ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئالدىنقى يىلى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەش ۋە قائىدە ئامبىرىنى قۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھلىل قىلىپ، بوغۇمغا ئايرىش، ئاجىزلىشىش، تۈرلەش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىخچام قائىدىگە يىغىنچاقلىغان ئىدىم، قائىدىگە چۈشىدىغان پېئىل، ئىسىم، سۈپەتلەرنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ غايەت زور ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.
مەسىلەن: تۈپ پېئىل «ياز-»نى مىسال ئالسام،
(1) يېزىل (پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، مەجھۇل دەرىجە)
(2) يېزىلغان (پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پۈتكەن تۈر)
(3) يېزىلغىنىڭىز (پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى، 2-شەخس سىپايە تۈر)
دەپ تۈرلەشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا بىر تۈپ پېئىلنى يۇقىرىقىدەك پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى (يەنە 3 شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك) بويىچە قاتمۇقات تۈرلەپ چىققاندا، جەمئىي 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدىكەن. ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 8455 تۈپ پېئىلنى تۈرلەپ، 42613200 (42 مىليوندىن ئارتۇق) سۈنئىي تۈرلەنگەن پېئىل ئامبىرىنى قۇرۇپ باقتىم. ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ بۇ ئامبىرىمدا ھەر قانداق بىر پېئىلنى قانداق شەكىلدە يازسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىي تۈپ پېئىلىنى %99.99 تېپىپ بېرەلەيدۇ. ھازىر مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئامبىرىدىكى تەكرارلانمىغان ھەر خىل مۇرەككەپ تۈرلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر 50 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان خام ماتېرىيال ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قورال دېتال ئارقىلىق «ئاپتوماتلاش-» دېگەن تۈپ پېئىلنى كىرگۈزۈپ، بىر كۇنۇپكا چەكسىڭىزلا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
================
(1) ئاپتوماتلاشماق
(2) ئاپتوماتلىشىش
(3) ئاپتوماتلىشىپ
(4) ئاپتوماتلاشقان
(5) ئاپتوماتلىشىدۇ
(6) ئاپتوماتلاشتى
(7) ئاپتوماتلىشىدىغان
(8) ئاپتوماتلىشە
(9) ئاپتوماتلىشىشقا
(10) ئاپتوماتلىشىشى
(11) ئاپتوماتلاشسا
(12) ئاپتوماتلىشاتتى
(13) ئاپتوماتلىشار
(14) ئاپتوماتلاشقاندا
(15) ئاپتوماتلاشماقتا
(16) ئاپتوماتلىشىشنى
(17) ئاپتوماتلاشماي
(18) ئاپتوماتلاشقاندىن
(19) ئاپتوماتلىشىپتۇ
(20) ئاپتوماتلىشىۋاتقان
(21) ئاپتوماتلىشىشتىن
(22) ئاپتوماتلاشتىم
(23) ئاپتوماتلاشما
(24) ئاپتوماتلاشقۇچى
(25) ئاپتوماتلاشمايدۇ
(26) ئاپتوماتلىشىشنىڭ
(27) ئاپتوماتلىشىدىكەن
(28) ئاپتوماتلاشقاندەك
(29) ئاپتوماتلاشقىلى
(30) ئاپتوماتلىشىمەن
(31) ئاپتوماتلاشقانلىقىنى
(32) ئاپتوماتلىشىمىز
(33) ئاپتوماتلاشقانىدى
(34) ئاپتوماتلىشىپلا
(35) ئاپتوماتلاشقانلىقى
(36) ئاپتوماتلاشماسلىق
(37) ئاپتوماتلاشماقچى
(38) ئاپتوماتلاشقىنى
(39) ئاپتوماتلىشىڭ
(40) ئاپتوماتلاشتۇق
(41) ئاپتوماتلىشىشتا
(42) ئاپتوماتلىشىۋاتىدۇ
(43) ئاپتوماتلاشمايدىغان
(44) ئاپتوماتلىشاي
(45) ئاپتوماتلاشسىمۇ
(46) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىنى
(47) ئاپتوماتلاشسۇن
(48) ئاپتوماتلىشىلغان
(49) ئاپتوماتلاشمىسا
(50) ئاپتوماتلاشقۇچ
(51) ئاپتوماتلاشمىدى
(52) ئاپتوماتلاشماس
(53) ئاپتوماتلاشساق
(54) ئاپتوماتلاشسام
(55) ئاپتوماتلاشقانلار
(56) ئاپتوماتلىشىسەن
(57) ئاپتوماتلاشتىڭ
(58) ئاپتوماتلىشايلى
(59) ئاپتوماتلاشساڭ
(60) ئاپتوماتلىشىپمۇ
(61) ئاپتوماتلىشىڭلار
(62) ئاپتوماتلىشالايدۇ
(63) ئاپتوماتلاشقانلىق
(64) ئاپتوماتلاشماستىن
(65) ئاپتوماتلاشسىڭىز
(66) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتى
(67) ئاپتوماتلىشىلدى
(68) ئاپتوماتلاشقىن
(69) ئاپتوماتلاشماسلىقى
(70) ئاپتوماتلىشالماي
(71) ئاپتوماتلىشالايدىغان
(72) ئاپتوماتلاشتىكى
(73) ئاپتوماتلاشقۇدەك
(74) ئاپتوماتلاشقۇچىلار
(75) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقى
(76) ئاپتوماتلاشقانغا
(77) ئاپتوماتلىشىۋالغان
(78) ئاپتوماتلىشىسىز
(79) ئاپتوماتلىشىشتەك
(80) ئاپتوماتلاشقانلىقتىن
(81) ئاپتوماتلاشتىمۇ
(82) ئاپتوماتلاشقاچ
(83) ئاپتوماتلىشامدۇ
(84) ئاپتوماتلاشماڭ
(85) ئاپتوماتلاشقىنىچە
(86) ئاپتوماتلىشىشمۇ
(87) ئاپتوماتلاشمايمەن
(88) ئاپتوماتلىشىۋېلىپ
(89) ئاپتوماتلاشمايتتى
(90) ئاپتوماتلىشىشلار
(91) ئاپتوماتلىشىدىغانلار
(92) ئاپتوماتلىشىشتىكى
(93) ئاپتوماتلاشقانلىقىدىن
(94) ئاپتوماتلاشقاچقا
(95) ئاپتوماتلاشمايلا
(96) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندەك
(97) ئاپتوماتلاشقۇسى
(98) ئاپتوماتلىشىۋېتىپ
(99) ئاپتوماتلاشقاندىلا
(100) ئاپتوماتلاشمايدىكەن
(101) ئاپتوماتلىشىشتى
(102) ئاپتوماتلاشسىلا
(103) ئاپتوماتلاشسىلام
(104) ئاپتوماتلاشقىنىنى
(105) ئاپتوماتلاشمىدىم
(106) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلىقى
(107) ئاپتوماتلىشىشقىمۇ
(108) ئاپتوماتلىشىۋالدى
(109) ئاپتوماتلاشقانلىقىقا
(110) ئاپتوماتلاشقانلارنىڭ
(111) ئاپتوماتلىشارمۇ
(112) ئاپتوماتلاشمايمىز
(113) ئاپتوماتلاشقىنىغا
(114) ئاپتوماتلىشىۋېلىش
(115) ئاپتوماتلىشىشىمۇ
(116) ئاپتوماتلاشتىدىدە
(117) ئاپتوماتلاشماپتۇ
(118) ئاپتوماتلاشقانىكەن
(119) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندا
(120) ئاپتوماتلاشقۇم
(121) ئاپتوماتلاشقۇچىنىڭ
(122) ئاپتوماتلاشقۇچە
(123) ئاپتوماتلاشقىنىم
(124) ئاپتوماتلىشىشتۇر
(125) ئاپتوماتلاشماڭلار
(126) ئاپتوماتلاشقانمۇ
(127) ئاپتوماتلىشاتتىم
(128) ئاپتوماتلاشقاننى
(129) ئاپتوماتلاشقانلارغا
(130) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنىڭ
(131) ئاپتوماتلىشىۋېتىپتۇ
(132) ئاپتوماتلاشتىڭىز
(133) ئاپتوماتلاشقانلىرى
(134) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقىنى
(135) ئاپتوماتلىشالمىدىم
(136) ئاپتوماتلاشقانلارنى
(137) ئاپتوماتلاشمىساق
(138) ئاپتوماتلاشساڭلار
(139) ئاپتوماتلىشالايسىز
(140) ئاپتوماتلىشىۋال
(141) ئاپتوماتلىشالماسلىق
(142) ئاپتوماتلىشىدىغىنى
(143) ئاپتوماتلاشساممۇ
(144) ئاپتوماتلاشقانىدىم
(145) ئاپتوماتلىشىشىڭىز
(146) ئاپتوماتلىشاتتۇق
(147) ئاپتوماتلاشقاي
(148) ئاپتوماتلاشقانچە
(149) ئاپتوماتلىشىسىلەر
(150) ئاپتوماتلاشقاندىمۇ
(151) ئاپتوماتلىشىۋاتىمەن
(152) ئاپتوماتلاشقانلىقىنىڭ
(153) ئاپتوماتلىشامسىز
(154) ئاپتوماتلاشمايلى
(155) ئاپتوماتلاشمىغىن
(156) ئاپتوماتلاشماسلىققا
(157) ئاپتوماتلاشساقمۇ
(158) ئاپتوماتلاشقاندۇ
(159) ئاپتوماتلىشالمىغان
(160) ئاپتوماتلاشقاننىڭ
(161) ئاپتوماتلىشىۋېتىش
(162) ئاپتوماتلاشقانسېرى
(163) ئاپتوماتلاشقىنىڭ
(164) ئاپتوماتلىشىپتىكەن
(165) ئاپتوماتلىشىشنىمۇ
(166) ئاپتوماتلىشىپسىز
(167) ئاپتوماتلىشالىغان
(168) ئاپتوماتلاشقاق
(169) ئاپتوماتلاشقۇچىسى
(170) ئاپتوماتلىشالايمىز
(171) ئاپتوماتلاشقۇچىغا
(172) ئاپتوماتلاشقاندىكى
(173) ئاپتوماتلاشماسلىقنى
(174) ئاپتوماتلاشمامدۇ
(175) ئاپتوماتلىشىشچانلىق
(176) ئاپتوماتلاشمىغانىدى
(177) ئاپتوماتلىشىۋاتىمىز
(178) ئاپتوماتلاشقۇچىنى
(179) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنى
(180) ئاپتوماتلاشمىدۇق
(181) ئاپتوماتلاشمايسەن
(182) ئاپتوماتلىشارمەن
(183) ئاپتوماتلىشىدىغاندەك
(184) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىغا
(185) ئاپتوماتلىشىۋالدىم
(186) ئاپتوماتلاشقۇچىلارغا
(187) ئاپتوماتلىشالماس
(188) ئاپتوماتلىشالمىسا
(189) ئاپتوماتلاشقانلاردىن
(190) ئاپتوماتلىشىلمىغان
(191) ئاپتوماتلىشىشلارنى
(192) ئاپتوماتلىشىشىمىزغا
(193) ئاپتوماتلاشساڭمۇ
(194) ئاپتوماتلىشالايمەن
(195) ئاپتوماتلىشىپتىمەن
(196) ئاپتوماتلاشسىڭىزمۇ
(197) ئاپتوماتلىشالمايتتى
(198) ئاپتوماتلىشىشلارغا
(199) ئاپتوماتلىشىۋالسا
(200) ئاپتوماتلاشقانلىرىنى
(201) ئاپتوماتلاشقىنىدا
(202) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلار
(203) ئاپتوماتلىشىۋېلىشقا
(204) ئاپتوماتلىشامسەن
(205) ئاپتوماتلاشماسلىقىنى
(206) ئاپتوماتلىشىۋېتىلگەن
(207) ئاپتوماتلاشقىنىدىن
(208) ئاپتوماتلاشسىڭىزلا
(209) ئاپتوماتلىشالىسا
(210) ئاپتوماتلىشىپسەن
(211) ئاپتوماتلىشىشچان
(212) ئاپتوماتلىشىۋاپتۇ
(213) ئاپتوماتلىشىۋالغاندىن
(214) ئاپتوماتلاشمايسىز
(215) ئاپتوماتلاشتىڭلار
(216) ئاپتوماتلىشىشچانلىقى
(217) ئاپتوماتلاشماقچىمۇ
(218) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقى
(219) ئاپتوماتلىشالىشى
(220) ئاپتوماتلاشتىغۇ
(221) ئاپتوماتلاشتىڭمۇ
(222) ئاپتوماتلىشىشىڭىزنى
(223) ئاپتوماتلىشالمىغاچقا
(224) ئاپتوماتلىشىدىغانغا
(225) ئاپتوماتلىشامدۇق
(226) ئاپتوماتلاشقىنىدەك
(227) ئاپتوماتلىشارمىز
(228) ئاپتوماتلاشساقلا
(229) ئاپتوماتلاشقاندۇر
(230) ئاپتوماتلىشىدىغانلارنىڭ
(231) ئاپتوماتلىشىلمىغاچقا
(232) ئاپتوماتلاشقىنىمىز
(233) ئاپتوماتلاشقۇچىلاردىن
(234) ئاپتوماتلىشىدۇدە
(235) ئاپتوماتلىشىشلاردىن
(236) ئاپتوماتلىشىۋات
(237) ئاپتوماتلاشقاندەكلا
(238) ئاپتوماتلاشمايۋاتىدۇ
(239) ئاپتوماتلاشمىدىڭ
(240) ئاپتوماتلىشىۋالاي
(241) ئاپتوماتلىشىشلا
(242) ئاپتوماتلاشقىنىمدا
(243) ئاپتوماتلىشىلمىدى
(244) ئاپتوماتلىشىشىچە
(245) ئاپتوماتلىشىۋېلىشى
(246) ئاپتوماتلاشقىنىڭىز
(247) ئاپتوماتلاشمىدىمۇ
(248) ئاپتوماتلاشقانلىقنى
(249) ئاپتوماتلاشقانلىقىمنى
(250) ئاپتوماتلاشمىقى
(251) ئاپتوماتلىشارسەن
(252) ئاپتوماتلاشقىنىمنى
(253) ئاپتوماتلىشىشىڭىزغا
(254) ئاپتوماتلىشارمىش
(255) ئاپتوماتلاشقانلارمۇ
(256) ئاپتوماتلىشىدۇكى
(257) ئاپتوماتلىشىشلارنىڭ
(258) ئاپتوماتلىشاتتىڭلار
(259) ئاپتوماتلىشالايدىكەن
(260) ئاپتوماتلاشتىڭىزمۇ
(261) ئاپتوماتلاشمىغىنى
(262) ئاپتوماتلىشىدىغاندۇ
(263) ئاپتوماتلىشىشنىلا
(264) ئاپتوماتلىشىشىڭ
(265) ئاپتوماتلىشىۋاتامدۇ
(266) ئاپتوماتلاشمىغۇچە
(267) ئاپتوماتلاشساملا
(268) ئاپتوماتلاشقانلىقىم
(269) ئاپتوماتلاشمامسەن
(270) ئاپتوماتلىشىۋاتسا
(271) ئاپتوماتلىشىۋالاتتى
(272) ئاپتوماتلىشىۋېرىپ
(273) ئاپتوماتلىشىۋېرىدۇ
(274) ئاپتوماتلاشقانتى
(275) ئاپتوماتلىشالايتتى
(276) ئاپتوماتلىشالماسلىقى
(277) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن
(278) ئاپتوماتلىشىۋېلىشنى
(279) ئاپتوماتلىشالماپتۇ
(280) ئاپتوماتلىشالىدى
(281) ئاپتوماتلىشىۋېتىشكە
(282) ئاپتوماتلاشتىلا
(283) ئاپتوماتلاشقۇلۇق
(284) ئاپتوماتلاشقانىدۇق
(285) ئاپتوماتلاشقۇچنى
(286) ئاپتوماتلاشمايمۇ
(287) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتىم
(288) ئاپتوماتلىشالامدۇ
(289) ئاپتوماتلىشىشىمىزنى
(290) ئاپتوماتلىشامسىلەر
(291) ئاپتوماتلاشقانتىم
(292) ئاپتوماتلاشقۇچىدۇر
(293) ئاپتوماتلىشىۋالغاندەك
(294) ئاپتوماتلىشامدىكىن
(295) ئاپتوماتلىشىدىكەنمىز
(296) ئاپتوماتلىشىشقىلا
(297) ئاپتوماتلىشىۋەرسە
(298) ئاپتوماتلاشقىنىمىزدا
(299) ئاپتوماتلاشماقتىمەن
(300) ئاپتوماتلىشىشىڭلارنى
…
…
…
(5035) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن
(5036) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىغا
(5037) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغاننىلا
(5038) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلارمىز
(5039) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلىققا
(5040) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇدەكلا
==============
مېنىڭ بايقىشىمچە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئىسىم تەخمىنەن %50 نى، پېئىل تەخمىنەن %25 نى، باشقا سۆز تۈركۈمى %25 نى ئېگەللەيدۇ. خالىغان بىر تەبئىي جۈملىدە گەرچە پېئىلنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ تۈرلىنىش شەكلى ئەڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىكەن. زامان ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى تۈپ پېئىلنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ ھەر خىل مەنانى بىلدۈرىدىكەن، مەن بىلىدىغان ئىنگلىز تىلىدا مۇنداق ئالاھىدىلىك يوق، بەلكىم باشقا تىلدىمۇ بۇنداق ياخشى ئالاھىدىلىكنى تېپىش تەس بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى يىلى مەن بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىگە تېخىمۇ قايىل بولغان ئىدىم ھەمدە مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ئۆز ئانا تىلىم بولۇپ قالغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغانىدىم.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل» بايرىمى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تۆۋەندە مىسال بېرىلدى.
================
بىز زاۋۇتىمىزغا ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىشىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاپتوماتلاشتى. بىز بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئاپتوماتلىشىش زۆرۈرلىكىنى قاتتىق تونۇپ يەتتۇق. ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش بىزنىڭ ئىقسادى كىرىمىمىزنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ ئاپتوماتلىشىشقا يۈزلەندۇق. خوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەڭلار تامغا ئېسىلغان « ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشىم ياخشى بولسۇن دېسەڭ ئالدى بىلەن ئاپتوماتلىشىۋال (ئاپتوماتلاش)» دېگەن گەپنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ گەپنىڭ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز.
================
ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
- يازما كۆرۈلۈشى: 23,374 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:49
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن
- كېيىنكى يازما :Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
باشقا تىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئانا تىلىمىزنىڭ ئەزەللىكلىرى ھەقىقەتەن كۆپ،بۇ ئەۋزەللىكلەرنى بايقاش ،ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن چەككەن جاپالىرڭىزنى خەلق ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ.
ھەقىقەتەن تەبرىكلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر ياخشى ئىش بوپتۇ .بۇ نەتىجىلەر ئانا تىلىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا قانۇنىيەتلىك تىل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۇپ تۇرۇپتۇ .ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر ،ئاللا قولىغا دەرت بەرمىسۇن
مىللەتنىڭ يۇرىگى ئانا تىل ،
ئەل بالىسى ،بۇنى ئىنىق بىل.
ئانا تىلنى ،يىزىقنى قوغدىمىغان يەنە نىمىسىنى قوغدا؟
ئالىم مۇئەللىم (سىزنى شۇنداق ئاتاي )مەن ئەل كورېكتۇرىنى سېتىۋالاي دىگەن،ئەمما سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ تورىدا ساتمايدىكەن .ياردەم قىلىڭ (بولسا ئەزانراق قىلىپ بەرسىڭىز تېخمۇ ياخشى ئىدى )
چۈنكى، ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال قارانچۇقى بار، توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شەخسلەر نۇسخىسى ئەرزان، باھاسى 480 يۈەن، شۇنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال ھازىر بارمۇ؟ ماڭا لازىم ئىدى. ياردەم قىلالارسىزمۇ؟
بۇ قېتىم سىنىپتا سىز ئالدىنقى يىلى مەكتىپىمىزدە لېكسىيە سۆزلىگەندە دېگەن « مەن ئۆزۈمنى سودىگەر ئەمەس، بىر ئوقۇتقۇچى سۈپتىدە تونۇيمەن » دېگەن سۆزىڭىزنى تەھلىل قىلغان ئىدۇق.
===
يۇمشاق دېتالنىڭ ھەممىسىنى ساتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ،
===
بۇ گىپىڭىز، ئۆزىڭىزنى سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ بۇ گەپكە بەك دېققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن. ئەمما، ئوقۇتقۇچىمىز بۇ گەپنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى، ئاندىن بۇ گەپكە يوشۇرۇنغان نۇرغۇن مەنالارنى بىلگەندەك بولدۇم.
كىشىلەرنىڭ سەۋىيەسى ئۆسكەنسىرى سىلىدەك قابىل ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيگۈسى!
ئالىم مۇئەللىم، ئالدىنقى قېتىم » ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى بۇغۇمغا ئايرىيدىغان بىر يۇمشاق دېتال ياسىدۇق » دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدىڭىز. راستىلا شۇنداق يۇمشاق دېتال بارمۇ؟ (بولسا سېتىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟)
بار، بۇنداق دېتاللارنى مەن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىلا ياساپ يۈرگەن ئىدىم، كېيىن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى ياسىغاندا، تېخىمۇ ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا ئۆزگەرتتىم، بۇنداق دېتاللارنى سېتىش ئويۇم يوق، ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. يۇمشاق دېتالنىڭ ھەممىسىنى ساتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ،
ئاجايىپ ھە…
مەن سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە مىڭ رەھمەت ئېيتىمەن. ياشاڭ، ياشاڭ!!!!!!!!!!!!!!!
ئالىم ئاكا سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشالايمەن ؟ سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بەك كۆپتى.
ھازىرچە مۇشۇ يەرگە يېزىڭ ياكى خەت ئەۋەتىڭ
خەنزۇتىلى ئۆگىنىپتىمەن،ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپتىمەن،ئەمدى بىلسەم بىزنىڭ ئۇيغۇرتىلمۇ يامان مۇرەككەپكەن جۇمۇ
لېكىن، بۇنىڭ قانۇنىيىتى بار، ئەگەر مەن بۇ قانۇنىيەت بىلمىگەن بولسام، ئۇنى ھەرگىز قىلالماس ئىدىم
ھازىر بىزدە ئىملا خاتالىقى ھەددىدىن زىيادە كۆپ. ھەتتا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ پروگگراممىلىرىدىمۇ نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى مەۋجۇت. كۆپچىلىكنىڭ ئىملاھىمىزنى توغرىلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتاقلىقىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بۇ يازمىلارنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولۋاتمەن
ئەسسالام-ئەلەيكۇم! ئالىم ئاكا،
مەن شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرىسىتىتىدىكى بىر ئوقۇغۇچى ، شۇنداقلا مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى كومپىيوتېر تىلشۇناسلىقىغا بەكمۇ قىزىقىمەن. ھەم مۇشۇ يىللاردىن بۇيان مۇئەللىمگە ياردەملىشىپ خېلى ئىشلارنى قىلدىم، گەرچە مىنىڭ قىلغانلىرىم ھىچقانچە ئىش ئەمەستۇ. گەپكە كەلسەك سىز قىلغان بەزى ئىشلارنى مەنمۇ قىلۋاتىمەن ھەمدە مۇشۇ توغرىلىق ھېلھەم ئىزدىنىۋاتىمەن. سىزنىڭ ماۋۇ دىتالىڭىز بىر پېئىلنىڭ ھەرخىل تۈرلىنىشىنى تېپىپ بېرىدىكەن، مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم . ئاشۇ تۈرلەپ چىقارغان 5000 پېئىلنىڭ سۆز ئۆزىكىنى تېپىپ بىرەلمدۇ؟؟؟
ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە تۈرلەنگەنلىكى، قانداق راي، قانداق زامان، قانداق شەخس قوشۇمچىسى ئۇلانغانلىقىنى ئېنىق چىقىرىپ بېرىدۇ، مۇرەككەپ تۈرلەنگەن پېئىلنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، تۈپ پېئىلنى تېپىپ بېرىدۇ.
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن!
مېنىڭ بىلىشىمچەمۇ، تۈركىي تىل باشقىلارنى ئاسان ئاسمىلاتسىيە قىلىدىغان، ھەمدە ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان تىلدۇر. نېمىسلار بىلەن ئېنگلىزلار 2000 يىلنىڭ ئالدىدا ئوخشاش تىل ئىشلىتەتتى، ئارىلىق شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ، مانا ھازىر بىر-بىرىنىڭ تىلىنى يا يېزىقتا يا ئېغىزدا ئۇقۇشالمايدۇ، شۇنداقتىمۇ بىر تىل گۇرۇپپپىسى ھېساپلىنىدۇ. تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرى نەچچە مىڭ يىل ئايرىلغان، ھەمدە ئارىلىق شۇنچە يىراق تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئۆزئارا چۈشىنىشكىلى بولىدۇ.
مۇمكىن بولسا، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئا، ئە لەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى يوقىتىۋەتسە بەك ياخشى بولاتتى. «ئانىسى» دەپ يازماي «ئاناسى» دەپ يازساق، ئېغىز تىلىدا «ئانىسى» دەپ ئېيتسا ئىختىيار ئەلۋەتتە.
مەنمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئا ۋە ئە ئىككى ھەرپنىڭ ئى ۋە ئې غا ئالمىشىدىغان تەرىپىگە بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم.: مىسال: ئاشخانا–ئاشخاناسى، جان — جانى، نان — نانى دەپ ئىلساق تۈپ سۆزلەر ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەت تۈرلەنگەندە قوشۇمچىلار قوشۇلسا ياخشى بۇلاتتى. ئىككى سۇزۇق تاۋۇشنىڭ باشقا ئىككى سۇزۇق تاۋۇشقا ئاجىزلىشىشى تۈركىي تىل ئىچىدە پەقەت بىزدىلا بارمىكىن تاڭ؟
بۇنى تىل خاسلىقى دىگەندىن كۆرە تىلنىڭ چىكىنىشى دەپ قاراشقا بۇلامدۇ قانداق؟
بۇرۇن، يەنە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئارمىيىسى، پارتىيىسى دىگەندەك سۆزلەر بار ئىدى ھازىر بۇ ئارمىيەسى، پارتىيەسى دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ.
ئەمدى ۋەزىپىسى دىگەننى ۋەزىپەسى، ئىپادىسى دىگەننى ئىپادەسى دەپ ئالساق قانداق بۇلار؟
ناۋادا بۇ ئىككى تاۋۇش ئاجىزلاشمىغاندا ئۇيغۇر تىلى يەنە ئىملا تۈزۈتۈش باسقۇچىنى باشىدىن ئۆتكۈزەرمۇ؟
ياق، بۇ قېتىملىق ئىملادا ئاخىرقى بوغۇم «-ىيە» بولسا، ئاجىزلاشمايدۇ دېگەن قائىدە تۈزۈلگەن، شۇڭا، ئارمىيەدىن، ياپونىيەدىن، …دېگەن بىلەن ۋەزىپەسىدىن دەپ يېزىلمايدۇ، بەزىلەر يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويماقتا، شۇڭا، يەنە ئىملا ئۆزگەرتىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرمەيمىز دېگىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەمدى بولسىمۇ جىم تۇرسا بولاتتى.
‹‹ئا،ئە›› نىڭ ‹‹ ئې،ئى›› غا ئاجىزلىشىنى يوقاتماسلىق كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىز ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن ئاجىزلاشتۇرماسلىقتىن تەڭ پايدىلانساق تامامەن بولىدۇ. ئەگەر ئۆگەرتىمىز دەپ قالساق نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىق يۈز بېرىدۇ. تىلىمىز ھازىر ئاساسەن دېگۈدەك ئاجىزشلاشتۇرۇلۇپ كۆنۈپ قالدى. ھازىر مەسىلە بار كۈچىمىز بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى قانداق قىلىپ ياخشى ساقلاپ قىلىش. بىزنىڭ تىلىمىز تەرەققىي قىلىپ دۇنيا تىلى بولمىش ئىنگلىز تىلىدىنمۇ نەچچە ھەسسە تەرەققىي قىلىپ كەتتى. ئەمدى مۇشۇ ئورنىىمىزنى ساقلاپ ئىملا ئۆزگەرتىمىز دەپ يۈرمەيلى.