تېڭشۈن دەرسخانىسىدا قايسى دەرسلەرنى باشتا سۆزلىسەم بولار؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

تېڭشۈن دەرسخانىسىدا قايسى دەرسلەرنى باشتا سۆزلىسەم بولار؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا بىر ئاي داۋاملاشقان VB.NET پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. مەيلى قانداق پىروگرامما لايىھەلەش تىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇمات تىپى، سىستېما تەمىنلىگەن فۇنكسىيەلەر، تەرتىپلىك قۇرۇلما، شەرتلىك قۇرۇلما ۋە دەۋرىيلىك قۇرۇلما، سانلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پىروگرامما لايىھەلەشتىكى دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلغاندا باشقا پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى ئاسانلا ئىگەللەپ كەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بەزى ئاددىي پىروگراممىلارنى يېزىشقا بولىدۇ. ئەمما مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا سىز لايىھەلىمەكچى بولغان پىروگراممىدا ھەل قىلىش چارىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دەرسنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ قايتا-قايتا تەكرار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن يەنە C# پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ سۆزلىمەكچى ئىدىم، ئەمما 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن بېيجىڭغا بارىدىغان سەپەر چىقىپ قالغان ئىدى. مەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلدىم، 25-چېسلا يولغا چىقىپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قايتىپ كەلدىم. بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش تەتقىقات ئورنىدا «چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسى، مەلۇمات قېزىش ۋە ماشىنىغا ئۆگىتىش» قاتارلىق ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان دەرسلەرنى ئۆگىنىپ كەلدىم، مەنمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىمەن بەزىدە. سىلەرمۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇڭلار.
msoft
12-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت ئاسىيا-تېنچ ئوكيان تەتقىقات ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم (بىلوگىمدا ئايرىم تېما يېزىشىم مۇمكىن) سەپەردىن سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتچىلەرنى يىللىق باھالاش، كېلەر مەۋسۇملۇك دەرس، كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە تېمىسى،….دېگەندەك جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تېڭشۈن دەرسخانامدىكى دەرسلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى، كەچۈرۈڭلار. ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان دەرسلەرنى ئاز-ئازدىن سۆزلەپ داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن. شۇڭا C# نىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، Excel نىڭ قوللىنىشى، MS SQL Server ئاساسىي بىلىملىرى،….دېگەندەك مەزمۇنلارنىڭ قايسىنى ئالدىدا سۆزلىسەم مۇۋاپىق بولار؟ قېنى پىكىرىڭلار بولسا ئاڭلاپ باقاي.

C#
MS SQL Server
Excel

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
71 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم ئەمىسە دەرسىلىرىنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز … ! رەھمەت سىلىگە !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:51
  • visual basic.net نى ئۆگنەي دىسەم، ئۇيغۇرچە كىتاپ يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:15
  • مالىم ئەلكاتىپ ئېلىپبە خەت نۇسخىسى تاشلىنىپ قالدى ھە، بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىمەن دېگىلى ئۈچ ئاي بولدى. ھى ھى ھى
    شۇ نۇسخىنى ئىشلىتىپ تەييار قىلىدىغان بىر پاتمان لايىھە يېتىپ كەتتى دەيمە. ئاندا قىمماي يېڭى يىلدا بوسىمۇ چىقىرىپ بەرسىڭىز بۇلتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:05
    • ئۇندا-مۇندا پىكىر بەرمەيمىز دېسەڭلار، ئېلان قىلىۋېتەي كېلەر ھەپتە ئىچىدە. ھازىرچە ماڭا %90 يارايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلاىم
    ەھەت ئۇستاز مەن كومپىيوتىېىمغا سىستىما قاچىلىغانتىم يېرىمىدا توختاپ قالدى ھەمدە ئېچىلسا سىستىما تۇلۇق ئەمەس دەپ چىقىپلا تۇرۇدۇ.
    سىستىمىنى قانداق يوق قىلىشنى بىلەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:03
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ مەن ئالدى بىلەن تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    مىنىڭچە MS SQL Server بىلىملىرىدىن سۆزلەنسە دەپ قارايمەن (مىنىڭ كۆز قارشىم)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:39
  • ئالىم مۇئەللىم visual basic 6.0 بىلەن visual basic 2012نىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيغان بولسىڭىز ؟يەنەvisual basic.net بىلەن visual basic 6.0 ۋە visual basic 2012 لەرنىڭ پەرقلىرنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:39
  • مېنىڭچە VBA نى تونۇشتۇرساق قانداق بولار!؟ ئادەتتە بىر قىسىم خىزمەتلەرنى پىروگرامما تۈزىمەي VBA ئارقىلىقلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىككەن، شۇڭا word , excel دە VBAنى ئەمەلىي مىساللا ئارقىلىق ئۈچ تۆت سائەتلىك دەرىس سۆزلەنسە دىگەن ئۈمۈتتە.
    پىروگرامما لايىھەلەشتە مېنىڭ ھازىرغىچە سىرلىق ھېس قىلىدىغىنىم سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پىروگرامما تۈزۈش، مەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئويلانغىنىمدا بىر سانداننىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىمەن ئەمما پىروگراممىدا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىلەلمەيمەن. بولسا Access ساندانى بىلەن (ئەڭ ئاددىسى شۇغۇ) VBNET نى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش تونۇشتۇرۇلغان بولسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:54
  • ئالىم مۇئەللىم visual basic 6.0 بىلەن visual basic.net نىڭ قايسىسنى ئۆگەنسەم بولار؟بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقلىرى بار؟ visual basic 6.0 بىلەنvisual basic 2012نىڭ قانداق پەرقلىرى بار؟visual basic 6.0 نى ئۆگىنىپ بولغانلار visual basic 2012 نى ئۆگەنگەندە يەنە يىڭى باشتىن نۆل ھالەتتىن كىرىشىش كىرەكمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:32
  • راست گەپنى قىلغاندا ئۇستازنىڭ C# نى سۆزلەشنى قارار قىلدىم دەيدىغان سۆزىنى كۈرەمدىمەنكىن دەپ نەچچە رەت قارايمەن ھەركۈنى تور خاتىرىسىغا !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:01
  • ئاۋۋال ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتىمەن ، دەرسلەر بەك چۈشۈنىشلىك ئىكەن ، مىغىزىنىلا سۆزلەپسىز، ئاسانلا ئۆگۈنۈپ كىتەلەيدىكەنمىز.
    مىنىڭ باشقا . گەپلىرىم يوق يوللانغان دەرسلەرنى بىر ئۆگۈنۈپ بولاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:42
  • مىنىڭمۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىلوگىڭىزغا ئوخشاش بىلۇگ قۇرۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس wordpress نى ئىشلىتىش توغرىسدا چۈشەنچە كەمچىل بولغاچقا قىلالمىدىم ، كەچۈرۈڭ شۇڭا سزىنىڭ مۇشۇ تور بىتىڭىگە ئوخشاش لايىھەدە wordpress نى ئىشلىتىش توغرىسدا تېڭشۈن دەرسخانىسىدا دەرس سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن مۇئەللىم ..!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:04
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ؟ يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى ، دىمىسىمۇ ھەممە ئورۇنلار يىللىق خىزمەتلەرنى خولاسلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىدۇ ، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ تورداشلارنىڭ تەلىۋىنى ئورۇنداپ كۆپچىلىكگە دەرس ئۆتۈپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !!!!!!
    مىنىڭمۇ بېيجىڭدا سىز ئاڭلىغان دەرىسلەرنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار ئىدى ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:58
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    wordpress نى ئىشلىتىش ، تەڭشەش ۋە توردا نورمال كۆرىستىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا دەرس سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:49
  • ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم ؟
    يۇقارقى تورداشلار قالدۇرغان ئىنكاسلارنىمۇ بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم ، مىنىڭچە بولغاندا #cنى سۆزلىسىڭىز بوپتىكەن ، چۈنكى Excel نى ئىشلىتىدىغانلار سانىمۇ بىرقەدەر كۆپ ھەم كۆپ ئورۇنلاردا قوللىنىلدۇ، MS SQL Server غا كەلسەك ، كۆپچىلىك #cنى ،vbنى يەنەبىرقىتىم قايتىلاپ ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن سۆزلىسىڭىز ئۇلارنىڭ MS SQL Server بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگەللىشىگە ئاساس ياراتقان بولاتتى ،دەپ قارايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:47
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    يۇقارقى تورداشلار قالدۇرغان ئىنكاسلارنىمۇ بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم ، مىنىڭچە بولغاندا #cنى سۆزلىسىڭىز بوپتىكەن ، چۈنكى Excel نى ئىشلىتىدىغانلار سانىمۇ بىرقەدەر كۆپ ھەم كۆپ ئورۇنلاردا قوللىنىلدۇ، MS SQL Server غا كەلسەك ، كۆپچىلىك #cنى ،vbنى يەنەبىرقىتىم قايتىلاپ ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن سۆزلىسىڭىز ئۇلارنىڭ MS SQL Server بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگەللىشىگە ئاساس ياراتقان بولاتتى ،دەپ قارايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:41