يۇنىكود CLDR دېگەن نېمە؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]CLDR دېگىنىمىز ئىنگلىزچە Common Locale Data Repository دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك مەلۇمات ئامبىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يۇنىكود ئورگىنىنىڭ ھەرپ-بەلگە ئۆلچىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم دۇنياۋى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە دۇنيادىكى مۇھىم تىللارنىڭ يەرلىك مەلۇمات ئۇچۇرى XML فورماتىدا ساقلىنىپ، كومپيۇتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.
بۇ تېخنىكىلىق ئۆلچەمنى تۈزۈشكە IBM, Apple, Google, Microsoft ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باش بولۇپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەن Microsoft نىڭ تېخنىكىلىق خادىمى سۈپىتىدە بۇ ئۆلچەمنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىگە ئىزچىل قاتنىشىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر-تىل يېزىقى 2012-يىلى 4-ئايدىلا CLDR غا كىرگەن بولۇپ، Windows 8 نى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا مەن بېكىتكەن بارلىق ئۆلچەملەر Microsoft ئۈچۈن رەسمىي ئۆلچەمگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇنىكود CLDR ئۈچۈن سىناق ھالەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ iOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە چېسلا ئۇچۇرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا ھازىر CLDR Ver 3.0 نەشرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن رەسمىي ئورۇن ئالدى ۋە خەلقئارالىق يەرلىك ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بۇ خۇددى 2001-يىلى 4-ئايدا (دىيارىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنلاشتۇرۇش دولقۇنى تازا ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە)، خەلقئارادا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمى بېكىتىلگەندەك مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە Apple, Google قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇھىم تىللار قاتارىدا كۆرەلەيسىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,032 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 05-ئاينىڭ 16-كۈنى am 9:55
- ئالدىنقى يازما :E-commerce is a really complex platform that helps from the management of firms.
- كېيىنكى يازما :Just how to Create an Argumentative Paper
Uighursoft CAT دىگەن يۇمشاق دىتال تەرجىمە ئىشلىرىمىزغا قولايلىق ئىلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشتا ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولغان بولسا (قوش يۆنىلىشلىك ئىشلەتكىلى بولغان بولسا) تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئالما تېلېفۇنىنىڭ چىسلاسىدىكى ئۇيغۇرچە يىزىقنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم، ئەسلىدە ئالىم مۇئەللىمنىڭ تۆھپىسىكەندە. بەزىلەر قارلۇق شىركىتىدىكى خادىملارغا تەشەككۈرلەر ئىيىتىپ يۈرگەن.
سالامەتلىكىڭىزنىڭ بۇرۇنراق ئەسلىگە كېلىشى تىلەيمىز! سەللىمازا ساقايغاندىن كېيىن يېڭىچە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم!
سالامەتلىكىڭىز خېلى ياخشىلاندىمۇ؟
ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى 2.0 نەشىرى قاچانراق چىقىدۇ؟
ئەگەر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ھەرقايسى كۆچمە ئۈسكۈنە مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىدىغان يۇنىكود CLDR رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كىيىن بارلىق ئاندىرويىد سېستىمىلىق تىلفۇن ۋە ئالما سېستىمىلىق تىلفۇنلار ئۇيغۇر يېزىقىنى تىگىدىن قوللايدىغان بولامدۇ؟ سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ئەگەر ئاندىرويىد سېستىمىلىق بىر تىلفۇن ئارقىلىق ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللانسا ئالما سېستىمىلىق تىلفۇندىمۇ ئۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق ئىچىلامدۇ؟ باشقىلارغا ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللىساق ئىنگىلىزچە (پىنيىنچە) كىرگۈزۈپ يوللايدىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن بولسىمۇ قۇتۇلالامدۇق؟
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.سالامەتلىك بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسى. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسىراڭ مۇئەللىم.
سالامەتلىگىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيمەن! ياخشى ئارام ئېلىڭ!
ياخشىمۇسىز،ھېلىمۇ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كېلىپ قالاي دېدى ،شىركىتىڭىز قۇرۇلغىنىغا 18يىل بولاي دەپ قاپتۇ، كۆپچىلىككە سۇنىدىغان يېڭى يۇمشاق دېتال ياكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا يېڭى خەۋەرلىرىڭىز باردۇ؟ مەسىلەن : ئۇيغۇرچە باسما يېزىقىنى تونۇتۇش سىستېمىسى دېگەندەك
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ھەرقايسى كۆچمە ئۈسكۈنە مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىدىغان يۇنىكود CLDR (خەلقئارالىق ئۆلچەم)نى ئىشلەپ تاماملىدىم، بۇ ئۆلچەم پىلان بويىچە 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
ئۈزەم ھازىر سالامەتلىك سەۋەبىدىن دەم ئېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدۇم، ئەمما باشقا دېتاللىرىمىز نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ
تەكلىپ:
ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇر سوفت) تور خاتىرىسى
http://imla.uighursoft.com
ئۇيغۇرسوفت ئىملا
ئۇيغۇر سوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (ھەقسىز)
http://www.udict.cn
ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى
… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر سوفت ئورگان تورىغا قوشۇۋەتسىڭىز، ياكى ھەممىسىنى ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر سوفت مەھسۇلاتلىرىنى تولۇق تونۇپ ھەقسىز ئىشلىتىش، سېناپ ئىشلىتىش، سېتىۋېلىپ ھەقلىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
ئالىمكا كەچۈرسىسز، قاچانلىققا پوچى بىر رەسىمگە چۈشۈپ قويىسز..بىل گايتىس، جوبىستەك… بەدئىي قىلىپ ئۆزىڭىزگە خاس ماندا چۈشۈپ قويسىڭىز بولىتى ،تامغا ئېسىپ ساقلاپ قويساق بىزمۇ…
رەھمەت مۇئەللىم،تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزگە بەخىت،ئۆمرىڭىزگە بەرىكەت، ئىژتىھاتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
تاپشۇرىدىغان ھەقنى ئۇيغۇرسوفتنىڭ سېتىش بۆلۈمىگە بېرىپ ئالاقىلىشامدۇق، تاپشۇرىدىغان ھەق قانچىلىك بولىدۇ،
مەن كومپىيۇتىر ھەۋەركارلىرى شىركىتى سېتىۋەتكەن نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم
شۇنداق، سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، مەن ئېچىش ئىشلىرىغا مەسئۇل،
ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم !!
مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چىكىپىسز رەھمەت سىزگە !! توغراق يېشىدا ياشاڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،
ئۇيغۇرسوفت كورىكتورىنىڭ 7.0 نۇسخىسى چىقىپتۇ، ئۇنداق بولسا كونا نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئاپتۇماتىك يىڭىلىيالامدۇق؟
ئازراق ھەق تاپشۇرساڭلار بولىدۇ
بىز پەقەت ئېغىزىمىزدا بارىكاللا ئېيتىمىز خالاس. ئالىم ئۇستاز سىزگە ساق -سالامەتلىك يار بولسۇن .
ئۆلچەملەشتۈرۈشنى قىلىۋاتقان باشقىلارمۇ بار، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئورگىنىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، ئاخىرىدا ئۆلچەملەشتى.
ئۆلچەملەشتۈرۈش ئورگىنىنى بىلمەي تۇرۇپ قىلىۋاتقان قايسى ئۆلچەمنى دەيسىز؟