Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بۇ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ، «Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش» ھەققىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتقان ئىدىم، مەزمۇن پۈتۈپ بولغۇچە، رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە «ئۇيغۇرچە تىل بولىقى»نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار، ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرچە Windows 8 دىن بىرنەچچە رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم، قاچىلاپ باقمىغانلار بۇ رەسىمدىن ھوزۇر ئالغاچ تۇرۇڭلار، رەھمەت!
بەزى تورداشلار خەنزۇچە ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows 8 نىڭ تىلى ئىنگلىزچە ئىدى، شۇڭا رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە Windows 8 دىن ئېلىندى. ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، مېنىڭچىمۇ خەنزۇچە Windows 8 دىمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 107,498 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:13
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
تېخىمۇ كۆپ
445 پارچە باھا يېزىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ھېچ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تاپالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟؟
؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئالىم ئاكا ئىككىمىز تۇغقان بولغاندىكىن ئازراق .ئۆگىتىپ قويىڭە……….ھېھېھېھېھې
ماڭا جاۋاپ بېردىغان ھېچكىم يوق.
مېنىڭ كومپۇتۇرىم 遇到错误دەپ كەچكىچە قايتا قوزغىلىپ كېتىۋاتىدۇ….win7دە مۇنداق قىلمايتتى،win8دە كۈرۆلدى
ماڭا جاۋاپ بېردىغان ھېچكىم يوق.
مېنىڭ كومپۇتۇرىم 遇到错误دەپ كەچكىچە قايتا قوزغىلىپ كېتىۋاتىدۇ….win7دە مۇنداق قىلمايتتى،win8دە كۈرۆلدى.
مىنى ئەڭ خوشال قىلغان جاي ، تىل تاللاش رايونىدا ئېنگىلىزچە خەنزۇچە ئۇيغۇرچە بولغىنى ، دۇنيادا شۇنچە كۆپ تىللار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە تېللار بىلەن بىر قاتاردا تىزىلغىنى
مەن خەنزوچە قاچىلاپ ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرساممۇ بولدىغۇ؟
لېكىن كەچكىچە مەسىلە كۆرۈلدى دەپ قايتا قوزغىلىپ كېتىدۇ.
مېنىڭكىدە ئاۋازنىڭ ھەرخىل ئۈنۈملىرى چىقمىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت ئۇستاز، مەن بۈگۈن ( lenovo) قول كومپىيۇتېرىمغاWindows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدىم، سىستىما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشىگەندىن كىيىن : ۋەزىپە بالدىقى نۇرمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، يەنى باشلاش تىزىملىكى ئوڭ تەرەپكە ئۆرۈلمەي سولدا (ۋاقىت نىڭ ئاستىدا) كۆرۈندى، تور كۆرگۈچ ۋە كومپىيۇتېر قاتارلىقلارنى ئاچقاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ رەسىمى ۋەزىپە بالدىقىدا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ (مىخلاپ قويساممۇ ئوخشاش). لېكىن ۋەزىپە بالدىقىنى مائۇس بىلەن تارتىپ ئىكران يۈزىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرپىگە ئەكىلىپ قويسام كۆرنىدۇ، ئاستى ۋە ئۈستىگە ئەكەلسەم يوقاپ كىتىدۇ، تىلىنى خەنزۇچىغا ئالماشتۇرسام ۋەزىپە بالدىقى نۇرمال كۆرنىدۇ. ۋاقتىڭىز بولسا بۇ مەسلىنى ھەل قىلشىمغا ياردەم بەرسىڭىز!
( lenovo) قول كومپىيۇتېرنى يېڭى سېتىۋالغان، Windows 8 سىتىما قاچىلاقلىق ئىكەن. مەن پەقەت ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويۇنچە قاچىلغان ئىدىم.
مەن مۇشۇ مەشخۇلات بۇيىنچە قىلدىم ، لېكىن تۇلۇق بولمىدى ، بەزىسى ئۇيغۇرچە بەزىسى خەنزۇچە چىقىۋالدى ، دوسلارنىڭ يول كورسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ..
ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىل بۇلاقلىرىنى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن بىۋاستە چۈشۈرسەڭلار ئۆزى ئىجرا بولۇپ قاچىلىنىدىكەن.
ئادرېسى:
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/language-packs#lptabs=win8
مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يىڭى چىققاندا كونتىرول تاختىسىدىن چۇشۇرۇپ قاچىلاي دىسەم مەكتەپنىڭ تور سۇرىتى ئاستا بولغاچقا پەقەت بولمىدى،شۇنىڭ بىلەن مىكرو سوفىت باش بىتىگە چىقىپ شۇيەردىن چۇشۇرۇپ قاچىلاي دىسەم ،تىل بولىقى تىزىملىكىنىغۇ كۆردۇم ،بىراق ھىچ يەردە«چۇشۇرۇش» دىگەن خەت يوق،شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ توغۇرلۇق خەت قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم،باشقىلارمۇ شۇنداق ئىنكاس قالدۇرغان ئوخشايدۇ،مەنمۇ ئالدىنقى كۇنى تىخى كۆرگەن ئىدىم ئاخىرى ئۇيەردىنمۇ چۇشۇرۇشكە بولدىغان بوپتۇ مانا،مۇلازىمەت دىگەن مۇشۇنداق بولسا مانا!
بۇ ئىشقا ئىككى ئاي بولۇپ قالدى، شۇ يەردىن بىۋاسىتە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
ئالىم ئاكا …كۆزىنەك 8 نى قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ … توردىن چۈشۈرگەنلەرنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟
مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ بۇ ياخشى ئىشىنى قوللاش ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىق ۋە مەدىنىيىتىنىزنىڭ تېخمۇ تەرەقىي قىلىشى ۋە تېخمۇ كۆپ ساھەلەردە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز ھەمەيلەن كۆزىنەك 8 سېستىمىسىنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك …بۇنىڭدا بىزگىمۇ پايدىسى بار …بۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىكرو سوفىت شىركىتىگىمۇ پايدىسى با..ئەگەر بىز كۆپ قوللانمىساق كىيىن كى نۇسخلىرىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن … مەن كۆپ خىل سېستىمىلارنى ئىشلىتىپ باقتىم …يەنىلا دۇنيادىكى ئىشلىتىلىش دائىرسى كەڭ بولغان سېستىلىلارلا ياخشى ئىكەن دەپ ئويلىدىىم .. دوستلار بىز بىرلىكتە ئويغۇرچە كۆزىنەك 8 سېستىمىسىنى ئىشلىتەيلى ……
ئالىم ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن ئەجىرقىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپلەپ تەشەككۈر
چۈشۈرۈش ئادىرىسى قەيەردە؟
ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ . ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلغاندىن كىيىن چىقىدىغىنى سەل بىر قىسما تۇرىدىكەن .