ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (كۆرۈپ بېقىش نەشرى) تارقىتىلدى.
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، چۈشۈرۈش ]بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005» دېتالىمىز تارقىتىلغان ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەھسۇلاتىمىز «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» (ھەقسىز نەشرى) بارلىققا كېلىپ، تارقىتىلدى. تۆۋەندىكى رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
چۈشۈرۈش تور بېكىتى:
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/CAT
سىغىمى: 2.87 مېگابايت
تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى
(كومپيۇتېر ياردىمىدە تەرجىمە قىلىش دېتالى)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملە ئۇچراتسىڭىز، ئىلگىرىكى تەرجىمىنى ئەسكەرتىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ بىر يۇمشاق دېتالدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال تەلىپى:
مەشغۇلات سىستېمىسى: Windows XP/Windows 7/8/8.1
ئىچكى ساقلىغۇچ: 512 MB ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ
ئېكران ئېنىقلىقى: 1024*768
يۇمشاق دېتالنىڭ ئارايۈزى:
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە تېكىست رامكىسى، جۈملە رايونى، تەرجىمە رايونى (ئاتالغۇ، ئەسلىي جۈملە، تەرجىمە جۈملە ۋە تەۋسىيە جۈملە) بولۇپ، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى تەھرىرلەش رامكىسى (1-رايون)غا چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ (2-رايون)، نۆۋەتتە تاللانغان جۈملە ئىچىدە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئىزدەپ (3-رايون سول تەرەپتىكى) ئاتالغۇ رايونىدا كۆرسىتىدۇ.
========================
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى CTRL+C ياكى CTRL+V بىلەن چاپلىماي، قورالبالداقتىكى «چاپلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چاپلاڭلار، ئاندىن تەرجىمە ئىچىدىكى «ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش»نى بېسىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قوش تىللىق سېلىشتۇرما جۈملە شەكىلدە 20 مىڭغا يېقىن جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلالايدۇ، مەسىلەن: بەيدۇدىن 宪法 نى ئىزدەپ، بۇ يەرگە ئاۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، شۇندىلا سېلىشتۇرما جۈملىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر.
========================
نۆۋەتتىكى جۈملىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاستىدىكى (سېرىق رەڭلىك) تەھرىرلەش رايونىغا يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سول تەرەپتىكى مەلۇم بىر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئاتالغۇنى قوش چەكسىڭىز ياكى شۇ ئاتالغۇنى تاللاپ، تەرجىمە رايونى قورالبالدىقىدىكى «بىر ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 2-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 3-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ.
باشقا سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىلەن تەھرىرلەش رايونىدىكى خەنزۇچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بوياپ قۇيۇپ بەرسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (http://www.udict.cn)گە ئۇلاپ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر لۇغەتتىكى بەزى تەرجىمىلەرنى پايدىلانماقچى بولسىڭىز، يەنە مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن شۇ دائىرىنى بوياپ قويۇپ بەرسىڭىز، تەرجىمە رامكىسىدىكى نۇربەلگىسى تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا كۆچۈرۈلىدۇ، قايتا كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەرجىمىسى مۇقىملاشقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۈستىدىن خەنزۇچىسىنى تاللايسىز، ئاندىن ئاستىدىن تەرجىمىسىنى تاللاپ، قورالبالداقتىكى «قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
كېيىنكى جۈملىدە سىز قوشقان ئاتالغۇ ئۇچراپ قالسا، تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاتالغۇ جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلىيالايسىز، ئەمما تۇرغۇن سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ قوشماڭ، ھازىرچە سىناق نەشرىدە ئۆزىڭىز قوشقان ئاتالغۇلارنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىدى.
ئۇنىڭدا يەنە ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقىنى ئاپتوماتىك توغرىلاش، ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا ئىملا توغرىلاش، تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار تولۇق سەپلەنگەن.
========================
تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى CTRL+C ياكى CTRL+V بىلەن چاپلىماي، قورالبالداقتىكى «چاپلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چاپلاڭلار، ئاندىن تەرجىمە ئىچىدىكى «ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش»نى بېسىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قوش تىللىق سېلىشتۇرما جۈملە شەكىلدە 20 مىڭغا يېقىن جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلالايدۇ، مەسىلەن: بەيدۇدىن 宪法 نى ئىزدەپ، بۇ يەرگە ئاۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، شۇندىلا سېلىشتۇرما جۈملىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر.
========================
ئەگەر سىزدە قوش تىللىق تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ، جۈملە ئامبىرىمىزغا قوشۇپ، باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
بۇ يۇمشاق دېتال ئالدىنقى ھەپتە تۇخۇمىدىن چىققان بولۇپ، ھازىر كاتەكتە چۈجە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بەلكىم دەسلەپتە سىزگە كۆپ پايدىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ سۈپەتلىك دان ۋە پاكىزە سۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ساغلام چوڭ بولۇپ كاتەكتىن رەسمىي چىققاندا كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان بولسۇن، بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز.
شۇنداقلا يەنە بۇ يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشنى ۋە بىزگە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. رەھمەت!
team@uighursoft.com
ئاخىرىدا بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئېچىش گۇرۇپپىسى
2015.4.18
- يازما كۆرۈلۈشى: 55,244 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 04-ئاينىڭ 19-كۈنى am 0:10
- ئالدىنقى يازما :A Competent Creator Will Supply the Finest Essays for yourself
- كېيىنكى يازما :Examine the pro’s and con’s of lightweight medications legalization (e.g Marijuana)
مەنمۇ چۈشۈرۈپ قاچلىغان ئىدىم خاتالىق چىقۋالدى
系统找不到mscoree.dll指定文件
قارىغاندا Windows XP نى ئىشلىتىۋېتىپسىز، Net Frame Work 4.0 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
مۇبارەك بولسۇن! ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزىمەتلەرگە كۆپ رەھمەت. بارچە ئىشلىرىڭلار ئوڭۈشلۇق بولغاي!
تەرجىمە ياردەمچىسىنى قاچىلاپ قوزغاتسام «mscoree.dll ھۆججىتىنى تاپالمىغاچقا، بۇ قوللىنىشچان پىروگراممىنى قوزغىتالمىدى، قايتا قاچىلىسىڭىز بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ»دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋالدى، قايتا قاچىلىساممۇ ھەل بولمىدى، قانداق ھەل قىلىمىز؟
قارىغاندا Windows XP نى ئىشلىتىۋېتىپسىز، Net Frame Work 4.0 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي دەپ ھەرقانچە ھەپىلىشىپ باقساممۇ ئەپلەشمىدى ، خەنزۇچە تېكىستنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئىنكاس يوق ، پۈتۈن دىتال كۈلرەڭ ھالەتتە ھېچقانداق ئىنكاس يوق . ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىش دىگەن كۇنۇپكىنى باسسام Error 005 دىگەن خاتالىق چىقىۋېلىپ دىتالدىن پەقەتلا پايدىلانغىلى بولمىدى .
بايا شىددەتلىك تور ئېقىمىغا دۇچ كەلدۇق، مۇلازىمىتېر قايتا قوزغىلىپ كەتتى، ئەمدى سىناپ بېقىڭ، ھەممە نەرسە نورمال
مەنمۇ چۈشۈرگەنتىم،لىكىن قاچىلىغاندا,系统找不到指定文件,
代码:2،دەپ خەت چىقىۋېلىپ،قاچىلىغىلى بولمايۋاتىدۇ،مەسلىھەت بەرسىڭىز
كومپيۇتېرىڭىزدىكى ۋىرۇسخور UighursoftUpdate.exe نى يەپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەتنى تاپالماي شۇنداق ئۇچۇرنى كۆرسىتىپتۇ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى باشقا ۋىرۇسخورنى دەم ئالدۇرۇڭ ياكى 360 ۋىرۇسخورىنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.
win7 64 سېتىمىدا خاتالىق چىقتى ،تەرجىمە قىلىشنى باسقاندىن كېيىن 未将对象引用设置到对象的实例 دەپ چىقىۋالدى!!!
بىرەر نەرسىنى چاپلاپ ئاندىن تەرجىمە قىلدۇرۇڭ
بۇ دېتالنى باشقا ئىشلەتكۈچى مۇھىتىدا تۇرۇپ Administrator سالاھىتىدە ئېجرا قىلىش دىگەن بۇيرۇق بويىچە ئېجرا قىلساممۇ قاچىلىغىلى بولمىدى. سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. بۇ مەن يۇلۇققان تۇنجى مەسىلە.
ئىملاچىنىڭ تىزملاش نومرىنى ئاپتوماتىك تونۇيدىكەن تىخى
چۈشۈردۈم، لېكىن ئىشلىتەلمىدىم.
رەھمەت مۇئەللىم، چۈشۈرۋاتىمەن. ھازىرچە رەھمەتلا دىيەلەيدىكەنمىز.
سېلەرگە كۆپ رەھمەت جاپا چەكتىڭلار
مەن بايىدىن بېرى دوسلىرىم خىزمەتداشلىرىم بىلەن مۇشۇ دېتالنى ئىزچىل سائەتكە قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم. ئاجايىپ ياخشى ئىش مەيدانغا كەلدى. خىزمەتداشلىرىمغا ئۆگىتىپ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىۋاتىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۇستاز مەن بۇ دىتالنىڭ تارقىتىلشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن قوللىرڭىزغا دەرت تەگمىسۇن مەن ئىشىلتىشكە باشلىدىم ئەمسە
كۆپ رەھمەت ! مەن ھازىر سىناپ ئىشلىتىۋاتىمەن !
يامان ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،مانا سافا!!!