تېڭشۈن دەرسخانىسىدا قايسى دەرسلەرنى باشتا سۆزلىسەم بولار؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

تېڭشۈن دەرسخانىسىدا قايسى دەرسلەرنى باشتا سۆزلىسەم بولار؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا بىر ئاي داۋاملاشقان VB.NET پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. مەيلى قانداق پىروگرامما لايىھەلەش تىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇمات تىپى، سىستېما تەمىنلىگەن فۇنكسىيەلەر، تەرتىپلىك قۇرۇلما، شەرتلىك قۇرۇلما ۋە دەۋرىيلىك قۇرۇلما، سانلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پىروگرامما لايىھەلەشتىكى دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلغاندا باشقا پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى ئاسانلا ئىگەللەپ كەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بەزى ئاددىي پىروگراممىلارنى يېزىشقا بولىدۇ. ئەمما مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا سىز لايىھەلىمەكچى بولغان پىروگراممىدا ھەل قىلىش چارىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دەرسنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ قايتا-قايتا تەكرار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن يەنە C# پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ سۆزلىمەكچى ئىدىم، ئەمما 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن بېيجىڭغا بارىدىغان سەپەر چىقىپ قالغان ئىدى. مەن شۇنىڭغا تەييارلىق قىلدىم، 25-چېسلا يولغا چىقىپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قايتىپ كەلدىم. بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش تەتقىقات ئورنىدا «چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسى، مەلۇمات قېزىش ۋە ماشىنىغا ئۆگىتىش» قاتارلىق ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان دەرسلەرنى ئۆگىنىپ كەلدىم، مەنمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىمەن بەزىدە. سىلەرمۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇڭلار.
msoft
12-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت ئاسىيا-تېنچ ئوكيان تەتقىقات ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم (بىلوگىمدا ئايرىم تېما يېزىشىم مۇمكىن) سەپەردىن سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتچىلەرنى يىللىق باھالاش، كېلەر مەۋسۇملۇك دەرس، كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە تېمىسى،….دېگەندەك جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تېڭشۈن دەرسخانامدىكى دەرسلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى، كەچۈرۈڭلار. ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان دەرسلەرنى ئاز-ئازدىن سۆزلەپ داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن. شۇڭا C# نىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، Excel نىڭ قوللىنىشى، MS SQL Server ئاساسىي بىلىملىرى،….دېگەندەك مەزمۇنلارنىڭ قايسىنى ئالدىدا سۆزلىسەم مۇۋاپىق بولار؟ قېنى پىكىرىڭلار بولسا ئاڭلاپ باقاي.

C#
MS SQL Server
Excel

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
71 پارچە باھا يېزىلدى
  • مۇئاللىم

    بۇلۇت ھىسابلاش، ئىزدەش، ئانالىز قىلىش قاتارلىق دەرىسلەر بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، چوڭ مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسى، مەلۇمات قېزىش ۋە ماشىنىغا ئۆگىتىش تېخنىكىسى توغرىسىدا قاچانراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىڭىز؟ بۇ تېخنىكلارنىڭ دىيارىمىزدىكى قوللىنىشى قانداقراق؟ مەخسۇس مۇشۇنى ئاساس قىلغان شىركەتلەر بارمۇ؟ ئاساسەن قايسى ساھەلەردە قوللىنىلىۋاتىدۇ؟ مەن تېببى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شۇڭا ئاساسلىقى تېببى ساھەدىكى قوللىنىشغا بەكرەك دىققەت قىلىۋاتقان

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:23
    • بۇنى مەن 20-چېسلا ئېچىلىدىغان تۆتىنچى نۆۋەتلىك ictef يىغىنىدا سۆزلەيمەن، ھازىرچە بۇنى قىلىدىغان شىركەتلەر بەك ئاز دەپ بىلىمەن، چۈنكى بۇ كومپيۇتېر ئەمەس، 90 پىرسەنتى ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك ئۇستاز. قارىسام قايسى بىلىملەرنى باشتا باشلاش توغرالىك يازما يېزىپ سىز . مىنىڭچە بولغاندا بۇ ساھەنى سىز ئوبدان بىلىسىز . سىز قايسى يولدا ماڭسا ھەقىقى كەلگۇسىگە راۋرۇس ئۇل ساغىلى بولىدىغان لىقىنى . قايسى يول بىلەن ماڭسا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىززىتىنى نام شۈھرىتىنى تۇنىتالايدىغانلىقىنى سىز ئوبدان بىلىسىز . شۇڭا ئۇلى مۇستەھكەم قوپۇرۇلغان بىر سېپىلغا باشلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. ۋە باشقا قېرىنداشلارغىمۇ خىتاب . مەن مۇشۇ كەمگە كەلگىچە مىللىتىمىزدە تۇنۇلغان بولسىمۇ ئەمما ياتلارغا بازار ئېچىپ زور مىقداردا ئقتىسادىي ئۈنۈم ۋە شان شەرەپ يارات قىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەمما ياتلار قىلىۋاتىدۇ.بىزنىڭ ئقتىسادي مەنبەيىمىز شۇ غەلبە قىلغۇچىلار تەرەپكە ئېغىۋاتىدۇ. مەن دىمەكچى بىزمۇ سېتىپ باقايلى. بىزمۇ كىرىم قىلىپ باشقىلار ئەپ كېتىۋاتقان شۇ ئقتىسادنى قايتۇرۋېلىپ بىزمۇ پەيزىنى سۈرۈپ باقايلى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قاتتىق تىرىشىپ يېڭىلىق يارتايلى قېرىنداشلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:20
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالكىم مۇئەللىم ياىشىمۇ (بۇنىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي )سىزنىمىشقا ئادىرويت ۋە ئالما تېلېفونلادىكى بەزى نادىر ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ۋىن دىوس تېلېفونلارغا ماسكىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتمەيسىز ھازىر بىزدە ئانرويىت ۋە ئالما ئىشلىتىدىغانلار كۆپ لىكىن ۋىن دوۋوس ئىشلىتىدىغانلار ئاز سەۋەبىر باشقا يان تېلېفونلاردا نادىر ئۇيغۇرچە ئەپلەر كۆپ لىكىن ۋىندوۋوس ئەپ دۇككىنىدا ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ ،مەسلەن بىلكان لۇغىتى دىگەندە دىتاللانى ھەرگىزمۇ تاپقىلى بولمايدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:44
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ يېڭى نەشرىگىمۇ ئاز قالدى، Windows دۇكىنىغا چىقىرىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:51
  • مەيلى قانداق پىروگرامما لايىھەلەش تىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇمات تىپى، سىستېما تەمىنلىگەن فۇنكسىيەلەر، تەرتىپلىك قۇرۇلما، شەرتلىك قۇرۇلما ۋە دەۋرىيلىك قۇرۇلما، سانلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ——————————————————————–
    ئالىم مۇئەللىم سىز يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك vbنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ يۇقارقى بىلىملەرگە بولغان ئاساسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ئەندى سىز داۋاملىق #cنى سۆزلىسىڭز يۇقارقى نوقتىلارنى يەنە قايتا سۆزلەيسىز(چۈنكى ئاساسى قۇرۇلما ئوخشاش بولغان بىلەن ھەرخىل تىلدىكى ئىپادىلىنىشى ھەرخىل بولىدۇ)،شۇنداق بولغاندا باللىلارنىڭ پروگىرامما تىلىغا بولغان چۈشەنچىسى تىخمۇ چوڭقۇرلاپ، ئىجادچانلىقى ئاشقان بولاتتى. شۇڭا #c نى سۆزلىشىڭزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 15:33
    • شۇنداق، قايتا سۆزلەيمەن. پەقەت يېزىش قائىدىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا پىروگراممىچىلىقنى پەقەت كومپيۇتېر تىلىغا باغلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ھاياتىمدا 15 دىن ئارتۇق پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى پۇختا بىلىمەن، لېكىن ئەڭ جانلىق ئىشلىتىدىغىنىم يەنىلا C\C++ (ۋە شۇنىڭ ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان باشقا تىللار)، ئەمما بەزى بالىلار Visual Studio 2015 نى ئىشلىتەلىسىلا ئۆزىنى نوچى دەيدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت مەلۇم بىر تىلدا پىروگرامما ئېچىش يۇمشاق دېتالى، يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈشنى خالىمىسا يەنىلا نەتىجە چىقىرالمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:24
  • كەچۈرسىز مۇئەللىم ،
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئېنكاس يېزىپ سالدىم .
    سىستېمنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ، خەنزۇچە خەت يېزىشقا كەلگەندە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى خاتا ھالىتتى مىكروسوفتقا ئېنكاس قىلاي دېگەن ئىدىم ، ھېچبىر ئېنكاس قىلىدىغان مۇۋاپىق جاي تاپالمىدىم . ئاخىرى تېلېفوندا ئاۋازلىق ئېنكاس قىلىشنى قارار قىلىپ ، سىزدىن مىكروسوفتنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش ئورنىغا دوكىلات قىلاي دەپ .
    سىزدىن تېلېفون نومورىنى بىلسىڭىز مۇمكىن بولسا تەمىنلەپ بېرىشكە بولامدۇ دېگەن ئۈمىدتە بۇ ئېنكاسنى يازدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:55
    • ئۇلار تور بېكىتىدە بار، ھەقسىز 400 دىن باشلانغان نومۇر. لېكىن Windows10 نىڭ ئۆزىدىلا ئىنكاس قىلىدىغان جاي بار، شۇ يەردىن قىلسىڭىز ئەڭ ياخشى ياكى قوللاش تور بېكىتىگە يېزىپ قويۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:26
  • مۇئەللىم C++بىلىملىرىنىمۇ سوزلەپ بەرسىلە بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:31
  • ئالىم مۇئەللىم بولسا C++ نىمۇ سوزلەپ بەرسىلە بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:12
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
    1. يەكەن ناھىيەسىدە بەزى تور بەتلەر ئىچىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن سىزنىڭ دەرسلىكىلىرىڭىزنى توردا كۆرۈش مۇمكىن بولماي قالدى …..
    لىكىن مەن نۇرمال كۆرگىلى بولىدىغان يەردە تۇرۇپ بارلىق دەرسلىكلىرىڭىزنى توردىن سۈزۈك ھالەتتە چۈشۈرۋالغان ئىدىم. مۇشۇنداق توردا كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمايدىغانلار ئۈچۈن باشقا تور بەتلەردە تارقىتىپ قويسام بولامدۇ؟

    2. مەن قارىسام Excel نىڭ بىر سائەتلىك دەرسىنى باشلاپ بولدىڭىز ئەمدى ئاخىرغا چىقىرۋىتىڭ. كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنى Excel نى بىلىدۇ دەپ قارايدۇ …. لىكىن سىز بىلگەندەك بىلمەيدۇ. تۇنجى سائەتلىك Excel دەرسىڭىزگە قارىسام فورمىلادىنلا باشلاپسىز … شۇنىڭغا قارىغاندا Excel نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىملىرىنى ئۈگىنىۋالىدىغاندەك قىلىمىز…..

    3. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇشۇ تور بىتىدە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر ۋە تەييارلىقلار كىتىدۇ؟ چوقۇم سىز تەييارلىغاندەك ئىلغار ئۈسكىنىلەر كىتەمدۇ؟ ئىمكانىيتىڭىز يار بەرسە مۇشۇ توغرىسىدا بىر قىتىملىق دەرسلىك ئىشلەپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.
    بىزلەرمۇ بىلىدىغان بىلىملىرىمىزنى مەيلى ھەقسىز، مەيلى ھەقلىق سۆزلەپ يوللاپ قويساق باشقىلار پايدىلىنار دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:34
    • قىسقىچە جاۋاب بەرسەم:
      مېنىڭ دەرسىمنى ھەرقانداق بىر كىشى خالىغانچە ئاڭلىسا بولىدۇ، ئەمما ھەقسىز دەرس ئىكەن دەپ باشقا تور بەتلەرگە چىقارسا بولمايدۇ، دىسكا قىلىپ ساتسا تېخىمۇ بولمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم بۇ دەرسلىكنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بىرلا جايدىن بولسۇن، يەنى alim.ke.qq.com دى بولسۇن. مەن دەرسخانامدىن بۇ دەرسلەرنى ھەرگىز ئۆچۈرۈپ تاشلىمايمەن، مەن ھەرقايسى پەنلەردىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ھەقسىز سۆزلەيمەن. ئاساسىي مائارىپ چوقۇم ھەقسىز بولۇشى كېرەك، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ياخشى داۋاملىشىشى ئۈچۈن دەرسخانامنىڭ ئادرېسىنى خالىغانچە تارقاتساڭلار مەيلى، لېكىن مەزمۇنىنى ئۇنداق قىلماڭلار. چۈنكى مەن يەنە كەم سۆزلىگەن جايلىرىمنى بايقىسام،ھەرۋاقىت قايتا سۆزلەپ ئورنىغا ئالماشتۇرۇۋېتىشىم مۇمكىن،
      باشقىلىرىنى كەچتە جاۋاب بېرەي

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:50
  • مىنىڭچە Excel 2016 نى باشتا سۆزلىسە ياخشى بولامدىن. Excel نى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن تىخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرسخانىسىا توپلىشىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:38
  • c# نى سۆزلىسىڭىز بولاتتى ئالىم مۇئەللىم ، ھېلىمۇ ساقلاۋېرىپ كۆزىمىز تۆت بوپ كەتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:51
  • سالام ئۇستاز،
    مەنچە يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ پىلانى بويىچە سۆزلىسىڭىز ياخشىمىكىن. قايسىسىنى باشتا سۆزلىسە ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئۆزلەشتۈرىدۇ، ياكى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز. بىزگە قويۇپ بەرسىڭىز، «ئاۋۋال ئېلىپبە ئۆگەنمەي خىمىيە تەجرىبىسى ئىشلەشنى» ئارزۇ قىلىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:41
  • مەنمۇ ھازىرچە VB ئۈگەنگەنلەر ئۈگەنگەنلىرىنى پىششىقلىغاچ تۇرسا ، ئۇچاغقىچە مۇئەللىم C# قا دائىر بىلىملەرنى تەپسىلىي بىر سۆزلىۋەتكەندىن كىيىن ساندان ۋە باشقا مەزمۇنلارغا ئۆتسەك ئەڭ ياخشى بولغۇدەككەن دەپ ئويلىغانتىم . شۇڭا C# سۆزلىسىڭىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:21
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ،
    مەن يېقىندا مۇشۇ پىروگرامما تۈزەش توغرىسىدا (كىچىك بالىلارغا) قارىتا بىر نەچچە پارچە كىچىك دەرسلىك ،(يازما) شەكىلدە چىقارماكچى ئىدىم .ئەمما نۇرغۇن پىروگرمما ۋە شۇنىڭغا مۇناسىىۋەتلىك كومپىيوتىر ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قىلىشتا بەكمۇ قىينىلىب قالدىم ،مۇمكىن بولسا مۇشۇ كومپىيوتىر ۋە پىروگراممما ھەققىدە ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇلىرى تەرجىمىسى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك ئامبىرى بولسا تەمىنلەب بېرەلەرسىزمۇ ؟
    ئەگەر شۇنداق بولسا سىزدىن كۆپ تەشەككۇر بولغان ئىدىم ،رەھمەت .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:51
  • يەنىلا بۇرۇنقى شەكىلدە سۆزلىسىڭىز مۇئاپىق بۇلارمىكىن.چۈنكى ھەر ساھەدىكى كىشلەرنىڭ ئىھتىياجىنى ئاساس قىلغاندا دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيىتكىلى بۇلىدۇ.ئاسىنىمۇ،قىيىنىمۇ بولغان ياخشى.مۇمكىن مولسا بېيجىڭدا ئاڭلىغان يېڭىلىقلاردىنمۇ خەۋەردار بولساق بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:58
    • بولىدۇ، بېيجىڭدىكى دەرسنىڭ ھەربىر سائىتىمۇ نەچچە يۈز كوي بولۇپ، بەك قىممەت ئىدى، ئەمما ئۇ بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك دەرس بولغاچقا، ئاۋۋال بۇ دەرسلەرنى ئاڭلاپ ئازراق بولسىمۇ ئاساسىڭلارنى پۇختىلىغاندىن كېيىن، مەن مۇۋاپىق پەيتتە سۆزلەپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:54