تېڭشۈن دەرسخانىسىدا قايسى دەرسلەرنى باشتا سۆزلىسەم بولار؟
[ تاغدىن-باغدىن ]ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا بىر ئاي داۋاملاشقان VB.NET پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. مەيلى قانداق پىروگرامما لايىھەلەش تىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇمات تىپى، سىستېما تەمىنلىگەن فۇنكسىيەلەر، تەرتىپلىك قۇرۇلما، شەرتلىك قۇرۇلما ۋە دەۋرىيلىك قۇرۇلما، سانلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پىروگرامما لايىھەلەشتىكى دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلغاندا باشقا پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى ئاسانلا ئىگەللەپ كەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بەزى ئاددىي پىروگراممىلارنى يېزىشقا بولىدۇ. ئەمما مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا سىز لايىھەلىمەكچى بولغان پىروگراممىدا ھەل قىلىش چارىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دەرسنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ قايتا-قايتا تەكرار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن يەنە C# پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ سۆزلىمەكچى ئىدىم، ئەمما 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن بېيجىڭغا بارىدىغان سەپەر چىقىپ قالغان ئىدى. مەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلدىم، 25-چېسلا يولغا چىقىپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قايتىپ كەلدىم. بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش تەتقىقات ئورنىدا «چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسى، مەلۇمات قېزىش ۋە ماشىنىغا ئۆگىتىش» قاتارلىق ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان دەرسلەرنى ئۆگىنىپ كەلدىم، مەنمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىمەن بەزىدە. سىلەرمۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇڭلار.
12-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت ئاسىيا-تېنچ ئوكيان تەتقىقات ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم (بىلوگىمدا ئايرىم تېما يېزىشىم مۇمكىن) سەپەردىن سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتچىلەرنى يىللىق باھالاش، كېلەر مەۋسۇملۇك دەرس، كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە تېمىسى،….دېگەندەك جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تېڭشۈن دەرسخانامدىكى دەرسلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى، كەچۈرۈڭلار. ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان دەرسلەرنى ئاز-ئازدىن سۆزلەپ داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن. شۇڭا C# نىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، Excel نىڭ قوللىنىشى، MS SQL Server ئاساسىي بىلىملىرى،….دېگەندەك مەزمۇنلارنىڭ قايسىنى ئالدىدا سۆزلىسەم مۇۋاپىق بولار؟ قېنى پىكىرىڭلار بولسا ئاڭلاپ باقاي.
C#
MS SQL Server
Excel
…
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,284 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:30
- ئالدىنقى يازما :PROS AND CONS OF LEGALIZING Weed
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى يېڭىلاندى
مىنىڭچە مەلۇم دەرسىنى تۇلۇق ئاخىرغىچە سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىمەن ،تۇلۇق سكزلەپ بولغاندىن كىيىن ئۈن-سىن نەشىرياتىغا نەشىرگە بەرسىڭىز تىخىمۇ كۆپ باللا سىتىۋىلىپ ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇيغۇر سۇفىت تۇر دۇكىندا بۇ دەرسلىكنى سىتىشنى يۇلغا قۇيسىڭىزمۇ بولىدۇ ،سىزگىمۇ ئىقتىسادى كىرىم ۋە بىزگىمۇ نەپ
مەنچە بولسا ساندانغا تۇتۇش قىلساق ياخشى بولاتتى، بىراق پىروگرامما تىلىنى يېڭى ئۆگىنىۋاتقانلار ۋ ب نى پىششىقلاپ تۇرسا. ئاڭغىچە س شارىپنى ئۆگىنىدىغان بالىلارنى يېتەكلەپ، ئاندىن ساندانغا ئۆتسەك قانداق بولار؟
مېنىڭچە Excel باشتا بولسا بولامدىكىن. چۈنكى باشقىلىرىغا قارىغاندا Excel نى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ. ھەم شۇ جەرياندا بىر قىسىم يۇمشاق دېتال ئاساسىي بىلىملىرى سۆزلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا كېيىن سۆزلىگەنلىرىڭىزنى بىز تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم c# دەرسلىكىگە تىزىملىتىپ سىزنى ساقلاپ تۇرغان بالىلار ئاز ئەمەس ..c# دەرسىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز
c# نى باشتا سۆزلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇشۇ visual basic.net نىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى بولغان بولسا، بەك ياخشى بولاتتىكەن.
سۆزلىنىپ بولۇنغان دەرسلەرنى قانداق ئاڭلىغىلى بولار؟
مىنىڭچە MS SQL Server نى باشتا سۆزلىسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم! مىنىڭچە پىروگرامما تىلىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ ، ئاندىن باشقا مەزمۇنلارغا ئۆتسەك دىگەن ئۈمۈتتە ! رەھمەت !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭچە ھەرقايسى ساھەدىكلىلەرنىڭ دەرسكە بولغان ئېھتىياج ئوخشىمايدۇ. ئۇستازغا شەرت قويماي، قايسىنى سۆزلىگۈسى بولسا، شۇنى ئاڭلايلى! ئەڭ مۇھىمى دەرسلەرنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى، داۋاملاشقاندىلا ھەممىنى ئۆگىنەلەيمىز.
مۇمكىن بولسا C# نى سۆزلىسڭىز … !
ئالىم مۇئەللىم visual basic.netنى شۇنداق چۈىشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بەردىڭىز ،ئەجىرىڭىزگە رەخمەت ،مىنىڭچە ئۇنىمۇ يىرىم ،بۇنىمۇ يىرىم سۆزلىگىچە ،مەلۇم بىرسىنى چۇڭقۇرراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ،بولسا visual basic.netنى يۇمشاق دىتال ئىچىشكىچە سۆزلىسىڭىز ،بىزنىڭمۇ تازا قىزىقىپ ئۆگىنىۋاتقان ئىشتىياقىمىز تۇختاپ قالمىسا دەيمەن .ئۇيلىشىپ كۆرسىڭىز
ئالىم مۇئەللىم ھەممىدىن بەكرەك مىكروسوفتنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان تەتقىقات ئاكادېمىيەسىگە بارغاندىكى سۆھبىتىڭىزگە قىزقىۋاتىمەن ،،،،،سۆھبىتىڭلاردا ئۇيغۇرچە تىل بولىغى توغرىلىق پاراڭ بولىندىمۇ؟
MS SQL Server نى سۆزلەپ بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى نۇرغۇن ساۋاقداشلار ساندان بىلىملىرىگە كەلگەندە توختاپ قالىدىغۇ دەيمەن بۇمىنىڭ كۆز قارىشىم …
مۇئەللىم مىنىڭچە بولغاندا MS SQL Server مۇشۇنى سۆزلىسىلە بۇلامدىكىن دەيمەن
c# نى باشتا سۆزلىگەن بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن، نەچچە كۈندىن بىرى بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلالماي بەك يامانلارنىڭ كۆزى تەگكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، يامان كۆزدىن ساقلىسۇن. (بۈگۈن نورمال ئىچىلدى)
يەكەندە تېڭشۇن دەرىسخانىسىغا چىقالماي بەك ئەلەم بولۋاتىدۇ جۇمۇ،
دەرىسلەرنى چۈشۈرۋالغان باللا مومكىن بولسا باشقا بوشلۇققا چىقىرىپ ئادىرسنى قالدۇرساڭلارچۇ،
ھەي ئىسىت مانا ئەمدى مىنىڭ كەسپىمگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان Excel توغۇرلۇق دەرىس سۆزلەپ قالسىڭىز يەنە ئاڭلىيالمايدىغان بولدۇمدە،
كۈندە دىگۈدەك Excel ئىشلىتىپ، سېستاستىكا قىلغاچقا مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى.