Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]
=== دىققەت: باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ، كۆچۈرۈپ بولغان بولسىڭىز ئۆچۈرۈۋېتىڭ، رەھمەت ! ===
ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى، ئۇيغۇر تىلىغا ئىشىنىڭ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.
ئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:
بىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، باشقا مەنبەلەر ئىشەنچسىز
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. ناۋادا، سىزگە شۇنداق نەرسە كەلسە، بۇ ماڭا خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋەتمەڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta نىڭ دىسكىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلىپ قويارسىز-ھە؟
ئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.
ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ قاچىلاش ۋاقتى سەل قىسقا بولسىمۇ، سەۋرى تاقىتىڭىز بارمۇ؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.
ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ.
ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بايرام قىلىپ بەزى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز، ھازىر قايتىدىن جىددىي زىننەتلەنمەكتە.
تۆتىنچى: ئىككى قاچا تاماق ۋە بىر چەينەك چاي تەييارلاپ قويۇڭ.
بۇ تاماقنى ھازىرچە مۇزلاتقۇغا سېلىپ قويىسىز، ناۋادا، Windows8 نىڭ ئىقتىدارلىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئىشلىتىپ زېرىكمىسىڭىز، يېرىم كېچىدە ئاۋۇ تاماقنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتىپ يەيسىز ياكى پىرەنىككە ئوخشاش مىكرو يېمەكلىكلەرنى تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاندىن يەنە ياخشى تەرەپلىرىنى بايقىسىڭىز، ئەلكۈيى مىكروبىلوگىدا ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىنىغاندا، مىكرو نەرسىلەردىن زادى ئايرىلالمايدىكەنمىز.
بەشىنچى: يوق، تامام
باشقىلار:
بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor غا يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا «ف» ھەرپنىڭ كودىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقنىڭ خەت نۇسخىسىدا ئەمەس، بەلكى كىرگۈزگۈچتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)
سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.
قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ، تەكلىپ-پىكىر بېرەيلى!
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,095 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 02-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:30
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
- كېيىنكى يازما :hybrid boot، live tile،…قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەققىدە
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ئالىم ئەھەت ئاكا، كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار بولدۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت!
ئۇنداق بولسا ئاشۇ ئاتالغۇ ياسايدىغان (تەرجىمە) قىلىدىغان 100 نەچچە ئاتالغۇنى ئىلان قىلامسىز ياكى ئاشۇ يىغىندا قارار قىلىپ بىكىتەمسىلەر؟
مەن يېڭى سىستېما قاچىلاشقا تەييارلاندىم.ئەمما،8G لىق بارماق دېسكام يوقتى…. (ھا…ھا…) ھازىر سىزدىن ستىۋالغىلى بولامدۇ؟ بولسا ئەلكوررېكتورى، ئۇيغۇر سوفتنىڭ يېڭى لۇغەتلىرىنى بىراقلا سېتىۋالسام دەپ ئويلايمەن…
ئالىم ئاكا سزدىن سوراپ باقسام 29.چىسلا تارقىتىلىدېغان سىناق نەشىردە ئۇيغۇرچىمۇ چىقامدۇ ئەگەر ھەقىقىي نەشىرى چىقسا باھاسى قانچە پۇل چىقار مەن خوتەندە بۇ يەردە نەدىن سېتىۋالىمىز
ۋاقتى كەلگەندە ماڭا تىزىمغا ئالدۇرۇڭ، ياكى خوتەندىكى ۋاكالەتچى بالىلاردىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قاتتىق دېتالغا بولغا تەلىپى توغرىسدا خەۋەر يوقمىدۇ؟
ئەمسە بىز قانداق قىلامىز؟
دېمىسىمۇ تىل-يېزىقىمىز ئېغىر خىرىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئاجايىپ كاتتا ئىش بولدى
ئەجەپ ياخشى ئېش بوپتۇ،ئانا تىلىمىز ئەمدى تېخىمۇ چاقنايدىغان بولدى، مۇ شۇ نەتىجىلەرنى ئالىم مۇئەللىم قاتارلىق ئۈن – تىنسىز تىرشىۋاتقان كىشلەرنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىقىلى بولماس بۇيەر دە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ…سىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى ۋە سالىمىمنى يوللايمەن. رھمەت جاپا چەكتىڭلار!!!
ھازىرچە مېنى بۇ ئىشقا چېتىۋالماڭلار، كومپيۇتېردا %98 پۈتۈپ، ۋاقتىدا ئېلان قىلىنمىسا يەنىلا 0 گە تەڭ، ھازىر سەل خەتەرلىك تۇرىدۇ. ئېلان قىلىنسىمۇ يەنە 2-3 يىل كېچىكىپ كەتسە، يەنىلا 0 گە تەڭ، چۈنكى ئۇ چاغدا، Windows9 نىڭ سىناق نۇسخىسى چىقىپ بولىدۇ، ۋاقتىدا چىققان تەقدىردىمۇ ئاران 100 دەك ئادەم ئىشلەتسە، بۇ ئەمگەك يەنىلا 0 گە تەڭ. راستتىنلا شۇلارنىڭ خالىغان بىرسى بولۇپ قالسا، بۇ ھەرگىزمۇ نەتىجە، تۆھپە بولالمايدۇ.
ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ يازمىسىدىكى يومۇرىستىك سۆزلەرنى ئوقۇپ، خۇددى ئۆزى ئەمەس باشقا بىرىسى يېزىپ يوللىغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم. چۈنكى بۇ ئەستايدىل مۇئەللىمنى بۇنداق خۇشچاقچاق دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. بەلكىم بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مىۋىسىنى خەلىقىمىزگە سۇنۇش ئالدىدىكى ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇلىرىنىڭ ئىپادىسى بولسا كىرەك. ياشاڭ مۇئەللىم!
مەنمۇ مۇشۇ Windows 8 Beta نى كۈتۈپ، ئۆرۈمچىگە داۋالىنىشقا بېرىش ۋاقتىمىنى ئارقىغا سۆرەپ تۇرۇپتىمەن (6 ئاي بولدى پۇتۇم سۇنۇپ كېتىپ تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆرۈمچىدە قايتا ئوپىراتسىيە قىلماقچى بولغان) .ھەتتا ئۆيدىكى تورنىڭ ۋاقتى مۇشۇ ئاي ئاخىرى توشۇپ قالغانتى، دەرھال تور سۈرئىتىنى 6 مىگابايىتقا ئاشۇرۇپ رەسمىيەت بىجىرىۋالدىم، Windows 8 Beta نى خاتىرە كومپىيوتېرىمغا قاچىلىۋېلىپلا يولغا چىقىمەن. تېخى ئۆزەمچە ھاسا تاياق بىلەن مېڭىپ 4- قەۋەتتە بولسىمۇ ئۇيغۇر سوفىتقا چىقىپ تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ كىلەي دىگەن ئىدىم، بىراق ئالىم مۇئەللىم شىركەتنى زىننەتلەۋاتىدۇ….دىگەندەك گەپ قىلدىمۇ نىمە؟
شۇنداق، قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدىكى سېتىش بۆلۈمىنى پۈتۈنلەي زىننەتلەۋاتىمىز. 3-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى قەدەم تەشرىپ قىلارسىز.
بۇ يازمىلارنى كۆرۈپ شۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر ئشىنىڭ يۈز بىرش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقنى كۆرۇپ مەنمۇ ھاياجانلىنۋاتىمەن ، گەرچە مەن كوپىيورتىرنىڭ تىلىنى بەك بىلىپ كىتلەلمىسەممۇ ئەممە ماڭا يۇقارقى يازمىلاردىن ئۇيغۇرتىلى ئككىنىچى تىلغا ئايلاندى . دىگەن گەپلەردىن نۆۋەتتىكىدەك مىنكاۋلەشكەن بۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھەققەتەن ئەھمىيەتلىك بىر ئىشنىڭ بۇلغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم ، شۇڭا بۇ خۇسۇستا ئىزدەنگەن ئالىم ئەھەد ئاكا ۋە ھەمدەمدە بۇلغان بارلىق ئاكا -ھەدىلەرگە ، ھەم قۇرداشلىرىمغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۇرۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە مۇشۇ ئۇلۇغۋار يولدا ئىزدەنگەن مىللەتنىڭ ھەر بىر ئۈمۈد يۇلتۇزلىرى ئۈچۈن ھەر بىر قەدەملىرىگە ئۇتۇق ، نەتىجە ،ئاسايشلىق ۋە چەكسىز بەركەت بىرشنى ئۇلۇغ ئاللاھىدىن تىلەيمەن …………ھەممە ئىشلىرىڭلار كۆڭۈلدىكىدىنمۇ نەتىجىلىك ، ئاسان بۇلغاي ،
مەن ئەتىلا ئىشخانىدىكى كومپىيوتىرنىڭ ئىكران قوغداش پىروگراممىسىغا «ئۇيغۇرچە Windows 8 چىقىدۇ، پۇل يىغىپ تۇرۇڭ، بۇ ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقىدىكى بىر تارىخى بۇرۇلۇش» دەپ يېزىپ قوياي.
ھازىرچە يازماي تۇرۇڭ، قىيىنچىلىق تېخى ئالدىمىزدا
چوقۇم بارماق دېسكا ئارقىلىق قاچىلاشقا تۇغرا كىلەمدۇ؟
قېرىنداشلار بېجىڭ ۋاقتى3ئاينىڭ1كۈنى سائەت 0دە يەنى بىزنىڭ ۋاقتىمىز 2ئاينىڭ29كۈنى سائەت دەل 10دا مىكروسوفىت چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ئېلان قىلدىكەن جېق ئادەملەر چۇشۇرسە سۈرەت ئاستا بوپ كالامۇ ھە؟
بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇپ، ئۇيقۇغا كەتسىڭىز، ئەتىسى ئەتىگەندە چۈشۈپ بولىدۇ.
كالامۇ ئەمەس قالامۇ
كالامۇ ئەمەس قالامۇ ئەمەس قالارمۇ …دەپ يازىمز
Windows8 ئۇييغۇرچىنى قوشقاندىكىن ئۆزبېكچىنىمۇ قوشقان بولسا ………….
ئۆزبېكچىسى بارغۇ، ئۆبېكىستاندىلەر ئۆزبېكچىسىنى ئىشلىتىدىغاندۇ شۇ.
كومپىيۇتېر ساھەسىدە « بىر تىلنى قوشقاندىن كېيىن يەنە بىر تىلنى قوشىدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. ئۆزبېكىستاندەك بىر چوڭ دۆلەت بار يەردە قوشۇپ قالار. ھەم ھازىر ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندىن كېيىن ئۆزبىكچىگىمۇ پايدىسى بولار. (ئەگەر ئۇلار پايدىلنىشنى خالىسا…)
ئەجەپ ياخشى ئېش بوپتۇ،
مۇ شۇ نەتىجىلەرنى ئالىم مۇئەللىم قاتارلىق ئۈن – تىنسىز تىرشىۋاتقان كىشلەرنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولماس . سىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى ۋە سالىمىمنى يوللايمەن. رھمەت جاپا چەكتىڭلار!!!