Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بەلكىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ توغرا، يەرلىكلەشتۈرۈش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سىزنى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز.

مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.


Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ

=================================
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم ئىسىم ياكى تەخەللۇس بىلەن تىزىملاپ كىرىسىز، ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا يازىسىز. ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەشتە قىينالسىڭىز، ھەرگىزمۇ google تەرجىمانىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، پىدائىيلار ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق پىكىر يازمايلا، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئېلان شەكىلدە قالدۇرماڭ. مۇنبەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت،…قاتارلىق كىتابلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەسىلەن: ئىسىم، سۈپەت، پېئىل يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار دېگەندەك. ئىنكاس يازغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ھەرگىزمۇ ئىملا، ئاتالغۇ،…جەھەتتىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى زورمۇ-زور تىلغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، رەھمەت!
===========

بىرىنچى: مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرىدا، سۆز تۈركۈمى پېئىل بولغان ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا، لۇغەتلەردە قېلىپلاشقان «-ماق\-مەك» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: دەلىللىمەك، لېكىن، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى تىزىملىك، كۇنۇپكىلاردا پېئىلنىڭ «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» (ئىسىمداش) شەكلى قوللىنىلغان. مەسىلەن: دەلىللەش. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا پېئىلنىڭ باشقا تۈرلىنىشىمۇ جانلىق ئىشلىتىلگەن.

لۇغەتلەردە پېئىللارنىڭ «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى مانا:

(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، خەمىت تۆمۈر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
(2) ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئاپتورى قادىر قاۋۇز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(3) ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئاپتورى Daniel St. John، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(5) ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(6) 汉维对比词汇学, 马德元,新疆大学出版社

ئىككىنچى: مىكروسوفتنىڭ تەلىپى Windows8 نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئاتالغۇ تەرجىمىسىدە قېلىپلاشقان، ھازىرقى زاماندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىش، مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، يېڭى ئاتالغۇ ياكى يېڭى تىل ئۇسلۇبىنى Windows8 دا سىناق قىلىپ باقماسلىق، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىلەر ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشتە مىكروسوفت تەلەپ قىلغان Windows8 تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىكى قائىدىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش بولۇپ، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قائىدىسى شۇكى ئاتالغۇلارغا چۈشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولمايدىكەن، پەقەت ئىنكاسنىڭ مۇھىملىقى، ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چوقۇم ئىككىنچى قائىدىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاندىن مۇنبەر مۇدىرىيىتى (بۇنى تورداشلار خەنزۇچىدىن سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇلار) قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىپ قولۇپ سالىدىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۆتىنچى: ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىش تەس، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار بار، ئەمما، ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەك بەك ئاسان، شۇڭا، پىكىر يازغاندا پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاتالغۇلار 1-2 يىل بۇرۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئارايۈز تەرجىمىسى رەسمىي باشلانغاندا، ئېكران يۈزىدىكى ئورنى ۋە جۈملىگە ئاساسەن، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ خاتالىق بايقالغان. ئەمما، جۈملە تەرجىمىسىدە بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلگەن. مەسىلەن: email كەلگەندە، ئۈستىدىكى To, From دېگەن سۆز «غا»، «دىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ «تاپشۇرۇۋالغۇچى»، «ئەۋەتكۈچى» دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، شۇنداق ئېلىنغان، ئەمما، سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۇ يەنىلا قوشۇمچە «غا»، «دىن» دەپ ئېلىنغان. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. شۇڭا، بەزىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي تۇرۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، چوڭ خاتالىقنى تاپتىم دەپ بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرگە يېزىڭ، 1-2 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋاب ئالالمىسىڭىز، ئاۋۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

ناۋادا، قولۇپ سېلىنغان ئاتالغۇلار ئىچىدىن زور خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس يازالمىسىڭىز، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قۇلۇپنى يەنە ئېچىشقا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كۈندە 4-5 ئاتالغۇغا قۇلۇپ سېلىنمىسا، بۇ خىزمەت بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تاماملانمايدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە جەمئىي 20 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، ماڭا خەت يازغان 35 كىشى ئىچىدىن تەلەپ بويىچە تاللاپ چىقتىم. مىكروسوفت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىممۇ ئىلگىرى مەن تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ ساھەدىكى 15 نوپۇزلۇق كىشىلەرگە يەنە تەكلىپ ئەۋەتتى (ئۇلارنى قاتناشماي قالمىسۇن دەپ). ئەمما، ھازىر مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار 80 دىن ئېشىپ كەتتى. قارىغاندا ئۇلار ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ بۇ تەكلىپنامىنى ۋاششاڭ قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھەتتا بىلوگلىرىغا، تور بېكەتلەرگە مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، چالا تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ (بۇنداق قىلىش بىر ئەخلاقسىزلىق ئىدى). بۇمۇ مەيلى، كەڭ دائىرلىك پىكىر ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا، تەلەپ بويىچە تىزىملاش كودى ئېلىۋېتىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (خەمىت تۆمۈر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (3 توملۇق) كىتابنى ئوقۇپ چىقىڭ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
121 پارچە باھا يېزىلدى
  • يەنە ئۈستۈنكى قەۋەتلەردىكى ئىنكاستىكى «كۆز يۈگۈرتمەك» ئەمەس «كۆز يۈگرۈتمەك» دەپ يازىمەن (ئۆز قەلىمىمدە) .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:16
  • ئۇنى ئىشلەتكەندە ئادەمگە بىر خىل MAC (ئالما) ئىشلەتكەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن ، ئۇنىڭ بەزىبىر يۇمشاق دېتاللارنى قوللىشى تازا تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:14
  • مىنىڭچە بەزى باھالار ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىپتۇ ! لىكىن بەزىللىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا پىكىر قىلىپ قالايمىقان سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ! دوسىتلار بۇ بىر ئۇيغۇر تىل يىزىقىنىڭ كومپىيۇتىر كومپىيۇتىر كۆرۈنمە يۈزىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ! سىزنىڭ بۇيەردە چاقچاق قىلىدىغان سورىنىڭىز ئەمەس ! شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەل بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئالىم مۇئەلىم قاتارلىقلارغا ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن !
    تىنڭىز سالامەت بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:47
  • مەن ھازىر تۇلىمۇ خۇشال بۇلىۋاتىمەن،رەھمەت سىلەرگە ،مەن ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى am 11:08
  • «كۆرسەتمە بەلگە» دىگەننى« كۆرسەتمە»دېسە مەنە جەھەتتىن جېق ئۆزگىرىش بولماس دەپ ئويلىغانتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:45
  • time allowance نى ‹مۆھلەت›دىسەك بولارمۇ؟
    كۈچلۈك تەۋسىيە قىلمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى am 07:58
  • ياكى شوپۇر، ھارۋىكەش دەمدۇق يە،،،،،يىڭىچەراق،ئاسان ئىسىدە قالىدىغان، ئالاھىدىكى بار، مۇھىمىنى قىلىپ ئىيىتقاندا شۇ ئاتالغۇنىڭ فۇنكىسىيىلىك ئالاھىدىكىگە ناھايتى ماسلىشىدىغان ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولسا ناھيتى ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:13
  • مەنچە 驱动程序 دىگەننى ھەيدىگۈچ دىسەك قوزغاتقۇچ دىگەندىن سەل ياخشىراق تۇرىدۇ،،«قوزغىتىش» دىسە 启动 بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدىكەن،چۈنكى driver دىگەن بۇ سۆزدە‹‹ھەيدەش›› پۇرىقى بار .بىز ئۇنى‹‹ ھەيدىگۈچ›› دىگەندە ،بىزنىڭ كاللىمىزدا نىمىنى ھەيدەش دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ.بۇ‹‹ ھەيدىگۈچ››ئارقىلىق قوزغىلىدىغان پروگىراممىنى ‹‹ھەيدەش››.ئەگەر شۇ قوزغىلىدىغان،ياكا بىز قوزغىماقچى بولغان پىروگىراممىنىڭ ‹‹ ھەيدىگۈچ››ى بولمىسا ئۇ پىروگىرامما قوزغىلالمايدۇ.بىز پەقەت ‹‹ ھەيدىگۈچ›› ئارقىلىق شۇ پىروگىراممىنى قوزغىتىمىز.بۇ بىزنىڭ شۇ خەتكە قاراپلا ئۇنىڭ فىزىكىلىق يوشۇرۇن ھەركىتىنى بىلىۋالالايمىز.
    بۇنىڭ ئومۇملىشىشى مىنىڭچىمۇ نەھايتى تىز بولىدۇ ،چۈنكى ئۇنى بىر قىتىم بىلىۋالسا ئىككىنچى قىتىمدا ئۇنتۇپ قالمايدۇ.مەسىلەن:
    —‹‹ھەيدىگۈچ››دىگەن نىمىكەن باللار؟
    —ھە شۇ يۇمتاللارنى ھەيدەپ ماڭىدىغان نەرسىكەن. شارائىتى بولسىمۇ، ئۇ بولمىسا يۇمتاللار ماڭماي تۇرىۋالىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:54
    • 驱动程序 بۇنى ياكى بولمىسا تونۇتۇش پىروگراممىسى دېسەكمۇ بولىدىغاندەك. يەنى مەلۇم قاتتىق دېتالنى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تونۇتىدىغان ئىش بولغاندىكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 13:05
    • ئالىم بەكرىنىڭ ئېيتقىننى مەنمۇ توغرا تاپتىم . سۆزنىڭ دەبدەبىلىكىنى قوغلاشماي ئاسان بىلگىلى بولىدىغاننى ئاساس قىلغان ياخشى، بىز ئوزىچە ‹‹ توك›› لا دىسەك بولىدىان نىمىنى ‹‹ئېلىكتىرون ››دەۋېلىپ ئاۋارى بولىمىز، ‹‹ 3 دەرىجە سوغۇق بولدى ،4 دەرىجە ئىسسىق بولدى… ›› دىسىلا ھەممە تەبىقىدىكى ئادەملەر چۈشىنىدىغان گەپ تۇرسا ئۇنى ‹‹ نۆلدىن تۆۋەن … سىلسىيە تېمپىراتۇرا . گىرادۇس … ›› دەپ قىيلىنىپ
      ( يولى كلېىپ يېزىپ سالدىم كەچۈرۈڭلار )

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 01:06
  • «كۆز يۈگۈرۈتمەك » دېگەندەك سۆزلەرنى « كۆز يۈگۈرتىش » دەپ ئالسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:28
  • «كۆز يۈگۈرۈتمەك » دېگەندەك « كۆز يۈگۈرتىش » دەپ ئالسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:28
    • Zoom نى «كۆز يۈگۈرتۈش» دەپما؟ Zoom نى سىز بىر يەردە ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ مەسىلەن: Word, Internet Explorer دا، ئۇ يەردە 显示比例 دەپ ئىچىدە 50%, 75%, 100%, 200%, 400% دەپ بار ئىدى، ماۋۇ تور بېكەتنى %400 ھالەتتە كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرگىن دەمدۇق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:52
  • مېنىڭچە « ماق ،مەك » قوشۇمچىسى بويىچە ئالسا ،مۇۋاپپىق بولماسمىكىن . بۇ لۇغەت بولمىغاندىن كىيىن « ىش،ۇش،ۈش……»قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە ياخشى بولامدىكى دەيمەن. ئالدىنقىسى بويىچە ئالسا خۇددى لۇغەت ئوقۇغاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:25
  • onlineبىلەن Offline قارمۇقارشى سۆزدۇر،شۇڭا Offline «توردا يوق» دەپ ئالغاندىكىن online نىمۇ «توردا بار» دەپ ئالايلى!~`

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:35
  • time allowance
    «روخسەتلىك ۋاقىت»؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:29
  • time allowance «بېرىلگەن ۋاقىت »،
    map پىئىل دەپ يىزىلىپتۇ ،«خەرىتە بەلگىلەش»دىسەك بۇلامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:28
    • كومپيۇتېر ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان ۋاقىت، يەنى ئاتا-ئانا تەرىپىدىن بالىنىڭ ھېساباتىغا بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت، مۇنداق ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئىشلىتىسەن، تورغا چىقىسەن دەپ. تورغا چىقمايسەن دەپ چەكلەپ قويسىمۇ، ئاتا-ئانا تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ياكى بېرىلگەن بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:48
  • online « تور ئۈستىدە»
    Offline «تور سىرتىدا»
    قىزىق،Offline قۇلۇپلىنىپتۇ، online قۇلۇپلانماپتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:29
    • ناۋادا Offline غا پىكىرىڭىز بولسا، بەرسىڭىز بولىدۇ. ھېلىمۇ بىر ھەپتە بولدى ئاتالغۇلار قولۇپلانمىغىلى، ئەسلىدە كۈندە 4-5 ئاتالغۇ قولۇپلىنىشى كېرەك ئىدى. ھازىر قارىغاندا پىكىر بېرىدىغانلارمۇ توختاپتۇ. يېڭى گەپ يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:45
    • Offline نىڭ مەنىسى ئېنىق تۇرسا، ھېلىمۇ بۇ سۆزنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:48
    • online قانداق قىلىپ « تور ئۈستىدە» بولۇپ قالىدۇ؟ on line بولغان تەقدىردىمۇ «توردا» بولۇشى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:51
    • مىنىڭچە ≪تور ئۇلاقلىق›،‹تور ئۈزۈك›ياكى ‹تور ئۇلانمىغان›.
      دىيلسە قانداق بولار!؟
      چۈنكى ئۇ تور سىمىنىڭ ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانىقىنى بىلدۈردىغان بولغاندىكىن.
      ئەگەر ‹توردا بار›‹توردا يوق› دىسەك،بىز چچ ئشلەتكەن ۋاقتىمىزدا كومپيۇتېرمىز تورغا ئۇلاندى ھەم باشقا تورلارغا چىققلى بولىدۇ،لىكن چچ توردا ئەمەس ،ئۇ ھالدا بۇ ئككى مەسلىنى قانداق ھەل قىلساق بولار؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:02
    • ئەھۋالنى تولۇق چۈشەنمەي خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:05