نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]


2011-يىل 14-سېنتەبىردە Windows8 Developer Preview (ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىپتۇ، مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن سىناپ باققانلارنىڭ بىرسى. بۇ Windows نىڭ ئېكران يۈزىدىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز بېشىمنى قاتۇردى. كېيىن بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېڭى ئاتالغۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار Start screen, Charms, Apps, Tiles, Speed bump دىن ئىبارەت. مەن بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئاندىن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرەي:

(رەسىمنى ئېلىۋەتتىم)

(1) Charms
چۈشەندۈرۈش: بىر خىل كۇنۇپكا بولۇپ، Windows نىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: ئىزدەش، ئورتاقلاشتۇرۇش، باشلاش، ئۇلىنىش ۋە تەڭشەك دېگەندەك.

تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): يولباش؛ كۇنۇپكا؛ تۈگمە؛ مەپتۇن؛ ئەپچىلەم؛ تېز كۇنۇپكا؛ …
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 快捷按钮
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 按鈕
تۈركچە: düğme (تۈگمە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: تميمة (ئادەملەر بويۇنلىرىغا خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ ئېسىۋالىدىغان تىلتۇمار، تۇمارنى كۆرسىتىدۇ)

(2) Speed bump
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىنى يۆتكىگەندە، Speed bump ئۇنى ھەر بىر گۇرۇپپا يېيىلمىلار(Tiles)نىڭ بېشىغا كەلگەندە تورمۇزلاش(ۋاقىتلىق توختاش)نى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): تورمۇز رايونى(دائىرىسى)؛ ۋاقىتلىق توختاش رايونى(دائىرىسى)؛…
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 减速带
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 捲動減速區
تۈركچە: hız kesici (سۈرئەت كەسكۈچى، تېزلىك ئاستىلاتقۇچى دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (يۆتكىلىشنى توختىتىش بوشلۇقى دېگەن مەنىدە)

(3) Apps
ئۇيغۇرچە: ئەپلەر (ئەپ دېگەن تۈپ سۆز ئۇيغۇرچىدە بار، شۇڭا، ئەپلىك دېتال، ئەپتال،…دېگەندىن ئومۇملىشىۋاتقان بويىچە ئەپ دەپ ئالساق، بىزدەك جايىدا، ئىخچام تەرجىمە قىلغان يەنە بىر مىللەتنى تاپقىلى بولمايدۇ)

(4) Tile
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىدىكى يۆتكەشكە بولىدىغان ئوبيېكىتلار، مەسىلەن: ئېچىلغان ئەپلەر، ئىختىيارى بەلگىلىۋالغان مەزمۇنلار، تور بېكەتلەر، ھاۋا رايى، قاتناش ئۇچۇرى،…

ئۇيغۇرچە تەۋسىيە: يېيىلما (كۆپلۈكى يېيىلمىلار)

خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 图块
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 動態磚
تۈركچە: karo (خىش، كاھىش، كېسەك دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (كىچىكلىتىلگەن نۇسخا ياكى كىچىك رەسىم دېگەن مەنىدە)

مەن يەنە Cloud Computing (بۇلۇت ھېسابلاش) دېگەندەك ئادەتلەنگەن ئاتالغۇنى «لەيلەك» دېگەندەك ئۆزگەرتىشنى قوللىمايمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن چىقماقچى بولغان ئاتالغۇنى تېزىرەك بېكىتىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

ئاددىي پىرىنسىپ: ئىمكان قەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، ئامال بار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ (دىققەت: قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەس) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، قېزىپ چىقىش، يېڭى مەنا يۈكلەش. بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىش، مەسىلەن: ئۆزبېكىچە، تۈركچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە. بۇلاردىنمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىلمىغاندا، يېڭىدىن ياساپ بېقىش، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يېڭىدىن ياساپمۇ چىقالمىغاندا ئىنگلىزچە ئاتاش، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەندەك، ئەمما، بۇنى خېلە بىر مەزگىلگىچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

================== 18-دېكابىر
دەسلەپكى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلار
charm تۈگمىلەر
tiles يېيىلمىلار
Apps ئەپلەر

ئويلىنىش باسقۇچىدىكى ئاتالغۇ
speed bump
نامزاتلار (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق) بەلدەم، بەلدەڭ، ئاتلاق

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
171 پارچە باھا يېزىلدى
  • Speed bump يول يۈگەۈن دىسەك قانداق

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 16:02
  • Start screen –باشلىما يۈز
    Charms–سىھىرى تالچە
    Apps–ئىجراچىلار
    Tile– ئىجراچىلار تىزمىسى
    Speed bump– بوسۇغا
    Cloud Computing -مەۋھۇم ھىساپلاش

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 16:03
  • software -يازمائەشيا
    application (apps -ئجراچى يازمائەشيا(ئىجراچى)
    keyboard نى تۈگمەتىزمىسى
    printer -باسقۇ
    scanner -تارغاق
    scan تارا

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 16:19
  • ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا « چەم » دەپ بىر ئاتالغۇ بار، ئادەتتە «چەم تارتىش، چەم بوغۇش» دېگەندەك شەكىللەردە ئىشلىتىلىدۇ ، مۇلاھىزمىزگە سەۋەبكار ئەسلى سۆز مەنبەسىدىكى speed bumpنىڭ شەكلىمۇ ئېتىزدىكى قىر-چەملەرنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، دېھقانچىلىق ئېسىمىزدىلا بولسا ، شۇنەرسە ئايانكى، قىر-چەملەرنىڭ رولى ئاساسەن speed bumpنىڭ مەناسىغا يانداش كېلىدۇ. شۇڭا «چەم» ئاتالغۇسىنى بىۋاستە كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىشتىن ساقلانغان ئاساستا ، ئىجادىيلىق بىلەن پايدىلانساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:00
  • 1. Start screen دېگەننى باشلىما يۈز دېمەي، باشلاش ئېكرانى ياكى باشلاش يۈزى، دېسەك سەل تەبىئىي ئاڭلانغۇدەك.

    2. Charms دېگەننى ئېزىتقۇ، جەلپكار، مەپتۇن دېگەندەك ئالساق قانداق بۇلار؟

    3. Apps دېگەننى ئەپچىل دەپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن

    4. Tile تىزما ياكى تىزمىلار دەپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن

    5. Speed bump نى بوسۇغا دېسەك ماس كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلدىم

    6. Cloud Computing دېگەننى ئۆزگەرتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن (بۇلۇت ھېسابلاش)
    ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي. كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    App نى «ئەپ» دەپ ئېلىشنى Apps «ئەپلەر» دەپ ئېلىشنى.
    Tile نى تىزما دەپ ئېلىشنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:48
  • بوسۇغا دېگەن ماس كەلمەيدۇ، بوسۇغا دېگەن ئىشىكنىڭ كىرىش ئېغىزى، يولنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنى بۇسۇغا دېگەندىن يۈگەن دېگەن بەكرەك ماس كېلىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:49
  • Start screen –باشلامچى يۈز
    Charms–سىھىرى تالچە
    Apps–ئىجراچىلار
    Tile– ئىجراچىلار تىزمىسى
    Speed bump– بوسۇغا
    Cloud Computing -مەۋھۇم ھىساپلاش

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 15:00
  • charm تۈگمە (تۇمار، قاداق، مەپتۇن، كۇنۇپكا،….دېگەنگە قارىغاندا، مەنا جەھەتتىن ئەڭ يېقىن كېلىدۇ)App ئەپ
    Tile تىزما

    كۆپلۈك بولسا لار\لەر قوشۇلىدۇ، Speed Bump ئۈچۈن يەنە ئويلىنايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:30
  • start screen· نى «باشلام» دەپ ئالساق قانداق بولا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:36
  • باشلام دېيىشكە بولمايدۇ، باشلام دېگەنلىك ئېرىقنىڭ ئەڭ كىچىكى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:59
  • بىزنىڭ بۇ توقسۇ تەرەپلەردە ھەممە ئادەم دىگۈدەك 减速带 نى <> دەيدۇ ،
    نىمە ئۈچۈن دەپ سورىسام دىھقانلار ؛ئۇكاموي ، تىرگەن دىگەن ئېرىق ئۆستەڭلەردىكى سۇنىڭ تىشىپ سىرىتىقا ئېقىپ كىتىشنى تۇسىدىغان نەرسە …،يولدىكى تىرگەنمۇ شۇ ئېشىپ كەتكەن سۈرئەتنى ئاستىلىدىغان نەرسە ئەمەسمۇ ،ئىككىلىسى بىر گەپ دەيدۇ ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:01
  • start screen نىڭ ئەسلى مەنىسى باشلاش ئېكرانى دېگەن بۇلىدۇ. ئەمما بۇنداق ئاتىساق ئۇزۇن بوپ كېتىدىكەن. مېنىڭچە بۇرۇنقىدەك باشلاش، ياكى باشلىنىش، باشلىغۇچ، ياكى مۇندەرىجە دېگەنلەر قانداق بۇلار؟ ئويلۇنۇپ بېقىڭلار

    Speed Bump بۇ بولسا خېلى كاللىنى قاتۇردى. مەن تۆۋەندە يەنە ئازراق دەپ باقاي:
    زېرەك
    ئۆتمە
    ئۆتۈشمە
    بۇلار قانداق بۇلار؟
    يەنە ئويلىنايلى……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:19
    • شۇنداق، ئەڭ باش قاتۇرغان نەرسە بىز كۈندە كۆرۈپ تۇرغان نەرسە بولۇپ قالدى ھازىر. بەزىلەرنىڭ پىكىرى جاقىلداتقۇ، دارىلتاتقۇ، جاقىلداق، داقىلداق، تاقىلداق، دۈك-دۈك،…دېيىشمەكتە

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:37
  • جاقىلداتقۇ، دارىلتاتقۇ، جاقىلداق، داقىلداق، تاقىلداق، دۈك-دۈك ھاھاھاھاھاھاھا
    ئاھ خۇدا نىمانداق گەپلەر بۇ مالىم. مېنىڭچە يەنە ئازراق كۈچەپ ئەستايىدىل ئويلانساقلا مۇۋاپىق ئاتالغۇ تاپالايمىز. سەۋر قىلايلى….
    بۇ سۆزلەرگە چوقۇم ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ چىقىدۇ مۇۋاپىق. مەن يەنە ئىزدىنەي كۆپچىلىكمۇ ئىزدىنەيلى
    سىزنىڭچە يەنە ئىزدىنەمدۇق مالىم ياكى بىرەر قارارغا كەلدىڭىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:03
  • ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم،سالام كۆپچىلىك
    charmنى«كىندىك»دىسەك بولامدىكىن.تولىمۇ ئوبرازلىق بولىدۇ،ھەم ئېنگىلىزچە «جەلىپ قىلارلىق» مەنىسىگىمۇ ئازراق يىقىن. كىندىك دىگەن بەدەنىنىڭ زىننىتى ۋە مەركىزى.ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىقنى باغلاشتۇرغۇچى.«باشلاش»دىگەننىمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىنمۇ خوپ كىلىدىغاننى ئۇچراتمىدىم.«كىندىك»بىلەن charmنىڭ شەكلىنىلا ئىپادىلەپلا قالماي،مەنىلىرىنىمۇ چۈشەندۈرۈش تامامەن مۇمكىن.
    Cloud Computing نى «بۇلۇتچوت»دىيىشنى بەكمۇ خوپ كۆردۈم.ئەينى چاغدا نىمىشقا ئويلىيالماپتۇقكىتاڭ،كىچىككەن بولساقمۇ تۈزۈتۈۋالىلى.
    appsنى «ئەپ»دىيىشنى مۇلاھىزىسىز خوپ كۆردۈم.
    tileنى« تىزما»دەيلى.
    Speed bumpنى يەنە ئويلايلى……

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 23:17
    • «كىندىك» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، سەۋەبى:
      1. كىندىك ئادەم بەدىنىدە بىر تال بولىدۇ.
      2. كىندىك ئادەتتە(بوۋاقلاردىن باشقىلاردا) يېپىق تۇرىدۇ.
      3. كىندىك بەدەننىڭ مەركىزى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن زىننىتى ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:54