نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]


2011-يىل 14-سېنتەبىردە Windows8 Developer Preview (ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىپتۇ، مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن سىناپ باققانلارنىڭ بىرسى. بۇ Windows نىڭ ئېكران يۈزىدىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز بېشىمنى قاتۇردى. كېيىن بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېڭى ئاتالغۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار Start screen, Charms, Apps, Tiles, Speed bump دىن ئىبارەت. مەن بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئاندىن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرەي:

(رەسىمنى ئېلىۋەتتىم)

(1) Charms
چۈشەندۈرۈش: بىر خىل كۇنۇپكا بولۇپ، Windows نىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: ئىزدەش، ئورتاقلاشتۇرۇش، باشلاش، ئۇلىنىش ۋە تەڭشەك دېگەندەك.

تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): يولباش؛ كۇنۇپكا؛ تۈگمە؛ مەپتۇن؛ ئەپچىلەم؛ تېز كۇنۇپكا؛ …
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 快捷按钮
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 按鈕
تۈركچە: düğme (تۈگمە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: تميمة (ئادەملەر بويۇنلىرىغا خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ ئېسىۋالىدىغان تىلتۇمار، تۇمارنى كۆرسىتىدۇ)

(2) Speed bump
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىنى يۆتكىگەندە، Speed bump ئۇنى ھەر بىر گۇرۇپپا يېيىلمىلار(Tiles)نىڭ بېشىغا كەلگەندە تورمۇزلاش(ۋاقىتلىق توختاش)نى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): تورمۇز رايونى(دائىرىسى)؛ ۋاقىتلىق توختاش رايونى(دائىرىسى)؛…
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 减速带
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 捲動減速區
تۈركچە: hız kesici (سۈرئەت كەسكۈچى، تېزلىك ئاستىلاتقۇچى دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (يۆتكىلىشنى توختىتىش بوشلۇقى دېگەن مەنىدە)

(3) Apps
ئۇيغۇرچە: ئەپلەر (ئەپ دېگەن تۈپ سۆز ئۇيغۇرچىدە بار، شۇڭا، ئەپلىك دېتال، ئەپتال،…دېگەندىن ئومۇملىشىۋاتقان بويىچە ئەپ دەپ ئالساق، بىزدەك جايىدا، ئىخچام تەرجىمە قىلغان يەنە بىر مىللەتنى تاپقىلى بولمايدۇ)

(4) Tile
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىدىكى يۆتكەشكە بولىدىغان ئوبيېكىتلار، مەسىلەن: ئېچىلغان ئەپلەر، ئىختىيارى بەلگىلىۋالغان مەزمۇنلار، تور بېكەتلەر، ھاۋا رايى، قاتناش ئۇچۇرى،…

ئۇيغۇرچە تەۋسىيە: يېيىلما (كۆپلۈكى يېيىلمىلار)

خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 图块
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 動態磚
تۈركچە: karo (خىش، كاھىش، كېسەك دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (كىچىكلىتىلگەن نۇسخا ياكى كىچىك رەسىم دېگەن مەنىدە)

مەن يەنە Cloud Computing (بۇلۇت ھېسابلاش) دېگەندەك ئادەتلەنگەن ئاتالغۇنى «لەيلەك» دېگەندەك ئۆزگەرتىشنى قوللىمايمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن چىقماقچى بولغان ئاتالغۇنى تېزىرەك بېكىتىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

ئاددىي پىرىنسىپ: ئىمكان قەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، ئامال بار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ (دىققەت: قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەس) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، قېزىپ چىقىش، يېڭى مەنا يۈكلەش. بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىش، مەسىلەن: ئۆزبېكىچە، تۈركچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە. بۇلاردىنمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىلمىغاندا، يېڭىدىن ياساپ بېقىش، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يېڭىدىن ياساپمۇ چىقالمىغاندا ئىنگلىزچە ئاتاش، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەندەك، ئەمما، بۇنى خېلە بىر مەزگىلگىچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

================== 18-دېكابىر
دەسلەپكى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلار
charm تۈگمىلەر
tiles يېيىلمىلار
Apps ئەپلەر

ئويلىنىش باسقۇچىدىكى ئاتالغۇ
speed bump
نامزاتلار (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق) بەلدەم، بەلدەڭ، ئاتلاق

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
171 پارچە باھا يېزىلدى
  • كۆپچىلىك كەچۈرۈڭلار ، ‹‹ بۇلۇتچوت ›› نى ئەسلىدە ئۈچ بۇغۇم دىمەكچى ئىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم (گەرچە سىز مېنى ئوقۇتمىغان بولسىڭىزمۇ ئەمما سىزنى يەنىلا ئۆزۈمگە مۇئەللىم دەپ بىلىمەن.) مەن بۇ بىر نەچچە سۆزنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشنى توغرا تاپتىم.

    Start screen –دالان
    دالان دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى، دەرۋازىدىن كىرىپ بىر-بىرىگە ئۆتۈشىدىغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆيگە كىرىشتىكى ئارىلىق ئۆي بولۇپ، مېنىڭچە Start screen گە ماس كېلىدۇ.

    Charms– ئوقۇر ياكى خۇرجۇن دېسەك بولامدىغاندۇ…

    Apps– ئەپلەر دەپ ئېلىشقا مەنمۇ قوشۇلىمەن.

    Tile– بۈركۈت ئەپەندى دېگەندەك تىزما دەپ ئېلىنسا ياخشى بولغۇدەك.

    Speed bump– تۈپتۈز بولسىمۇ ئالدىرىما دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:05
  • Speed bump نى سۈرئەت توسۇق دېسەك بولغۇدەك. چۈنكى bump دىگەننىڭ تۈز يولدىكى ئېگىز چىقىپ قالغان نەرسىكىنى كۆرسىتىدۇ. ماشىنا يولدىكى بۇنداق توسۇقنى كۆرگەندە سۈرئەت ئاستىلىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. «توسۇق» سۆزى ئادەتتە ئۆستەڭدىكى سۇنى توسۇدىغان نەرسە شۇ.توسما دېگەن تېخىمۇ چوڭى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:07
  • Tile غا كەلسەك. بۇ ۋىندۇس 8 مالتىتاچ multi touch تېخنىكىسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ھەركەتچان بۆلەك بويىچە ئىشلىگەندەك قىلىدۇ. تەيۋەنلىكلەر «ھەركەتچان خىش» «يۆتكىلىشچان خىش» دەپ ئاپتۇ. مەن «تىزما» دېگەننى ياقتۇرۇپ كەتمىدىم. ئاۋال رەسىمدىكى تۆت چاسا ھالەتنى گەۋدىلەندۈرشى ھەمدە ئۇنى خالىغانچە ئورنىلىىرىنى يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئپادىلەش كېرەك. شۇڭا 方块 نى لۇغەت ئاختۇرسام «بوپ، غىش» دەپ چىقىۋاتىدۇ. 块 نى ئاقتۇرسام «كاللەك، پارچە، بۆلەك» چىقىۋاتىدۇ. كاللەك دېگەن بوشلۇقتىكى نەرسىلەرگىمۇ قارتىلىدۇ. بۆلەك دېسە ئۇنىڭ «چاسا»لىغى ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇڭا «يۆتكەلمە چاسىچاق» دېسەك قانداق بولار ئىكىن. ياكى بولمىسا «چاسىچاقلار» دېسەك خىش ،كېسەك دېگەندىن چىرايلىقراق ئاڭلىندىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:49
  • تورداشلارغا رەھمەت!

    charms
    تۇمار

    ئى ① كونا ئادەت بويىچە كۆز تېگىشتىن، بالايىئاپەت ۋە جىندىن ساقلايدۇ دەپ قارالغان، ئىچىگە دۇئا پۈتۈلگەن قەغەز ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈچ بۇرجەك رەخت، ئادەتتە كىشىلەر بوينىغا، چاچقا ئېسىۋالىدۇ. ② كۆچمە. داۋاملىق يېنىدا ساقلايدىغان، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئەتىۋارلىق نەرسە؛ يادنامە.

    كۆچمە مەنىسى سەل يېقىن كېلەمدۇ-قانداق؟

    speed bump
    سۈرئەت توسقۇچ

    tiles
    تىزمىلار

    ئوخشىمايدىغان پىكىر بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:14
    • كۆچمە مەنىدە سۆز ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ!
      ھېلىمۇ بىر بۇلۇتنى تۆت قىلىۋالدۇق، ئەمدى تۇمارنى ئىككى قىلىۋالمايلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:06
  • ھەر كاللىدا ھەرخىيال دەپ ھەر خىل چىقىۋاتىدۇ. پىكىرلەر.
    Tile دېگەننى تىزما دېيىشنىمۇ مەنمۇ ياقتۇردۇم
    شۇنداق بولىسمۇ تاختا دەپ ئالساق قانداق بولا دەپ ئويلاپ قالدىم.
    ئاشتاختا، بىر تاختا چاي دېگەندەك. ھەر خىل چوڭلۇقتىكى تۆت بۇرجەك نەرسىلەرنى بىز تاختا دەپ ئاتايمىز.
    Tile مۇ تۆت بۇجەك نەرسىكەن. مەسىلەن : ئېكراننىڭ ئوتتىردىكى يېشىل تاختىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز «پالانى پىروگرامما» ئېچىلىدۇ دېسەك مېنىڭچە باشقىلارمۇ چۈشىنىشى مۇمكىن.
    قىسقىچە پىكىرىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:11
  • مېنىڭ بىلىشىمچە تۇرمۇز دىگەن رۇسچە سۆز ئەمەس، بەلكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدۇر.
    يەنى مۇزنىڭ ئۈستىدە تۇر،ياكى مۇزدا تېيىلىپ كېتىپ بارغان قاتناش قورالىنى توختىتىش ئۈچۈن قوللانغان ئەسۋاپنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ توغۇرلۇق رىۋايەتلەرمۇ باركەنتۇق،بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمۇدۇم.
    رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھارۋا ياكى چانىلارنى مۇزنىڭ ئۈستىدىمۇ توختىيالايدىغان قىلىپ، ياسىغاچقا تۇرمۇز دەپ ئاتالغانكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:43
  • Start screen نى باشيۈز ، ياكى باشلەك (باشلا+كۆزنەك) دىگەندەك ئەپ باقساقچۇ.
    charmsنى ئەپلەك ياكى ئەپنەك يەنى ئەپچىل،قولاي بولغان كونۇپكا مەنىسىدە چۈشەنسەك.نەك بوغۇمى كۆزنەك،ئەينەك،………..دىگەنلەرگە ئورتاق بولغان بوغۇم بولغاندىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:53
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم. گەرچە ئانچە كۆپ ساۋادىم بولمىسىمۇ بىر تەكلىپ بەرگىم كېلىپ قالدى. تۇمار دېگەننىڭ ئورنىغا تېز كۇنۇپكا ياكى تېزلەتمە كۇنۇپكا دېگەندەك سۆزنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بۇلامدۇ نېمە؟
    ئوكيان لۇغىتىدە نۇرغۇن مەنىسى باركەن Charm دېگەننىڭ. Charmغا ئاساسەن Charmsنىڭ مەنىسىنى بىكىتسەك قانداق بۇلار . كەينىگە s قۇشۇلسا كۆپلۈك مەنىسىنى بىلدۈرىدىغۇ دەيمەن.
    charm(1) ئالدىماق، ئازدۇرماق، ئېزىقتۇرماق، يولدىن چىقارماق (2) جەلپ قىلىدىغان، قىزىقتۇرىدىغان
    charm(1) سېھرىي كۈچ، جازىبە قىلىش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى، تارتىش كۈچى (2) ئۆزىگە تارتماق، جەلپ قىلماق، مەپتۇن قىلماق، مەستانە قىلماق، ئەسىر قىلماق، ئەس-ھوشنى يوقاتماق، ئادەمنى ئازدۇرماق (3) سىلىقلىق، سىپايىلىك، نازاكەت، لاتاپەت
    charm(1) قايمۇقۇپ قالماق (2) گاڭگىراپ قالماق، تەمتىرەپ قالماق، تېنەپ قالماق (3) جادۇ قىلماق (4) ئازدۇرماق، قايمۇقتۇرماق (5) ئەسىر بولماق، ئەسىرگە چۈشمەك
    charm(1) مەپتۇن قىلماق، مەپتۇن، بولماق، شەيدا قىلماق، شەيدا بولماق (2) ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋالماق، ئۆزىگە تارتماق، ئەسىر قىلىۋالماق (3) دامىغا چۈشمەك، ئالدىمىغا چۈشمەك (4) باش ئەگمەك (5) كىرىپ كەتمەك (6) ئامراق بولۇپ قالماق، ياخشى كۆرۈپ قالماق
    charmئازدۇرۇش
    charmئاياللاردەك
    charmئېزىقتۇرۇش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى
    charmتۇمار، تىلتۇمار؛ ئەپسۇن
    charmجەلپ قىلىش كۈچى
    charmگۈزەللىك، كۆركەملىك، ھۆسن
    charmمەپتۇن قىلىدىغان، شەيدا قىلىدىغان
    charmمەپتۇن قىلىش كۈچى، سېھرىي كۈچ
    بۇ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىن تۇماردىن باشقىنى تاللاپ باقساقچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:44
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم ئەھەد مۇئەللىم، تېنچ -ئامان تۇرۇپسىز! كۆپنىڭ ئەقلى يەنىلا ئارتۇق بولىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغىنىڭىزغا ئاپىرىن! يەنە داۋاملاشسۇن! مېنىڭ ئېنگىلىزچە سەۋىيەم تازا يۇقۇرى ئەمەس، شۇنداقتىمۇ مۇنداق بىر نەچچە مەسىلە ئېسىمىزدە بولسۇن. ئاتالغۇ ياسىغان ئىكەنمىز، چوقۇم ئۇدۇل تەرجىمە قىلىش زۆرۈر ئەمەس. ئۇقۇم جەھەتتىن مەنانى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلىسە بولىدۇ. شۇڭا دەيدىغىنىم:
    1. charms نىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى مېنىڭ چۈشىنىشمچە ھەم ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ھەم ھەر خىل ئىقتىدار يۈكلەشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر نەرسىكەن(ئۆزىڭىزنىڭ دەسلەپكى ئىزاھاتىغا قاراڭ). شۇ مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۇمار دېسەك تازا چۈشمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا ياخشى ئويلانساق چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ئاتالغۇ چىقىدۇ. مېنىڭچە، ئەگەر بىرلا قېتىمدا سىز دېگەندەك بىرنەچچە كۇنۇپكىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا جۇغكۇنۇپكا(جۇغلانما كۇنۇپكا) ياكى شۇنىڭغا يېقىن ئاتالغۇ ئالساق بولار.ئەگەر پەيتكە قاراپ كۇنۇپكىمۇ ئۆزگەرسە، ئۇ چاغدا ئۇ پاسسىپ ھالەتتىكى بىر قاچا بولىدۇ، بىز نىمە كۇنۇپكا يۈكلىسەك شۇ كۇنۇپكا قوشىلىدۇ دېگەن گەپ. بۇنداق بولغاندا ئاتا بوۋىلىرىمىز چىرايلىق بۇيۇملارنى تىزىپ قويىدىغان ئويۇق ياكى تەكچە بولىدۇ.( شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ بىلمىدىم، خاتا چۈشەنسەم كەچۈرىسىز)
    2. speed bump قا كەلسەك مېنىڭچە يۈگەن دېسەك سىز دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
    3. cloud computing نى يۇقۇرىدا كۆرەش ئاتلىق تورداشنىڭ بۇلۇتچوت دەپ ئېلىشى ماڭا ياقتى، بۇرۇنقىدەك بۇلۇت ھېسابلاش دەپ ئالسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئاتالغۇ ئەمەس.ئاتالغۇ چوقۇم ئىسىم بولۇشى كېرەك.
    4. tile نى مەناغا قاراپ يايما دېسەك بولامدۇ قانداق؟ نۇرغۇن ئوبيېكىتنى يېيىپ كۆرسىتىش ئىكەنغۇ؟ بىزدىمۇ يايما ئورنى، يايما ئېچىش ، يايمىچى دېگگنژگۆ گەپ بارغۇ؟
    5. ئەپ ئاتالغۇسى تازا چۈشۈپتۇ.
    ئەگەر مۇۋاپىق بولمىسا كۆپچىلىك يەنە ئويلانساق بولىدۇ، بۇ ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇسىغا مەسئۇل بولۇش مەسىلىسى،شۇڭا ئالدىراقسانلىق قىلساق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىمىز. تەكلىۋىم: بولسا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قاتناشسۇن، قەرەللىك پائالىيەت ئېلىپ بارساق بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:36
  • speed bump
    سۈرئەت توسقۇچ
    ——————————————-
    سۈرئەت دېگەننى توسمايدۇ، ئاستىلىتىدۇ، ياكى تۆۋەنلىتىدىغاندۇ؟ يانا ئويلىشىپ باقارسىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 21:08
  • speed bump نى بوسۇغا دېسەك بولامدىكىن؟
    چۈنكى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا بۇنداق نەرسىلەرنى بېكىتىدۇ، بۇ يەردىن ئۆتۈپ ئاندىن كىرىمىز، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن تېزلىتىمىز.

    charms نى تۈگمە دېسەك قانداق بولار؟
    چۈنكى بۇ نەرسە 6 ئەمەس، ياكى 4 ئەمەس پەقەت سانى مۇقىم 5 تال ھەم تۈگمىگە ئوخشاش دۈگلەك. باشلاش تۈگمىسىنى بېسىڭ، ئىزدەش تۈگمىسىنى بېسىڭ دەپ، ئويلىنىپ باقايلى

    پىكىر بەرگەن ھەر بىر تورداشلارغا كۆپ رەھمەت !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:54
  • 1. Charms
    گەرچە مەنا ئۇدۇل كەلمىسىمۇ، بۇرۇنقىدەك باشلاش ياكى بارلىق ۋەياكى باشلىنىش دەپ ئالساق قانداق بۇلار
    2. Speed bump
    بۇنى تورمۇز ياكى تورمۇزخانا دەپ ئالساق مۇۋاپىق بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ
    3. APPS
    بۇ ئەپ ياكى ئەپلەر ۋەياكى ئەپچىل دېسەك تازا ماس كەلگۈدەك
    4. Tile
    بۇ مېنىڭچە تىزىملىك، يايما تىزىملىك، يايما تىزىم، تىزىق دېگەنلەرنى ئويلۇشۇپ باقساق قانداق بۇلار
    5. Cloud Computing
    بۇ سۆزنى يەنە باشقىچە ئۆزگەرتمىگىنىمىز ياخشى. مۇقىملىشىپ ئومۇملىشىپ بۇلاي دېگەن ئاتالغۇغا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك ياخشى بولماس……
    كەم ئەقلىم بىلەن مۇشۇنچىلىك تەكلىپ يېزىپ تۇراي. بولسا ئەڭ ئۆلۈچەملىك ھالەتتە ئاتالغۇنى بىكىتەيلى. سەۋرچانلىق بىلەن ھەم ۋاقىتنى چىڭ تۇتقان ئاساستا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى.
    ئالىم مۇئەللىم سىزگە رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:44
  • ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
    speed bump نى « تىزلىك تىزگىنىكى» دەپ ئالساق چۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:09
  • speed bump نى ‹بوسۇغا› دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ چۈنكى ھەرقانداق كىشى بوسۇغىغا كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ. apps نى‹ ئىجراچىلار تىزمىسى›

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:12
    • شۇنداق، مەنمۇ بۈگۈن ئەتىگەندە بوسۇغا دېيىشنى سەل لايىق كۆردۈم، چۈنكى، مەن ئەتىگەندە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى دەسسەپ چوڭ دەرۋازىدىن كىردىم، بەزىلەر يەنە يەرلىكتە جاڭقاڭ، كاتاڭ، سەكرەتمە،…دەيدىكەن، تازا مۇۋاپىق كۆرمۈدۈم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:37
      • ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىگە قاراڭ، بوسۇغا ھەرگىز سۈرئەت ئاستىلىتىش مەناسىنى بەرمەيدۇ. بىز نىمشقا speed bump دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسىگىلا ئېسىلىۋالىمىز.ئۆزىڭىزنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قاراڭ:
        چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىنى يۆتكىگەندە، Speed bump ئۇنى ھەر بىر گۇرۇپپا يېيىلمىلار(Tiles)نىڭ بېشىغا كەلگەندە تورمۇزلاش(ۋاقىتلىق توختاش)نى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
        مۇشۇنىڭغا قارىغاندىمۇ باشلاش تىزىملىكىنى يېيىلمانىڭ بېشىغا يۆتكەپ ئەكەلگەندە Speed bump نىڭ تەسىرى بىلەن ۋاقىتلىق توختاشنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن.دېمەك يۈگەن دېگەن ئاتنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. شۇ مەنادىن ئېيتقاندا باشلاش ئېكرانىنغا سېلىنغان يۈگەن دەپ چۈشەنسەك خاتامۇ؟ ئەگەر خاتا بولسا سىزنىڭ دەسلەپكى چۈشەندۈرىشىڭىز خاتا بولىدۇ.مەيلى قانداق بولمىسۇن بۇنى بوسۇغا دېيىش مەنا جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.چۈنكى بوسۇغا ئۇيغۇر تىلىدا ھەرگىز سۈرئەت ئاستىلىتىش مەناسىنى بەرمەيدۇ.ئۇنتۇپ قالمايلى ئاتا بوۋىمىز 门鼻儿 نى قاغىتۇمشۇق دەپمۇ ئالغان، ھەرگىز ئۇنىڭ باشقا تىلدىكى ئاتالغۇسى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغان .

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:43