Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بەلكىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ توغرا، يەرلىكلەشتۈرۈش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سىزنى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز.

مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.


Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ

=================================
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم ئىسىم ياكى تەخەللۇس بىلەن تىزىملاپ كىرىسىز، ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا يازىسىز. ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەشتە قىينالسىڭىز، ھەرگىزمۇ google تەرجىمانىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، پىدائىيلار ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق پىكىر يازمايلا، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئېلان شەكىلدە قالدۇرماڭ. مۇنبەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت،…قاتارلىق كىتابلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەسىلەن: ئىسىم، سۈپەت، پېئىل يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار دېگەندەك. ئىنكاس يازغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ھەرگىزمۇ ئىملا، ئاتالغۇ،…جەھەتتىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى زورمۇ-زور تىلغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، رەھمەت!
===========

بىرىنچى: مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرىدا، سۆز تۈركۈمى پېئىل بولغان ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا، لۇغەتلەردە قېلىپلاشقان «-ماق\-مەك» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: دەلىللىمەك، لېكىن، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى تىزىملىك، كۇنۇپكىلاردا پېئىلنىڭ «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» (ئىسىمداش) شەكلى قوللىنىلغان. مەسىلەن: دەلىللەش. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا پېئىلنىڭ باشقا تۈرلىنىشىمۇ جانلىق ئىشلىتىلگەن.

لۇغەتلەردە پېئىللارنىڭ «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى مانا:

(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، خەمىت تۆمۈر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
(2) ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئاپتورى قادىر قاۋۇز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(3) ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئاپتورى Daniel St. John، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(5) ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(6) 汉维对比词汇学, 马德元,新疆大学出版社

ئىككىنچى: مىكروسوفتنىڭ تەلىپى Windows8 نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئاتالغۇ تەرجىمىسىدە قېلىپلاشقان، ھازىرقى زاماندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىش، مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، يېڭى ئاتالغۇ ياكى يېڭى تىل ئۇسلۇبىنى Windows8 دا سىناق قىلىپ باقماسلىق، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىلەر ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشتە مىكروسوفت تەلەپ قىلغان Windows8 تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىكى قائىدىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش بولۇپ، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قائىدىسى شۇكى ئاتالغۇلارغا چۈشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولمايدىكەن، پەقەت ئىنكاسنىڭ مۇھىملىقى، ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چوقۇم ئىككىنچى قائىدىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاندىن مۇنبەر مۇدىرىيىتى (بۇنى تورداشلار خەنزۇچىدىن سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇلار) قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىپ قولۇپ سالىدىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۆتىنچى: ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىش تەس، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار بار، ئەمما، ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەك بەك ئاسان، شۇڭا، پىكىر يازغاندا پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاتالغۇلار 1-2 يىل بۇرۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئارايۈز تەرجىمىسى رەسمىي باشلانغاندا، ئېكران يۈزىدىكى ئورنى ۋە جۈملىگە ئاساسەن، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ خاتالىق بايقالغان. ئەمما، جۈملە تەرجىمىسىدە بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلگەن. مەسىلەن: email كەلگەندە، ئۈستىدىكى To, From دېگەن سۆز «غا»، «دىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ «تاپشۇرۇۋالغۇچى»، «ئەۋەتكۈچى» دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، شۇنداق ئېلىنغان، ئەمما، سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۇ يەنىلا قوشۇمچە «غا»، «دىن» دەپ ئېلىنغان. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. شۇڭا، بەزىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي تۇرۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، چوڭ خاتالىقنى تاپتىم دەپ بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرگە يېزىڭ، 1-2 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋاب ئالالمىسىڭىز، ئاۋۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

ناۋادا، قولۇپ سېلىنغان ئاتالغۇلار ئىچىدىن زور خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس يازالمىسىڭىز، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قۇلۇپنى يەنە ئېچىشقا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كۈندە 4-5 ئاتالغۇغا قۇلۇپ سېلىنمىسا، بۇ خىزمەت بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تاماملانمايدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە جەمئىي 20 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، ماڭا خەت يازغان 35 كىشى ئىچىدىن تەلەپ بويىچە تاللاپ چىقتىم. مىكروسوفت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىممۇ ئىلگىرى مەن تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ ساھەدىكى 15 نوپۇزلۇق كىشىلەرگە يەنە تەكلىپ ئەۋەتتى (ئۇلارنى قاتناشماي قالمىسۇن دەپ). ئەمما، ھازىر مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار 80 دىن ئېشىپ كەتتى. قارىغاندا ئۇلار ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ بۇ تەكلىپنامىنى ۋاششاڭ قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھەتتا بىلوگلىرىغا، تور بېكەتلەرگە مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، چالا تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ (بۇنداق قىلىش بىر ئەخلاقسىزلىق ئىدى). بۇمۇ مەيلى، كەڭ دائىرلىك پىكىر ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا، تەلەپ بويىچە تىزىملاش كودى ئېلىۋېتىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (خەمىت تۆمۈر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (3 توملۇق) كىتابنى ئوقۇپ چىقىڭ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
121 پارچە باھا يېزىلدى
  • 1)favorite ساقلىۋالغان/ساقلىۋالغانلىرىم
    2)contact ئالاقە دەپتىرى/ئالاقە خاتىرسى
    3)map (verb كۆرسىتىش/كۆرسەتمەك ؛ئىزاھاتىغا قارىساق بۇ خەرىتە يەنى ئىسىم ھالىتىدە ئەمەس ، بەلكى پېئىل ، خەرىتىدىكى مەلۇم ئاددىرس ياكى ئورۇننى كۆرسىتىش ئۈچۈن،
    4)instant message (verb جىددى يوللاش /تىز يوللاش بۇمۇ پېئىل مەنىسىدە،مەسىلەن ئى-خەت يوللىغان ۋاقتىمىزدا يوللاش؛جىددى يوللاش دىگەن تاللاش تۈرى ،
    5)time allowance ۋاقىت چەكلىمىسى ؛ بۇ خەتنىڭ يېنىدىكى رەسىلىك ئىزاھاتىنى ئېچىپ قارىساق allowed (يول قويۇلغان/ئېچىۋىتىلگەن) ،blocked (توسۇلغان/قامال قىلىنغان) دەيدىغان سۆزلەرباركەن،يەنى قانداق ۋاقىتنىڭ چەكلەنگەن ياكى يول قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:24
  • rotate-نى ‹ئايلاندۇرماق›دەپتۇ،‹transfer›بىلەن مەنا تالىشىپ قالامدۇ قانداق ؟ مىنىڭچە يەنىلا ‹چۆرگىلىتىش› دىسە مۇۋاپىق، مۇئەللىم ،-ماق ،-مەك لەرنى -ىش،-ۈش كە ئايلاندۇرىۋەتسەك بولماسمۇ؟…،بەك ئەزمىدەك باھا يېزىپ سالدىم كەچۈرۈڭ. ۋاقتىڭىزغا رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:48
    • ،-ماق ،-مەك لەرنى -ىش،-ۈش كە ئايلاندۇرىۋەتسەك بولماسمۇ؟…
      ============================================
      ئۈستىدىكى بىر پاتمان رەسىملەرنى كۆرمىدىڭىزما؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:35
    • تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئانالىتىك گىئومېتىرىيەسىدىكى كوردىنات ئوقىنى ئايلاندۇرۇش، ئوقلارنى يۆتكەش دېگەن مەزمۇن ئېسىڭىزدىمۇ؟ rotate دېگىنى ئوقلارنى ئايلاندۇرۇش، كوردىنات بېشى جىم تۇرىدۇ.
      move in circles round a central point (使某物)旋转或转动:

      ئاۋۇ transfer دېگىنى يۆتكىلىش، بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىش.
      move sth/sb from one place to another 将某物[某人]由一处转移到另一处:The head office has been transferred from London to Cardiff.总部已由伦敦迁至加的夫. * She’s being transferred to our Paris branch. 她已调到我们在巴黎的分部.
      ============
      مۇشۇنداق ئۆزۈڭلار ياخشى تەكشۈرمەي تۇرۇپ پىكىر بەرسەڭلار، ھەر بىرىڭلار 5-10 مىنۇتتىن ۋاقتىمنى ئالساڭلار، ھەقىقەتەنمۇ جاپاغا قالدىم ھازىر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:49
    • تور بار جايغا تۆنۈگۈن كېلىشىم،ۋاقىت بەك قىسكەن شۇ،ئالدىراقسانلىقىمنى كەچۈرۈڭ،ۋاقتىڭىزغا يەنەبىر رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 19:41
    • ئەسلى transform دىمەكچى ئىدىم…،ھارمىغايسىز مۇئەللىم …قايتا ماتىريال كۆرۈپ يەنە كىلىمەن،پەقەت كۆرۈپلا قويۇڭ،پايدىلانغىدەك يېرى بولسا ئىشلىتىڭ بولمىسا جايىدىلا قېلىپ قالسۇن.‹ئايلاندۇرۇش›بىلەن‹چۆرگىلىتىش› rotate بولغاندا تامامەن ئوخشاش،لىكىن بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە (مەسىلەن mtv دىن mp3 گە ) ئايلاندۇرۇش دىيىلگەندە rotate موۋاپىق ئەمەس بەلكى transform مۇۋاپىق، دىمەكچىمەنكى ‹ئايلاندۇرۇش› كۆپ خىل مەنا ئىپادىلەيدۇ، ‹چۆرگىلىتىش › بولسا rotate تىن ئىبارەت بىرلاخىىل مەنا ئىپادىلەيدۇ. ئارلاشتۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن يەنىلا ‹چۆرگىلىتىش› نى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:01
      • ئوخشاش،لىكىن بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە (مەسىلەن mtv دىن mp3 گە ) ئايلاندۇرۇش دىيىلگەندە rotate موۋاپىق ئەمەس بەلكى transform مۇۋاپىق،
        =============
        يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئۇ دېگەن convert ئالماشتۇرۇش، مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت كود ئالماشتۇرۇش قورالى دېگەندەك، ئۇ ئالماشتۇرۇش بولسا، ئەمدى Replace نېمە دەيمىز دەپ سورىمايدىغانسىز-ھە؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:27
  • يەنە sign in- ‹تىزىملاپ كىرمەك › دەپ ئېلىنىپتۇ،‹تىزىملىتىپ كىرىش › دىيىلسىچۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:19
    • ئۈستىدە بىر پاتمان رەسىملەرنى يوللاپ، بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردىم دەپ ئويلاپتىكەن،
      ياكى مەن چۈشەندۈرەلمىدىم ياكى سىزنىڭ چۈشىنەلمىدىڭىز، بۇ ئىككىسىدىن چوقۇم بىرسىلا توغرا. بۇنى تورداشلار دەپ باقسۇن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:38
    • مىنىڭچىمۇ تىزىملاپ كىرمەك دىگىنى توغرا: تىزىملىتىپ دىيىلسە مەجھول دەرىجە بولۇپ قالارمىكىن….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:12
  • map(verb)-نى ‹خەرىتە كۆرسەتمەك› دەپ تەرجىمە قىلپ قۇلۇپمۇ سېلىپ بوپتىغۇ؟ ئۇيغۇر تىلىدا ‹خەرىتىلەش› دەيدىغان پىئېلمۇ بارغۇ.‹خەرىتە كۆرسىتىش› دېسەكمۇ بولاتتى بولمىسا….،ئۆزگەرتىش مومكىن بولسا يەنە بىر ئويلىنىپ باقساق دېمەكچى،رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:08
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندىم ياخشىمىسىز !
    window8نىڭ ئۇيغۇرچە ئارايۈزلۇك تەرجىمىسنىڭ چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئالامچە خۇشال بولدۇم ھەمدە قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن ناھايتى سۆيۈندۈم پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش جاپاكاش كىشلىمىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن ماختاشلارغا ۋە مەدىيەلەرگە لايىق بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئاسان قىلسۇن .
    مىنىڭ تەكلىۋىم شۇكى ئالدى بىلەن سىز بۇنى تور ھەم تىلۋىزيەنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتكە بىلدۈرۈڭ سەۋەبى شۇكى سىز قىلىۋاتقان بۇ ئىش مىللىتىمىز ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بىر ئىش ئىكىن شۇنداقكەن ئىكەن بۇئىشنى مىللىتىمىزدىن ھەممە ئادەم بىلىشى كىرەك چۈنكى ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز تەرجىمە خىزمىتى دىگەن ناھايتى ئىنچىكە ھەم زىل خىزمەت ئۇچۇر ساھەسى ئۈچۈن تەرجىمانلىق تىخى مۇ زىللقنى ۋە ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت شۇڭا بۇنى پۇتۇن جەمئىيەتكە ئاشكارلاش ئارقىلىق پىشقەدەم تەرجىمانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرسەك تەرجىمە خىزمىتىمىزنىڭ غەلبىلىك تاماملىنىشىغا زور تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ .
    مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم ھەم ئىلخەت ئادرىسىم:
    welizirakkak@foxmail.com
    ئاخىردا دەيدىغىنىم ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ئىمانىڭىزنى مۇستەكەم قىلسۇن ئىشلىرڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىنى تىلەيمەن ئاللاھقا ئامانەت !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:44
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    بارلىق تورداشلارنىڭ بەرگەن باھالىرى ۋە پىكىرلىرىنى كۆرۈپ زوقلاندىم، ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز سۆيۈنگىدەك ناھايىتى ياخشى ئىش بولىۋىتىپتۇ، بۇمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن!
    ==================================
    سەمىمى تەكلىپ:
    بۇرۇنقى ئۇيغۇرتىلىدىكى چىقىرىلغان كومپيۇتېر كىتابلار، ژورناللار ۋە لوغەتلەردىكى بىزگە ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلەرنى ئەسلى پېتىچە ئېلىپ، تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان ئاتالغۇلارنى بولسا ھەم ئىلمىي ھەم ئاددى بولغان ئىخچام ھالەتتە تىلىمىز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشساق دىگەن ئۈمىدتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:18
    • سەمىمى تەكلىپ:
      بۇرۇنقى ئۇيغۇرتىلىدىكى چىقىرىلغان كومپيۇتېر كىتابلار، ژورناللار ۋە لوغەتلەردىكى بىزگە ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلەرنى ئەسلى پېتىچە ئېلىپ، تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان ئاتالغۇلارنى بولسا ھەم ئىلمىي ھەم ئاددى بولغان ئىخچام ھالەتتە تىلىمىز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشساق دىگەن ئۈمىدتىمەن.
      ================
      بىزنىڭ پىكىرىمىزمۇ دەل شۇنداق، رەھمەت سىزگە

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى am 08:54
  • rotate-چۆرگىلىتىش ،tab-بەتكۈچ(چۈنكى،ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدا پىئېل+كۈچ=ئىسىم ، مەسىلەن:تەپ+كۈچ=تەپكۈچ،سۈرت+كۈچ=سۈرتكۈچ بولىدۇ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:54
    • ‹بەت›سۆزىىنىڭ ئىسىم ئىكەنلىكىگە دىققەت قلىماپتىمەن،كەچۈرۈڭلار.بىراق ‹‹بەت+كۈش››ئەمەس‹‹بەت+كچ›› بولغاندا،ياسالغان ئىسىم دۇرۇس بولىدۇ.رەھمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى am 07:28
  • zoomنى مەن ئىشلىتىپ باققان (ArcGisيۇمتالىدا)، ( zoom out (缩小) ,zoom in (放大,دەپ ئىشلىتىلىدۇ(چەكمە ئېكراندا)….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:43
  • badge-بەلگە،press and hold -ئۇزاقراق بېسىش،rotate-چۆرگىلەتمەك،pinch-چىمدىش،zoom-缩放(چوڭايتىش-كىچىكلىتىش ،ياكى دائىرە ،ۋە ياكى ئېنىقلىق),(pin(verb -تىكىش،thumb keyboard -بارماق (كونۇبكا)تاختىسى،curfew-چەكلەش،connection-ئۇلانما، map(verb) -خەرىتە ئېچىش(خەرىتىلىمەك)،control-تىزگىن،password-شىفىر،app listing-ئەپ تىزىملاش،secured boot-بىخەتەر قوزغىتىش،favorite-ئامراق.سىزنىڭچە بولامۇ؟جاپا چىكىۋاتىسىز…ھارمىغايسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:33
  • ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا‹‹-كۈچ››سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىسى بولۇپ،ئادەتتە‹‹پىئېل+كۈچ=ئىسىم››قائىدىسى بويىچە ماڭىدۇ.مەسىلەن:سۈرت+كۈچ=سۈرتكۈچ،تەپ+كۈچ=تەپكۈچ،دېگەندەك،شۇڭا tabنى بەتكۈچ دەپ تەرجىمە قىلسا خاتالاشمايدۇ،دەپ قارايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:52
  • ئۇنىڭ ئۈستىگە«تۇغ» نى قەبىلە ئاتامانى تاللايدۇ.windowsتىمۇ بىز كومپىيوتېر ئاتامان(باشقۇرغۇچى) ى سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز خالىغان رەسىمنى تۇغ قىلىپ تاللىيالايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:53
  • account picture دىكى account نى تۇغ دەپ تەرجىمە قىلساق قانداق بولار. چۈنكى تۇغ مەلۇم بىر قەۋۇمنىڭ بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەم account picture نى تۇغ رەسىمى دىسەكمۇ تازا ماس كىلىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:20
  • Inbox folderبۇ سۆزگە ئۇيغۇرچىدا … قىسقۇچى دىگەندىكى قىسقۇچ نى ئېلىۋېتسەك بولمامدۇ، چۈنكى چوقۇم خەتنىڭ بەلگىسىمۇ بېرىلىدۇ، شۇڭا ‹‹ كۆرۈڭ››، ئوقۇڭ، ‹‹كەلگىنى…›› ( يولىغىنى نىڭ ئەكسى) دىگەندەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:44
    • بولمايدۇ، چۈنكى، folder كەلمەيدىغان ئەھۋاللار بار، كەلگەن خەتلەر، ئەۋەتىلگەن خەتلەر، ئۆچۈرۈلگەن خەتلەر، ئەخلەت خەتلەر دەپ ئايرىم كۆرۈنىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:01
  • ئەگەر بۇلار شۇ ئادەمننىڭ تورغا چىققان -چىقمىغانلىقىنى كۆرسەتسە

    online بار

    Offline يوق لا دىسەكچۇ؟

    time allowance مۆھلەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:28
    • بار دېسە، ئۆيدە بارمۇ؟ ئىدارىسىدە بارمۇ؟ ياكى توردا بارمۇ؟ پۇلى بارمۇ؟ خوتۇنى بارمۇ؟،…..بولۇپ قالارمىكىن، مەنا ئۆز پېتى ئىپادىلىنىشى كېرەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:59
    • بۇ خەت ئەلۋەتتە كومپىيۇتېرنى ئاچقاندا ياكى تورغا چىقان-چىقمىغاندا كۆرۈنىدۇ ئەمەسمۇ. بىزخوتۇنىمىزنىڭ يېنىدىكى ۋاختىدا ئەلۋەتتە توردا يوق بولىمىز . سىز ئەڭ ياخشىسى يوداشلارنىڭ ئەڭ ياخشى چىققان ئاتالغۇلىرىنى ئىلغىۋالسىڭىز ياخشى بولاتتى ،بۇنداق ئۇرۇندا گەپ قىلماي، ئەمسە ئۆزىڭىزلا قىلىۋېلىڭ ، بىز سىز ساتقاندا ئېلىپ ئىشلىتەيلى.
      خەير خوش

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:16
  • ئەرەپ يېزىق نى تاشلاش كىرەك ! مەندەك مىكاۋخەنلەر بەكمۇ تەس دە ئۈگىنىدۇ. تۇرمۇشۇمىز دىكى كۆپ يۇمشاق دېتال ۋە توربەت لەر مۇ بۇخىل ئەرەپ يېزىقى نى قولىمايدۇ.. مۇ ئەرەپ يېزىقى بىز نى 30يىل قالاق قىلىۋەتتى.. لاتىن يېزىق نى ئىشلەت گە بولساق ساۋات سىزلار يوق بۇلاپ بولىتى دە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:16
    • سىز لاتىن يېزىقنى يېزىپ بىلمىڭىز ئاشقان ئەشۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىياردا كەم بولغاندا تۆت مىليۇن قېرندىشىڭىز ساۋاتسىز بۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن،،،، بۇ سۆزنى بەك ئويلۇنۇپ دەڭ ….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 12:53