بېيجىڭغا سەپەر (بېشى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

بېيجىڭغا سەپەر (بېشى)

[ تاغدىن-باغدىن ]

ئالدىنقى يازمىدا «ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى تىزىش قائىدىسى»نى يوللىسام، سەل كەسپىي بولۇپ قالدىمۇ؟ ياكى قىزىقىدىغانلار ئازمۇ؟ تۈزۈك ئىنكاسمۇ چۈشمىدى، تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ نېمە؟ قارىغاندا بىلوگ يەنى بۇ تور خاتىرىگە يەنىلا ساياھەت خاتىرىسىنى يوللاپ باقسام بولغۇدەك، ئۇنداقتا، بېيجىڭدىكى سەپەر خاتىرىسىنى باشلىدىم.

مەن ۋە مۇھەممەدئىمىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىل 27-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىشنى پىلانلاپ بېلەت ئالغان ئىدۇق، ئەمما، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بىر كۈن كېچىكتۇق. ئەتىسى سەھەردە ئايرۇپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، ھاۋا رايى سەۋەبىدىن يەنە ئۇچالماي، 8 سائەت تۇرۇپ قالدۇق.

خاتىرە كومپيۇتېرلىرىمىزنى ئايرۇپىلان ئىچىدە ئىشلىتىمىز دەپ، يان تېلېفوندا سىمسىز تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ تۇردۇق، شۇڭا ئانچە زېرىكىپ كەتمىدۇق، ئەمما ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى يەپ بولدۇق. ئۇچۇش ۋاقتى يەنە كېچىكسە ئاچ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى.

28-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا قاراپ رەسمىي يولغا چىقتۇق، ئۈچ يېرىم سائەت ئۇچۇپ بېيجىڭ ۋاقتى 18:00 گە ئاز قالغاندا سالامەت كەلدۇق. ئەمما، ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. بىز تۇرىدىغان ياتاق-تاماقلىرىمىزنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتىكەن، بىزنى باشتىن-ئاخىر قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ رەھمەت !

بىز چىقماقچى بولغان ئايرۇپىلان ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ. لېكىن، ھاۋا يەنە تۇمانلىق، قارىغاندا بۈگۈنمۇ ئۇچالمامدۇ-نېمە؟

ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى ساقلاپ، تورغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق. ئاۋۇ ئەقلىي تېلېفون بولامدىكەن؟

ئەتىسىدىن باشلاپ كۈندۈزلىرى نەچچە كۈن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى»نى قاچىلاش، تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈردۇق.

كەچقۇرۇنلىرى بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ كەلدۇق، مەنغۇ بۇنداق يەرلەرگە كۆپ بارغان، لېكىن مۇھەممەدئىمىننىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا بېرىشى بولغاچقا، تۇنجى تەسىراتى يەنىلا باشقىچە بولدى.

بۇ جاي قۇش چاڭگىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى «سۇ كۈپى سارىيى»، كەچلىك مەنزىرىسى بولامدىكەن؟ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا، ھېلىقى ئامېرىكىلىق سۇز ئۈزۈش ماھىرى بۇ سارايدا ئۆزى يالغۇز 8 مېدالنى ئېلىۋالدى.

بېرىپ-كېلىشتە ئاساسەن يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇردۇق، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ماڭدۇق. مېنىڭمۇ ئەقلىي تېلېفون ئىدى، بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا يېڭىدىن سېتىۋالغان. مېنىڭ بۇ ئەقلىي تېلېفونۇم (Samsung i9100) مۇھەممەدئىمىننىڭ تېلېفونىدىن قېلىشمايدۇ-دەيمەن.

30-نويابىر كەچتە ئۇيغۇر تىلى فاكولتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، «ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردىم. (تەپسىلاتىنى ئەلكۈيى تورى خەۋەر قىلىپتۇ، http://bbs.alkuyi.com/thread-13081-1-1.html)

بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار سوئال سوراشقا ھەقىقەتەن يامان ئىكەن، لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى. مەكتەپ ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت!

(داۋامى بار)

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەكلىپ بىلەن مىكروسوفت شىركىتىدە مۇھىم زىيارەتتە بولدۇق، خان سارىيىغا كىردۇق، تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ كۆرۈپ باقتۇق، كۈنلىرىمىز بەك ئالدىراش ئۆتتى، قىزىقسىڭىز داۋامى يەنە يوللىنىدۇ. ئىنكاس چۈشمىسە مۇشۇ يەردە توختاپ قالىمەن جۇمۇ!؟

ئۆزبېكىستانغا زىيارەت (سەپەر خاتىرىسى)نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
62 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • تاكى شۇ كۈنى موللانىياز مۇئەللىملەر بىلەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولغۇچە، مەكتەپتەپكە ۋاقتىدا بېرىشتىن باشقاھېچبىر تەييارلىق يوق ھالەتتە ئىدى(شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن)، كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، موللانىياز مۇئەللىم بىلەن سىنىپقا مېڭىپ پاراڭلاشقاچ ھە ماۋۇ ماۋۇلارنى سۆزلىسەم بولغۇدەك دەپ ئاز-تولا تەييارلىق قىلىۋالغان، شۇ كىچىككىنە ھەم ئالدىراش تەييارلىق بىلەن كىرىپ، ئېكراندىكى ppt دا كۆرسىتىلگەن رەسىمگە قاراپ، بىر كۈلۈشمەك بولدى، شۇ كۈلۈشمەك بىلەن جىددىيلىكمۇ ئاز-تولا يوقاپ كىرىشىپلا كەتتىغۇ، مەن كەينىدىرەك ئۆرە تۇرۇپ، كۆرۈنمە چاستوتىغا ئالغان(ما گەپنى مۇشۇ يەردە بىر ئىشلىتىۋېتەي، گەرچە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا بولمىساممۇ)، ئاپپاراتنى ئېگىزرەك كۆتۈرسەم كەينىمدىكىلەر كۆرەلمەي قالدۇق دېيىشتى، سەل-پەسرەك قىلسام ئالدىمدىكى بىر-ئىككىيلەن كۆرۈنۈشنىڭ 1/4 نى ئىگەللىدى، ھەم ئۇ ئىككىسى ئىككى يىراق-يىراق ئىككى مەكتەپتەپتىن كەلگەنمۇ قانداق مۇئەللىمنڭ گېپىنى تەھلىل قىلىغىلى چۈشتى، ئالدىغىراق ئۆتۈپ كېتەي دېسەم ئەپسىز بولۇپ قالدى، شۇنداق قىلىپ يېرىم سائەتتەك كۆرۈنمە چاستوتا خاتىرىلدىم(خاتىرىلەتتىم)، كېيىن قاراپ باقسام، ئاۋاز بەك تۆۋەن ھەم ئالدىمدىكى بالىلارنىڭ تەھلىلىرى بەكرەك خاتىرىلىنىپتۇ. لېكسىيەدىن چۈشۈپ قارىسام ئۈنگە ئېلىۋالغان بالىلار خېلى باردەك قىلىۋاتاتتى، پۇرسەتلەر يەنە بولۇپ قالار، ئەلكۈيىدىكى بالىلار سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاساسەن تولۇق يېزىپتۇ، گەرچە يېزىقچە بولسىمۇ شۇ يەردىن بولغۇدەك.

    «ئىنكاسنى يوللاش»نى باسسام جىم تۇرۇۋالدى، تەكرار يوللىنىپ كەتتى بولغاي ^ـــ^

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:02
    • نېمە ئۈچۈن كۆرۈنمە چاستوتا دەيمىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:16
    • ساۋاقدىشىم شۇنداق قىلىپ، ئالىم مالىم بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىپ كەلدىم دەڭلا… يارايسىلە ساۋاقدىشىم، مەن باشتىلا سېلىنىڭ ئىقتىدارىڭلا پروگراممىدا، شۇڭا ئالىم مالىمنىڭ قېشىغا بېرىڭلا، دېگەن. يەنىلا ئالدىن كۆرەركەنمەن جۇمۇ! (32چىشنى كۆرسىتىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).
      يارايسىلە ئاداش، ئالىم مالىم بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆكلەڭلا…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 14:00
  • سىلمۇ ئېۋۇ كېسسەك يانفۇندىن بىرنى سېتىۋاپدىلە ھە بولمىسىغۇ ئۈزىنىڭ يوغانلىقىغا باقماي ئىقتىدارى بوپقويدۇ ھې ھې ھې

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:46
  • ئالىم مۇئەللىم، جاپا چېكىپسىز، ئايرودىرومدا بەك ئۇزاق ساقلاپ كېتىپسىز(بىر ئاي ساقلاپمۇ ئىشمۇ ئەمدى). شۇنداق بولسىمۇ كېيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇپتۇ. قېنى كىيىنكى يازمىڭىزنى ساقلايمەن.
    ___________________
    ئەتتىگەندىن بېرى ئىنكاس يوللىيالمىدىم. ئەمدى بىر سىناپ باقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:44
  • مەن ئنكاس يازسام جىملا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:24
  • شۇنى دەيمەن! بېيجىڭغا بارغاندەك بولىدىكەن بۇنى كۆرسە ئادەم. داۋاملىق يازسىلادەيمەن ساياھەت خاتىرىسىنى مۇشۇ ئۇسلۇب بىلەن..؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:11
  • ساپلا مەن بارغان يەرگە بېرىپسىزغۇ؟ بېيجىڭنىڭ مىترو لىنيىسى ھەقىقەتەن تەرىپلەشكە لايقىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:10
    • لوندون، تاشكەنتلەرنىڭ يەر ئاستى پويىزغا چىقىپ باققان، ئولتۇرىدىغان ئورۇن دائىم چىقىپ تۇراتتى. لېكىن، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىزىدا، ئولتۇرىدىغان بوش ئورۇن ئاساسەن چىقمايدىكەن، 2-3 قاتار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، 1-2 قېتىمدا ئاران چىقىدىكەنمىز. قارىغاندا، ئىچكىردىكى ھەممە ئادەم بېيجىڭغا ئامراق ئوخشايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:04
    • لېكىن بېيجىڭنىڭ مىترولىرى شاڭخەينىڭكىگە يەتمەيدۇ…. مەن 2007-يىلدىكى ئەھۋالنى دەۋاتىمەن. ئەگەر 4 يىلدىن بېرى ياخشىلىنىپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا، ئەمما مەن يەنىلا شاڭخەينىڭ مىترولىرى ئەڭ ئىلغار ھەم سۈپەتلىك دەپ قارايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:50
      • شاڭخەينىڭ مىترولىرى ھەقىقەتەن بېيجىڭنىڭكىدىن ياخشى .

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 13:56
      • بېيجىڭنىڭ مىترۇسى ھازىر جوڭگۇدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تېخىنىكىسىمۇ ئىلغار، بېلەت باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزان. كىچىككىنە پۇل بىلەن پۈتۈن شەھەر ئىچىنى ئايلىنىپ چىققىلى بولىدۇ. بىزنىڭ باللار شاڭخەيگە بېرىپ «شاڭخەيدە، بېلەتنى مىتىرلاپ سېتىۋالىدىكەنمىز، بەك قاملاشمىغان ئىشكەن» دەيدۇ. نېمە ئىشكىن دېسەم، ئەسلى شاڭخەيدە قانچىلىك مۇساپە باسقانلىقىغا قاراپ پۇل ئالىدىكەن ئەمەسمۇ. لېكىن بېيجىدا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بېلەتنى بىر سېتىۋالسىڭىز مىترودىن چۈشكىچە شۇ بىلەت ھېساب.
        ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا يەنە يېڭىدىن ئىككى لىنىيە ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى. ئەگە ئۇ ئىككى لىنىيە ئىشقا چۈشسە، بېيجىڭ شەھەر ئىچىدە مىتىرو قاتنىمىغان رايۇن قالمايدۇ دېسەك تامامەن بولىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 15:45
        • مېتىرونىڭ قاتناش لايىھەسى بولىدىكەن، پەقەت ئادەم كۆپ بولۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەزى جايدا چۈشۈپ چىقىدىغان توك شۇتا (لىفىت) يوق ئىكەن، چوڭلار بولسا، سومكىسى سەل ئېغىر بولسا، ياكى مېيىپلار چاقلىق ھارۋا بىلەن چىقىدىغان ئىش بولسا، ئاسانغا توختىمىغۇدەك. پەقەت يۈك-تاقلىرى ئاز بېجىرىم ئادەملەرگە لايىھەلەنگەندەك بىلىندى.

          ئەمما، 2001-يىلى لوندونغا بارغاندا، مېتىرونى تۇنجى كۆرگەن، قولايلىقلىقىدىن بەكمۇ رازى بولغان، بەزىدە «1865-يىلى قۇرۇلغان» دېگەن خەت بار بېكەتتىنمۇ چىقىپ باققان، كىرىپ-چىقىش قۇلايلىق، باشقا لىنىيەگە ئالمىشىش نوقتىسى بەك كۆپ ھەم بەك قۇلاي، ئارىلىقمۇ بەك يېقىن، ئاساسەن توك شۇتا. ئادەم كۆپ ئەمەس، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ چىقىدىغان ئىش ھازىرمۇ يوقمىش. بوش ئاساسەن ئورۇن تېپىلىدۇ. چاقلىق ھارۋا ماڭىدىغان مەخسۇس يول بار،

          ئەمما، بېيجىڭدا 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئاندىن مېتىرو پەيدا بولدى، ھازىرقى 1-لىنىيە ۋە 2-لىنىيە شۇ. بېيجىڭنىڭ مېتىروسىنى لوندون مېتىروسىغا سېلىشتۇرغاندا، كىرىپ-چىقىش سەل قۇلايسىز، باشقا لىنىيەگە ئالمىشىش بېكىتى بەك ئاز ھەم بەك قۇلايسىز، بەك كۆپ يول ماڭدۇرىدۇ، ئارىلىق يىراق. ئاساسەن مېڭىپ بارىدۇ، توك شۇتا بەك ئاز، بەزىدە جايدا يوق. ئادەم بەك كۆپ. چىقسىڭىز بوش ئورۇندىن ئۈمىد ئاز.

          بۇ بەلكىم بېيجىڭدا ئىگىز بىنانىڭ كۆپلۈكى، باشقا لىنىيەگە خالىغانچە ئالمىشىدىغان بېكەتنىڭ كۆپ بولۇشىغا تەسىر يەتكەن. ئۇنىڭدىن ئادەمنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىمۇ كىرىپ-چىقىشقا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. تاكسىغا قارىغاندا، بۇنىڭدا قاتناش توسۇلۇش بولمىغاچقا، ئەلۋەتتە قۇلاي ۋە بەك ئەرزان دېيىشكە بولىدۇ،

          ماۋۇ لوندون مېتىرو خەرىتىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئاندىن بېيجىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار. لوندون مېتىرو خەرىتىسى

          لوندون شەھەر ئىچى نوپۇسى 7-8 مىليون ئەتراپىدا، ئەمما بېيجىڭنىڭ نوپۇسى ئۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق، بېيجىڭ مېتىروسىنىڭ 2011-يىللىق توشۇش مىقدارى بىر مىليارد 800 مىليون ئادەم، جۇڭگودىكى ھەر بىر كىشى بىر قېتىم چىققان بىلەن باراۋەر.
          http://www.bjsubway.com/node/2541

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:47
  • مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنېۋىرستىدا سۆزلىگەن لېكسىيىڭىز بەك ياخشى بولدى. بزنىڭ مەكتەپتىمۇ بىرەر ھەپتە سىزنىڭلا گىپىڭز بولدى. قۇلىقىڭز قىزىغاندۇ ھەقىچان؟… (يامان گىپىڭزنى قىلمىدۇق جۇمۇ!) لېكسىيىڭىزگە قاتناشمىغانلار ئارماندا قالدى-دە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:10
    • راست گەپ قىلسام تۈزۈك تەييارلىقمۇ يوق، كۈندۈزى ئۇ يەر، بۇ يەردە جىددىي ئالدىراشلا يۈردۇق، لېكسىيە باشلاشتىن بۇرۇن كەچلىك تاماقتا موللا نىياز مۇئەللىم بىلەن لېكسىيە مەزمۇنى توغرىسىدا 5 مىنۇت پاراڭلىشىۋالدۇق. سىلەرمۇ سوئال سوراشقا راستتىنلا ماھىر ئىكەنسىلەر،
      شۇڭا، بېيجىڭدا قولىقىم قىزىپ توڭلىماپتىكەندە؟ رەھمەت سىلەرگە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:12
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم! ئاخىرى چىقماي قالمىسۇن دەپ ئىنكاس يىزىۋاتىمەن،ھا ھا~~«چاخچاق) مۇشۇ ئىمتاھان مەزگىلىگە يىقىن بولۇپ قالدى،ئىنكاسلارمۇ جىقلاپ قالا ئالدىرماي،ھى ھى ~~ ئالدىنقىدەك كەسپىي تېمىغىمۇ تازا قىزىقىمىز بولمىسا،لىكىن مۇنداقلا ئىنكاس يازغىلى بولمايدۇدە ئۇ مەسىلىلەرگە،«ھە ياخشى بوپتۇ. تىرىشىڭ»دىگەندەكلەرنى مۇنبەرلەردە جىق كۆرۈپ زىرىكىپلا قالدۇق،سىزنىمۇ بىزار قىلىپ ماۋۇ بىلوگنىڭمۇ سۈپىتىنى چۈشۈرۋەتمەيلى دەيمىزغۇ ئەمدى.بومىسا سىزنى سىغىم ئاشۇرىمەن دەپ پۇل تۆلەپ ئۈلگۈرمىگىدەك قىلىپ قويۇشقا يىتىپ ئاشىمىز بىز ،ھاھا~~ سىزمۇ تېمىنىڭ كۆرۈلگەن سانىنى سىتاستىكا قىلىدىغان ئىقتىدارنى قىتىپ قويۇڭ بولمىسا، ئەمسە ئاخىرىنى ساقلاپ قالدۇق!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:50
  • سىزنىڭ «ئۆزبېكىستان ساياھەت خاتىرە»ڭىزمۇ ناھايىتى يېقىشلىق ،چۈشىنىشلىك چىقىپتىكەن،بۇ قېتىمقى ساياھەت خاتىرىڭىزدىنمۇ تولۇق خەۋەردار بولۇشقا تەشنامىز،ھارمىغايسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:20
  • بېيجىڭدىكى لېكسىيەنىڭ سىن ھۆججىتى بارمۇ ؟ مەن تېخىمۇ قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:07
  • ساياھەتنى سىزلا قىلسىڭىز، ئاندىن ساياھەت خاتىرىسى يازسىڭىز، بىز ئوقۇپ كەتسەك خۇددىي بىزمۇ بارغاندەك تۇيغۇغا كېلىدىكەن ئادەم. قېنى داۋامىنى ساقلايمىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 14:43
  • سىزنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ! داۋامىغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:57
  • نېمىدىگەن كۆڭۈللۈك… خاتىرە دېگەن مۇشۇنداق ئەمەلىي ۋە يۇمۇرلۇق تۇيغۇدا بولسا باشقىچە ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن. ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:30
  • ئاللا، رەسىملەرنى چىقارمايدىغان ئىشكەنتۇق، ئاپپارات ياخشى ئەمەس، نۇر ياخشى ئەمەس، مۇھىم ۋاقىتتا ئاپپاراتنىڭ(مۇشۇ شەكىلداش سۆزنى ئىشلەتكۈم كەلمەيدۇ) نوچىسى ياندا بولماي قالدى-دە.
    لېكىسيە جەريانى ھەقىقەتەن بەك قىزغىن بولدى، لېكسىيە تۈگىگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇغۇچىلار 1.5سائەتتەك توختىماي سوئال سورىدى، ھەقىقەتەن ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:13
    • خېلى نوچىكەنغۇ بۇ ئاپپارات! بېيجىڭ بولامدىكەن؟ ئوقۇغۇچۇم بېيجىڭغا بېرىپتۇ مانا! (ماختىنىۋالاي….!)

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:14
      • ھە، مۇھەممەدئىمىن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز ئىكەندە؟
        بۇ بالا ئۆزى ياخشى بالا بۇ (كۈلۈپ چىشلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى)

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:46
        • @ئىزدەن: ئۇ ئاپپارات قاپاق ئاپپاراتلارنىڭ ياخشىسى.
          @ئىلقۇت: ھازىرغا كەلگۈچە مالىمىمنىڭ مالىمىسى كېيىنكى كۈنلەردە مالىمىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىدە مالىمىمنىڭ مالىسىمىنىڭ مالىمىسى ماڭىمۇ مالىم بوپ قالغان چاغلارمۇ بار، مەسىلەن: ياسىن قۇربان-رېقىپ ھىمىت-ئەمەت ھوشۇر دېگەندەك.

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:40
  • داۋاملىق. سىزنىڭ سەپەر خاتىرىڭىزنى يېزىقچە ئاڭلاشمۇ ئاجايىپ ھوزۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:41
باھا بېتى: 1 2 3