Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى
[ IT خەۋەرلىرى ]4-ئايدا Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى.
بازا تەكشۈرۈش شىركىتى Net Applications ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتكەن بولۇپ، 3-ئايدا %3.2 ئىدى.
بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن Windows 8.1 دە «باشلاش» كۇنۇپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا بۇ ئىلگىرى ئادەتلىنىپ قالغان نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئومۇمىي بازار نىسبىتى يەنىلا %90 دىن يۇقىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى بەلكىم %99 دىن تۆۋەن بولماسلىقى مۇمكىن. Windows 8 گە ئادەتلىنىپ قالسىڭىز، بۇرۇنقى نەشرىگە كۆنەلمەي قالىدىكەنسىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,073 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 05-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:37
- ئالدىنقى يازما :ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
يەنە بىر گەپ، ئوغىرلانغان نەشىرىمۇ مۇشۇ ھېساباتقا كىرەمدىغاندۇ، دۆلىتىمىزدەك بۇنداق نۇپۇسى كۆپ مەملىكەتتە تەڭدىن تولىسى ئوغىرلانغان نەشىرى ( مېنىڭ پەرىزىم)، مېنىڭچە مۇشۇمۇ بۇ ھېساباتقا كىرسە مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولاتتى.
Firmware
قاتتىق دېتال ئىچىگە قاتۇرۇلغان، مۇقۇملاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال دېگەن مەنىدە، شۇڭا، قاتۇرما دېتال (ياكى قۇيما دېتال) دېسە ھېچ خاتا يېرى يوق. chip 芯片 نى ئۆزەك دەپ ئادەتلەنگەن، شۇڭا بۇ يەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، شۇڭا ھازىرقى تەرجىمىسىدە ئېغىر خاتالىق يوق. بۇنداق زور خاتالىق يوق نەرسىنى ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە، ھەممە نەرسە قايتا چوۋۇلىدۇ. بۇنداق قىلساق ئالدىغا 2 قەدەم، كەينىگە 3 قەدەم ماڭغان بىلەن باراۋەر. خۇددىي ئىملادا بۇرۇن رادىئو دەپ يازسا نېمە بوپتۇ، ئۇنى ھازىر رادىيو دەپ ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
ئالىم مۇئەللىم، ئىنكاسنى خاتا يوللاپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ يا مەن نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەنمىدىممۇ؟
تۈنۈگۈن ئىدارىدا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر تېلى گىراماتىكىسى كۆرۈپ،مۇشۇ «ئۆزەك»دىگەن سۆزنى بايقاپ قالغان،كېيىن لوغەت ئاختۇرۇپ ، تۇيۇقسىز مۇشۇ سۆزگە ماس كىلىدىغاندەك بېلىندى.ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈلىشىدە قاتتىق دىتال ئۈسكىنىلەرگە قاچىلىنىدىغان ،دىتال بىلەن سېستىما ئارا باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان يومشاق دىتال دەپ بېرىلىپتىكەن،(تەخمىنەم مۇشۇنداق چۈشەندىم)
固件دىگەننى سۆز تاپالماي بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ قاتۇرما دىتال دەپ ئالغان بولسا دەپ مۇشۇ سۆزنى تەۋسىيە قىلغان.
ئۆز مەنىسىمۇ Firmware (قاتۇرما دېتال)، خەنزۇچە تەرجىمە مەنىسىمۇ شۇ. قارىغاندا ئاتالغۇلارنى، ئېكران تەرجىمىلىرىنى خەنزۇچىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپسىز دەپ ئويلاپ قاپسىزدە؟! مىكروسوفتنىڭ ئالاقە تىلى ئىنگلىز تىلى، بەرگەن ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە، بەزى Windows 8 ئاتالغۇلارنىڭ تېخى بىز پايدىلىنىدىغان تىلدىكى تەرجىمىسى يوق(ھەممىسى تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا). تۈرك، ئۆزبېكلەرمۇ بىز قىلىپ بولغاندىن كېيىن قاراپ باقىدىغان بولدى. پايدىلىنىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن تىلىمىزغا بىر قەدەر يېقىن كېلىدىغان Windows 7 دىكى ئۆزبېكچە، قازاقچە، تۈركچە ئاتالغۇلارغا مۇراجەت قىلدىم، خەنزۇ تىلىغا قىلچە يېقىن كەلمىدىم، چۈنكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ ھېچقانداق يېقىن كېلىدىغان يېرى يوق، زەررىچە پايدىلىنىش قىممىتى يوق. ئەگەر خەنزۇ تىلىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلسىڭىز، ئۇنىڭ تەرجىمە سۈپىتى خەنزۇ تىلىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ، خەنزۇ تىلىنىڭ تەرجىمىسى ئىنگلىز تىلىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە ئاتالغۇلاردا قالايمىقانچىلىق بەك ئېغىر، بەزى ئاتالغۇلار شياڭگاڭ، تەيۋەن، سىنگاپور بىلەن ئوخشاش قالمىسۇن دەيدىغان ئۆلچەم بار ئوخشايدۇ، ئۇنى تولا ئۆزگەرتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىكى قوش تىللىق تەرجىمانلىرىمىز ئۇنى بىلمەي تەرجىمە قىلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: 工具栏 دېسە گېزىتتا 栏目 نى ئىستون دەپ ئالغان، شۇڭا ئۇ «قورال ئىستون» دەيمىز دەپ. ئىنگلىزچە Toolbar. ئاندىن يەنە 条形码 دېسە سىزىقلىق كود دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ يەردە نەدىمۇ سىزىق دېگەن گەپ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزىقنىڭ كەڭلىكى بولمايدۇ، ئەمما بۇ نەرسىدە دەل شۇ ئىنچىكە، كەڭرى بالداق ئارقىلىق پەرقلەندۈرىدۇ. يەنى «بالداق كود» دېسە ھەممىگە چۈشىدۇ. ئىنگلىزچە ئاتالغۇ بىلەنمۇ بىردەك بولىدۇ.
بۇرۇنقى تەبئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى %100 تەرجىمان بولۇپ، خەنزۇ تىلىدىن باشقا تىللارنى پىششق بىلمەيدۇ، بىلگەنلىرى شۇ رۇسچە(ئەمەلىيەتتە سۈرۈشتە قىلسىڭىز پەقەت رۇسچە ئېلېپبەنى ئوقۇيالايدىغانلار) رۇسچە ئۆز پېتى ئاھاڭ تەرجىمە قىلىدۇ. مەسىلەن: ئىشتاپ، ئابۇنت، كونۋېرسىيە، دېزېنفىكسىيە، … دېگەندەك). بۇ تەبىي پەن ئاتالغۇلىرىنىڭ ئەسلىي كېلىش مەنبەسى بولغان ئىنگلىز تىلىنى قىلچىلىك چۈشەنمەيدۇ. بۇ قېتىم ئۇنداق ئاتالغۇلارغا قەتئىي ئورۇن بېرىلمىدى.
?p=1523
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ (3)-نى ئوقۇپ بېقىڭ.
===============
بۇ مېنىڭ ئاتالغۇ ھەققىدە ئويلىغان ئىجادىي يازمام ئىدى، لېكىن كۆرىدىغانلار كۆپ چىقمىدى. شۇڭا ئۇنداق نەرسىلەرنى يازماس بولدۇم.
مەن تۈنجى قىتىم كىرگەندە يازغان شۇركا ۋاقتىمدىكى ئىنكاسلىرىم تۇرىدۇ…..
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم ،بۇ سۆز خەنزۇچە ئاتالغۇ بىلەن ئوخشاپ قالغاچقا ھەقىقەتەن شۇنداق چۈشەنگەن ئىدىم ،ئەمدى ئامالنىڭ يوقلىقىدا شۇنداق ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان،سىز بۇرۇندىلا شۇنى ئىزچىل تەكىتلەپ كىلىۋاتقان،ئاتالغۇ ئىنگىلىزچە، ئىنگىلىزچىدىكى مەنىسىگە قاراپ تەرجىمە قىلىمىز، خەنزۇچىنى ئاساس قىلمايمىز دەپ . بۇنىڭدا ھىچىقانداق شەك يوق.
مېنىڭچە كىرىدۇ.
wp8نىڭ ئويغۇرچە تىل بولىقى قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئۇچۇر بولسىمۇ بېرىۋەتكەن بولسىزىڭىز، بەك تەقەززا بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن، مېنىڭ بىر قانچە دوستۇممۇ كۈرۈپ بېقىپ ئۇيغۇرچە خېتىمىز بولسا نىمىشقا ئالمىغۇدەكمىز، چۇقۇم ئالىمىز، لېكىن مۇشۇ توغرىسىدا سىلە ئېنىق جاۋابنى بىلمىسەڭلار دەپ مېنى تەڭلىك قىلىپ قويدى، بولسا ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ توغرىسىدا بىرەر ئىچكى خەۋەر بولسىمۇ يەتكۈزۈپ قويىسىڭىز، مېنىڭچە بۇنىڭ تىل بولىقى چۇقۇم چىقىدۇ، ھازىرچە ئېلان قىلىنغان تىل بولىقىمۇ كۆپ ئەمەسكەن، توردىن ئاختۇرۇپ ئېرىشكەن جاۋابىم ئاران مۇشۇنچىلىكراق.
ھېچبولمىغاندا بۇ يىل ئىچىدە ئەمەس. سەۋرى قىلىڭ. تىل بولىقى چىقىپ بولغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.
سىزگە بۇ دىيالوگنى قالدۇراي
خېرىدار: ئۇستام پولو قاچان چىقىدۇ؟ بەك ساقلاپ كەتتۇق.
ئاشپەز: مانا پولو چىقتى، مەرھەمەت.
خېرىدار: ئۇستام بىز يەنە ئىككى زىق كاۋاپ يېمەكچى ئىدۇق، ئىككى زىق كاۋاپ قاچان چىقىدۇ، بەك ساقلاپ كەتتۇق (پولو بىلەن كارى يوق ئاھاڭدا)
ئاشپەز: ئاۋۋال پولونى يەپ، ھەزىم قىلىپ تۇرۇڭلار، كاۋاپمۇ چىقىپ قالار، كاۋاپدانغا چوغ تاشلاۋاتىمىز،
تورداشلامۇ ساقلاپ ساقلاپ كۆزى تۆت،بىراق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ جىقلىقىدا باش قاشلىغۇدەكمۇ ئارام يوق سىلارگە، شۇنداقلا بەزى ئشىلانى قىلماقچى بولغان بولساڭلارمۇ ئادەم كۇچى ۋە ۋاقىت مەسىلى تۇپەيلىدىن باشقىلارنىڭ سۇئالىغا يۇقۇرقىدەك جاۋاپ بىرشكە مەجبور بولۋاتقانلىقىڭلارنىمۇ بىلىمىز،كۆپ جاپا چەكتىڭلار،تىزراق مەكتەپ پۇتتۇرۇپ بىرىپ جاپايىڭلارنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتسەم دەيمەن!
قارشى ئالىمىز
بۇ سۆزىڭىز چوڭ ئىلھام بولدى ماڭا،رەھمەت!مەكتەپ پۇتتۇرۇشكىمۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى،ئۇنىڭغىچە بەكرەك تىرىشىپ تىخىمۇ كۆپ قابىليەت ھازىرلىغاچ تۇراي.
مەنغۇ windows phone تېلېفۇنى ئىشلەتمىگەچكە ئىنق بىلمەيدىكەنمەن،بىراق بۈگۈن windows phoneغا ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ يىڭى ئىلان قىلنىپتۇ شۇڭا ئىشلتىپ كۆرۇپ بىقىلار
http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=25616&pid=199574&page=1&extra=page%3D1#pid199574
مەن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا windows8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى 248 يۈەنگە ئېلىپ قويغان، تۈنۈگۈن خاتىرە كومپىيوتېرىمغا قاچىلاپ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم ، ئۇيغۇرچە ئىشلەتسە راستىنلا بەك پەيزى بۇلىدىكەن ، بۇ يەردە ئالدى بىلەن سىزنىڭ windows8 نى ئۇيغۇرچىلارش ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
مەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسلىگە يۇلۇقتۇم ، ماڭا يول كۆرسەتسىڭىز بوپتكەن.
1. مەن تېخى تۈنۈگۈنلا windows7 ئىشلىتىۋاتقان ، ئۇ چاغدا كومپىيوتېرىم ئارقىلىق Wifi سىمسىز تورىغا چىقسام كومپيوتېرىمنىڭ توكى 4 سائەتتىن كۆپرەك يىتەتتى ، ئەمما ئاخشام windows8 نى قاچىلىغاندىن كېيىن تورغا چاتماي ئىشلەتسەممۇ ئاران 2.5 سائەتتىن سەل جىقراق ئىشلىتەلىدىم ، بۇ سېستىمىنىڭ توك سەرپىياتى راستىنلا شۇنداق يۇقىرىمۇ ياكى تەڭشەيدىغان يەلىرى بارمۇ ؟؟؟
2. كومپىيوتېنى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلىيالمىدىم . سىمسىز تورنى ئىزدەپ تاپالمىدى ، بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن ؟؟
3. مەن ئامراق 穿越火线 يەنى CF ئويۇنىنى ئاچالمىدىم ، قانداق قىلسام ئاچقىلى بولىدۇ ؟؟
4.خەرىتە ۋە ھاۋارايى ئەپىنى قوزغاتسام خەنزۇچە چىقىۋالدى ، بۇنى قانداق تۈزەيمەن ؟
ماڭا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
جاۋاب
1. سىستېمىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، تەڭشەش مەسىلىسى.
2.سىمسىز تورنى تاپالمىغان بولسا سىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئورگان تور بېتىگە چىقىپ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تىپ نۇمۇرىغا ئاساسەن قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قاچىلاك.
3.ئويۇن ئوينىماڭ(تەۋسىيە)
4.windows update نى ئېچىپ بارلىق يېڭىلانمىلارنى يېڭىلاڭ.
مۇئەللىم توردىكى لۇغىتىڭلارغا نېمە بولدى، تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانمۇ ياكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانمىدۇ؟
wp8نىڭ ئويغۇرچە تىل بولىقى قاچانراق ئېلان قىلىنا؟
مۇئەللىم مەن بىلىك تورىدا باشقىلار يازغان تىمىلارغا ئىنكاس يازاي دىسەم،بىخەتەرلىك جاۋابىنى كىرگۇزۇڭ دەپ چىقۋالدى،ئۇ بىخەتەرلىك جاۋابى يازىدىغان يەرنىغۇ كۆردۇم،بىراق جاۋاپنىڭ نىمە ئىكەنلىكى بىلەلمىدىم،ئۇلارغا نەچچە قىتىم ئېلخەت ئەۋەتتىم بىراق جاۋاپ يوق،باشقىلار بىلەن ئۆزئارا پىكى ئالماشتۇرالماي ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ،بۇگۇن قارىسام سىزمۇ ئىنكاس يىزىپسىز شۇڭا ئاشۇ بىخەتەرلىك جاۋاپنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭز،ئەگەر باشقىلار بىلسەڭلار دەپ بەرسەڭىلىمۇ بولىدۇ،رەھمەت
بۇرۇن بىخەتەرلىك جاۋابى قالدۇرغان بولسىڭىز، شۇنى كىرگۈزۈسىز.
vista ئىشلىتىدىغانلارمۇ خېلى باركەن ھە ..
Windows 8 گە ئادەتلىنىپ قالسىڭىز، بۇرۇنقى نەشرىگە كۆنەلمەي قالىدىكەنسىز.
بۇ ھەقىقەتەن راسىت گەپ ئىكەن. لىكىن Windows 8نىڭ باھاسى يەنىلا سەل قىممەت شۇڭا كومپىيۇتىرنى يېڭىلاشتىن بۇرۇن بۇرۇنقى نەشىرگە كۆنەمەيمۇ ئامال يوقتە.
لىكىن مەنمۇ Windows 8نى باشقىچىلا ياقتۇرۇپ قالغان. تەكلىپىم قانچە ئىلغارنى ئىشلەتسەڭلار شۇنچە ياخشىدە!! مېنىڭچە Windows 8 ياخشى سېستىما!!
校园先锋دېگەن توردا ھازىرمۇ 248، 328، 448 يۈەنلىك ھەقىقىي نۇسخىدىكىلىرى باركەن ، شۇيەردىن ئالسىڭىز بولىدىغۇ
مەنمۇ كومپيوتېرىمدا Windows 8 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئىشلەتكەندىن بۇيان، باشقا سېستىما قاچىلاپ باقمىدىم، باشقا يەرلەرگە بارسام بەزىدە كۆنەلمەي قالىمەن تېخى…
يۇقۇرى تىخنىكىنى قوللايدىغانلار جىقراق چىقسا بولاتتى،شۇنداق قىلغاندا ئاندىن يىڭى يىڭى نەرسىلەرنى ئىشلىتىش پۇرستىگە ئىگە بولالاتتۇق ئەمەسمۇ
ئالىم مۇئەللىم،visual studio 2012,MSDN لارنىڭمۇ ئۇيغۇرچەلىشىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
ئەلۋەتتە بار، سەل تەس بولسىمۇ بۇ تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق.
ئالىم مۇئەللىم، Microsoft نىڭ زور كىرىمى MS office دىن كېلىدۇ دەپتۇ، بۇ گەپ تازا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.
شۇنداق، Windows دىن جىق پۇل تاپالمايدۇ، زور كىرىم Office دىن كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا SharePoint دىن كېلىدۇ.
مەن ۋىندوس 8 گە كۆنۈپلا قالدىم.ئىشلەتسىڭىز مىھرىڭىزنى ئۆزەلمەيدىكەنسىز.ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق كۆركەم.
Windows 8 نى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىپ كۆنۇپ قالسىچۇ ! بۇندق ھېسىياتنى ئپادىلەشكە قۇربۇم يەتمەيۋاتىدۇ مېنىڭ !!!
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ قانچىلىك ئادەم ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بارمۇ?
مەلۇمات چوقۇم بار، لېكىن ئېنىق تەپسىلاتىنى مەن بىلمەيمەن. بىلىشىمچە ئۇلار ئويلىغاندىنمۇ ياخشى بولغان (2-ئايدىكى پاراڭ خاتىرىسى).
ئۇنداق قىلماي بىر دىۋىتىڭە ئالىم مۇئەللىم،قەشقىرىمنىڭ زەپە چېيىدىن بىر پىيالە قۇياي،ساماۋەردە چاي ئىچكەچ پارىڭىڭىزنى ئاڭلايلى.(مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
مۇئەللىم ئەيىپكە بۇيرىمىسىڭىز بىر مەسىلىنى سورىۋالغان بولسام، مۇشۇ پىرسەنت ھېسابلاشنى بۇرۇن مەكتەپتىغۇ ئۆگەنگەن. ئەلۋەتتە بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىك ۋە باشقا ماتېرىياللارنى كۆرۈپمۇ باقتىم. پىرسەنت ھېسابلاش توغۇرسىدا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن. پىرسەنت ھېسابلاش دېگەن نېمە؟ كونكىرت ھېسابلاش ئۇسۇلى قانداق بۇلىدۇ ؟
يەنە بىر مەسىلىنى سورىۋالسام، 4-قارارلىق يېڭى سىنىپ ئاچىدىغاندەك قىلامسىز يا ؟
رەھمەت !
4-قارار سىنىپ ئېچىش پىلانىم ھازىرچە يوق، بىز ئەمدى بۇ بالىلار بىلەن يەنە يېڭى ئىش قىلمىساق بولمايدۇ.
مۇئەللىم ياخشىمۇسىز !
مېنىڭ مۇنداق بىر سوئالىم بار ئىدى :
مەن سىزنىڭ بۇ تور بېتىڭىزگە چىقىپ تۇرغىلى خېلى بولدى ، توردىن باشقا ماتېرىياللارنى كۆرگەندە ، ئاساسلىقى ۋىكىپېدىيە
«维基百科»دىن كۆرەتتىم . تىللار تىزىملىكىنى ئاچسام ئۇيغۇرتىلى يېزىقىدىكى ماتېرىياللار بار ئىدى ، لېكىن ئاچسا ئېچىلمايتتى ، بىرەر ئاي بولدى ، ئۇيغۇرتىلى يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى ، لېكىن ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس ھەم مۇكەممەل ئەمەس ئىكەن . ئۇيغۇرچە خەتنىڭمۇ كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئەمەسكەن ، بەلكىم يۇنىكودنى ياخشى قوللىمايدىغان چېغى ، شۇڭا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چىقسا ئاشۇ تور بەتنى بىر سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق خەت چىقىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولامدىكىن ؟
ۋىكىپېدىيە «维基百科» بولسا دۇنيادىكى خېلى تىللارنى قوللايدۇ ، شۇڭا سىز مۈمكىن بولسا ئۇرۇنۇپ باقسىڭىزكەن ، ( ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكرىم ، مەن قىلالىغان بولسام مەن قىلاتتىم … )