يۇنىكود CLDR دېگەن نېمە؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]CLDR دېگىنىمىز ئىنگلىزچە Common Locale Data Repository دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك مەلۇمات ئامبىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يۇنىكود ئورگىنىنىڭ ھەرپ-بەلگە ئۆلچىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم دۇنياۋى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە دۇنيادىكى مۇھىم تىللارنىڭ يەرلىك مەلۇمات ئۇچۇرى XML فورماتىدا ساقلىنىپ، كومپيۇتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.
بۇ تېخنىكىلىق ئۆلچەمنى تۈزۈشكە IBM, Apple, Google, Microsoft ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باش بولۇپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەن Microsoft نىڭ تېخنىكىلىق خادىمى سۈپىتىدە بۇ ئۆلچەمنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىگە ئىزچىل قاتنىشىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر-تىل يېزىقى 2012-يىلى 4-ئايدىلا CLDR غا كىرگەن بولۇپ، Windows 8 نى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا مەن بېكىتكەن بارلىق ئۆلچەملەر Microsoft ئۈچۈن رەسمىي ئۆلچەمگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇنىكود CLDR ئۈچۈن سىناق ھالەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ iOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە چېسلا ئۇچۇرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا ھازىر CLDR Ver 3.0 نەشرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن رەسمىي ئورۇن ئالدى ۋە خەلقئارالىق يەرلىك ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بۇ خۇددى 2001-يىلى 4-ئايدا (دىيارىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنلاشتۇرۇش دولقۇنى تازا ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە)، خەلقئارادا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمى بېكىتىلگەندەك مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە Apple, Google قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇھىم تىللار قاتارىدا كۆرەلەيسىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,019 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 05-ئاينىڭ 16-كۈنى am 9:55
- ئالدىنقى يازما :E-commerce is a really complex platform that helps from the management of firms.
- كېيىنكى يازما :Just how to Create an Argumentative Paper
ئالىم مۇئەللىم سلىگە كۆپ رەھمەت،سالامەتلىكلىرنى ئاسراپ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرستشلىرنى ئۈمىت قلىمەن.
بىرىنچى سوئال ،مۇئەللىم ، گېپىڭىزدىن قارىغاندا سىز مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق باش تېخنىكا خادىمى ئىكەنسىز ھە ؟ ئالمىنىڭمۇ شۇنداق باش تېخنىكا خادىمى بارمۇ شىنجاڭدا مۇئەللىم؟
ئىكىنچى سوئال ، سىزمۇ تېلفون ياساپ سېتىپ ، شاۋمى شىركىتى كەبى سودا قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزما ؟
بىرىنچى سوئالغا جاۋاب: مەن ئۇيغۇر-تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى، تېخنىكا ئىنژېنېرى بولساممۇ، ئۇ يەردىكى ئورنۇمغا يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ. يەرلىكلەشتۈرۈش ئىنژېنېرى، ئاتالغۇشۇناسى (بەزىدە مېنى يەنە terminologist دەپمۇ چاقىرىدۇ)، بەزىدە يەنە مۇشۇنداق سالاھىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ نامىدا خەلقئارالىق ئۆلچەم تۈزۈشكە ئارىلاشتۇرىدۇ،
مەن ئالما شىركىتىنىڭ دىيارىمىزدا شۇنداق خادىمى بار-يوقلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر شۇنداق خادىمى مەۋجۇت بولسا، كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپمۇ بىلەلەيتتۇق.
ئىككىنچى سوئالغا جاۋاب: ھازىرچە ئۇنداق خىيال يوق. مەن مىجەزىمدە ئۇنداق سودىگەر بولالمايمەن، مۇشۇنداق مۇئەللىم بولۇپ ئۆتىدىغان ئوخشايمەن.
مۇئەللىم، ئۇنداقتا كېيىنچە ئالما تېلفۇنلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرمايلا ئۇيغۇرچىگە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ پۈتۈن سېستىمىسىنى دېمەكچى
شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى بۇ خەلقئارالىق ئۆلچەم، ئالما شىركىتى بۇ ئۆلچەمنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرسى
ئالىم مۇئەللىمنىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ھەرقايسمىز ئۆزىمىزشۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتە قىلالايدىغانلىرىمىزنى ئىخلاسىمىز بىلەن قىلساق ھەممە جەھەتتىن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.ئاپىرىن.
خۇشخەۋەر بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس، ھەقىقى خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ.
ياخشىمۇسىز مۇئەللىم،يىقىندىن بۇيان بىلوگىڭىز پات -پات توختاپ قالىدىغان بولوپ قالدى ،ئوقۇش پۈتتۇرۈش ماقالەم ئۈچۈن بىلوگىڭىزدىن پايدىلىنىۋاتقان ئىدىم ،ئوقوش پۈتتۈرۈش ماقالىمىزنى ئوقۇيدىغانغا ئازلا قالدى،يەنە توختاپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ بىتىڭىزدىن نەچچىنى چۇشۇرۋىلىپ ئۇلاپ قويىۋاتىمەن ،مۇمكىن بولسا بىلوگىڭىز نۇرمال مىڭىپ بەرگەن بولسا سىزدىن ناھايتىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
يەنە بىر پەخىرلەنگۈدەك ئىش بوپتۇ
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ سۆزىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا بۇندىن كىيىن ئالما مەھسۇلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرتىلىنى تىگىدىن قوللايدىغان ئوخشايدۇ، ھەمدە ئۇيغۇر تىل بولىقى چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن. رەھمەت سىزگە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم. سىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى. سىزدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن.
جاپاكەش ئۇستازلارغا قۇرۇپ بولسىمۇ چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!
ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئالىم مۇئەللىم، مۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقتۇم، قانداق ئامال بار!
كومپيۇتېرىمدىكى ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
ھەممە ھۆججەتلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا crypt بۇ قۇشۇلۇپ قاپتۇ، ئۆزەم بىلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىپ ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم.
مۇشۇنى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان ئامال بارمىدۇ. بەك بېشىم قاتتى شۇنچىلىك ئىشنى قىلالمىغىنىمغا!
ھەراس M2T شەكىلدىكى فىلىم ھۆججىتى ساق قاپتۇ قالغان رەسىم ۋە فىلىم ئۆججەتلىرىنىڭ ئاخىرقى نامى پۈتۈنلەي DSC_2602.JPG.crypt مۇشۇ خىل ھالەتتە
marka.psd.crypt
HD.mpg.crypt
VTS_01_1.VOB.crypt
ئەسلىدە iOS نىڭ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشىسە چېسلانىڭ ئۇيغۇرچە كۆرىنىدىغان ئىشى مۇشۇنىڭدىنكەندە…
خەلقىمىز ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ، ئۇيغۇر سوفت ئەزمەتلىرى غەيرەت قىلىڭلار !
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەئەللىم ھارمىغايسىز، CLDR Ver 3.0 نەشرى قاچانراق ئېلان قىلىنار؟
تەپسىلاتنى بىلدۈرگىلى بولارمۇ؟
بەزى ئىشلارنى ھازىرچە دېسەم بولمايدۇ