ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 تونۇردىن چىقتى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 تونۇردىن چىقتى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى بارلىققا كەلگىلى 16 يىل بولدى،  بولۇپمۇ سۆزلۈك مىقدارى مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005-يىلى رەسمىي نەشردىن چىقىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى. كېيىن يەنە 2007، 2008 نەشرى بارلىققا كەلدى. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2010-يىلى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» ئېلان قىلىنماقچى بولغان، ئەمما ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ مىكروسوفتقا يازغان ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىدى،  شۇنىڭ بىلەن Windows 8 نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشىنى باشلىۋەتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېرىشقاندەك 2010-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى ئىملا قائىدىسى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئىملا تەكشۈرگۈچنىڭ ئامبىرىنى بىر كېچىدىلا ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇنى يېڭى ئىملاغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 5 يىل ۋاقتىمىز كەتتى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب مىكروسوفت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى جان-جەھلىمىز ۋە تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تاماملىدۇق. ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزغا يېتەرلىك كۆيۈنۈپ بولالمىدۇق. ئويلاپ باقساق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا كۆپ ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىملاسىغا ئىشەنچ قىلالماي گاڭگىراپ قالىدىكەن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىملاسىنى قايتا توغرىلاپ چىقتۇق. بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ چىقتۇق، مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن جەرياندىن كېيىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 6.0 نەشرى بۈگۈن تونۇردىن چىقتى. ھازىر بۇنىڭ ھولىدىكى شورلارنى تازىلاۋاتىمەن، خېرىدارلارنىڭ ئالدىغا قويۇش ئۈچۈن ئاخىرقى بىرنەچچە باسقۇچ قالدى. پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندە رەسىمى بېرىلدى.

udict1

مەن ئىمكانقەدەر لۇغەت كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي بولۇشنى مۇھىم دەپ بىلدىم، لۇغەتكە مۇناسىۋەتسىز بولغان كىرگۈزگۈچ، سۆز تۇتۇش،…دېگەندەك ئىقتىدارلارنى ئېلىۋەتتىم، ئەمما بىز سۆز بايلىقىنى كۆپەيتىشكە، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچىدۇق، ئۈندىدار، تور بېكەت، ئۈستەليۈزى لۇغىتىمىزنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ئالاھىدە كۈچىدۇق. بۇنىڭ يەنە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى نەشرىمۇ ياسىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ھازىرقى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ماڭغان لۇغەت بولالايدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋالغانلارغا ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىمىز، مۇلازىمەت كارتاڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار، ئەمدى لازىمى بولىدۇ (باشقىلار ئىشلىتىۋالغان بولسا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق)، سېتىۋالمىغانلارمۇ چەكلىك دائىرىدە ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
46 پارچە باھا يېزىلدى
  • مەن بۇلتۇر ئۈندىداردىكى دۇكان ئارقىلىق ئۈچ تىللىقىنى سېتىۋالغان ، كارتا يوق، شۇ چاغدا تېلىفۇندا دەپ بەرگەن تەستىق نۇمۇرىنى ئايرىم يېزىپ ساقلىۋالمىغان، قانداق يېڭىلايمەن، ئاپتۇماتىك يېڭىلىنامدۇ يا ، باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:56
    • سېتىۋالغاندا تولدۇرغان تېلېفون نومۇرىڭىز ئارقىلىق سىزگە بېرىلگەن مۇلازىمەت نومۇرىنى تېپىشقا بولىدۇ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىمىزدىن تەكشۈرۈپ بېقىڭ، تېلېفون: 2813300

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

    http://kasip.top/u2008.jpg
    بۇ قانداق ئەھۋال سېستىما ۋىندوۋس 7، 32 لىك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ئاشۇ تور دەرسى توغرىلۇق كوت كوت تا سىزگە ئۇچۇر يوللىغان خاپا بولماي بىر قاراپ قويسىڭزى بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:51
  • ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپتۇ ، مۇمكىن بولسا بىر ئابونت نومۇر بىلەن كومپىيۇتېردا ، ئالما يانفۇنىدا ۋە ئاندرويىد يانفۇنلىرىدىمۇ تزىملىتىپ لۇغەتنى قوزغىتىپ ئىشلەتكىلى بولسا . ئادەتتە نۇرغۇن كومپىيۇتېر ئەپلىرىنى ،مەسلەن «迅雷» قاتارلىقلارنى پەقەت ھەقلىق ئابونت نامىنى كىرگۈزۈپلا ئوخشىمىغان كومپىيۇتېرلاردا تۇلۇق ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ . ھەقلىق ئابونت نامىنى كىرگۈزمىسە پەقەت چەكلىك دائىرىدىكى ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ . ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىمۇ مۇشۇ خىل شەكىلنى قوللانسا قانداق بولار ؟ بۇ پەقەتلا مېنىڭ تەكلىپىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    بۇرۇن ئۇيغۇرسوفت كود ئالماشتۇرغۇچ دەپ بىر دېتال بولىدىغان. ئۇ چاغلاردا ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەر بەك كۆپ بولغاچقا كومپىيوتېرىمىزدا خەتلەر قالايمىقان چىقىۋالسا دەرھال شۇ كود ئالماشتۇرغۇچ بىلەنلا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەن. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىدىغانلار ئاساسەن تۈگەپ بارلىق يازمىچە ماتېرياللارنىڭ خەت نۇسخىلىرى ئاساسەن ئەلكاتىپ بولۇپ ئومۇملاشتى. لېكىن، يەنە بەزى چاغدا بۇرۇنقى ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان ماتېرىياللار ئۇچراپ قالىدىكەن. ئالدىرغاندا بۇرۇن ئىشلەتكەن كود ئالماشتۇرغۇچنى تاپقىلىمۇ بولمايدىكەن. بۈگۈن بىر ھۆججەت ئۇچراپ قالغان، خەت نۇسخىسى UKK Unicode Tuz ئىكەن. كومپيۇتېرىمدا نورمالسىز كۆرۈنگەنتى، ھەممە يېزىقنى تاللاپ خەت نۇسخىسىنى ALKATIP Basma Tom غا ئالماشتۇرسام نورماللاشتى، لېكىن بارلىق يېزىقنىڭ ئىچىدىكى ئانچە-مۇنچە يەرلەر يەنە بىنورمال. بولۇپمۇ «ە»ھەرپى كەلگەن يەرلەر ئاساسەن بىنورمال كۆرۈندى.
    شۇڭا، مۇشۇ ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە مەخسۇس تور يۈزىدىلا كود ئالماشتۇردىغان بەتتىن بىرنى تۈزۈپ قويسىڭىز، ئاشۇنداق يېزىققا يۇلۇققان ھامان ئۇيغۇرسوفت تور بېتىنى ئىچىپلا ئۆلچەمسىز كۆرۈنگەن ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىر بۇيرۇق بىلەن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۋالساق ياخشى بولاتتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:22
  • تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز.
    ئالدى بىلەن تەنلىرىڭىزنىڭ سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن.
    ئۇزۇندىن بېرى كاللامغا كىرىۋالغان 1 سوئال بار ئىدى. پەقەت سىزدىنلا ئەڭ ياخشى مەسلىھەتكە ئېرىشەلەيمەن دەپ. ئۇدۇللا دەۋېرىشنى توغرا تاپتىم.
    مەن، ئىنتېرنېت كەسپىدە ياخشى ئوقۇش ئۈچۈن. 1 يىلدىن ياقى پىروگراممىچىلىقتا ھېچقانداق خەۋىرىم بولمىسىمۇ. بىراق مەخسۇس ئىنگلىز تىلى ئۆگەندىم. چۈنكى ئىنگلىز تىلى پەقەت، ئېلېكتروندىلا ئەس قېتىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ئاخباراتلارنىڭ باش مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن.
    ئەمما ھازىرقى، ئېلېكترونچىلىق ساھەسى ناھايىتى ئوت بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئۇچىغا چىققان كەسىپكە تۇتۇش قىلىدىغانلارمۇ ئاز بولمايۋاتىدۇ ئەلۋەتتە.
    شۇڭا ئويلاپ قالىمەن. كونىلاردا مۇنداق 1 ماقال تەمسىل بولىدىغان. «پۇرسەت خام ۋاقتىدا پۇرسەت پىشقان چاغدا ئاپەت»دەپ. ئەنە شۇ پۇرسەتنى خام ۋاقتىدا ھېچكىم باشلىمىغان چاغدا تۇتالىغانلار ھازىر بولسا ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ.
    ھەر قانداق 1 نەرسە ھەر 1 كىشى ئېھتىياجنى تامامەن قاندۇرۇپ بولغان چاغدا.
    ئۇنىڭ قىممىتى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
    شۇڭلاشقا 1 ئىشقا بەك گۆدەكلەرچە خىيال قىلىپ. پۈتۈن ياشلىقىمىزنى بېغىشلاپ ئىشلەپمۇ، ئەتە ئۆگۈن مۇشۇ كەسىپنىڭ ئاممىۋىچانلىقى ئېشىپ كېتىپ مەھسۇلاتلار ھەر 1 كىشىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن چاغدا. بۇ كەسىپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغاندىكىدەك.، ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن.
    بەلكىم مەن بەك ئارتۇقچە ئويلىۋالغان بولۇشىم مۇمكىن. بىراق، گۆدەكلەرچە خىيال مېنىڭ كەلگۈسى، قەدەملىرىمنى ئاستىلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن. ۋاقتىدا جاۋابقا ئېرىشىپ ئۆزۈمنى قانائەتلەندۇرۇشنى توغرا تاپتىم.
    شۇڭلاشقا. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا. كېسىپلا 2 ئېغىز جاۋاب بەرگەن بولسىڭىزمۇ شۇ كۇپايە قىلاتتى.
    رەھمەت ئاۋارە قىلدىم.،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:30

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    مۇئەللىم كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە ياسىلامدۇ، بزى شۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى am 02:41
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئالىم مۇئەللىم ؟
    مەن بۇ لۇغەتنى ياقتۇرۇپ ئىشلتىۋاتقانلارنىڭ بىرى ، مىنىڭچە بولسا بۇرۇنقى ئىقتىدارلىرىنمۇ قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز (لۇغەت قۇشۇمچىسى) كالىندار بۇكالىندار بەك ياخشىتى قۇربان ھېيىت، رۇزا ھېيىت دىگەندەكلەر چىقاتتى يەنە بىرلىك ئالماشتۇرۇش……………دىگەندەك بۇ ئىقتىدارلار مەن ھەم باشقىلارغىمۇ لازىم دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:35
  • بەك بەلەن بوپتۇ، مەنمۇ ھازىرغىچە ئۈچ تىللىق 2007- يىلىدىكى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان، ئەمدى رەسمى ئېلان قىلىنغاندا يېڭىلىۋالسام بولغۇدەك. رەھمەت سىلەرگە، جاپا چەكتىڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:10
  • مارەك بولسۇن، يانفون نۇسخسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:59
  • ئالدى بىلەن سىلەرگە ئاپىرىن.دېمىسىمۇ ھازىرقىدەك تەرجىمە دەۋرىدە لوغەت ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.ھەر بىز سۆزگە سۆز بىرىكمىسى ،جۈملە دېگەندەكلەر قوشۇلسا بۇ ۋاقىتتىكى مۇكەممەللىككە گەپ كەتمەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم
    تېنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، ئائىلىڭىزگە تېنچ-ئامانلىق يار بوسۇن.
    خەلىق ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز رەخمەت سىزگە .
    ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىنى ئۇلانما شەكلىدە ئۆزىمىزنىڭ بەت يۈزىگە قوشۇۋالساق بۇلامدۇ ، بىزنىڭ ئەگەشكۈچىلەرمۇ پايدىلىنىپ قالسا بەكمۇ ئوبدان بۇلاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى am 06:16
  • كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئىشلەيدىغان ئەپ نۇسخىسىنىڭ تىزرەك چىقىشىغا تەقەززارمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:26