VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)
ئامېرىكا Oracle شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيە InnoTek يۇمشاق دېتال شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەۋھۇملاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ئىدى. كېيىن بۇ شىركەت، Sun شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي Sun شىركىتى يەنە Oracle شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلنغان، شۇڭا، بۇ دېتالنىڭ ھازىرقى نامى Oracle VirtualBox.
مەۋھۇملاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى بىر (ھەقىقىي) كومپيۇتېردا مەۋھۇم بىر نەچچە كومپيۇتېر ھاسىل قىلىدىغان دېتال بولۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلار بىر-بىرسىگە قەتئىي تەسىر قىلمايدۇ. بىر كومپيۇتېرغا Windows, Mac, Ubuntu, Linux,… قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز، ھەتتا ئۇلارنى تەڭ قوزغىتىپ، ئۆز-ئارا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرالايسىز. ھەر بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر ھۆججەت سۈپىتىدە ساقلايدىغان بولۇپ، VirtualBox قاچىلانغان خالىغان كومپيۇتېرغا يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز. مەۋھۇم كومپيۇتېر بولغاچقا، قاچىلاش پىروگراممىسىنى تونۇتۇپمۇ يۈرمەيسىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئېكرانىنى چوڭايتىپ خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي كومپيۇتېردەك ئىشلىتەلەيسىز، مەلۇم بىر سىستېمىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ بىر نەچچە قاتتىق دىسكا ياكى بىر نەچچە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ساقلىغۇچىسى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە كۆپ مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق يۇمشاق دېتال، ئالدىدىن دەپ قوياي، خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، مېنىڭ كارىم يوق، ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن.
(1) بۇ يەرنى بېسىپ VirtualBox نى چۈشۈرۈڭ، بۇنىڭ ئىچىدىن VirtualBox 4.1.12 for Windows hosts نىڭ كەينىدىكى x86/amd64 بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
ئۇلانمىسى: www.virtualbox.org
google.com دىن virtualbox دەپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ
(2) چۈشۈرگەن ھۆججەتنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكى قاچىلاش پىروگراممىسى قوزغىلىدۇ.
(3) «ئىختىيارى قاچىلاش» كۆزنىكىدىن Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(4) بۇ يەردىنمۇ Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(5) تور ئۇلىنىشىنى قايتا تەڭشەيدۇ، Yes نى بېسىڭ.
(6) قاچىلاش تاماملانغۇچە ساقلاپ تۇرۇڭ.
(7) قاچىلاش تاماملاندى، Finish (تامام)نى بېسىڭ، بۇ چاغدا VirtualBox قوزغىلىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,573 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:10
- ئالدىنقى يازما :ئۆزبېكىستانغا زىيارەت
- كېيىنكى يازما :Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ
بۇ دىتال بىلەن سىناق سىستىما ئەمەس ئوزىمىز دائىم ئىشلىتىدىغان سىستىما قاچىلغىلى بولامدۇ
مەن ئاخىرى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇردۇم،ئەمدى مەن قانداق قىلىپ 98 يۇەنگە قاچىليالايمەن ،،،،،؟؟؟؟
مەن كومپىيۇتىرنى سېتۋالغان يەرگە ئېلىپ بارغان ئىدىم،بىراق ئۇلار ئەسلىگە قايتۇرالمىدى،بۇرۇنقى سېستىمىسى س دىسكىنىڭ windows.old دىگەن ھۆججەت ئاستىدا ساقلاقلىق،ئۇلارمۇ قانداق قىلىپ ئسلىگە قايتۇرۇشنى بىلمىدى…..ھەي…..قانداق قىلشىمنى بىلمىدىم؟؟؟؟؟؟؟
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم مىنىڭ كومپىيۇتىرىم 联想v570ئىدى ،بۇ يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالغان ، 64bit wendows7 سېستىملىىق ھەققى نەشرى ئىدى ،مەن wendows8نىڭ سىناق نۇسخىسنى قاچىلغان ئىدىم ،كومپىيۇتىرنڭ مەھسۇلات ئاچقۇچنى كىرگۇزسەم بۇ نۇمۇر ئىناۋەتسىز دەپ تۇرۋالدى .مەن wendows8نى قاچىلغاندا ،ئەسلى سېستىما cرايۇنغا زاپاسلىنىپ قۇيۇلۇپتۇ،مەن كومپىيۇتىرنى زاۋۇت ھالتىگە قايتۇراي دەپ سېتۋالغان دۇكانغا بارسام ئۇلار wendows8نى wendows7غا قايتۇرغىلى بولمايدۇ دەيدۇ،قايتۇرۇش ئۈچۈن س دىسكىىدكى نى يۇيۋىتىپ 5 سوملۇق دىسكا 、ئارقلىق 32 بىتلق wendows7 قاچلىغىلى بۇلدۇ دەيدۇ، ھىلقى س رايۇندىكى زاپاسلىنىپ قالغان سېستىما بىلەن زاۋۇت ھالتىگە قايتۇرغىلى بۇلامدۇ،ياكى س رايۇندىكى wendows7نى تۇللۇق ئۆچۇرۇپ تاشلاپ يېڭى مۇقىم بولغان ھەققى wendows8 نى 98 يۇەنگە ئۆستۇرگىلى بۇلامدۇ،ۋاقتىڭىزى ئېلىپ قۇيدىغان بولدۇم تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز…؟ رەخمەت…
8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالغان بولسىڭىز، ئەلۋەتتە 98 يۈەن تۆلەپ، ھەقىقىي Windows 8 گە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئىچىدە زاۋۇت تەرەپتىن قاچىلانغان Windows 7 نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن Windows 8 گە ئۆستۈرۈڭ.
سىزدىن يەنە بىر سۇئال سوراي ئۇستاز ios ھۆججىتى دىگەن نىمە ؟ئۇنىڭ نىمە رولى بار ؟ مەن بىلەلمەي قالدىمغۇ ،يازمىلاردىمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر چۈشەنچە يوقكەن
ISO نى يېزىپ، bing.com ، google.com دىن ياكى baidu.com دىن ئىزدەڭ.
مېنىڭ كۆز قارشىم بويىچە ئېيىتقاندا،ISOدېگىنمىز،بىز دائىم ئاڭلايدىغان MP3 دېگەنگە ئوخشاش بىر ھۆججەت تىپىنىڭ ئىسمى.
بازاردىن ئادەتتىكى سىستېما دىسكىسىنى 5سومغا ئېلىپ قاچىلاپ ئىشىلتىمىز.سىستېما دىسكىسى ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى توردىنمۇ بىۋاستە ھەقسىز چۈشۈرۈپ ساقلايمىز.بۇ توردىن چۈشۈرگەندىكى ھۆججەتنىڭ تىپى ISO=isoھالەتتە چۈشىدۇ.
دېمەك:Virtual Boxدېتالنى قوزغىتىپ تەڭشەش رايونىدىن سىز قاچىلماقچى بولغان ئوپتىك دىسكىدىكى سىستېمىنى ياكى توردىن چۈشۈرۋالغان ISOسىستېما ھۆججىتىنى كۆرىستىپ قويۇڭ دېمەكچى.
سوئال:بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلنىپ WIN PE ھالەتتە قوزغىتىپ Cدىسكىنى يۇيۇپ قايتا قوزغىتىپ يەنە Cدىسكىغا سېستىمىنى قاچىلاپ قايتا قوزغالغاندا ،قاتتىق دىسكدىن قوزغىتىشنى تاللىدىم،شۇنىڭ بىلەن قارا ئېكىران ھالەتتە جىمجىتلا تۇرۇپ قالدى.بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،ياكى بۇنىڭدىن ياخشى تەدبېرىڭلار بولسا ئوتتۇرغا قويساڭلار،ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ بلوگىنىڭ زىيارەت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن،دېمەك :بۇ كىرىپ تۇردىغان ئادەم سانى كۆپ دېگەنلىك بولىدۇ.
بىرىنچى قېتىم يوللانغان تېمىدىن باشلاپ ھەممىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن،موشۇ تېما مېنىڭ ئېھتىياجىمغا توغرا كېلىپ قېلىپ خېلى ھەپىلشىپ باقتىم.ئاخىرى ئۆزۈمنى خار ھالەتتە سوئال سوراشقا سۆرەپ كەلدىم.
بۇ تېمنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم مىنىڭ كومپىيۇتىرىم 联想v570ئىدى ،بۇ يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالغان ، 64bit wendows7 سېستىملىىق ھەققى نەشرى ئىدى ،مەن wendows8نىڭ سىناق نۇسخىسنى قاچىلغان ئىدىم ،كومپىيۇتىرنڭ مەھسۇلات ھئاچقۇچنى كىرگۇزسەم بۇ نۇمۇر ئىناۋەتسىز دەپ تۇرۋالدى .مەن wendows8نى قاچىلغاندا ،ئەسلى سېستىما cرايۇنغا زاپاسلىنىپ قۇيۇلۇپتۇ،مەن كومپىيۇتىرنى زاۋۇت ھالتىگە قايتۇراي دەپ سېتۋالغان دۇكانغا بارسام ئۇلار wendows8نى wendows7غا قايتۇرغىلى بولمايدۇ دەيدۇ،قايتۇرۇش ئۈچۈن س دىسكىىدكى نى يۇيۋىتىپ 5 سوملۇق دىسكا 、ئارقلىق 32 بىتلق wendows7 قاچلىغىلى بۇلدۇ دەيدۇ، ھىلقى س رايۇندىكى زاپاسلىنىپ قالغان سېستىما بىلەن زاۋۇت ھالتىگە قايتۇرغىلى بۇلامدۇ،ياكى س رايۇندىكى wendows7نى تۇللۇق ئۆچۇرۇپ تاشلاپ يېڭى مۇقىم بولغان ھەققى wendows8 نى 98 يۇەنگە ئۆستۇرگىلى بۇلامدۇ،ۋاقتىڭىزى ئېلىپ قۇيدىغان بولدۇم تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز…؟ رەخمەت…
ئالىم مۇئەللىم مەن wendows8 نى قاچىلغان ئىدىم ،بىراق بەزى دىتاللارنى تۇنتالمىدىم ،ئۇنىڭ ئۇستىگە cدىسكام بەك تۇشۇپ كەتتى ،شۇڭا مەن كومپىيۇتىرنى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇراي دىگەن ئىدىم قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ،يول كۆرسەتسىڭىز ؟
ئاۋۋال توردىن ئىزدەپ بېقىڭ، ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرۈڭ. زادى بولمىغاندا مەن جاۋاب بېرەي.
مەن بۇرۇن ۋىرتۇال پىسى نى ئىشلەتكەن لىكىن ۋىرتۇال بوكىس دىگىنى بۇرۇنقىسدەك تازا ياخشى ئەمەسكەن سىموسنى تەڭشەيدىغان يەرنى تاپالمىدىم
مەن بۇ دىتالنى قاچىلاپ ۋىندوۋىس 8نىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاي دەپ 启动 دىگەننى باسسام قارا بىر كۆزنەك ئېچىلىپ پەقەت قاچىلانمىدى.
ئەڭ ئاستىنقى قۇردىكى خەتلەر:
No more network devices
Fatal : could not read from the boot medium! System halted.
بۇ قانداق ئىشتۇ؟
Windows 8 نىڭ سىناق نۇسخىسى نەدە ئىدى؟ ئۇ ISO ھۆججەت بولسا شۇنى كۆرسىتىپ قويىسىز، ناۋادا ئوپتىك دىسكىدا بولسا شۇنى كۆرسىتىپ قويىسىز، ئاندىن 下一步نى بېسىۋەرسىڭىز بولىدۇ
سىز دەپ ئۆتكەندەك قاچىلاپ ياخشى پايدىلاندىم لىكىن مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىغان سىستىمىنى قانداق يۇيىۋىتىش توغرىسىدا بىلىمىم ئاجىزكەن شۇڭا يۇيىۋېتىش توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
مەن بۇسېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تىللىق قىلغىلى بۇلىدىغان يېرى باردەپ ئاڭلىغان بىراق مەن قىلالمىدىم قانداق قىلىدىغاندۇ؟
بۇنۇڭغا ئالمىنىڭ سېستىمىسىنى قاچلاپ قوزغاتقىلى بولمايدىكەن . مەن زادى قاملاشتۇرالمىدىم
مەن win8نى قاچلىغان ئىدىم. خەتلىرى ئىنگىلىسچە چىقۋالدى، … ئۆزگەرتەلمىدىم. لىكىن ھەر قانداق يىرىگە خەت يازسام ئۇيغۇرچە چىقتى.
قانداق قىلغاندا ھەممە يىرىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولدۇ.
ھازىرچە بولمايدۇ، ئۇيغۇرچە بولاق رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا بولىدۇ
تورخانىدائىشلەيدىغان باشقا مەۋھۇم كومپىيۇتىر قۇرۇش دىتالى بولسىمۇمەيلىتى…
مەندىن ياردەملىرىنى بىر ئايىمىسىلابوپتىكەن!!!!
ئالىمكامەن دائىم تورخانىداتورغاچىقىمەن ….
شۇڭابۇدىتالنى قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى ئىدىم بىراق قاچىلىسام
ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ تىن ئۆتەلمىدىم دىتال قاچىلىنىپ شۇيەرگە
كەلگەندە پۇتۇن تورنى ئۇزىۋىتىپ پەقەتلا قاچىلانمىدى بولسا ماڭامۇشۇجەھەتتە بىر ياردەم قىلسىلا بوپتىكەن!!!
مەن vmwareبۇدىتالنىمۇ قاچىلاپ باقتىم لىكىن بۇدىتال تورخانىدا ئىشلىمەيدىكەن…
مىنىڭ ئۆيدەتورغاچىكىش ئىمكانىتىم يوق …
شۇڭاتورخانىداچىقىپ بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئۇگىنىش زۇرۇر بوپ قالغانتى!!!