Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
2011-يىل 14-سېنتەبىردە Windows8 Developer Preview (ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىپتۇ، مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن سىناپ باققانلارنىڭ بىرسى. بۇ Windows نىڭ ئېكران يۈزىدىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز بېشىمنى قاتۇردى. كېيىن بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېڭى ئاتالغۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار Start screen, Charms, Apps, Tiles, Speed bump دىن ئىبارەت. مەن بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئاندىن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرەي:
(رەسىمنى ئېلىۋەتتىم)
(1) Charms
چۈشەندۈرۈش: بىر خىل كۇنۇپكا بولۇپ، Windows نىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: ئىزدەش، ئورتاقلاشتۇرۇش، باشلاش، ئۇلىنىش ۋە تەڭشەك دېگەندەك.
تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): يولباش؛ كۇنۇپكا؛ تۈگمە؛ مەپتۇن؛ ئەپچىلەم؛ تېز كۇنۇپكا؛ …
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 快捷按钮
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 按鈕
تۈركچە: düğme (تۈگمە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: تميمة (ئادەملەر بويۇنلىرىغا خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ ئېسىۋالىدىغان تىلتۇمار، تۇمارنى كۆرسىتىدۇ)
(2) Speed bump
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىنى يۆتكىگەندە، Speed bump ئۇنى ھەر بىر گۇرۇپپا يېيىلمىلار(Tiles)نىڭ بېشىغا كەلگەندە تورمۇزلاش(ۋاقىتلىق توختاش)نى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): تورمۇز رايونى(دائىرىسى)؛ ۋاقىتلىق توختاش رايونى(دائىرىسى)؛…
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 减速带
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 捲動減速區
تۈركچە: hız kesici (سۈرئەت كەسكۈچى، تېزلىك ئاستىلاتقۇچى دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (يۆتكىلىشنى توختىتىش بوشلۇقى دېگەن مەنىدە)
(3) Apps
ئۇيغۇرچە: ئەپلەر (ئەپ دېگەن تۈپ سۆز ئۇيغۇرچىدە بار، شۇڭا، ئەپلىك دېتال، ئەپتال،…دېگەندىن ئومۇملىشىۋاتقان بويىچە ئەپ دەپ ئالساق، بىزدەك جايىدا، ئىخچام تەرجىمە قىلغان يەنە بىر مىللەتنى تاپقىلى بولمايدۇ)
(4) Tile
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىدىكى يۆتكەشكە بولىدىغان ئوبيېكىتلار، مەسىلەن: ئېچىلغان ئەپلەر، ئىختىيارى بەلگىلىۋالغان مەزمۇنلار، تور بېكەتلەر، ھاۋا رايى، قاتناش ئۇچۇرى،…
ئۇيغۇرچە تەۋسىيە: يېيىلما (كۆپلۈكى يېيىلمىلار)
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 图块
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 動態磚
تۈركچە: karo (خىش، كاھىش، كېسەك دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (كىچىكلىتىلگەن نۇسخا ياكى كىچىك رەسىم دېگەن مەنىدە)
مەن يەنە Cloud Computing (بۇلۇت ھېسابلاش) دېگەندەك ئادەتلەنگەن ئاتالغۇنى «لەيلەك» دېگەندەك ئۆزگەرتىشنى قوللىمايمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن چىقماقچى بولغان ئاتالغۇنى تېزىرەك بېكىتىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.
ئاددىي پىرىنسىپ: ئىمكان قەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، ئامال بار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ (دىققەت: قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەس) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، قېزىپ چىقىش، يېڭى مەنا يۈكلەش. بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىش، مەسىلەن: ئۆزبېكىچە، تۈركچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە. بۇلاردىنمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىلمىغاندا، يېڭىدىن ياساپ بېقىش، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يېڭىدىن ياساپمۇ چىقالمىغاندا ئىنگلىزچە ئاتاش، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەندەك، ئەمما، بۇنى خېلە بىر مەزگىلگىچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
================== 18-دېكابىر
دەسلەپكى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلار
charm تۈگمىلەر
tiles يېيىلمىلار
Apps ئەپلەر
ئويلىنىش باسقۇچىدىكى ئاتالغۇ
speed bump
نامزاتلار (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق) بەلدەم، بەلدەڭ، ئاتلاق
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,491 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:09
- ئالدىنقى يازما :قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
- كېيىنكى يازما :بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا
جاقاق دەپ ئالساق قانداق بولار، بۇنى تىل يېزىق كومىتېتىدىكى بىر مۇئەللىم ئاقسۇغا بارغاندا كىشىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىكەن، كېيىن بىزگە سۆزلەپ بەرگەن. بۇ ئىسىم مۇشۇ نەرسىنىڭ رولىغىمۇ ماس كېلىدىكەن.
نى يەنى 减速带 نى جاقاق دەيمىز، تىل ۋە تەرجىمە بۇيىللىق 2-سانىغا قاراڭ
ئەمدى ئىسىم قويۇپتۇدە، لېكىن ئاتالغۇ كومىتېتى قارار قىلمىسا يەنىلا ئۆتمەيدىغان گەپ ئىكەن.
Charmsنى ئەپ كۇنۇپكا دەيلى ، ئەپلىك بولغانكىن.
سۇرئەت چەكلىگۈچ دىمەي…..دوقال دىسەك بولارمۇ؟
Tilesبۇنى دەستۇرخان دىسەك بولامدىكى؟
ئۆتكەن جۇمە كۇنى مەھەللىمىزدىن يېزىمىزدىكى چوڭ جامائەگە جۇمە نامىزىغا ماڭغان بىر مەھەللىلىك بىر مويسىپىتنى ماشىنامغا سېلىۋالغان ئىدىم. ئۇ كىشى چوڭ جامائەگە يېقىن كەلگەندە ئاۋۇ ‹بوساق ›تىن ئۇتۇپ چۇشۇرۇپ قۇيۇڭ، دىگەنتى مەن گەپنى دەماللىققا ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا قارىسام،‹减速带›نى قۇلىدا كورسىتىپ ئۇينىڭ بوسىغىسىغا ئوخشايدىغان بوساقنى دەيمەن دەيمەن دەيدۇ.ئۇ ئەسلى ‹减速带› دىمەكچىكەن.
سۈرئەت كېمەيتكۈچ،
speed bump نى يەنى 减速带نى «لەڭگەر » دەپ ئالساق بولارمۇ؟
Speed bump
نى :1. تىر (ئىشەكلەرنى توختۇتۇشتا دائىم بوۋام شۇنداق دەيتى)
2. دۆڭ (ئىگىز جاي دىمەكچى )
3.سالپاي (غاداي بىلەن ئەىس مەنىدە)
Tile
كەتمەن (توپا يۆتكەيمىز ئەمەسمۇ )
مەن دېھقان بالىسى بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق دىھقانلارنىڭ كىينچە كومپىيوتىر ئىشلەتكەندە قىينىلىپ قالماسلىقىنى كۆزدى تۇتۇم .
speed bump
سۈرئەتنى تىزگىنلەش مەنىسى بولغاچقا، «تىزگىنەك› دەيلى!
Charms
بۇ ئۆزى چىقىپ كىرىدىغان بولغاچقا ،‹تارتما› دەيلى!
Tile
بۇنى ‹تېما› دىسەك شۇنداق چۈشۈنۈشلۇق ئەمەسما؟