Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى

[ IT خەۋەرلىرى ]

4-ئايدا Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى.
بازا تەكشۈرۈش شىركىتى Net Applications ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتكەن بولۇپ، 3-ئايدا %3.2 ئىدى.

بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن Windows 8.1 دە «باشلاش» كۇنۇپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا بۇ ئىلگىرى ئادەتلىنىپ قالغان نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئومۇمىي بازار نىسبىتى يەنىلا %90 دىن يۇقىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى بەلكىم %99 دىن تۆۋەن بولماسلىقى مۇمكىن. Windows 8 گە ئادەتلىنىپ قالسىڭىز، بۇرۇنقى نەشرىگە كۆنەلمەي قالىدىكەنسىز.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
106 پارچە باھا يېزىلدى
  • ھازىر بەزى ئېلانلاردا تاختا كومپىيوتىر نى تەكشى كومپىيۇتىر دەپ ئېلىنىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ، ھازىرغىچە بۇلار قىلىپلىشىپ بولمىدىمۇ ؟ياكى ئۆزى دەسىگەن سەمىگە دەسسەپ مىڭىۋىرىۋاتامدۇ ؟ھەي!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:03
  • ئالىم مۇئەللىم skype نىڭ تىلىنى ئۆزگەرتەي دەپ قارىسامUighur دەپ تۇرىدۇ ، شۇ توغرىمۇ تازا بىلەممىدىم مەنغۇ Uyghur دەپ بىلىمەن توغىرسىنى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:48
    • ئۇيغۇرلار چىقارغان ھۆججەتتە ئۇيغۇرنى ئىنگلىزچە Uyghur دەپ يېزىڭلار دەپتۇ، شۇ بويىچە سىزمۇ بۇنى توغرا دەيسىز. ئەمما Uighur دەپ يېزىش ئومۇملاشقىنىغا 350-400 يىل بولۇپتىكەن. قارىغاندا ئۇلار ئۆزگەرتىپ بولالمىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ ئۆزىمىز مۇنداق ياز دەپ، ئۇلار ئۆزگەرتىپ بولالمىسا، ياكى ئۆزگەرتىشكە ۋاقتى يەتمىسە، بولماپتۇ، خاتا بولۇپتۇ دەپ. كىمنىڭ خاتا قىلغىنى كېيىن جەزمەن ئېنىق بولىدۇ. ھېچبولمىغاندا ISO ئۆلچىمىدە Uyghur دەپ يېزىلىپ بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار دائىم تىكىپ-سۆكۈپ يۈرمەيدۇ-دە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:37
  • ياشاڭ ئالىم ئەھەد مۇئەللىم. ئىشلىرىڭىز بەركەتلىك بولسۇن! ئامەت ۋە بەخىت ئىناق بولسۇن مىللەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:09
  • ئەسسالام ئالىمكا!
    مۇناسىۋەتسىز گەپنى سوراپ سالىدىغان بولدۇم،كەچۈرۈڭ.
    لۇغەت تورى ئېچىلمايدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:01
  • كۆيگەندىن كۆنگەن يامان دەپ ،بۇرۇنقى vista,xp ,win7 دىگەنلەرنى ئىشلىتىدىغان ئادەم ئەجەپ كۆپكىنا،كۆنۈپ قالغان نەرسىدىن مەرىنى ئۈزۈشمۇ تەس ئىش ئوخشايدۇ،مەن يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلىمەن، كىيىنكى نەشرىلىرىنى قانداق ئۆزگەرتسە مەيلى جۇما.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 23:20
  • ئالىم مۇئەللىم، ئۇنداقتا ئاۋۇ ئىملا خاتالىقلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟ ئاشۇنداق ئىملا خاتالىقى خېلى جايلاردا بار ئىكەن، تاس قاپتۇ outlook نى ئاۋۇتلۇك دەپ تەرجىمە قىلغىلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:56
    • ھەر كىم ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى ئىنكاس قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:14
    • نەدىكى ئىملا خاتالىق؟مەن ئۇقماي قويدۇم!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:22
  • سالام ئالىم مۇئەللىم.سىز ئازىراق بولسىمۇ wp8گە ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ دىگەندەك ياكى فونىتنى ئۆزگەرتىدىغان دىگەندەك دىتاللارنى ئىشلەپ چىقىرىپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە دىتاللار ئاز ئىكەن.كىلەر يىلى تىل بولىقى ئىلان قىلىغۇچە ئىشلىتىپ تۇرمامدۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:35
    • مۇئەللىم بولسا شۇنداق قىلغان بولسىڭىز. مەنمۇ ھەركۈنى مۇشۇ توغرىسىدا بىرەر ياخشى خەۋەر ئاڭلامەنمىكىن دەپ بىلوگىڭىزدا كۈندە نەچچە رەت كۆرۈۋاتىمەن. ياكى مىكروسوفىت ھازىرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشقا قوشۇلماي قالسا ، ھېچ بولمىغاندا كىرگۈزگۈچنى بولسمۇ تارقاتقان بولسا .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:42
    • ئەپ بازىرىدا فونت ئۆزگەرتىدىغان ئەپ بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىڭ .

      ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ بار ئىزدەش رامكىسىغا uyghur دەپ ئىزدەڭ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى am 03:15
  • بىر دوستۇمنىڭ ياتىقىغا ئوغرى كىرىپ، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ. ئۆتكەندە سېتىۋالغان win8قاچىلانغان ئىكەن. ئەمدى شۇ نومۇر ئارقىلىق يەنە باشقا كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 15:58
    • Microsoft قا تېلېفون قىلىپ راست گەپنى دېسىڭىز، يەنە بىر قېتىم قاچىلاش نومۇرى بېرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 16:05
      • رەھمەت. دوستۇمغا ئېيتىپ قوياي.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:00
      • تىلفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلايدىغان يەردىكى نومۇرغا ئۇرۇپ ئالاقىلاشساق بولامدۇ؟ مەنمۇ بىرنى سېتىۋېلىپ ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلىغان كېيىن يەنە شۇنۇمۇرنى ئاشۇ كومپىيۇتېرغا ئىشلەتسەم ئاكتىپلانمىدى،

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:44
  • ئالىم مۇئەللىم ، مەن مەكتىپىمىزنىڭ ئىشخانىلىرىدىكى كومپىيۇتېرلارغا ۋىندوۋس8نى قاچىلاي دىگەنتىم . 1. قانداق قىلسام سېتىۋالالايمەن ؟ ھازىر باھاسى قانچە پۇل؟ 2. بىر تال قاچىلاش نۇمۇرى بىلەن قانچە كومپىيۇتېرغا قاچىلىغىلى بۇلىدۇ؟ ئىشخانىدىكى ھەر بىر كومپىيۇتېرغا بىر ۋېندوۋس8 سېتىۋالمايدىغاندىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 22:13
    • بىلىشىمچە ھازىرقى باھاسى 1980يۈەن ئەتىراپىدا.بىر تال ئاچقۇچ ئارقىلىق پەقەت بىرلا كومپىيوتىرغا قاچىلىيالايسىز.شۇنداق بولغاندا ھەر بىر كومپىيوتىر ئۈچۈن بىردىن سېتىۋالىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:41
    • 1. ئەگەر مائارىپ ئىلخىتىڭىز بولسا http://shop.edu.cn/ ما ئادىرىستىن سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەرزان ھەم ئىشەنچلىك. ئەگەر مائارىپ ئىلخىتىڭىز بولمىسا باشقىلار ئىلىشىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
      2. بىر نۇمۇر بىلەن پەقەت بىرلا كومپىيۇتىرغا قاچىلاشقا بولىدۇ. قانچە قومپىيۇتىر بولسا شۇنچە تال نۇمۇر ئالىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:32
    • 1.ھازىر ئالىمەن دېسىڭىز ئەسلى باھاسىغا ئالىسىز، كەسپى نۇسخىسى 1988 يۈەن خەلق پۇلى.
      2.بىر تال ئاچقۇچ بىلەن بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:36
    • يۇقىردىكى قىرىندىشىمىز دىگەندەك ،ئاشۇ توردا ئالسىڭىز بۇلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇتقۇچى بۇلىشىڭىز كېرەك،بېرەر تۇنۇشىڭىز بولسا شۇلار ئېلىپ بەرسە بۇلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 19:25
    • ئەگەر ئىدارە – ئورگان نۇسخسىنى سېتىۋالسىڭىز، سىز ئۇلار بىلەن دېيىشسىڭىز، بىر نومۇر بىلەن سىز دېيىشكەن كومپىيۇتېرلارغا قاچىلىيالايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:26
  • يۇقارىقى ئىككى قېرىندىشىم، سىلەر قۇتيار نۇرقۇت بېكەتلىرىدىن مەسىلىەرن ھەل قىلالايىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:14
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالىم مۇئەللىم windows8 دە قىسقۇچ،ياكى ھۆججەتنىڭ نامىنى 5-باشقارما ھەركەتتە دەپ يازسام تەتۇر چىقىپ قالدى،مۇنداق (باشقارماھەركەتتە-5 )دەپ چىقىپ قالدى قانداق قىلسام نورمال چىقىدۇ؟
    خاتېرە دەپتەرگە خەت يازسام نورمال مەن ھىچ بۈلەلمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:14
    • ئەمەلىيەتتە بۇ يېزىقنىڭ ئوقۇش يۆنىلىشىگە باغلىق مەسىلە.
      سىز ئىسىم قىلىپ قوللانغان بۇ ھەرپ تىزمىسى(تىزىقى) سان(رەقەم)دىن باشلانغان بولغاچقا، ساننىڭ يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ھەرپ تىزمىسى(تىزىقى)نى سولدىن ئوڭغا قاراپ تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىپتۇ دەپ چۈشەندىم.
      خاتىرە دەپتەردە نورمال كۆرۈنۈشىدىكى سەۋەب، خاتىرە دەپتەرنىڭ يېزىق يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا ھالەتتە بولغاچقا سىزگە نورمال كۆرسىتىپ بېرىپتۇ، خاتىرە دەپتەردىكى تېكىستنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىدىن «ئوڭدىن سولغا ئوقۇش تەرتىپى»نىڭ ئۈستىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىز، سان يەنىلا سول تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 00:37
    • سىز ھۆججەت قىسقۇچنىڭ(باشقا ھەرقانداق ھۆججەت بولسىمۇ بولىدۇ) ئىسم يازىدىغان جايىغا ھىچقانداق خەت يازماي تۇرۇپ چاشقانچاقنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ بالتاق تىزىملىكتىن (ئاستىدىن ساناشقا ئۈچىنچىسى)insert unicode control characterدېگەننى چەكسىڭىز يەنە بىر تىزىملىك چىقىدۇ بۇنىڭدىن (ئۇستىدىن ساناشقا ئىككىنچىسى)right-to-left mark نى چىكىپ قۇيۇپ يازسىڭىز بولىدۇ،ئەسىلىدە رەسىمنىمۇ بىللە كۆرسىتىپ قوياي دېگەن ئىدىم بىراق رەسىم چىقىرالمىدىم،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 15:48
      • رەھمەت سىزگە سىز دىگەندەك قىلسام ئوڭشالدى لېكىن ھەر قېتىم نام قويدىغان ۋاقىتتا شۇنداق قىلمىسام بولمايدىكەن تەڭشەك ھالىتىنى ساقلاپ قويغىلى بولامدۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:53
      • كەچۇرسىز،تەڭشەك ھالىتىنى ساقلاشنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن،تورغىمۇ قاراپ باقتىم ،بىراق بۇ توغرىلىق ئۇچۇر يوقكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:13
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم ھەم بۇ بلوگدىكى بارلىق تىل سۆيەر قىرىنداشلار مەن 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كۆزنەك8 دىن بىرنى سىتىۋالغان ئىدىم ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نورمال ئىشلەۋاتقان ، ھازىر قايتا سىستىما قاچىلىسام ئاكتىپلانماي تۇرىۋالدى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاكتىپلىيالمىدىم ، تورداشلار يول كۆرسىتىپ بۇ سىستىمىنى ئاكتىپلىۋىلىشىمغا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولوپ قالدى ، كەچۈرۈم سورايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:38
    • كومپىيوتىر ، كومپىيوتىرنىڭ ئىسمى ، ئاچقۇچ ئالماشمىغان سىستىما شۇ بۇرۇن قاچىلىغان سىستىما بولسا ئەلۋەتتە ئاكتىپلىنىدۇ، زادى بولمىسا مىكرو سوفىت قا تىلفون قىلىپ دەپ بېقىڭ ئەھۋال راست بولسا قىلىپ بىرىشى مۇمكىن .(ئامال بار ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ تۇرىۋىلىڭ ) خاتا جايلىرى بولسا ئالىم مۇئەللىم ۋە تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ بىرىشىنى سورايمەن~~

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 19:12
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    مەن 8نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سىتىۋالغان ۋە قاچىلاپ ئىشلەتكەن لىكىن نىمىشقىدۇر ئەپلەرنى قەتتى ئىشلىتەلمىدىم بۇنى كونكىرىت ئۆگۈتۈدىغان يازمىنى قەيەردىن تاپالايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:16
    • سىز كونتىرول تاختىسى ئارقىلىق ،ئىشلەتكۈچى تىزىملىكىنى تورغۇزۇپ،مىكروسوفىت ھېساباتىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق تىزىملاپ ئىشلەتسىڭىز نورمال ئىشلىتەلەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى am 11:38
  • خۇدايىم بۇيرىسا بىزنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش نىسبىتىمىز يولداشلارنىڭكىگە قارىغاندا تېز بولغۇدەك . بەلكىم بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمىغۇدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان مۇئەللىم مەن wp8 نى قاچىليالماي بەك بېشىم قاتى ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ، ياكى دەرىسلىك بولسىمۇ مەيلىتى . مۇمكىن بولسا 1461750984 قۇشۇپ قيسىڭىز ئالىمجان مۇئەلىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:22
    • بۇ سۇئالىڭىزنى مەن ئىنىق چۇشۇنەلمىدىمغۇ؟تەپسىلىرەك بايان قىلسىڭىز بوپتىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:47
    • wp8 نى نىمىشقا قاچىلايسىز . . ياكى خاتا دەپ سالدىڭىزمۇ .
      windows 8 بىلەن wp8 windows phone 8 يانفۇن سېستىمىسى . .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:04