ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى 2.0 (ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۈچۈن)
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارنىڭ تەلىپى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاپتورلار ئامبىرى قۇرۇش ۋە ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى تىزىملاش؛ تىزىملانغان ئەسەرلەرنى مۇھەررىرلەرگە تەقسىملەش؛ مۇھەررىرلەرنىڭ ئەسەر تاللاش؛ تاللانغان ئەسەرلەرنى مۇھەررىر ، مۇئاۋىن مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىرلەر تەھرىرلەش؛ ئىملا تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى بېكىتىپ، ئەسەرلەر ئامبىرى قۇرۇش؛ ئەسەرلەر ئامبىرىدىن شۇ سانلىق ژۇرنالغا ئەسەرلەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛…قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەربىر ئاپتور، مۇھەررىر ، مۇئاۋىن مۇھەررىر ،…قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ۋە ئىش ئۈنۈمىنى ئىنچىكە ھېسابلاپ چىقالايدۇ. تەھرىرلەش ئىقتىدارىدا يەنە ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تېخنىكىلىرى قوللىنىلغان.
تۆۋەندە بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى.
(1) تىزىملاش باسقۇچىدا ئاپتورنى تىزىملايمىز.
(2) تىزىملاش باسقۇچىدا يەنە ئاپتور ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنىمۇ تىزىملايمىز.
(3) ئەسەر تەقسىملەشتە ئالدى بىلەن مۇھەررىرلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملانغان يېڭى ئەسەرلەرنى تاللىۋالىدۇ.
(4) تاللانماي قالغان ئەسەرلەرنى ياكى بەزى نۇقتىلىق ئەسەرلەرنى ژۇرنال باش مۇھەررى باشقا مۇھەررىرلەرگە مەجبۇرىي تەقسىملەپ بېرىدۇ.
(5) ھەرقايسى مۇھەررىرلەر ئۆز خىزمەت رايونىدا ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ئەسەرلەرگە پىكىر يېزىپ بولۇپ، تاللايمەن، تاللىمايمەن، تۇرۇپ تۇرسۇن،…دېگەندەك ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ.
(6) تەھرىرلەش باسقۇچىدا تاللانغان ئەسەرلەرنى تەھرىرلەپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ئۆزگەرتكەن ھەربىر ھەرپ-بەلگە، سۆز، جۈملىلەر خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، خىزمەت مىقدارىنى ھېسابلاشتا ياكى ئەسەرلەر بۇزۇپ قويسا ياندۇرۇۋېلىشقا زور پايدىسى بار.
(7) ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا بۇ قېتىم ئىشلىمەكچى بولغان ژۇرنالدىن يېڭىدىن قۇرۇپ، ساننى بېكىتىمىز. مەسىلەن: تەڭرىتاغ 2014-يىللىق 4-سان.
(8) بۇ يېڭى سان ژۇرنالغا قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرىمىز، سەھىپىلەرنى خالىغانچە قوشۇشقا، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(9) بېكىتىلگەن سەھىپىگە ئەسەرلەرنى تاللاپ بېرىمىز، رەت تەرتىپىنى تەڭشەيمىز.
(10) باش مۇھەرىر ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ، بۇ سان ژۇرنالنىڭ تامام بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
(11) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ياكى مەلۇم بىر مۇھەررنىڭ قىلغان خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ. ھازىر باش مۇھەرىرنىڭ خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
(12) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ياكى مەلۇم بىر مۇھەررنىڭ قىلغان خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ. ھازىر ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
(13) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم بىر ئەسەرنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
(14) تەڭشەك باسقۇچىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(15) تەڭشەك باسقۇچىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(16) تەڭشەك باسقۇچىدا يەنە ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(17) تەڭشەك باسقۇچىدا يەنە ژۇرنال ۋە سەھىپە قۇرۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ۋە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,237 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 04-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:25
- ئالدىنقى يازما :Windows Phone 8.1 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :4-قارارلىق توردا تەربىيەلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(بۈگۈن سىناق دەرس باشلىنىدۇ)
、ئالىم مۇئەللىم ،مۇشۇ مائارىپ سېستىمىسىدا ھەر يىلى نۇرغۇن جەدىۋەللەر ،سېستىمىلار ئىشلىنۋاتىدۇ،تۈۋەندىكى مەكتەپلەردە ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار«%100قوش تىل»لىشىپ كەتكەچكە ،سېستىمىلارنى چۈشۈنۈپ بولغۇچە نۇرغۇن جاپالارنى تارتىۋاتىدۇ.مائارىپ نازارىتىدىكىلەر ھازىرغىچە سىزنى تۇنۇمامدۇ؟بۇنىسى نامەلۇم ،سېستىمىنى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە خالىغانچە تاللاپ كىرىپ ،قايسى لازىم بولسا شۇىىل تىلدا خۇلاسە قىلغىلى بۇلىدىغان قىلغىلى بۇلىدىغاندۇ؟ ناھىيمىزدە پۈتۈن كەنىت مەكتەپلەرنىڭ بىردىن تور بەت ئادىرىسى بار .ھەممىسى بىر خىل شەكىلدە ،پەقەت مەكتەپ ئىسمى وخشىمايدۇ،ھازىرغىچە بىر مەكتەپنىڭ ئۇچۇر يېڭىلىغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ.(بەت ئادىرسىنى بىلمەيدۇ بەلكىم)لىكىن بۇ بەتلەرنى بېيجىڭدىكى مەلۇم دۇنياغا داڭلىق ئاتام كورمىگەن ئانام كورمىگەن بىر شىركەت بېيجىڭدا ئولتۇرۇپ تۈزۈپ تارقىتىپ ھەر بىر مەكتەپتىن 3000يۈئەنگە يېقىن پۇل ئالدى.ئاندىن ھەر يىلى بېيجىڭدا ئولتۇرۇپ تور بەت ئاسراش پۇلى ئۈچۈن 500يۇئەن پۇل ئالىدۇ.بۇ دىگەن 70قا يېقىن مەكتەپنىڭ ئىشى.بەتلەر پۈتۈنلەي تاق تىلدا.ئۇيغۇرچە خەتنى ئېكرانغا چاپلاپ قويسىمۇ تۇرمايدىغۇ دەيمەن.بۇ دىگەن بازار ئىگىلىگى بولغاندىن كىيىن مائارىپ نازارىتىدىكىلەر بىلەن كۈرۈشۈپ ئازراق بازار ئاچسىلا بولمامدۇ؟
سىز تىلغا ئالغان بۇ ئىشلار بۇ يەردىكى نازارەتنىڭ قولىدىن بىۋاسىتە كەلمەيدۇ. ھازىر ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپتا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىمۇ خەنزۇچە يازىدىغان بولۇپتۇ، كىملىكتە ئۇيغۇرچە ئىسىم بار دېگەن بىلەن ئۇ ئىسىم پەقەت شۇ كىملىكنىڭ چىرايىدا بار، ئىچىدىكى (قاتتىق دېتال) ئۆزەكتە يوق.
بارىكاللا،ئەمدى گېزىتخانىدىكى كوررىكتۇرلار ئىشسىز قالامۇ يە؟!ئەمما ،لېكىن،ئايالىمدەك تەھرىرلەرنىڭ ئىشى كۆپ قۇلايلاشقۇدەك.ئۇلارنىڭ تارىتقان جاپاسىنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلنىپ قالىمەن.بۇ دېتاللار ئۇلارغا قۇلايلىق ئېلىپ كەلگۈدەك.ئەمدىكى گەپ شۇ ئىدارىنىڭ رەھبىرى ئازراق پۇل چىقىم قىلىپ،بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتامدۇ يوق،بۇ بىر مەسىلە.چۈنكى ئومۇمنىڭ پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئورنىنى تاپالمايۋاتقان ئۇشبۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدىن ئۆمۈد كۈتۈشمۇ تەس بوپ قالدى.
تەكلىپ:بولسا موشۇ باھا مەزمۇنىنى يېزىش ئورنىغا ،كوررىكتۇرنى قوشۇپ قويسىڭىز،بولسا موشۇ ئاساستا باشقا تور بەتلەرمۇ بۇ سىستىمىنى سېتىۋېلىپ ،مۇنبەرلەردىمۇ كەڭ قوللىنىلسا دەيمەن.ئىملا مەسىلىسى موشۇ ئاساستا تېخىمۇ ياخشىلانسا.
كۆرۈنمە يۈزى بەك سىپتا راھەت چىقىپتۇ، ئادەمگە سۈگەتلىك ئېرىق بويىدا ئولتۇرغاندەك راھەت تۇيغۇ بېرىدىكەن. ھى ھى
مەن ئۇيغۇر سوفىت كوررۇكتور دىتالىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ،ئەمما قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمىدىم مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار
چۈشەندۈرۈشى مانا: http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
سېتىۋېلىش ئادرېسى مانا: http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html
=========
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى خەلق يولى 66-نومۇر
قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر (ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى)
تېلېفون: 2813300 2839871 (0991)
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم
ئالىم مۇئەللىم، بۇ دېتالمۇ vb.net دا تۈزۈلدىمۇ؟
شۇنداق، Microsoft Visual Studio 2012 قورالىدا Visual Basic تىلى بىلەن يېزىلدى.
مۇبارەك بۇلسۇن ئالىم مۇئەللىم!
كۆرۈنمە يۈزى ھەقىقەتەن سىلىق ،پاكىز چىقىپتۇ. سىلىنىڭ يىتەكچىلىكلىرىدە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللىرىمىز ھەقىقەتەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ مۇئەللىم.ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!!!
رەھمەت! ئالدىنقى يىلى 3-ئايدا ئۆگەنگەن بالىلارمۇ يامان بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق دېتاللارنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى پۈتكەندىن كېيىن 2-3 ھەپتىدە پۈتتۈرۈپ، يەنە ئىش بارمۇ دەپ قاراپ تۇرىدۇ. كۆز تەگمىسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم. بولسا بۇ يىلقى تەربىيلەش كۇرسىڭىز ھەققىدە ئىنىق مەلۇمات بېرىۋەتكەن بولسىڭىز؟
بىر نەچچەيلەن كۈندە دىگۈدەك ئىكران يېڭىلاپ بىلوگىڭىزدىن چىقالمايۋاتىمىز…
بىزمۇ سىزنىڭ قولىڭىزدا بىر قوللۇق تەربىيلىنىپ مانا شۇ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزدەك مۇشۇنداق دىتاللارنىڭ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە كۈچ قوشساق بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمىسا كىرەك!
ئىشقىلىپ بىز ساقلاۋاتىمىز……
تەھرىرلەر ماقالىلەرنى تەھىرلىگەندە ئۆزى قول سېلىپ تەھىرلەمدۇ ياكى بۇ دېتالغا ئۇيغۇر سوفت كوررېكتۇر بىرلەشتۈرىلدىمۇ ؟
ئۆزى قول سېلىپ تەھرىرلىيەلەيدۇ، ئايرىم تەھرىرلىگۈچى بار، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى بۇ دېتالغا زىچ بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن.
كۆركەم چىقىپتۇ.
مۇئەللىم يەنە بىر يۇمشاق دىتالنى ھۇجۇتقا چىقىرىپسىز ، مۇبارەك بولسۇن .
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ بەرىكەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق قىلسۇن .
================
ساۋاقداشلارنىڭمۇ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى مۇبارەكلەيمەن . مۇۋاپىقىيەتلىرىڭلارغا ئاپىرىن .
تەكلىپ:ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىللىق مەكتەپ ئارخىپ سىستېمىسى(ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارخىپى، نەتىجە باھالاش، ئۈنۋان باھالاش، ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىنى سىتاتىستىكا قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىنى باھالاش…قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئىشلەشنى ئويلىشىپ باقساڭلار.
بازار ئېھتىياجى بولسا ئەلۋەتتە ئىشلەيمىز، ئۇنداقتا بىرنەچچە مەكتەپ بىرلىشىپ زاكاز قىلىڭلار، ياساپ بېرەيلى.
بازار ئېھتىياجى ئەلۋەتتە بار ، ياساپ چىقسىڭىز چوقۇم بازىرى بولىدۇ
ھازىر قولۇمىزدا زاكاز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار شۇنى بىر-بىرلەپ قىلىۋاتىمىز، ئۇنداقتا سىلەرمۇ زاكاز قىلىڭلار، مەن ياساپ بېرەي.
ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۆپكەن . خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتەرگۈدەك!
ھارمىغايسىز ئالىم مۇئەللىم.
ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى 2.0 نىڭ باھاسى قانچە؟ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قانداق؟
ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بۇنىڭ يەنە بىرنەچچە خىل سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بار، مەسىلەن: ئىدارىدە ئايرىم مۇلازىمىتېرى بارلار بىراقلا سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، پەسىللىك ئىجارىگە ئالسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ، لېكىن پەسىلدە، يىلدا پۇل تاپشۇرۇسىز.
ماۋۇ دىتال كاتتا چىقىپتۇ. ئەمدى نەشرىياتلارنىڭ ئىشىمۇ قولايلىشىدىغان بولدى – دە!
ئەمدى بۇ دىتالنىڭ بىر ئابونىتلار مۇلازىمەت يۈزىنى تەمىنلەپ، تارقىتىۋەتسە، يازغۇچىلار ئەسەر يوللىغاندا ئاشۇ دىتال ئارقىلىق ماس نەشرىيات، سەھىپىلەرگە بىۋاستە ئەۋەتسە، يوللىغان ئەسىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش، تەھرىرلىنىش، ئېلان قىلىنىش ۋە ھەرقايسى تەھرىر – مۇھەرىرلەرنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرى قاتارلىقلارنى ئىز قوغلاپ كۈزىتەلەيدىغان بولسا تېخىمۇ كاتتا بولۇپ كەتكۈدەك. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەندە نەشرىياتلار قەلەم ھەققىنىمۇ ئاشۇ ئابونىتلار بۆلىكى ئارقىلىق ئاپتورلارغا بىۋاستە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولسا….
ئەمما ماۋۇ دىتال ھەقىقەتەن ئەتىراپلىق تۈزۈلۈپتۇ. ھازىرقى زاماندا ئىش ئۈنۈمى قوغلىشىدىغان ھەرقانداق بىر ئورۇن ياكى كارخانىنىڭ مۇۋاپىق مەبلەخ ئاجرىتىپ موشۇنداق خاس دېتاللارنى ياساتقۇزۇشى ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن.
تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەنسىز، سىزمۇ ئۇيغۇرسوفتتا ئالىم مۇئەللىمدە ئوقۇغانما؟
سېلى بىلەن بىر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەي بولمايدۇ،مىنى يېزىدىنكەن دېمىسلى…ھې ھې.ھەر بىر ئېغىز گەپلىرى ،چاقچاقلىرى ماڭا ئەجەپ ياقىدۇ!
ھاھاھا ماۋۇ ئېنكاس قىزىپتۇ ئالىم مۇئەللىم (يەدە ژۇماڭلاپ كۈلۈۋاتقان چىراي ئىپادىسى)