«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا چارشەنبە كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ قارارلىق تەربىيەلەشكە تىزىملاش ئاخىرلاشتى. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا 3-قارارلىق «ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»دا ئوقۇش باشلىنىدۇ. تىزىملاتقان كۇرسانتلار ۋاقتىدا كېلىپ دەرسكە قاتنىشىڭلار. كۇرسانتلارغا تېلېفون ئارقىلىق ئايرىم خەۋەر قىلىنىدۇ. بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ، دەرس ئورنىنى كۆرۈۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
پۈتۈنلەي يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلار بولۇپ، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان.
ئورنى: ئۈرۈمچى چىندىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەر ئىتتىپاق يولى 1076-نومۇر.
10,60,65,70,301,920-يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا ئايلانما يول بىكىتىدە چۈشۈپ ئالدىڭىزغا 100مېتىر مېڭىپ قىزىل چىراقتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوڭ تەرەپ سېرىق رەڭلىك ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە (قوراللىق ساقچى چىگرا مۇداپىيە دوختۇرخانىسىنىڭ سول تەرەپ قىيپاش ئۇدۇلىدا).
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,706 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:25
- ئالدىنقى يازما :ئالىم ئەھەتنىڭ «ئاتلان»دىكى لېكسىيە فىلىمى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،
تەربىيەلەش كۇرسىنىمۇ ئوڭۇشلۇق باشلىۋاپسىز، مۇبارەك بولسۇن.
بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
بۇ ئىشلارنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن .
سىنىپلار شۇنداق ئازادە، پاكىز ئىكەن . دوستلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىۋېلىشىغا تىلەكداشمەن .
كىچىككىنە بىر تەكلىپ : 8:30 دا دەرىس باشلىنىدىكەن ، بەزىلەر بالدۇرراق باشلاشنى ئېيتىپتۇ . قىزغىنلىق ياخشى ئىكەن . مۇنداق بىر تەكلىپنى بەرسەم مۇئەللىم ئويلىشىپ كۈرۈڭلار . لايىھە ئىسمى «كۈندە بىر نۇتۇق» . لايىھەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق : باللار (ئىختىيار قىلغانلار)8:00 دە كىلىدۇ ، كۈندە بىر ئوقۇغۇچى نۆۋەت بىلەن 15 مىنۇتلۇق بىر نۇتۇق تەييارلاپ كىلىپ ئوتتۇرغا چىقىپ سۆزلەيدۇ، نۇتۇق 8:10 دا باشلىنىپ 8:25 دە ئاخىرلىشىدۇ . ئورگىنالنى ئەڭ ياخشىسى پ پ ت دا 7 بەتتىن 10 بەتكىچە تەييارلىسا ياخشى ، 15 مىنۇتتا تامامەن سۆزلەپ بۇلالايدۇ .
نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىغا چەك قۇيۇلمايدۇ . تېخنىكىلىق مەسىلە ۋە ھەل قىلىنىش ئۇسۇلى ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىققا كىلىۋاتقان يېڭى تېخنىكىلارنى تۇنۇشتۇرۇش ، ئۆزى بىلىدىغان خالىغان پىروگرامما تىلىنى باللار بىلەن قىسقىچە ئورتاقلىشىش ، ئالدىنقى كۈنلەردە دەرسلەردە سۆزلەنگەن ئەمما تەكرارلاش مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ئەسلەپ ئۈتۈش، مەشىق جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىللىرى ، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىللىرىدىن بەھىر ئېلىش ، يۇرت-يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئورتاق بەھىر ئېلىش، مەلۇم بىر كىتاپنىڭ قىقىچە مەزمۇنى … دېگەندەكلەرنىڭ خالىغىنى بولسا بۇلىدۇ ، مۇھىم بىر ئىش نۇتۇقنى باشلاشتىن بۇرۇن لىكسىيە بەرگۈچى يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا ئۈزىنى تۇنۇشتۇرغان قىياپەتتە ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۋىتىپ ئاندىن لىكسىيەنى باشلايدۇ .
شۇنداق قىلىپ ئوقۇتقۇچى8:30 دا ئۇيقۇسى ئېچىلىپ ، رۇھى ئۇرغۇپ تۇرغان باللارغا دەرس سۆزلەشنى باشلايدۇ .
بۇ لايىھەنىڭ پايدىسى بەك كۆپ ، بۇ يەردە سۆزلەپ يۈرمەي . ئىنشائاللا مۇشۇ بۇيىچە داۋاملاشسا ئۈزۈڭلار ھىس قىلىپ قالىسىلەر پايدىسىنى . بۇ مەن ئىلگىرى ئىچكىرىدىكى نۇپۇزلۇق بىر تەربىيلەش كۇرىسىغا قاتناشقاندا ئۆز ئەمىلىيىتىمدىن ئۆتكۈزگەن لاھىيە ، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن زور .
يەنە بىر گەپ باللار ، مەن قاتناشقان ئۇ كۇرۇسنىڭ باھاسى بۇ كۇرۇستىن كۆپ قىممەت ئىدى ، ئەمما ئاۋۇ رەسىمگە قارىسام بۇ كۇرۇسنىڭ شارائىتى مەن قاتناشقىنىدىن كۆپ ئەۋزەلدەك ، پۇرسەتنى قەدىرلەڭلار .
يەنە كىچىككىنە بىر تەكلىپ ، سىنىپنىڭ سول تەرىپىگىمۇ ئىككى قاتار كومپىيوتىر تىزىلغان بولسا (ئوڭ تەرىپىدەك دېمەكچى) باللار ئەمىلى مەشىق جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىللىرىنى ئۇرۇن يۆتكەلمەيلا پارتىداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشقا قۇلاي بۇلاتتى . (مەشخۇلات داۋامىدا بەزى ئۇششاق-چۈششەك مەسىللەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ ، ھەممىنى مۇئەللىمنى چاقىرىپ ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ، باللارمۇ ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ ، ھەمكارلىشىپ مەسىلە ھەل قىلىشنى ئۈگەنسە ياخشى . بۇمۇ ئىلگىرىكى تەجرىبە …ھى ھى ) ئاخىرىدا ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن .
ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز ، قاتتىق قوللايمەن !
ئاۋۋال دۇئا ئارقىلىق مۇشۇنداق ئىسىل ھەم ساۋاپلىق ئىشنىڭ باشتىنلا ناھايىتى ياخشى خاتىرجەم باشلىنىشىنى ، ھەمدە مۇشۇ كۇرۇسنىڭ ۋە شۇنداقلا كومپىيوتېر بىلىملىرىنىڭ ئوموملىشىشىغا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك بولغان ئىشلارنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى توختاپ قالماسلىقىنى كىيىنكىك ئەۋلاتلارنىڭمۇ داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن. ھازىرچە مىنىڭ ئىمتاھان بىرىشتىن باشقا پەۋقۇلاددە مۇھىم ئىشىم بولمىغاچقا كۇرۇس توغرىلىق ياردەملىشىدىغان ئىشلار بولسا مەن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەملىشەي. ئەسلى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇم بار ئىدى. ( ھەي ……ھەي ……. بولدىلا كۆپ سۆزلىمەيلا قوياي ، بەلكىم تەقدىر قىسمەت باشقىدۇر)
xmlھۆججەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. يازسام ئالمىشىپ قاپتۇ.
دېمەكچى بولغىنىم ئەسلى بۇ بىر xmlھۆججىتى ئىدى .
مەسىلەن:
adbs>788< نىڭ ئوتتۇرىسدا مەيلى سان ياكى ھەرپ-بەلگە بولسۇن ئىچىدىكىنىلا ئوقۇتۇشنى دېمەكچى ئىدىم،
XML ھۆججىتىگە مەشغۇلات قىلماقچى بولسىڭىز، .Net تا System.Xml ئاتلىق بىر نام(ئىسىم) بوشلۇقى بار، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرى بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ، كودنى ۋە XML ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپلا مەشغۇلات قىلىڭ.
http://en.wikipedia.org/wiki/XML
http://msdn.microsoft.com/en-us/library/cc189056(v=vs.95).aspx
http://www.codeproject.com/Articles/4826/XML-File-Parsing-in-VB-NET
http://www.cnblogs.com/skyapplezhao/archive/2008/05/24/1206408.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئىشلىرڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق كۇنلىرگىزنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك ئۇتۇشنى ياراتقان ئاللاھدىن تىلەيمەن .
دەرسمۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.تەربىيلەشكە قاتنىشالايدىغان بارلىق ئۇقۇغىچىلارغا مۇبارەك بۇلسۇن!!!
مەندەك دەسكە قاتناشقۇسى بار شارائىت يار بەرمەيدىغانلار پىغان ئىچىدە دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال يوق!!!!
ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىمكان بولسا تور دەرسخانىسى تەييارلىغان بولسا ئۇقۇش پۇلىنى تولەپ ئۇقۇپ ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ئۇچۇن بىر كىشلىك توھپە قۇشۇشقا تاييار تۇرغان بۇلاتتىم .
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز!
مېنىڭ بۇقېتىمقى تەربىيلەشكە بەكمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى. بىراق شارائىت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىدىم.
VB.netتا تۆۋەندىكى مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ كۆرسەتمە بەرسىڭىز.
abcd123
textbox ئىچىدىكى >< نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەزمۇننىلار ئايرىماقچى بولساق قانداق كود يازىمىز؟
يەنى : abcd123 نىلا كۆرسەتمەكچى ئىدىم.
سانلارنى بىر يەرگە، ھەرپلەرنى يەنە بىر يەرگە دېمەكچىمۇ؟ مەسىلەن: 123 نى بىر يەرگە، abcd يەنە بىر يەرگە دېمەكچىما؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا بۇنى ھەل قىلىشنىڭمۇ بىرنەچچە ئۇسۇلى بار. كودىنى پەرقلەندۈرۈش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
سىز قايسى لاچىن؟مىنىڭكىگە ئوخشاش ئىسىم قويۇۋاپسىزغۇ؟پەرىقلەندۇرۇپ قويمامسىز ئۇ ئىسىمنى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن سىزدىن ۋىندوۋىس8 گە دائىر بىر مەسلىنى سۇرىماقچى .
بەزى ۋىندوۋىس7 سېستىمىلىق كومپىيوتېرلاردا ئۇيۇن ياكى باشقا بەزى ئەپلەرنى ئىجىرا قىلغاندا پۈتۈن ئېكىران كۆرۈنمەي ئىككى تەرىپى قارا كۆرنىۋالىدىكەن ، بۇنداق كومپىيوتېرلارغا ۋىندوۋىس8نى قاچلىغاندا نۇرمال چىقامدۇ ياكى يەنىلا يېرىم ئېكران بۇلۋالامدۇ ؟؟
ئەلۋەتتە يىرىم ئىكران چىقىدۇ دە،يان كومپىيۇتىرلانىڭ ھەممىسى شۇ،سىستىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز
ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم،مەن ۋندوۋس سىستىمىلىق يانغۇنلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تاپالماي ئاخىرى يەنە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولدۇم.بۇنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
سىز بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىك تورىدىن تاپالايسىز
خالىد88 ئېيىتقاندەك ، ئەگەر توردا دەرس ئۆتۇش يولغا قويۇلسا ، راس دىگەندەك نۇرغۇن ياشلارغا ئوڭايلىق بولاتتى-دە،مەسىلەن :مەندەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋانقان ئوقۇغۇچىلارغا ، يېراقتىكى ياشلارغا……قاتارلىقلارغا ياخشى پۇرسەت بولاتتى.ئالىم مۇئەللىم ، مۇشۇ توغرۇلۇق بىر ئامال قىلغان بولسىڭىزكەن،ھەممەيلەن سىزنىڭ ئىسىل دەرىسلىرىڭىزدىن تەڭ بەھىرلەنسەك…….
مۇئەللىم كەچلىك كۇرۇستا ئاندروئىد دەرسى ئېچىلىدىغاندەكمۇ؟قېنى چىراي ئىپادىسى؟
تەربىيەلەشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
ئەتە دەل ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ بارغايمىز
ئالىم مۇئەللىم بۇندىن كىيىن دەرسنى سائەت 8 دە باشلىساق بوپتىكەن بىز ئۈلگۈرۈپ بارالايتۇق
بالدۇر كېلەلەيدىغانلار بالدۇر كەلسەڭلار بولىدۇ، مەسىلەن: 8:00 دېگەندەك، (دەرس ۋاقتى 8:30 دىن 11:30 غىچە بولىدۇ)
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن مۇئەللىم!
مۇمكىن بۇلسا تۇردا دەرس ئۇتۇش ئشلىرىنى ئۇيلشىپ باققان بۇلسىڭىز سىزگە ئەگىششنى خالايدىغان، سىزگە ھەۋەس قىلىدىغان نۇغۇن تالانتلىق ئويغۇر ياشلىرىمىز تەمتىرەپ يۇل تاپالمايۋاتىدۇ. بارچە قىينچىلىق، جاپا – مۇشاقەت خەلىقىنى ئۇيلىغان، مىھنەتسىز جاپا چىكىۋاتقان سىزدەك يۇل باشچىللىرىمىزغا بۇ ئىشلارمۇ ئاسان ئەمەس. جاپايىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ يۇلەنمەيلى دىسەكمۇ ئىلاجسىزلقىتىن سىزگە يۇللنۋىلىۋاتىمىز. بۇ بىزدىكى ھاجىزلىق ئۇخشايدۇ ھە؟
ئالىم مۇئەللىم ئويلاشمايدۇ ئەمەس،ئازراق ۋاقىت چىقسىلا بىز ئۈچۈن ئويلىشىۋاتىدۇ. ئاۋال قولىدىكى ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىۋاسۇن، ئاندىن كىيىن شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ئالىم مۇئەللىمنىڭمۇ توردا دەرىس ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس.