Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت يوللىغان ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپى تۈنۈگۈن كەچتە (يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاخىرقى تەستىقتىن ئۆتۈپ، Windows دۇكىنىدا ئېلان قىلىندى. بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئەپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرزەنتىڭىزگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
چۈشۈرۈش ئۈچۈن، Windows نىڭ ئىزدەش تۈگمىسىنى ئېچىڭ.

Uyghur (ياكى ئۇيغۇر، ئۇيغۇرسوفت، ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش،…دېگەندەك) ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈڭ.

بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش ئەپىنىڭ ئاساسىي ئېكران كۆرۈنۈشى

================================
ياكى مۇنداق چۈشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ (مەن خەنزۇچە ھالەتنى مىسال قىلدىم، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھالەتتە چۈشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان)

1. ئالدى بىلەن Windows دۇكىنىغا كىرىڭ

2. «مائارىپ» سەھىپىسىنى ئىزدەپ تېپىڭ، بۇ سەھىپە سەل ئارقىدا.

2. «ئەڭ يېڭىلىرى»نى تاللاڭ، ھازىرچە تەۋسىيەلىك 100 ئەپنىڭ ئىچىگە كىردى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
136 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 6
  • مۇئەللىم سايا ھەتكە كەتسىمۇ ئىشلا جايىدا بوپتۇ . بەك ياىشى بولدى . مەن مۇ تىرىشىپ ئەپ ياساشنى ئۈگەنمىسەم . بىز ئۇيغۇر …………….. ئۇ ، ھەرىپىنى كۆرۈپ خۈش بولدۇم. مۇئەللىم يارايسىز جىمۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:39
  • كىرگۈزگۈچى كېڭەيتىلگەن رايون بولسا خەت كىرگۈزۈۋاتقانداق ئۈستىدىكى ھەرپلەر بىلەن تېخىمۇ ماس كەلگۈدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:26
    • 15 يىل بۇرۇن Turbo C دا ياسىغاندا، شۇنداق ئىدى، ئەڭ ياخشىسى خاتا كىرگۈزگەندە ماڭماي جىم تۇرىۋالسا، توغرا بولغۇدەك. چۈنكى توغرا بېسىشنى ئۆگىتىش تۇرسا. تاكى توغرىسىنى باسقاندا ئاندىن كېيىنكى ھەرپلەرگە ئۆتسە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:58
      • ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىركەن، مەن ئۆزۈمنى سىناپ باقاي دەپ بېسىپ قاپتىمەن، ئۈستىدىكىسىنى توغرا ئىملا بىلەن ئوقۇپ تۇرۇپ كونۇپكىنى باسسام خەت قىزىل رەڭدە چىقىۋاتىدۇ، شۇنداق قارىسام ئىملاسىدا مەسىلە بار ئىكەن، خېلى كۆپلىرىدە مەسىلە بايقالدى، قەيەردىكى ئامبارنى ئىشلەتكەن بولغىيدىڭىز؟ بۇنى دەرھال تۈزەتمىسەك بولمىغۇدەك…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:42
        • ھازىر ئىملاسى تۈزىتىلدى، خەت نۇسخىسى ئۈچۈنمۇ ALKATIP تاللاندى، V1.0.0.7 نەشرى دەپ 2-قېتىم يوللاندى، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن، يەنە بىر-ئىككى كۈن ساقلاپ تۇرۇڭلار. يېڭى نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ يەنە تەكلىپ-پىكىر بېرەرسىلەر

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:49
  • گەپنى ئازلا قىلاي ، چۇشۇرۇپ سىناپ باقتىم . تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپنىڭ دۇكانغا چىققانلىقىدىن سۇيۇندىم . ئەمدى بۇ ئەپنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلىشى ئۈچۈن پىكىرىمنى بىرىپ باقاي)ئالىم مۇئەللىمغۇ باھالاڭلا دىمەپتىكەن):
    1.باشلاشتا كۈرنىشتە «چوڭراق » «كىچىكرەك» دىگەندەك باشقا ئەپلەردە بولغان بىر ئىقتىدار قېتىلسا، كۆزگە چېلقىدىغان ئۇرۇنغا تىزىپ قويسا ئازراق پۇچۇق كۇرۈنۇپ قالدىكەن(پۇتاق تاپقانلىق ئەمەس جۇمۇ).
    2.تۇنجى قوزغالغاندا كۈرنىدىغان تۇغ رەسىمى بەك كىچىك.
    3.ئەپ قوزغالغاندىن كىيىن پۈتۈن ئىكران ئەمەستەك تۇيغۇ بىرىپ قۇيدىكەن .بەلكى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ چوڭلىقىغا بويسۇندۇرۇلغاندۇ .
    4.سۇراق كۇنۇپكىسنڭ ئاستىدا «مەشىق قلغان ۋاقتىڭىز» دەپ بىر خەت باركەن . قىززىقسىنىپ تەسىلى قاراپ تۇيۇقسىز ئۇچقىتىپ قالدىم .
    ماڭا ئوخشاش باكارغا شاپتۇل بەرسە تۈكى باركەن دەيدىغانلارنىڭ چىقماسلىغى ئۈچۈن ھەقچان بۇمۇ ھەل بوپ كىتىدۇ(مۇئەللىمنىڭ باشلامچىلىق قىلغىنى ياخشى بولدۇ).
    مۇئەللىم ئەمدى توختاپ قالماڭ . سىزگە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:59
    • ئۇيغۇرسوفتنىڭ Windows دىكى دۇكىنى بوش تۇرغىلى 1 يىل بولاي دېدى. جۇڭگودا تېخى باشقىلارغا تىزىملىتىش باشلانمىغاندا، بىزگە 2012-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇكان ئېچىپ بەرگەن، ئۇ چاغدا ئاران 1000 دەك ئەپ بار ئىدى،
      شۇنىڭ بىلەن خوشياقمىغاندەك ئۆزبېكچە-ئۇيغۇرچە ئايلاندۇرغۇچىنى تۈزۈپ يوللاپ باقسام، ئۇنداقكەن، بۇنداقكەن، ئېكران كۆرۈنۈشنى ئاددىيكەن،…دېگەندەك پىكىرلەر بىلەن قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى، ئالدى بىلەن مۇھىم ئىشنى راۋرۇس قىلاي دەپ تىل بولىقى بىلەن بولۇپ كەتتۇق. قاراپ باقسام بىر يىل توشاي دەپ قاپتۇ. قايسى كۈنى قارىسام، 100،000 دىن ئېشىپ كەتتى دەيدۇ، شۇڭا دەرھال يوللاپ قويدۇم، لېكىن ئىش ھالقىلىرى ھازىر كۆپ، تەكشۈرۈشمۇ قاتتىق ئىكەن، 7-قېتىم ئاران تەستىقلاندى.

      تەكلىپ ئورۇنلۇق، مەن شۇ ئاۋۋال بىر پۇتىمىزنى دەسسىۋالايلى دېمەكچى، ھازىر شۇ مەقسەتكە يەتتۇق، ئاندىن ياخشى پىكىرلەر ئاساسىدا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق ئېلان قىلىمىز. ئاندىن يەنە بىر پۇتىمىزنى دەسسەشكە تىرىشىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:32
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ، ئۈستىدە بىر دوستىمىز لايىھەلەش جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، مەنمۇ باشقا ئىش قىلالمىساممۇ خەتتاتلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن ، http://www.ilqin.com دىن ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ باقسىڭىز، ئەلۋەتتە لايىھەنىڭ مۇكەممەل چىقىشى ئۈچۈن ئەپلەر بولامدۇ ياكى باشقا سىلەرنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ نامى بولامدۇ مەن ياردەم قىلسام، خالىسانە تۆھپە قوشسام دەيمەن، ھۆسىنخەتلەرنى ئەلۋەتتە تولۇق، سۈپەتلىك، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن يېزىپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن…، ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم: 13579276275، ئىلخەت ئادىرسىم: ilqin@live.com….

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:46
  • ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەپلەرگە يېڭىلاش بولىقى شەكلىدە يېڭىلاش ئارقىلىق خاتالىقلارنى تۈزەتكىلى، يېڭى ئىتىدارلارنى قوشقىلى بولىدىغۇ دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:48
    • شۇنداق، ئالدى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئېلان قىلىۋېلىش، ئاندىن توختىماي يېڭىلاپ، بىر-ئىككى ماقال-تەمسىل قوشۇپ قالساقمۇ، ۋاي يېڭىلاندى، چۈشۈرەمسىز؟-دپ زېرىكتۈرىدىغان گەپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:36
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇ ئەپ قايسى تىلدا يېزىلدى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:26
  • ۋا ھەجەپ پەيزى ئىش بولدى، ئەمدى ئاشۇ كەينى-كەينىدىن ئەپلەر تارقىتىلىپ كەتسە، قايسىسىنى چۈشۈرسەك بولار دەپ ئويلۇنۇپ قالىدىغان بولدۇقدە؟

    ئالىم مۇئەللىم، بۇ ئەپتە ئازراق مەسىلە بارمۇ ياكى مەندە بارمۇ بىلمىدىم، خەت باسسام مەن باسقان خەتلەر چىقماي (ئەجىر قىل) دىگەننى باسسام (ئگجخر جخلا) مۇشۇ خەت بېسىلىپتۇ. مەن ئىشلەتكەن كىرگۈزگۈچ ئەلكاتىپ 5.0 ئىدى، كۆزنەك كونۇپكىسى + بوشلۇق كونۇپكىسىنى بىر باسسام QQ كىرگۈزگۈچ كە ئالمىشىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كىرگۈزسەممۇ ئوخشاشلا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:04
  • خۇش خەۋەركەن.لىكىن قانداق چۈشۈرىدۇ ئۇقالمىدىم،چۈشۈرۈپ .بولغانلار يوللاپ قويغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:11
  • رەھمەت جاپا چەكتىڭىز مۇئەللىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:01
    • «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن شوئارنى ئېسىمگە سېلىپ قويدىڭىز، رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:06
  • ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس 8 نىڭ دۇكىنىدىن ھېچ تاپالمايمەنغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:16
    • دۆلەت ياكى رايون تەڭشىكى جۇڭگو دەپ تەڭشەلگەنمۇ؟ ھازىرچە جۇڭگو دېگەن تەۋەلىكنى تاللاپ ئېلان قىلغان

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:15
      • باشتا رايونىم ئامېرىكا ئىدى، كېيىن جۇڭگو قىلساممۇ چۈشمىدى، كېيىن بىر چېكىنىپ باقاي دەپ ئويلاپ، چېكىنىپ بولۇپ ئاندىن ئىزدىسەم تاپالىدىم. دېمەك چېكىنمىسە رايون تەڭشىكى ئىناۋەتلىك بولمايدىكەن. بىلىۋالدىم. ؛ ) سىلەر ئىشلىگەن دىتاللەرنىڭ تەۋەلىكىگە شەرت قويمىساڭلارمۇ بولىدىغان ئىش بولسا تەۋەلىكى ھەممە يەر بولسۇن بولسا، ئاشۇنداق بولسا ئەپتىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ پايدىلىنالايدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:21
        • توغرا دەيسىز، شۇ نەچچە تىللىق چۈشەندۈرۈش يېزىشقا سالامدىكىن دەپ ھازىرچە پەقەت جۇڭگونى تاللاپ، خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش يېزىپ قويغان. ئەلۋەتتە ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش قوشۇشقا تىرىشىمىز. تۇنجى قېتىم بولغاچقا سەل تەس كەلدى، ئەمدى پىشىپ كەتتىم، ھەممە يوللىرىنى ئېنىق بىلىۋالدىم، جەمئىي 22 كۈن كەتتى. بۇنى مەن باشقىلارغا ئۆگەتسەم 22 مىنۇتتا ئۆگىتىشكە ئىشەنچىم كامىل، سەل بىكار بولغاندا، ئەپ يوللاش ھەققىدە تېما يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:25
      • ئالىم مۇئەللىم مانداق باشتا تەس كەلدى، بىراق ئەمدى پىشىپ كەتتىم دېسە ھەجەپ غەلىتە تۇرىدىكەن، ئالىم مۇئەللىمنىڭ گىگانىت خىرە غالىبىيەتچى ئوبرازى تېخىمۇ كونكىرتلىشىپ ۋە يېقىملىقلىشىپ كېتىدىكەن. ھې ھې ھې. خۇدا بۇيرىسا، مەن مۇشۇ تەتىلدە س تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۆزۈم قىزىققان ئاددىي پىروگىرامما بولسىمۇ يېزىپ، دۇكانغا چىقىرىشقا تىرىشىمەن. مېنىڭچە، ئىشنىڭ ئېپىنى بىلەلمەيۋاتقانلارغا سىزنىڭ ئاشۇنداق تېمىلىرىڭىز كومپاس بولىدۇ. ۋاقتى كەلسە ماڭىمۇ ھەم. : )

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:30
  • مەن ئىشلىتىپ باقتىم، نوچى بوپتۇ بۇ لېكىن سانداندا يەنى ئاۋۇ ماقال تەمسىللەردە ئىملا خاتالىقى سەل كۆپمۇ قانداق؟ بولسا كېيىنكى نەشردە تۈزىتىۋېتىلگەن بولسا بولاركەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:41
  • بۇ خۇش خەۋەردىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنىڭ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:41
  • ئەجەپ تاتلىق خەۋەر ئىكەن بۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:39
  • ئالامەت ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ. تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپنى 8 نىڭ دۇكىنىدىن چۈشۈرىدىغان بوپتۇقتە ئەمدى.
    رەھمەت ئالىم مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:29
  • قاچىلاش دەپ خەت يوققۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:18
  • بۇ تۇنجى windows ئەپ دۇكىندىكى ئۇيغۇرچە ئەپ بۇلغانلقىدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بۇلىدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:18
    • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم . مەن رەسىم ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغىلى ئۇزۇن بولدى . ئەپ دۇكىنىدىكى ئۇيغۇرچە تۇنجى ئەپنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم . ئەمما ئەپ رەسىمىنىڭ گۈزەللىكى جەھەتتە ئازراق ئويلاندىم . خالىسىڭىز مەن ياردەملەشسەم ، رەسىم ئىشلەش جەھەتلەردە بىركىشلىك ئۇيغۇرلۇق ھەسسەمنى قوشسام . لايھەلەش ئىشلىرى بولسا بىلوككا ياكى بىۋاستە ئۇچۇركىلسىڭىز تەييارمەن . nsarim@live.com

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:55
باھا بېتى: 1 2 3 6