ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟
[ چۈشۈرۈش ]ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]
يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،
بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]
تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ
- يازما كۆرۈلۈشى: 24,603 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:01
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟
- كېيىنكى يازما :Windows8 دەۋرى كەلدىمۇ-نېمە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسى دەپ بەك جىق ئاڭلايمىز ، مۇشۇنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىمۇ باردىمۇ ؟ بولسا بىر كۆرسىتىپ قويسىڭىز . مىللىي يۇمشاق دىتاللارنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە قوللاپ قويسام . رەھمەت !
ئامال بار توردىن سېتىۋالىغىلى بولسا ياخشى بولاتتى !
بىر قېتىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر قېتىم قاچىلاش كېرەكما؟
ئەلكاتىپ ھەقسىز نۇسخىسىنى بىر قېتىم ئىشلەتسەك بىر قېتىم قاچىلاپ ئىشلىتەمدۇق،ياكى مەن ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىممۇ،خۇددى ‹ئامەتكە دۇچ كەلسەڭ ئۇنى بىئەجىر تەرك ئەتكىن ›دىگەندەك.
مەن ئالدىنقى ئايدا ۋىندوۋىس7نى ئىشلەتكەنتىم،بىر ئاي ئىشلىتىپمۇ ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارلىقىنى بىلمەپتىمەننە؟؟؟
shift+w shift+q يەنىچۇ مۇئەللىم؟ يەنە قوشايلى.
ئاشۇنداق دايىم ئىشىلتىلىدىغان باغلىغۇچىلارنى يەنە قوشايلى، ھېسابلاپ باقسام: مەن بىر بەت ماقالە ئۇرغۇچە 2 ~ 3 مىنۇت ۋاقتىمنى تېجەپ قاپتىمەن. shift+q ئارقىلىق.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم . ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە بۇ كىرگۈزگۈچ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ،. بىر خاتالىق يەنى ئەسسا دەپ كىرگۈزەي دەپ يازسا بەزەندە ئەسسئا بۇنداق يەنى ئ ھەرپى قوشۇلۇپ قالىدىكەن … شۇنى بىر ئوڭشىغان بولساڭلار . ئەمدى ئۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋەرگىلى بولىدۇ . شۇڭا دەيمەنغۇ ئەمدە …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ خەت نۇسخىسى توغرىسىدا كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ‹‹ ئەلپىدا ›› نى ئىشلەتكەن چاغلىرىمىزدا ئۇيغۇر خەتلىرىنىڭ نەقەتەدەر گۈزەللىكىنى ھىس قىلاتتۇق، شۇنىڭغا ھەيران ئەلكاتىپ ۋە باشقا خەت نۇسخىلىرى نېمىشقا ئەلپىدا گۈزەل خەت نۇسخىلىرىدەك گۈزەل ئەمەس. خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىلارنىڭ خىلىلا كۆپ گۈزەل خەت نۇسخىلىرىنى ھەقسىز تارقىدىكەن، سەمىمىي تەكلىپىم، ئەلپىدانىڭ شۇ گۈزەل خەت نۇسخىلىرىنى ئەلكاتىپمۇ ئۆز خاتىرىلىرىمىزگە قالدۇرالارمىزمۇ؟ مېنىڭچە ۋېن 8 مۇ ئۇيغۇرچىنىڭ گۈزەل نۇسخىلىرىنى قوشۇپ قويسا ھەرگىزمۇ كىرىمى ئازلاپ كەتمىگەن بولاتتى………………
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم! 1› مەن windows8 نىڭ ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم، يېقىندىن بۇيان تۇرۇپلا مائۇسنى تونۇماس بولۇۋالىدۇ، مائۇسنى قايتا چىقىرىرىپ يەنە سالسام يەنە تونۇيدۇ، ئامما، نەچچە 10 مىنۇت ئۆتەكەندىن كېيىن يەنە شۇنداق بولۇۋالىدۇ، قايتا قايتا ئېلىپ سېلىپ بەك ئاۋارە بولۇپ كېتىۋاتىمەن،بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىشىمىدۇ، (ھازىر 360 ۋىرۇسخورىنى ئىشلىتىۋاتىمەن)؛ بۇنىڭ زادى نېمە ئىشلىقىنى بىلەلمىدىم،
2) windows 7 نى ئىشلەتكەندە كاسپىرىسكاينىڭ ھەقلىق نۇسىىسىنى ئىشلەتكەن ،windows بۇ ۋىرۇسخورنى تونۇمايدىكەن .بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ قويغان بولسىڭىز، ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت!
بۇ كىرگۈزگۈچ ئوفىس 2010 دا نورمال ئەمەسمۇ نىمە ؟ خەتلەر تەرتىپ بويىچە چىقماي پارچىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ …