ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  چۈشۈرۈش  >  يازما كۆرۈش

ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟

[ چۈشۈرۈش ]

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[ ئەلكاتىپ 5.7 ھەقسىز نۇسخىسىنى يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ]

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،

بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]

تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
217 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىم ئاكا جاپا چەكتىڭىز.
    مەن بۇگۈن 5.7 يىڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرگەنتىم. سىستىمام ghost XP ئىدى. يۇمتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن، خەت نۇسخىسى تاللايدىغان ئورۇندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تاپالمىدىم.WORD2007 دە خەت نۇسخىسىنى تاللاپ خەت يازسام، پەقەتلا چىقمىدى. بۇ مىنىڭ كومپىيوتىرىمنىڭ ئىشىمۇ ياكى باشقا مەسىلىمۇ؟ ۋە ياكى مەشخۇلاتتا خاتالىق كۆرۈلدىمۇ؟ پەقەتلا بىلەلمىدىم. بىر قانچە قىتىم قايتا قاچىلاپمۇ باقتىم سەۋەبى نىمىدۇ؟ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:24
    • كومپيۇتېرىڭىزدا 360 دېگەندەك ۋىرۇسخور دېتاللار ياكى ئوتتام توسۇۋالغان ئوخشايدۇ، شۇڭا، ئۇنى توختىتىپ قويۇپ قايتا قاچىلاڭ ياكى كىرگۈزگۈچنى ئۆزىڭىز قوشۇۋېلىڭ يەنى (كىرگۈزگۈچ رايونىدىن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ)

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:08
  • ئۇيغۇرچە بىلوگنى قانداق قۇرىدۇ؟ تەپسىلىي تەرتىپىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:51
  • ئەسسالام ئالىم ئاكا، مەن كەسپىي كومپىيۇتېردا كىتاب ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىمەن، سىزنىڭ ئەل كوررېكتورنى ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن ئاجىزلىقلارنى بايقىدىم. ئۆزۈم مۇستەقىل كوررېكتور سىستېمىسىدىن بىرنى ياساپ باقاي دېگەن. پىروگرامما تىلىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق، مۇشۇنداق سىستېمىنى ياساش ئۈچۈن قانداق باسقۇچلارنى بېسىش كېرەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:50
    • ئاۋۋال سىز بايقىغان ئاجىزلىقلارنى دەپ باقمامسىز؟ شۇ ئاجىزلىقلارنى قانداق يېڭىش توغرىسىدا توغرىسىدا مەسلىھەت بېرەرمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى am 06:44
  • ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە تىل يېزىق كۇمىتىتنىڭ بېكىتكەن ئۇيغۇر لاتىن لايىھەسنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى، ئالاھىدە ھەرپىلەر خەت نۇسقىسدىمۇ بولسا، قۇرئان تېكىسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا بەك ياخشى بولاتتى، بۇ تەكلىپنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:20
    • ئۇنى ئىشلىتىدىغانلار ئۆزلىرى توردىن تېپىپ ئىزدەپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ، بىرەر نەرسىنى ئىجازەتسىز كەلسە-كەلمەس قوشۇپ قويساق، ئۇنىڭ ئېگىسى بار، ياخشى بولمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:10
  • مەن يېڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدىكى ھەرپلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلەر بولغانلىكى ئۈچۈن دەسلەپتە خېلىپ قېينالغانىدىم، كېيىن تۇيۇقسىز ئويغان كىرگۈزگۈچىنىڭ خەلقئارالىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن تۇيۇقسىز تۇنۇشۇپ قېلىپ ناھايىتى ئاسانلا ئۇيغۇرچىنى تېز كىرگۈزىدىغان بولغان ھەم ئىزچىل كىرگۈزگۈچتە مۇشۇ خىل كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگىمۇ بۇنى تۇنۇشتۇرسام ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ئېيتىشتى، لېكىن ئەلكاتىپنىڭ ئىلگىرىكى كىرگۈزگۈچلىرىدە ۋە Windows 7 نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىدە پەقەت رايۇنىمىزدا ئۇمۇملاشقان كىرگۈزگۈچ ئۇسۇلىلا بولغاچقا گەرچە خەت نۇسخىلىرىنىلا ئىشلەتكەن بىلەن ئەمما كىرگۈزگۈچىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەنمەن (ئەلۋەتتە يېڭى نەشىرلىرىنى تېخى سىناپ باقمىدىم)، ئەگەر مۇمكىن بولسا كېيىنكى نەشىرلەردە مۇشۇ خىل خەلقئارالىق كىرگۈزگۈچنى بىرگە چىقارغىلى بولارمۇ؟ خۇددى خەنزۇلارمۇ سوگو ۋە 五笔 كىرگۈزگۈچلىرىنى ئېھتىياجقا قاراپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، بولسا Windows نىڭ كېيىنكى نەشىرلىرىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكىمۇ بۇ خىل كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوشۇپ قويسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:13
    • بىزغۇ شۇنداق قىلارمىز، لېكىن، مىكروسوفتتەك چوڭ شىركەتلەر ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئۆلچەمنى يەنىلا چوڭ بىلىدۇ. ئۇلار نوپۇزغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:04
  • ئالىم مۇئەللىم ،ALKATIP5.7نىڭ ھەمزە قوشۇلۇپ قالىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلغان نۇسخىسىنى قايەردىن چۈشۈرىمىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:40
  • يېڭى ئىملا قائىدىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن كورېكتورلۇق دېتالىڭلار قاچانراق تارقىتىلار؟ ماڭا بىرسى لازىم ئېدى. يەنە ئۇيغۇرچە OCRمۇ لازىم ئېدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:57
  • ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.
    1. سۆز تۇتۇش ئىقتىدارىغا مائۇسقا ئەگىشىش، ياكى مەلۇم ئورۇندا توختىتپ قويۇش، تۇتقان خەتنى كۆچۈرۈش، ئوقۇتۇش ….دىگەندەك ئىقتىدارى بار كونۇپكىلار قوشۇلسا، ھازىرقى ھالىتى سەل چوڭ، بۇنى چوڭ ، ئوتتۇرا، كىچىك ھالەتلەرگە ئالماشتۇرغىلى بولسا. (ئىقتىدارى كۆپ بولۇش بىلەن ئىشلىتىشكە قولاي بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلسە)، يەنى بىرى جۈملە ئاخىرىدىكى سۆزنى تۇتالمايدۇ. بولۇپمۇ جۈملىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى تىنش بەلگىسى قويۇلغان سۆزنى تۇتالمايدۇ.
    2.لوغەتنىڭ سۆز ئامبىرى خېلىلا مول، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە لۇغەتلەرنى تاللاپ قاچىلىغىلى بولسا. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە-خەنزۇچىغا ئىھتىياجلىق بولسا بارلىق ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەت قاچىلانسا، باشقا لوغەت قاچىلانمىسا. 2008 ئىككى تىللىقتا شىنخۇا لوغىتى يوق. بىراق 4تىللىقىدا بار. ھەممە تىللار تەڭ كۆرۈنگەنلىكتىن كۆزى سەل تېلىپ قالىدىكەن.
    3.ئالتۇنتاغ لوغىتىگە ئوخشاش ۋورىتقا، ئىكىسىلغا قوشقىلى بولسا.
    4.مائۇس ئارقىلىق خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا. (ئەلۋەتتە بۇ سۇگۇ… قاتارلىق بىرقانچە كىگۈزگۈچلەردە بار.) بۇنىڭغا بەك كۆپ كۈچ سەرىپ بولسا ھازىرقىدەك بولىۋەرسىمۇ بولىدۇ.
    5.لوغەتنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارىنى كۆپەيىتىپ قويغاننىڭ زىينى يوق. باشقلار بۇنىڭ ھاجىتى يوق دەو پىكىر بېرىپتىكەنمىش.قوشۇمچە ئىقتىدارنى كۆزنەككە كىچىكرەك كۆزگە چېلىقمايدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرسا بۇنىڭ ھىچ بىر زىيىنى يوق. ئۇلارغا شۇنداق دەيمەنكى سىلەر قەغەزچە لوغەتنىڭ قوشۇمچە قىسمنى كۆرۈپ باقمىغانىمۇ؟ پايىدىلانمىغانمۇ؟ ئۇلار نىمىشقا شۇلارنى ئويلىمايدۇ؟
    مېنىڭچە لوغەت سۆز تۇتۇش ئىقتىدارىدىن باشقا تەرەپلىرى شۇنداق ياخشى، سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى مائۇسقا ئەگىشىۋېلىپ، كۆرمەكچى بولغان خەتنى توسىۋالىدۇ. كۆزنەك سەل چوڭ (بۇ ياشقا چوڭلارغا ياخشى ئەلۋەتتە)
    كۆپ گەپ قىلىۋەتتىم. لوغەتنىڭ ھەربىر نەشرى بىرقەدەم بىرقەدەم ئىلگىرلەپ ھازىرقىدەك ھالەتكە يەتتى.
    بۇلارنى باھالىساق. ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى 1.0 گە 15نومۇر لايىق. 2005كە بولسا 70نومۇر بىرىشكە بولىدۇ. 2007گە بولسا 75نومۇر بىرشكە بولىدۇ. 2008بولسا 90نومۇرغا لايق. كەلگۈسىدىكى 2012گە 95نومۇر مۆلچەلىدىم .
    دىمەك 2008ھەقىقەتەن ياخشى قولاي، ئازراق ئۆزگەرتىلسىلا كۆپ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. كۆرۈنۈشلىرىمۇ چىرايلىق.
    لوغەتكە كۆپ ئەجرىڭىز سىڭگەنلىكىنى ھەربىر ئىشلەتكۈچى ھىس قىلالايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغداشنى ئۇنۇتماڭ.
    مەلۇم مەنىدىن ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ كۆپ مۇكەممەللىكى بىلەن يالغۇز بىر ئالىم ئەھەت نىڭ ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنڭدۇر. ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن خەلقىمىزنىڭ تىلىدۇر. باشقا مىللەتلەر بىلەن چۈشۈنۈش تونۇششىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالىدۇر. شۇڭا بىز ئۇنى قوغدىشىمىز قەدىرلىشىم ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.
    نىمە ئۈچۈن چوڭ چوڭ لوغەتلەر تۈزۈلگەندە مۇھىم دىتاللار ئىشلەنگەندە دۆلەت ئۇنىڭغا يادەم قىلىدۇ، كۈچ تەشكىللەيدۇ؟ چۈنكى ئۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دۆلەت ۋە مىللەتكە تەۋە. ئۇنىڭدىن كەڭ خەلق پايدىلىنىدۇ. مەنپەتلىنىدۇ.
    دىمەك ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى لوغەت دىتاللىرى ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەلرەكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مەلۇم مەندىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ لوغىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قانۇنسىز نەشىرلىرىگە دىققەت قىلايلى! ئەجىرگە ھۆرمەت قىلايلى!!
    شۇ دىتال چۇۋىغانلارغا دەيمەنكى سىلەر چۇۋۇشنىلا بىلەمسىلەر؟ سىلەر ئۇنىڭ كۆپ ئەجىردىن كەلگەنلكىنى بىلىپ تۇرىسىلەر لىكىن ئازراق مەنپەتنى دەپ بۇزىسىلەر. بەك قىلغۇڭلار بولسا بىلىمىڭلارنىڭ ياخشى تەرەپلىنى باشقىلارغا ئۈگۈتۈپ قويۇڭلار. باشقىلار سىلەردىن توغرا يولدىن سۆيۈنسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:51
    • ھەممە ئىقتىدارنى بىراقلا قوشۇۋەتسەك، كېلەر يىلى نېمە ئىش قىلىمىز؟(چاقچاق)
      ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:07
  • مەن توردىن 维软大词典2007(破解版).rarنى ئۇچرىتپ قالدىم ھەم چۈشۈرۈپ، سىناپ باقتىم. نورمال ئىشلىدى. گۇگىل تورىدىن ئىزىدىگەن . 维软大词دەپ ئىزدىگەن بولمىسا.
    مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم بۇنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟ مەن ئەلۋەتتە نەچچە نۇسقا سېتۋېىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئىشلەتكەن. (قانۇنلۇق نۇسقىسىمۇ بار)
    پات-پات مۇشۇنداق قانۇنسىز نۇسقىسىنى تەكشۈرۈپ تۇرسىڭىز.
    يەنە بىرى 2008 نۇسقىسى چىققاندىن بىرى يېڭىلانمىدى. لۇغەت مېنىڭچە خېلىلا مۇكەممەل. سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى، ۋە يېڭىدىن قوشۇلغان سىۆزلەرنى لۇغەت ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، مەخپى نۇمۇرغا يەنىمۇ كۈچ سەرىپ قىلىپ 2012نۇسقىسنى ئېلان قىلىشىنىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:39
  • مەزكۇر ماقالە ئەلكاتىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، مەن ئەلكورىكتورى ھەققىدە ئازىراق مەسىلىنى ئىنكاس قىلاي.
    مەن 6-ئايدا ئەلكورىكتورىنى سېتىۋالغان ئىدىم. ئىشلىتىش جەريانىدا دېتالنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى بايقىدىم. بىراق قىسمەن سەۋەنلىكلەرمۇ باركەن.
    مەسىلەن:
    1. بەزەن سۆزلۈكلەردىكى خاتالىقلارنى تاپىدىكەنيۇ، ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.
    2. توغرا خەتنى خاتاسىغا ئۆزگەرىۋىتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. يەنى مۇداپىئە سۆزىنى موداپىئە سۆزىگە ئۆزگەتىۋەتتى.
    3. ھەرىپ سان ئارىلاش كەلگەن قۇرلاردا ساننىڭ يوقاپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. بۇ مەسىلەنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ ئېغىر بولدى. بالدۇر بايقاپ قالغانچقا نۇرغۇن چىقىمدىم ئامان قالدۇق.
    ئالىم ئەھەت ئەپەندىم شۇنداق ياخشى ئىشلىگەن كورىكتورلۇق دېتالىنىڭ نېمىشقا شۇنچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ خاتالىقلار تۈزۈتۈلگەن، مۇككەممەللەشكەن نۇسقىسى چىقمايدۇ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:42
    • ئىملا ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كوررېكتورنى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا سېتىشنى توختاتقان ئىدۇق، سىز ئۇنى قەيەردىن سېتىۋالدىڭىز؟
      ھازىر يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان قارانچۇق نۇسخىسىدىكى (9 مىليون سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن) كوررېكتوردا ئۇنداق مەسىلە قەتئىي يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى am 06:47
      • مەن ئاقسۇدىكى ۋاكالەتچى يۈسۈپجاندىن سېتىۋالغان ئىدىم… سېتىشنى توختاتقان بولساڭلار نېمىشقا شىركىتڭلاردىكى خادىملار يېڭى نومۇر تەلەپ قىلغانلارغا بۇ توغرىسىدا بىرەر ئېغىر سۆزمۇ قىلمايدۇ. ئۇنداقتا بىزدەك كونا ئابوتلارغىمۇ يېڭىلاش ۋە نەشىرىنى كۆتۈرۈپ بېرىش ئويۇڭلارمۇ بارمۇ…

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:09
        • شىركىتىمىزدىكى خادىملارغا مۇلازىمەت نومۇرىنى توغرا دەپ بەرسىڭىزلا ئۇلار سىزگە تىزىملاش نومۇرىنى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ. قاچان، قەيەردىن سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلەلمەيدۇ.
          كونا نۇسخىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئاپتۇماتىك توغرىلاش ئامبىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى ساقلىۋالغان ئامبارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ. ئورنى C:\USPELL دا، ھۆججەت ئىسمى AUTO.TXT, USER.TXT

          بىز بۇ قېتىم يەنە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۆز قوشۇش ئىقتىدارىنى چىقىرىپ تاشلاشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز، چۈنكى، ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا سۆزنى توغرا دەپ ساقلاپ قويۇپ، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېسىدىن چىقىپ كېتىپ، كېيىن بۇ كوررېكتور خاتا كۆرىدىكەن دېگەن گەپ سۆزلەرمۇ ئىلگىرى بولۇنغان ئىدى.

          ئىملا ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن 2009-يىلى 10-ئايدىن تاكى ئالدىنقى ئايغىچە ئىملا ئامبىرىنى ئۆزگەرتتۇق، تۈزەتتۇق، سەرپ بولغان چىقىمغا ئاساسەن باھا بېكىتىلىدۇ، ناۋادا، باھا يۇقىرى بولسا، كەم قالغان جاينى تولۇقلايسىز، ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئىشلىتىسىز. باھاسى ئۆزگەرمىسە، ئەلۋەتتە ھەقسىز بولىدۇ، لېكىن، بۇ ئېھتىماللىق بەك تۆۋەن.

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:03
          • تەپسىلى جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت. ئەلكورىكتورىنىڭ مۇكەممەل، ئىشلەتكۈچىلەر قۇبۇل قىلالىغىدەك باھادا بازارغا سېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

            يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:45
  • ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇك بولسۇن !
    ئالىمكا 5.7 دە ھەمزە بەزى جايلاردا ئارتۇقچە قوشىلىۋالىدىكەن غۇ ؟؟ مەسلەن : «ھۆججىتىنى» دىگەن سۆزنى يازساق «ھۆججئىتىنى » بۇلۇپ چىقىدىكەن … 编译器ددايازغان بولمىسا …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:16
  • مۇشۇ ئىشلارنىمۇ دۆلەت ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈش تىلغا ئېلىنغىنىغا ھەيران قالدىم، خۇددى ئىگىسى يوقتەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. 10 يىل بۇرۇنلا بىرەر ئۆلچەم بېكىتىش كېرەك ئىدى. ئۆلچەم بويىچە تۈزىتىپ بېرىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ قالدۇق، رەخمەت سىزگە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:31
  • كەچۇرۇڭ، خەت ك ئالىمكا، كەچۈرۇڭ، خەت كىرگۈزۈشكە باشلىغاندا قۇر بىشى بەت تىىشىغا چىقىپ كىتىپ كۆرگىلى بولمىغاچقا ئىسمىڭىزنى خاتا يىزىپ ساپتىمەن. ئەپۇ قىلارسىز….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:57
  • بىئالىمكا، ئالدى بىلەن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن. ئاندىن بىر سۇئالىم، بۇ يىڭى نۇسخىسىنى XPگىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغاندۇ؟ بايا بىرەيلەننىڭ كومپىيۇتىرىغا QQ نىڭ يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم، ئەمما گوست XP ئىكەندۇق، ئەرەپ تىل بولىقى قاچىلانمىغان بولغاچقا، تىل تاللاش رايونىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قوشۇلمىدى. ئادەتتە مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تەڭشەش قورالى دەپ ناھايىتى كىچىكلا بىر يىشىل دىتال بولىدىغان شۇنىڭ بىلەن قوشاتتىم، ئەمما بۇ قىتىم ئۇ دىتال بىلەن قوشاي دىسەم تىل تىزىملىكى قاتارىدا ئەلكاتىپ قاراقچە ۋە قىرغىزچىسى قوشۇلۇپتۇ، ئۇيغۇرچە يوق بۇ قانداق ئەھۋال؟
    يەنە بىر گەپ، بلوگقا ئىنكاس يازغاندا مەيلى ئىسىم، ئىلخەت ياكى ئىنكاس يازىدىغان رامكا بولسۇن، بىر ھەرپ كىرگۈزۈپ بولغۇچە رامكا ئۆزلىكىدىن كىيڭىيىپ كىىتپ، بەت تىشىغا چىقىپ كىتىپ بارىدۇ. قۇر ئالدىدىكى مەزمۇننى كۆرمەي تۇرۇپ كىرگۈزىدىكەنمىز، مىنىڭ ئىشلەتكىنىم IE6 ۋە سوگو نىڭ كۆز يۈگۈرتكۈچىسى تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:52
    • ئەلكاتىپ 5.7 نى ئىشلىتىڭ، تەڭشەش ھاجەتسىز، Windows XP دا ئۆزى قوشىدۇ. GHOST بولسىمۇ بولىدۇ
      ئەڭ ياخشىسى Windows XP دىكى Internet Explorer6.0 نى ئىشلەتمەڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:19
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ،Windows 7 دە ئۇيغۈرچە يىزىقنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟UIئۇيغۇرچە(جۇڭگو)دىگەن خەت كىرگىزگۈچنى تاللاپ Word دا خەت يىزىپ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسسام خەت ئۈزۇلۇپ كىتىدۇ،خەتمۇ دىگىدەك چىرايلىق ئەمەس،بۇنىڭدا بىرخىللا خەت نوسخىسى بارمۇ ؟تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
    رەھمەت!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:32