭ شەخىسلەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ مەن تەمنىلىگەن تەرجىمە ئامبىرىنى ئىشلىتەلىسە. ئويلۇشۇپ دىسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:55
    • سىزگە كۆپ رەھمەت، بۈگۈن كەچتە ئالدىنقى ھەپتىلىك پىكىرگە ئاساسەن يەنە بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ، بۇ بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولغاچقا، سىز ئوخشاش بىر ھېسابات بىلەن كىرىپ تەرجىمە قىلسىڭىز، ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى ساقلىۋالسىڭىز، كەچتە ئۆيگە كىرىپ تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ يەنە شۇ ئاتالغۇلىرىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز، كېيىن بۇ ئاتالغۇ ۋە جۈملە تەستىقلانغاندىن كېيىن ئورتاق ئامبارغا كىرىدۇ، ھەممە ئادەم پايدىلىنالايدۇ.
      دېتالىمىزدىن ياخشى پايدىلانغانلىقىڭىزدىن كۆپ رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:00
  • 港口–پورت دېگەن سۆزنى لۇغەتتە تەرجىمىسى توغرا،ئەمما ئاتالغۇدا « بورت » دەپ تۇرىۋالدى . ئاندىن كېيىن ئۈستىدىكى «يارقىن»دېگەن دوستىمىز ئېيىتقاندەك ، سېكاننىرلانغان رەسىملەردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ھەقىقىي خەتكە ئۆزگەرتىپ wort قا چاپلىيالايدىغان بىرەر ئەپ مەيدانغا كەلسە بەك ياخشى بولاتتى ؟ ! بار بولسا يا مەن ئۇقماي قالدىممۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:58
  • ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغان بىرقانچە مەسلىلەرنى ئېيتاي.
    1. تورسىز مۇھىتتا ئىشلەيدىغان نەشىرىنى ئېلان قىلغان بولساڭلار تېىخىمۇ ياخشى بولاتتى، دائىم تورغا چىقىپ تۇرالمايدىغانلارمۇ خېلى كۆپ بولۇشى مۇمكىن،ئۇنداق بولغاندا بۇ دېتالدىن پايدىلىنىلىغانلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
    2. بەلكىم ئارىمىزدا ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ تەرجىمى قىلىدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن،بولسا كېيىنكى نەشىرىدە گۇرۇپپا (team)ئىقتىدارى قوشۇلسا، بۇ ئىقتىدار omegat دا بار،(بۇ دېتال يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا سە ل مۇرەەككەپ تۇيۇلىشى مۇمكىن ،ئەلۋەتتە ئىقتىدار كۆپ بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە مۇرەككەپ بولىدۇ دە،بەلكىم ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسىمۇ كيىنچە مۇرەككەپلىشىپ مېڭىشى مۇمكىن) بۇنداق بولغاندا ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى.لېكىن بۇنداق قىلىش ئۈچۈن سىز دېگەندەك ئاۋال تۈر (project) ھاسىل قىلشقا توغرا كېلەمدۇ قانداق؟
    3. ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئالدىنقى ئىنكاسلىرىدا ئۇيغۇرسوفت لۇغتى 2008دىمۇ ئىملا خاتالىقى بار دەپتۇ ،ھازىرچە يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە تۈزىتىلگەن لۇغەتنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنمىغاچقا ،تورسىز مۇھىتتا يەنىلا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ تۇرۇشقا بولىدۇ،ئۇنداقتا بۇ تەرجىمە ياردەمچىسىدە بۇرۇنقى لۇغەتلەردىنمۇ تور لۇغىتىدىن پايدىلانغاندەك پايدىلىنىشقا بولامدۇ ،دېمەكچى بولغىنىم تورسىز مۇھىتتا بىز مائۇس بىلەن تاللىغان سۆزنىڭ تەرجىمىسى ھازىرقى لۇغەتنىڭ ئورنىدا ياكى يەنە بىر كۆزنەكتە چىقىدىغان قىلىشقا مۇمكىن بولارمۇ؟ بۇنداق دېيىشىمدە 2008 نىڭ ئېكراندىن سۆز تۇتۇش كۆزنىكىدە يېتەرسىزلىكلەر بار، ماڭا يارىمايدۇ،(بۇنداق دېسەم ئالىم مۇئەللىمىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالمىسۇن)، بكۆزنەك كىچىك ،لېكىن خەت بەك چوڭ،ئۈنىڭ ئۈستىگە كۆزنەكىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ياكى خەتنىڭ چوڭ كىچىلىكىنى تەڭشىگىلى بولمايدۇ .
    4. ھازىرچە تەرجىمە قىلىدىغاندا ئەسلى ھۆججەت تېكىست ھۆججىتى بولمىسا بولمايدىكەن ،بەزى جەدۋەل شەكلىنى قوللىمايدىكەن،بولسا excel ۋە ياكى جەدۋەل ھۆججەتلىرىنىمۇ قوللىسا.
    ھازىرچە مۇشۇنى دەپ تۇراي، قالغان تەكلىپلەرنى كېيىنچە داۋاملىق يوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:56
  • سىزدە نورمالمۇ ياكى باشقىلاردىمۇ مەن بىلمىدىم، مەن سىناپ بىقىش ئۈچۈن بىر خەۋەرنى تەرجىمە قىلسا، جۈملىلەر ئورنى ئالمىشىپ تەرجىمە بولۇندى، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:09
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، يوقۇردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا 11-نەشرىنى بىۋاستە قاچىلىساق نورمال ئىشلىتەلەيدىغان ئوخشايمىز، مۇمكىن بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسىدىكى نەشرىنى ئالماشتۇرۇشقا بولارمۇ؟
    يەنە بىر گەپ، بۈگۈن ئالىپ تورىدا بىر تەرجىمە توربېتىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قېلىپ سىناپ باقتىم، ”جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى“ نىڭ تور بېتىكەن. سۆزلۈك ئامبىرى خېلى كۆپكەن، ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتى، StarDict لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپ دىيىشكە بولىدۇ، يوقۇرىقى ئىككى لۇغەتتە بەزى سۆزلەرنى سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە ئىزدىسە تېپىلغان بىلەن يەككە سۆز ھالىتىدە تاپالمايدىكەن، لېكىن بۇ توربەتتە يەككە سۆزلەر يىتەرلىككەن،(مېنىڭ ئىشلەتكەن دائىرەمدە) بىۋاستە جۈملە تەرجىمە قىلىدىكەن لېكىن يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن پېئىللارنىڭ زامان ھالەتلىرىنى بەزىلىرىنى ناھايىتى توغرا ئالالايدىكەن، تەرجىمە ياردەمچىسىدە قانداق بۇنى بىلمىدىم، ئۇنچىلىك ئىنچىكە ھېس قىلىپ بولغىچە ئېچىلمايلا قويدى مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا. ئەمدى دىمەكچى، شۇ توربەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى، تېخنىكىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى بارمىكىن، دەيمەنغۇ ئۆزەمچە، يەنە ئۇلارنىڭ ئالتە خىل تىلدا قوش يۆلىنىشتە تەرجىمە قىلالايدىكەن. بەلكىم سىزمۇ كۆرگەنسىز، http://www.mzywfy.org.cn/translate.jsp
    مۇشۇ ئادرىستا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:14
    • بۇ ئىشقا 7 يىل بولاي دېدى، بۇ ئىشتىن ئىزچىل خەۋىرىم بار ھەم ھەمكارلىقىمىز بار، مەن بېيجىڭغا بارغاندا ياكى ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بولسۇن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىرى بولغان، 10 نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ماڭا ئۇلانمىسىنى ئەۋەتكەن، مەن ئىشخانىدىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە سىناپ كۆرگەن. مېنىڭچىمۇ بۇنداق ئىشلارنى تەرجىمە ئىدارىسى قىلسا ئەڭ ياخشى قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ئامباردا زىيادە كۆپ.

      ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئاپتوماتىك تەرجىمىنىڭ توغرىلىقىمۇ ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرچە ئادەمنىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، بىزدە بۇ ساھەدىكى تەتقىقات كېچىكىپ باشلانغان، چۈنكى ئالدى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر مەيدانغا كېلىشى كېرەك، ئىملا مۇقىم تۇرۇشى كېرەك. ئەمما بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ئوڭايلا ھاياجانغا سالغىلى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈر مەبلەغ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاسانراق بولىدۇ، ئەمما خەنزۇچىدىن باشقا ھەرقانداق تىلغا تەرجىمە قىلىشنىڭ سەۋىيىسى مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا توغرىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش تەس توختايدۇ، سەۋەبى خەنزۇچە بىر جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ھېسابلاشقا بولمايدۇ، سۆز ئارىسىدا ئۇيغۇرچىدەك بوش ئورۇن قويىدىغان ئىش يوق. ئىشنىڭ باشلىنىشىدا سۆزگە %100 توغرا ئايرىشقا بولمىغاچقا، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا زىيادە كۆپ ئامبارنى ساقلاش ئارقىلىق شۇ مەقسەتكە يېقىنلاشقىلى بولىدۇ (دەل يۇقىرىقى ئاپتوماتىك تەرجىمە قورالىغا ئوخشاش)، ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماشىنا تەرجىمانى ئىچىدە (پەقەت ئامبارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن) ياخشى چىققان دېيىشكە بولىدۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولدى، مەيلى كىم قىلسۇن ياخشى قىلسا، ھەممەيلەنگە پايدىلىق.

      ماۋۇ ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى ئوخشاش بىر ساھەدىكى يەنە بىر يۆنىلىش بولۇپ، تەرجىمىنى ئۆزى قىلالمايدۇ، ئەمما قىلسا %100 توغرا قىلىش دېگەننى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ئىككى يۆنىلىشنى ئارىلاشتۇرۇۋالماڭلار.

      مېنىڭچە ئۆزۈڭلار خالىغاننى ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:50
  • تورغا ئۇلانغان بولسىمۇ تورغا ئۇلانمىدى دەپ ئۇچۇر چىقىۋىلغان قېرىنداشلارغا:
    مېنىڭمۇ شۇنداق چىقىۋالغان ئىدى، ئىشخانامدا ئىككى كومپيۇتېر بولۇپ، بىرسىگە win xp يەنە بىرسىگە win 7 ئورنىتىلغان ئىدى. دەسلەپتە ئىككىلى كومپيۇتېردا تورغا ئۇلانمىغان دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى ، ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ نورمال، تور بەتلىرىمۇ نورمال ئېچىلىدۇ ،win 7 دە تەرجىمە ياردەمچىسى يېڭى نەشىرى بار چۈشۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، لېكىن چۈشۈرۈشنى جەزىملىگەندىن كېيىن تورغا ئۇلانمىغان دەپ ئۇچۇر چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسلىرىنى تولۇق ئوقۇپ، قارىغاندا ئىنتېرنېت تور ئۇلانمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى جەزىملىدىم.
    شۇنىڭ بىلەنwin 7 ئورنىتىلغان يانكومپيۇتېرىمنى ئۆيگە ئەكەلەپ ئۆينىڭ تورىدا ئىشلەتەم نورمال ئىشلىدى. ھەم 0.0.0.11 نەشىرىگە كۆتۈرىۋالدىم، ئاندىن بۇ نەشىرىنى ئىشخانىنىڭ تورىدا ئىشلەتسەم نورمال ئىشلىدى. win 7 كومپيتېرىمدىكى تەرجىمە ياردەمچىسى ئورنىتىلغان ھۆججەت قىسقۇچنى win xp ئورنىتىلغان تەرجىمە ياردەمچىسى بار ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئۈستىگە كۆچۈرۈپ ئەسلىدىكىنى قاپلىۋەتسەم win xp كومپيۇتېرىمدىمۇ نورمال ئىشلىدى . ئەسلى سەۋەبى ئىشخانىدىكى كومپيۇتېرىم ۋاكالەتچى مۇلازىمېتىر ئارقىلىق ئىنتېرنېتكى ئۇلىناتتى، تەرجىمە ياردەمچىسىنىڭ 0.0.0.7 نەشىرى ۋاكالەتچى مۇلاىمېتىر ئارقىلىق ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان كومپيۇتېردا نورمال ئىشلىمەيدىكەن دەپ ھېس قىلدىم .
    ئەمما تەرجىمە ياردەمچىسىنىڭ 0.0.0.11 نەشرى نورمال .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 09:13
  • مۇئەللىم كومپيۇتېر تورغا ئۇلانمىدى دەپلا چىقىۋالدى باشقا كومپيۇتېردىمۇ ئوخشاش win8.1 ,win7 دىمۇ ئوخشاش مىنىڭ ئىشلەتكىتىم 64 بىتلىق نۇسخىسى ئىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 07:20
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت .
    خەنزۇچىدىكى بەزى جۈملىلەر بەك ئۇزۇن، مۇمكىن بولسا تەرجىمە تېكىستىنى جۈملىگە ئايرىغاندا خەنزۇچىدىكى «;» بەلگىنىمۇ ئايرىۋەتكەن بولسا، خەنزۇچىدا مەزكۇر بەلگە بىلەن ئايرىلغان جۈملىلەر تەڭداش جۈملە بولغاچقا، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئىككى جۈملە قىلىپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:31
    • ھازىرچە بۇنى ئويلاشمىدۇق، ئەگەر بۇ توغرىسىدا ئىنكاس كۆپ بولسا، ئىشلەتكۈچى ئۆز قەيەردىن كېسىپ، قەيەردىن پارچىلاشنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان قىلىپ قويايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 07:33
  • مە ن قاچىلىدىم . لىكىن تىزىملىتىپ مەخپى نۇمۇر سالسام 系统找不到指定的文件 دەپ چىقۋالدى .بۇ نىمە سەۋەپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:14
  • مە ن قاچىلىدىم . لىكىن تىزىملىتىپ مەخپى نۇمۇر سالسام 系统找不到指定的文件 دەپ چىقۋالدى…………

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:13
  • بايقىغان مەسىلىلەرنى ئۇدۇللۇق دىيىشكە توغرا كەلدى، مەن ھازىر يولۇققان مەسىلە. بىر جۈملىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئەسلىدە تەرجىمىنى ساقلاپ ئۆتكۈزمەيلا كەينىدىكى جۈملىنى ئۇلاپ تەرجىمە قىلىپ ساپتىكەنمەن، بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن كېيىنكى بالدۇر تەرجىمە قىلىنىپ تەرجىمە قىلىنىپ قالغان جۈملىنى بوياپ كۆچۈرۈپ ئېلىۋىلىپ ئاندىن قايتا چاپلاپ قوياي دەپ بۇ مەشغۇلاتتنى تاماملىيالماي قالدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە قايتا تاللاپ بوياي دەپ بويالماي مائۇس بىر نەچچە قېتىم ئارتۇق بېسىلىۋىدى، تەرجىمە قىلغان تەرجىمە كۆزنىكىدىكى خېتىم سۇئال بەلگىىسىگە ئايلىنىپ كەتتى. كېيىن بۇنى قايتۇرالمىدىم، تەكشۈرۈپ يوللاپ باقساممۇ يەنىلا سۇئال پېتى يۇللىنىپ قالدى، ئۇ يەردىمۇ يېنىۋېلىش كۇنۇپكىسى بىلەن يېنىۋالالمىدىم. بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ باقسىڭىز. ئىمكانىيەت بار بولسا ئابزاس ياكى جۈملە بويىچە تەرجىمە قىلىشنى ئۆزىمىز تاللاش كۆزنىكى قېتىلسا قانداق بولار، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە جۈملە تەرتىۋىنى ئالماشتۇرۇش ھەر ۋاقىت قوللىنىلىدۇ. ئويلىنىپ باقارسىز.
    يەنە بىرسى بىزنىڭ كۆزنەككە چاپلايدىغان خەنزۇچە خېتىمىزنىڭ چېكى بارمۇ، يەنى ئىملا تەكشۈرۈشتە ئون مىڭ خەت دىگەندەك.
    ئۆزەمنىڭ تەجرىبىسىنى دىسەم، ھازىر مېنىڭ سېسىتمامدا لۇغەت ئىشلىمىگەچكە ئانا تىلىم لۇغىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىىتىۋاتىمەن، مۈمكىن بولسا سىزمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز، كېلىچەكتە تورسىز ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بولسا جەزمەن مۇشۇنداق تورسىز ئىشلەيدىغان لۇغەت قورالىنى قاتامسىزكىن دەيمەن. ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىنى بىۋاستە ئانا تىلىمدەك مائوستا سۆز تۇتۇپ ئىشلەتكىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:14
    • ماقۇل بۇ مۇھىم مەسىلە ئىكەن، بىز ئويلىشىپ باقايلى.
      لېكىن ئاۋۇ ئەدەبىي تەرجىمە ئۈچۈن سىز دېگەندەك پارچىلاشنى ھازىرچە ئويلىشالمايمەن، تەرجىمە ھۆججىتىنى ھاسىللاپ بولغاندىن كېين ئۆزىڭىز تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق تەرجىمە ياردەمچى دېتالى بۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ.
      ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ 2007-يىلى 8-ئايدىن باشلاپلا ئېكراندىن مائۇس بىلەن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار ئىدى، قارىغاندا سىز بۇنى ئىشلىتىپ كۆرمەپسىز. بۇنىڭمۇ ھەقسىز نۇسخىسى چىققان بولسا بەلكىم بىلىپ قالار ئىدىڭىز، يەنە بىر گەپ ئاۋۇ ئانا تىلىم لۇغىتىنىڭ ئامبىرى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005 دىن كەلگەن. ئۇيغۇرسوفت لۇغىت 2005 ۋە 2007 دە خاتالىقلار بەك كۆپ، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگىرىپ كەتتى، شۇڭا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 مۇ بىر كېچىدىلا ئىملا جەھەتتەە ئەخلەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەڭ ياخشى ئۇنداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇڭ. پاكىزە، توغرا نەرسىلەرنى ئىشلىتىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 07:40
  • مەن قاچىلسام ئېچىلماي تۇرۋالدى بۇ نىمە سەۋەپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:52
  • ناھايىتى ياخشىكەن، لىكىن ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلالمىدى، تاق يۈلىنىشلىك لوغەتمۇ ياكى مىنىڭ قاچىلىشىمدا مەسىلە بارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:26
  • مەن چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم. ياخشى ئىكەن رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 21:33