ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  چۈشۈرۈش  >  يازما كۆرۈش

ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟

[ چۈشۈرۈش ]

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[ ئەلكاتىپ 5.7 ھەقسىز نۇسخىسىنى يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ]

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،

بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]

تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
217 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:20
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، 5.6 نۇسخا قىرغىزچە ئەرىپ تاختىنىڭ ۅ،ۉ ئەرىپلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالعان، بولسا تۈزىتىش كىرگۈزىلسە بولاتتى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:30
    • Windows 7 نىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسىغا قاچىلانغاندا، قىرغىزچە كۇنۇپكىدا ۅ ۋە ۉ نىڭ ئورنى توغرا چىقىدۇ، مەن 32 بىتلىق نۇسخىسىدىكىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ قوياي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 08:07
  • ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر! ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نۇسخىسىنى Win7 دا ئىشلىتىپ ناھايىتى خوشال بولدۇم. تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئاپىرىن !!!
    مەن قىرغىز يېزىقىدا تور بەت ياسىغۇچى. خىزمىتىمگە بىۋاشتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالمايمەن. ئۇيغۇر پروگراممىستلارنىڭ كومپيۇتېردا يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا قىرغىز يېزىقىنى بىللە تەتقىق قىلغان ئەجرىگە مۇشۇ پۇرسەتتە رەخمەت ئېيتىمەن. ئىچ-ئىچىمدىن رازىمەن.
    تولۇقلاش پىكرىم: ۉۉۅۅۅۅۅۉقىرغىزچە ۆ ھەرپى بىلەن ۈ ھەرپىنى كونۇپكا تاحختىسىعا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ.
    دوس ۋاقتىدىكى بوعغدا سستىمىسىدىن تارتىپ UKK عغىچە قېلىپلىشىپ كەتكەن كونۇپكا تاختىسىدىكى بۇ ئىككى ھەرپنىڭ ئورنى مۇنداق:
    ۅ (a)
    (v) ۉ
    ئاندىن كىيىنكى مەزگىللەردە ۅ ھەرپىنى Shift+K دىن چىقىدىعان قىلىپ قويعان حاتا ئېقىم پەيدا بولدى، مۇمكىن بولسا بۇنىمۇ ساقلاپ قالساق ھەممە مەسىلە ھەل بولىدۇ. مۇشۇ يېزىققا كۆچۈپ كېتەيلى دەۋاتىمىز، تەھرىر تەرجىمانلار كۆنگەن كونۇپكا تاختىسىغا ئۆزگەرتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 16:19
    • تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! يېڭىدىن بېكىتىلمەكچى بولغان (لېكىن ئېلان قىلىنمىغان) دۆلەت ئۆلچىمىدىمۇ راستىنلا شۇنداق ئىكەن. مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن قىرغىزچە كىرگۈزگۈچتىكى بۇ مەسىلىنى ئوڭشاپ قوياي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:28
  • ئەلكاتىپ 5.7 تەھرىرلىگۈچنى قوزغىتىپ، shift+H‹خ›ھەرىپىنى كىرگۈزگەندە ‹ئخ› ھەرىپى بېسىلىپ قالىدىكەن. خەمىت دەپ يازسام ‹ئخەمىت› بولۇپ قالىدىكەن.بۇ 5.7نىڭ كامچىلىغىمۇ ياكى مەن .ئىشلىتەلمىدىممۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:38
    • دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن، سىزگە كۆپ رەھمەت!
      سەۋەبى تىنىش بەلگىلەردىن كېيىن ياكى سۆز بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بېسىلغاندا، ھەمزەنى ئاپتۇماتىك چىقىرىدىغان قىلماقچى ئىدىم، خ كۇنۇپكىسىدا يەنە «ى» ھەرىپىمۇ چىقىدۇ، مەن ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكىدىكى ئورنىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاچقا، ھەمزەمۇ قوشۇلۇپ چىقىۋاپتۇ، مەن كود بۇيىچە ئۆزگەرتىپ قوياي،
      يۇمشاق دېتالغا يېڭى ئىقتىدارلارنى ئالدىراپ قوشقاندا، يېڭى مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:16
  • ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، مەن ئىشلىتىپ سىناپ باقاي .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:35
  • مەن بۇ يېڭى نۇسخىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن، ماڭا بەكلا ياقتى، يازما توم دىگەن خەت نۇسخىسى مەن ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بوپ كېلىۋاتقان بىر نۇسخا ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، لىكىن ئىشلىتىش جەريانىدا بىر مەسىلىنى بايقىدىم، يەنى «ى» ياكى «خ» ھەرىپىنى كىرگۈزگەندە «ئ» (ھەمزە) قوشۇلۇپ چىقىۋالىدىكەن، باشقىلارمۇ مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇقتىمۇ بىلمىدىم….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:25
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي. « »، بىلەن ” “ نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىشلىتىش پەرقى قانداقتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:59
  • مەن كومپىيۇتىرىمدا ئەلكاتىپنى ئىشلىتىپ خەت يازسام ‹ې › ھەرىپى چىقمايدىغان، ۈ، ۋ دىگەن ھەرىپلەر قالايمىقان چىقىدىغان بولىۋالدى، بۇ نىمە سەۋەبتىن. ئۇستاز ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:33
  • رەخمەت سىزگە مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم. ئىشلىرىڭىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:28
  • ئالىمجان يىلدىن يىلغا ئالدىراش بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ…
    نېمە دېسەك بولار… يا بىز ياردەم بېرەلمىسەك…
    بەزى ئىشلار بولسا، توردا ھەمكارلىشىپ ياردەم بەرسەك بولاتتى…..
    مۇشۇنداق ئىشلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاچانمۇ ئىشقا ئاشار…. بىزمۇ بىكار ۋاقىتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ، ئاز تولا سىزگە ۋە باشقىلارغا تور ئارقىلىق بولسىمۇ ياردەم بەرسەك بولاتتى
    مۇشۇنداق بىر مەشغۇلات سۇپىسى بولسا …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:59
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. كىچىك بىر تەكلىپ ،شىركىتىڭىز 淘宝دا بىر دۇكان ئېچىپ قويسا، ئۈرۈمچىدىن سىرقى جايلاردىكى كىشىلەر شىركىتىڭىزنىڭ مەھسولاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئوڭايلىق بولاتتى. مەسىلەن مەن Alkatip نىڭ ئەڭ يېڭى PCغا قاچىلاش سانى چەكلەنمەيدىغان نەشىرى بىلەن ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لوغىتى سېتىۋالماقچى. مەن بېيجىڭ دا ……… ئۇيغۇر سوفىت تور بىكەتنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى يوق بولۇپ قالدى……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:49
    • شۇنداق ياخشى تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ھەم شۇنداقلا شىركىتىمىزگىمۇ پايدىلىق ئىش. مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا ئالدىراش ئىشلەۋاتىمىز، ئەسلىدە بۇ ئايدا ئوبدان ئارام ئېلىپ باشقا ئىشلارنى كۆپرەك قىلساق بولاتتى. ھازىرچە ئىنگلىزچە تەييارلاش مۇھىم بولۇپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇرچە بەتمۇ ئېچىلىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:54
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. كىچىك بىر تەكلىپ ،شىركىتىڭىز 淘宝دا بىر دۇكان ئېچىپ قويسا، ئۈرۈمچىدىن سىرقى جايلاردىكى كىشىلەر شىركىتىڭىزنىڭ مەھسولاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئوڭايلىق بولاتتى. مەسىلەن مەن Alkatip نىڭ ئەڭ يېڭى PCغا قاچىلاش سانى چەكلەنمەيدىغان نەشىرى بىلەن ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لوغىتى سېتىۋالماقچى. مەن بېيجىڭ دا ……… ئۇيغۇر سوفىت تور بىكەتنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى يوق بولۇپ قالدى……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:27
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ سىستىمىدا پوتوشوپقا خەت كىرگۈزەلمەۋاتىمەن. ياكى بولمامدۇ ئۇقمىدىم . مۇمكىن بولسد چۈشەندۇرۇش بەرسەڭلا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:34
    • ئەلكاتىپ 5.7 تەھرىرلىگۈچنى قوزغىتىپ، ئۇيغۇرچە خەتلەر يازغاندىن كېيىن، قورال ئىستونىدىن Photoshop كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
      Photoshop نى قوزغىتىپ، يېزىق قورالىغا كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئەلكاتىپتىن باشلانغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا توغرىلاڭ،
      ئاخىرىدا، CTRL+V نى بېسىپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:44
  • قىرعىزچاسى دا قوشو جاسالعانىن قارا، ىراقمات سىزد؟رگ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:36
  • مەن ساختا Windows7 گە ئەلكاتىپ 5.0 نى قاچىلاپ ئىشلىتۋاتقان، ھازىر ئەلكاتىپ 5.7 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام، «ئىلگىرىكى ئوخشاش ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرامسەن» دىگەن ئۇچۇر چىقتى، «ھەئە» دىگەن بويرۇقنى بەرسەم. «ئۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى»، «كۆد خاتالىقى5 » دىگەن خەت چىقىۋالدى. «قايتا سىناش» بويرىقىنى بەرسەممۇ ئۆتمىدى، ئاخىرى «نەزەردىن ساقىت قىلىش» بويرۇقىنى بەرسەم مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:36
    • بىرىنچى ئېھتىماللىق: قارىغاندا Word ياكى Excel ئىجرا ھالەتتە ئوخشايدۇ، كود ئالماشتۇرۇشنىڭ DOT ۋە XLA ھۆججىتىنى يازالمىغان گەپ
      يەنە بىر ئېھتىماللىق: ئەلكاتىپ 5.6 نى قاچىلىغاندا ALKATIP نى سىستېما خەت نۇسخىسى ھالەتتە تىزىملاش جەدىۋىلىگە يېزىپ قوياتتى، شۇڭا، بۇنى يېڭىلىيالمىغان گەپ. بۇ قېتىم تىزىملاش جەدۋىلى ياكى باشقا يەرلەرگە ھەرگىز چېقىلمايدۇ، Windows نى قالايمىقان پېتىغدىمايدۇ، ئىمكان بار ئەڭ كىچىك ھالەتتە ياساشقا تىرىشتىم، ئۆچۈرۈپ تاشلىسىمۇ پاكىز ئۆچىدۇ،
      ئەڭ ياخشىسى Word ياكى Excel دىن چېكىنىپ چىقىپ قاچىلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:43