نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows8 دىكى ئۇيغۇرچە

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

مىكروسوفت Windows8 ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش (نەشىرى)
Microsoft Windows8 Developer Preview

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ2011-يىللىق BUILD (ئىجادىيەتچىلەر) يىغىنى 2011-يىل 13-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە كالىفورنىيە ئىشتاتى ئانىخېيىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

Windows8 نىڭ ئۈستەليۈزى كومپيۇتېرلىرى نەشىرى Intel ۋە AMD شىركىتى ئىشلەپچىقارغان X86 قۇرۇلما (تىپىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ) لاردا خىزمەت قىلىدۇ، Windows8 نىڭ تاختا كومپيۇتېرلىرى نەشىرى ARM ئۆزەك (تىپىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ) لاردا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، X86 قۇرۇلمىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى قوللىمايدۇ.

ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەڭ، Windows7 گە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر مۇنداق:

(1) ئاي ناملىرى
ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى قايتىدىن تۈزىتىلگەن بولۇپ، ئاي ناملىرى ئۈچۈن يانۋار، فېۋرال،….دېكابىر دەپ ئېلىنغان ۋە سۈكۈتتىكى ھالەتتكە تەڭشەلگەن، ئاي ناملىرىنىڭ تەرتىپ بۇيىچە ئاتىلىشى يەنى 1-ئاي، 2-ئاي،…12-ئاي ساقلاپ قىلىنغان، ۋاقىت ئۆلچىمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يەنى 24 سائەتلىك فورماتى قوللىنىلغان، 12 سائەتلىك ئۆلچەمدە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن دەپ ئېلىش ساقلاپ قېلىنغان.
سۈكۈتتىكى چېسلا فورماتى مۇنداق: 2011-يىل 15-سېنتەبىر پەيشەنبە، ئەمما، يەنە كىچىككىنە مەسىلە بار.

(2) ئارايۈز خەت نۇسخىسى
بىر قىسىم خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇلانماسلىقى تۈزىتىلگەن، Windows 8 نىڭ ئىنگلىزچە،… قاتارلىق سىستېمىلاردىكى سۈكۈتتىكى ئارايۈز (يەنى ئېكران) خەت نۇسخىسى يەنى Segoe UI دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر قايتىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئېنىق ۋە ياخشىلىنىش بولغان.

(3) Microsoft Uighur
بۇ خەت نۇسخىسى ئارايۈز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بېسىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولغاچقا، بۇ قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. بۇ خەت نۇسخىسى 6-رايوندىكى بارلىق ئەرەبچە (ئۇيغۇرچە، قازاقچە،…) ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەرەبچە ئاھاڭ بەلگىلىرى (يەنى زىر-زەۋەرلەر)نى تولۇق ئويلاشقان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر چوڭلۇقى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە،…باشقا ھەرپ-بەلگىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كىچىك كۆرۈنىدۇ. ئەرەبچە داڭلىق خەت نۇسخىسى Traditional Arabic دىمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك بار. ھەرگىزمۇ باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن كىچىك ياسالغان ئىش مەۋجۈت ئەمەس.

(4) ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نامى
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تاللىغاندا، ئۇنىڭ قىسقارتىلما نامى ئۈچۈن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمى يەنى «ئۇي» دەپ ئېلىنغان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
30 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • راستىنلا ياىشى باشلىنىش ھەم ئىنتايىن ياىشى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بولۇۋاتىدۇ ، مېنىڭ ھازىرلا windows8 نى شۇنداق ئىشلەتكۈم كىلىۋاتىدۇ .ئەمدى بۇندىن كېيىن ھەرقانداق كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك قىلىدۇ . رەھمەت سىزگە ئالىم مۇئەللىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى am 00:47
  • ناھايىتى خوشاللىنارلىق.
    SeguoUI خەت نۇسخىسىدا:
    «ۇ» ھەرپىنىڭ ۈستىدىكى ھەمزىسى بىزگە تازا ماس كەلمەمدۇ قانداق.
    «ۈ» ھەرپىنىڭ ھەمزىسى سەل قىسقىدەك بىلىندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:34
    • ياق، بەك ئېنىق ۋە چىرايلىق تۇرمامدۇ؟
      بۇ خەت نۇسخىسى(Segoe UI)نى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئىشلەتمەستىن، باشقا مىللەتلەرمۇ ئورتاق ئىشلىتىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۆزگەرتىۋەتسە، باشقىلارغا چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ.
      ھازىرچە بۇنىڭدىنمۇ ئېنىق كۆرۈنىدىغان، بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوق. ئېكران خەت نۇسخىسى بولغاچقا، ئېنىق كۆرۈنسىلا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم ئاكا ۋە باشقا قېرىنداشلار ئاللا ھەممىمىزگە ئامانلىق، نۇسرەت ئاتا قىلسۇن.
    ئالىم ئاكا، مېنىڭ سىزدىن تۆۋەندىكى ئىشلارنى بىلگۈم بار ئىدى، جاۋاب بىرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ ؟
    1) 8 windows ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدىن قايسىلىرىنى قوللايدۇ. بۇرۇن ئىشلەتكەن ukk ، ukj ۋە ئەلكاتىپنىڭ بارلىق نۇسخىسىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى قوللامدۇ؟
    جاۋاب: يۇنىكود ئۆلچىمى بۇيىچە ياسالغان بولسا ئەلۋەتتە قوللايدۇ،
    2) 8 windows نىڭ كومپىيۇتىر قاتتىق دېتال سەپلىمىرىگە بولغان تەلىپى يۇقىرىمۇ؟
    جاۋاب: شۇنداق، ئۇنىڭ تەلىپى ھازىرغا نىسبەتەن تۆۋەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:04
  • ھۆرمەتىلك ئالىم ئەپەندى ، ئۇيغۇر سوفىت توربىكىتى ئۇيغۇر سوفىت شېركىتنىڭ تورى ئىدىغۇ؟
    لىكىن خېلى بوپ قالدى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلا پۈتۈنلەي يوققۇ ؟؟؟
    شېركىتىڭلار بۇ توربەتنى تاقىماقچىمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:23
  • ئۇيغۇرچە خەلقئارلىق كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان بولسا تېخىمۇ ئېسل ئىش بولاتتىكەنتۇق!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:26
  • بۇلانېمەگەپلەر؟8 Windows نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى چىقامدا .توۋا ئاۋارەقىلىپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 12:37
  • يۇلىڭىز ئۇچۇق ئومرىڭىز ئۇزۇن قېلىچىڭىز كەسكىن، ئىرادىڭىز مۇستەھكەم بولسۇن . سىزگە بەخىت ئامەت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى am 00:42
باھا بېتى: 1 2