كۆڭۈلدىكى سۆز: ئۈمىد ۋە غايە
[ تاغدىن-باغدىن ]2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى (پەيشەنبە) سۈرەتكە ئېلىنغان «ئۈمىد ۋە غايە» تېمىسىدىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ، بۇ پىروگراممىدا ئۆتكۈر ئەركىننىڭ نەتىنجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇمشاق دېتالغا قىزىقىدىغانلارنىڭ بۇ يەردىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/video/zblm/a/e/2013-6-4/1370315611250.shtml
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 15,789 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:36
- ئالدىنقى يازما :25-ماي سەھەردە مەن بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رادىيو سۆھبىتى
- كېيىنكى يازما :3-قارارلىق تەربىيەلەشتە مەن دەرسنى قانداق ئۆتتۈم؟
تېخىمۇ كۆپ
ئۇنداقتا، كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر پىروگىرامما تۈزمەكچى ۋەياكى بىرەر تېكىست تەھرىرلىمەكچى بولساق مۇشۇلارغا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەندە، بىۋاستە تور يۈزىدىلا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز-دە، مۇئەللىم.
ئالىم مۇئەللىم. ئاۋۇ تور كۆرگۈ ئەمەلىيەتتە مۇلازىمەتكە يۈزلەنگەنلىك ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولۇپتۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېينكى كومپيۇتېر ئىشلىرى مۇلازىمەتكە قاراپ يۈزلىنىدىكەن، دەپ قارىساق بولامدۇ؟
شۇنداق
بۇنىڭغا ئوخشاش سۆھبەتلەرنىڭ كۆپرەك بولشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭ شەخسى پىكىرىم، مۇمكىن بولسا ئۆتكۈرنىڭ ياساپ چىققان دېتاللىرنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىر چۈشەندۈرۈپ ئوتۇلگەن بولسا ياخشى بۇلاتتى، بىز نېمە توغرىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرۋاتقانلىقىنى تېخمۇ ئېنىق چۈشىنۋالغان بولاتتۇق.
ھە راست مۇئەللىم ناۋادا مىكروسوفت خىزمەتچى قۇبۇل قىلىپ قالسا، خىزمەت ئورنى چوقۇم ئىچكىرى ئۆلكە بېيجىڭ تەرەپتە بۇلامدۇ ياكى ئۈرۈمچىدىمۇ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلامدۇ ؟
ياكى سەييارە توردا خىزمەت تاپشۇرۋېلىپلا قىلامدۇق ؟
مۇمكىن بولسا چۈشەنچە بەرسىڭىز ؟
خىزمەت ئورنى بېيجىڭدا ياكى سىئاتىلدا بولار، سىئاتىلدا بولسا ھەم جىقراق ئۇيغۇرلار كىرەلىسە ياخشى بولاتتى.
ئالىم مۇئەللىم بىر چاغدا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بەرگەن: مىكروسوفتنىڭ سىئاتىل شەھىرىدىكى ئىشخانىلىرى دەپتىمىش، ھويلىدا نۇرغۇن ئاياللىرى كىر يۇيۇۋاتقانمىش، بۇ ئاياللار مىكروسوفتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللىرىمىش. دېمەكچى، مىكروسوفتتا ئۇيغۇرچە تۇرمۇش شەكلىدە ياشىيالىغۇدەك شۇنچىۋالا جىق ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتقان ئىمىش.
شۇنداق، مەن كۆرگەن بۇ چۈش ئېنىق ئېسىمدە، بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى مىكروسوفتنىڭ ھويلىسىدا خۇشال-خۇرام كىر يۇيۇۋاتقۇدەك، سىملارغا كىيىملەرنى ئېسىپ قۇرۇتۇۋاتقۇدەك، ئىشخانىلاردا ئەرلىرى ئالدىراش ئىشلەۋاتقان،…
مېنىڭچە بىرنەچچە يىلدا جۇڭگودىن 40 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلسا، مۇشۇنداق خىزمەت پۇرسىتى باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇھەممەدئىمىن بارمۇ سىز؟ تېنچ ئامانمۇ؟
ھەي،مانا بۇ تەبئىي تەسۋىر،تەرەققىيات نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىۋاتقان موشۇنداق پەيىتتە،بۇ تەسۋىرلەر ئارقىلىق،يېزىدىكى ئانامنىڭ بالىلىقىمدىكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئالىم مۇئەللىم سالامەت بولۇڭ!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
مىكروسوفتنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىدىغانلىقى بەك چوڭ خۇش خەۋەركەنغۇ؟ ئېنگلىزتىلى، كەسپى ئېنگلىزتىلى كومپيۇتېردا پروگرامما لاھىيىلەش ماتېماتېكا ۋە لوگىكا دېگەنلەرنى بەك ياخشى ئىگەللىمىسەك بولماپتۇ-دە، ئەمدى. ھە بىلدىم.
رەھمەت مۇئەللىم سىزگە ! راستلا ئورۇقلاپ قاپسىز جۇمۇ مۇئەللىم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ئاسراق سەمىرىشكە تىرىشىڭ ! (ھېجايغان چىراي ئىپادىسى)
ئۆتكۈرنى تىلۋىزىيە ۋە باشقا تاراتقۇلار بەك قاتتىق داڭلاپ كەتتىغۇ؟
داڭلاشقۇ ياخشى ئىش….مەن ئۆتكۈر ياسىغان ئەپنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم…بۇنچە داڭلاپ كەتكۈدەك ئەپمۇ ئەمەسكەن…بۇ ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۈچۈپ قالىدىغان، قىتىۋالىدىغان، ئەمەلى ئىشلىتىش قىممىتى 0 بولغان بىر ئەپكەن…قارىغاندا بۇ ئەپ خەنزۇلارغا بەك چوڭ ئەپ بوپ كۆرىنىپ كەتتىمۇ ياكى مەجبورى بېرىلىپ قالغان مۇكاپاتمۇ بىلمىدۇق…مۇمكىن بولسا ئۆتكۈرنىڭ تاراتقۇلارغا چىقىشقا بەك كۈچەپ كەتمەي، مەھسۇلاتقا بەكرەك كۈچىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن…ۋاي مەن بىر چۈشۈرۈپ ئىشلىتەيدۇ دەپ ھەممە ئەدەم بىر بىرسىگە تەۋسىيە قىپ كەتكۈدەك ئەپ ياسىشىمىز كېرەك…بۇ تور كۆرگۈچنىڭ چۈشۈرۈلۈش قىتىم سانى ئىنتايىن تۈۋەن…ئەتراپىمىزدا ئىشلىتىۋاتقانلار يوق دىيەرلىك…ئەپسۇس…..
بەلكىم بۇنىڭدىكى سەۋەبنى مۇنداق چۈشەندىم. تور كۆرگۈچنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى بولسا سىز ئادېرىسىنى يازغان توربەتنى ئاساسىي رايوندىن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرغا ئالىدۇ، ئاندىن يانفونىڭىزغا يوللاپ بېرىدۇ. مۇلازىمىتىرغا چۈشكەن بېسىمنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
ھەممە ئىشنى مۇلازىمىتېردا قىلىدۇ، يەنى سىز بىر ئادرېسنى تېلېفوندا يازسىڭىز، بۇنى مۇلازىمىتېردىكى مەلۇم بىر بەت ئۇنى ۋاكالىتەن ئېچىپ، ئاساسىي رايوندىن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرۇپ يەنە بىر بەتنى ھاسىل قىلىپ، بۇ بەتنى تېلېفونغا يوللاپ بېرىدۇ. تېلېفوندىكى تور كۆرگۈچ شۇ بىر ئادەتتىكى WebBrowser كونترولى. بۇ جەرياندا تېلېفون ھېچ ئىش قىلمايدۇ. ئەمما سىزگە تېلېفوندا نورمال كۆرۈنۈۋاتقاندەك، ھەممە ئىشنى تېلېفون ئۆزى بىر قوللۇق بىر تەرەپ قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
‹يۇمتال›مۇ ئېكرانغا چىقىپ بوپتۇ ئەمدى بۇ سۆزمۇ ۋېيشىننى ئۈندىدار دەپ ئىتوتتا تىلغا ئالغاندەك تېخىمۇ ئۇمۇملىشىپ كېتەمدۇ قانداق.
يان تېلىفون-يانفون
يۇمشاق دېتال-يۇمتال.
نورمال دەپ قارىساق بولىدۇ.
تىلشۇناسلار ياكى تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى يولداشلارنىڭ پىكىرى بويىچە يان تېلېفوننى يانفۇن دەپ قىسقارتىشقا بولمايدىكەن، باشقا ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن.
فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ، قارىغاندا سىلەر قىلىۋاتقان “ مەخپىي“ ئىشتىن ئىككىسى باركەن دە ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن .
ئۆتكۈرنىڭ مۇكاپاتلانغىنى ياخشى ئىش،بىراق ئۆتكۈر دىگەندەك بىز ھېلىغىچە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى يانفۇندا كۆرۈش تەس ئىش ھېسابلىندىغان دەۋىردىمۇ،مىنىڭچە ئۆتكۈرنىڭ مۇكاپاتى ھۆكۈمەت مەجبۇرى بەرگەن مۇكاپات،ئالىم مۇئەللىم سىز باھا بىرىپ بېقىڭ،مۇشۇ تور كۆرگۈچ جۇڭگودا 1-بولۇشقا لايىقمۇ،مىللەت نوقتىسىدا ئەمەس ھەق سۆزدە جاۋاب بىرىشىڭىزنى سورايمەن.ئۇيغۇرچە ئەپلەرچۇ؟يانفۇندا تور ھەققىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە باشقا تېخنىكىلارچۇئ
ۋوي سىز قايسى سۈرخان بولدىڭىز ئەمدى؟ ھەممە مەھسۇلاتنىڭ تاغتۇرا نۇسخىسى چىققاندەك مېنىڭمۇ تاغتۇرا نۇسخام چىقتىمۇ نېمە؟؟
مۇكاپاتلاشتا كۆزدە تۇتقىنى تور كۆرگۈچ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە.
بۇ تور كۆرگۈچنىڭ ئىقتىدارى بولسا سىز ئادېرىسىنى يازغان توربەتنى ئاساسىي رايوندىن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرغا ئالىدۇ، بىز دەل شۇ مۇلازىمىتىردىن زىيارەت قىلىمىز. مانا مۇشۇ ئىدىيە ئۆتكۈرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە سەۋەبچى بولدى.
بولسا ماۋۇ نامنى ئىشلەتمىسىڭىز، سۈرخان دېگەن تەخەللۇس ماڭا ھەمراھ بولغىلى 5يىلدىن ئاشتى، ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ قالمىسۇن
ئالىمكام يېرىم كېچىدىمۇ ئۇخلىماي بلوگىنى كوچىلاپ ئولتۇرۇپتۇ..ھې ھې..
ئىنىمىز ئۆتكۇرجان خلى مىغىزلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇنى راستتىنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
مەن ئاۋۇ تاماقنىڭ ھالال-ھاراملىقىنى ئايرىپ بېرىدىغان دېتالغا قىزىقىپ، ئۇ كامېرا ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ خىمىيەلىك تەركىبلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ھالال-ھارام دېگەندەك ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدىغان دېتالمىكىن دەپتىمەن، ئۇ دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك تور بېكىتىگە ئۇلاپ، يېمەكلىكنىڭ مۇسۇلمانچە ياكى مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىكەن، ئەگەر بۇنداق بولغاندا «*****» توخۇلىرىمۇ ھالال دەپ چىقىدۇ.
ئاۋۇ ئاۋازلىق تەرجىمە دېتالنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم، كۆرمىگەن ياكى ئىشلىتىپ باقمىغان نەرسىگە باھا بېرىش بەك تەس بولىدىكەن. ئەگەر راستتىنلا خەنزۇچە گەپ قىلسا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان ئىش بولسا، بۇ بەك چوڭ ئىش بولىدۇ. ھەتتا 100-200 مۇقىم جۈملىنىمۇ خەنزۇچە ئاۋازىنى پەرق ئېتىپ، ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ، سۆزلىتىپ بەرسىمۇ بەك چوڭ ئىش بولىدۇ، بۇ ئاۋۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفونغا تور كۆرگۈچ ياسىغاندىمۇ زور ئىش بۇ. چۈنكى ھازىر ئورگان تەرەپتىن چىقىۋاتقان داڭلىق تېلېفونلار ياكى يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
لېكىنزە ھېلىقى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىشلەنمەي (ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ)، بۇنداق مەزمۇندىكى سۆھبەتنىڭ ئىشلەنگىنى ياخشى بولۇپتۇ.
شۇنداق مۇئەللىم،بەزى ئىشلارنى قىلماق خلى تەس،مەسىلەن ھالال-ھارام مەسىلىسگە كەلسەك بىز شۇنداق ئويلايمىز،بىراق ھالال توخۇ بىلەن ھارام توخۇنىڭ خمىيىلىك تەركىبى ئوخشاش بولا،ئۇنىڭ ئۇستىگە رەسىم ئۈستىدىكى خەتلەرنى تونۇتالماي تۇرغاندا رەسىمىگە قاراپلا خىمىيىلىك تۇزلۇشىنى پەرىق ئىتىش مومكىن بولمايدىغان ئىش ئۇ.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز «*****» توخۇلىرىمۇ ھالال دەپ چىقىدۇ.
مەنە مەسىلەن،مۇشۇ كومپىيوتېرغا ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇتىشنى دېسەكمۇ،ئاكام سىزنىڭ ئالدىڭزدا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تەجىربەخانىڭزدا كومپىيوتېرغا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتقاندەك قىلغان،مۇنۇ ئۇ ئىشلارغىمۇ5-6 يىل بوپتۇ،ھازىر كومپىيوتېرنى ئېنگىلىسچە گەپلەر بىلەن باشقۇرۇپ ئوينايمەن،بىراق تىخى ئۇيغۇرچە تونۇمايدۇ(يىزىقىنى كىرگۇزۋالغاندىكىن،ئۇ ئىشلارمۇ تىزلا ئەمەلگە ئىشپ قالا). ئاۋاز تەرجىمە قىلىدىغان ئەپ ياسىغان بولسا بۇ خىلى چوڭ ئىش.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !
پاكلان تۇخۇلىرى ھالال ئەمەسمىتى ؟ ئاخخۇدا
ئىنكاسىمنى يەنە شەرھىلەپ يېزىۋەتسەم،
ئۆتكۈر ھالال-ھارامنى تەكشۈرۈپ بېرىدىغان ئەپنى ياسىدىم دېگەن ئىدى، مەن قانداق تەكشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى سوراپ بىلدىمكى، بۇ دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تور بېكىتىگە ئۇلاپ يېمەكلىكنىڭ ھالال ياكى ھارام دېگەن ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ تەكشۈرۈپ بېرىدىكەن يەنى ئاۋۇ تور بېكەتتە ھالال دېسە ھالال، ھارام دېسە ھارام دەپ چىقىدۇ دېدى. ئۇنداق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ بېرىدىغان بولسا «*****» توخۇلىرىمۇ ھالال دەپ چىققۇدەك دەپ پەرەز قىلدىم. بۇنداق يەرلەرنى تېلېۋىزوردا ئەلۋەتتە كېسىۋېتىدۇ. ئۇنداق نەرسىنى ياساپ چىققان بولسا، جۇڭگودىلا ئەمەس پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىمۇ كاتتا شۆھرەت قازىنىدۇ. مۇمكىن بولسا شۇنداق نەرسىلەر تېزىرەك ياسىلىپ چىقاي، ھازىر يېمەكلىكلەر ئىشەنچىسىز بولۇپ كەتتى.
دىمىسىمۇ شۇ ، ئاۋازلىق تەرجىمە دىگەن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ، نۇرغۇنلىغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى توپلاپ ، ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ، بولۇپمۇ جۈملە پەرقلەندۈرۈش مەسىلىسى ئىنتايىن قىيىن .
مىسالغا ئالساق : يەككە سۆزلۈكلەرنى تەرجىمە قىلىدىغان لۇغەتلەر نۇرغۇن بولسىمۇ ، بىراق جۈملە تەرجىمە قىلىدىغان لۇغەتلار يوق . googleنىڭ جۈملە تەرجىمە قىلىدىغۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن ، شۇنداق قىلىدۇ ، بىراق ھەرگىزمۇ سىزنىڭ يەككە كومپيۇتىرىڭىز ياكى يان تىلىفونىڭز تەرجىمە قىلالمايدۇ، سىز پەقەت تورغا ئۇلانغان شارائىتتا جۈملىنى googleغا ئەۋەتىپ بىرىسىز ، google ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇلازىمىتىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ سىزگە تەرجمىسىنى ئەۋەتىپ بىرىدۇ ، خالاس ، چۇنكى جۈملە تەرجىمە قىلىدىغان بۇنداق چوڭ سىستىمىنى سىزنىڭ كوپيۇتىرىڭىز سۆرەپ بولالمايدۇ ، سۆرىدى دىگەندىمۇ googleسىزگە تىپىپ بەرگەندەك بىر سكۇنت ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولماستىن نەچچە سائەت ، ياكى كۈندە ئاندىن نەتىجىسىنى چىقىرىشى مۇمكىن .
شۇڭا بايا دىگەن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمە دىتالىدا مىنىڭچە مەسىلە بار . قىسقىسى ئاۋاز پەرقلەندۇرۈش سىستىمىسىنى ياساش ئۈچۈنمۇ نەچچە مىڭلىغان كىشىلەردىن ئەۋرىشكە ئىلىشقا توغرا كىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدۇ ، ئەجىبا ئۆتكۈر مۇشۇلارنىمۇ قىلغانمىدۇ؟!
مىنىڭچە ئۆتكۈر ئاغىنىمىز ئالىم مۇئەللىمىنىڭ كىچىك پىئىللىقىدىن ئۈگەنسە بولغۇدەك!
ئىچكىردە ئىچىملىك يىمەكلىكنىڭ ھالال ھارام ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان «ئىسلام جەمئىيىتى ،ياكى ئويۇشمىسى » بارغۇ دەيمەن ، بۇرۇن مەن توردىن كۆرگەن ،ئادەتتە شۇلارنىڭ «ھالال »دىگەن كىچىك بەلگىسى بار،ھالال بولسا شۇ بەلگىنى باسىدۇ.قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقسا بۇلىدۇ.
ئاۋۇ يېمەكلىكنىڭ ھالال ھاراملىقىغا باھا بېرىدىغان دېتالنىڭ تونۇشتۇرىلىشىچە: مەنچە بولغاندا ئۇنداق ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلماي بەلكى، كەڭ ئاممىنىڭ باھاسىغا قاراش كېرەك. ئۇنداقتا سىز ئويلىغان ئېھتىماللىق يوققا چىقىشى مۇمكىن.
بۇنداق نەرسىنى ھەرگىز ياسىغىلى بولمايدۇ، ئىشەنمەڭ.
چۈنكى بىرەر كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئىمانىنى يەنە بىر ئىنسان بىلىشكە قادىر ئەمەس، ئۇنداقتا ئىنسان ئۆزى ياسىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق تېخىمۇ بىلىشكە قادىر بولالمايدۇ. زاۋۇت ئىسمى، زاۋۇت خوجايىنى، بەرگەن ئېلاندىكى شەخسلەرگە قاراپ ھۆكۈم چىقارغاندا ياكى مەلۇم بىر تور بېكەتتىكى ئىنسان ئۆزى قولدا كىرگۈزگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھالال-ھارام دېسە خاتالىق يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ئىلمىي ئىشلاردا ھاياجان ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ.
دىۋان
ئالىم مۇئەللىم ئەمدى Windows 8 توغرىلىق گەپ باشلاي دەپ تۇرشىغا ئاۋۇ رىياسەتچى گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى ،،،،،،،،،،،،تىلىۋىزىيە ئىسستانسىدىكى مۇشۇنداق بىلەرمەنلەردىن بەك بىزار بولدۇم ،،،،،،،،تەشۋىق قىلشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلماي،،،،،،،،،،ساپا ۋە ئانا تىلىمىزغا بولغان مۇھەببەتتىن ئەسەرمۇ يوق ،،،،،،،،،بۇ بىر نىمىلەردە
ئۇنداق دەپ كەتمەيلى …………
ما گەپنى قىلمايلى. كۆڭۈلدىكى سۆزنىڭ تېمىسى ئۆتكۈرنىڭ ئۇتۇقلىرىدا.ۋەزىيەت ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس8نى تېلىۋىزورغا چىقارمايۋاتقان شارائىتتا تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەرنىڭ ئۆتكۈرنىڭ پۇرسىتى ئارقىلىق ئالىم مۇئەللىمگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر ئىشلىرى توغرىلىق سۆزلەش ئمكانىيىتى تۇغدۇرىشى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى. بولسا بۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ئالىم مۇئەللىمنى سۆزلىتەلەيدىغان بولۇپمۇ قالا.قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇممايلى.ئۆتكۈر ئەركىننىڭ،ئالىم مۇئەللىمنىڭ،ئۈمىد غېنىنىڭ،بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيلى.
مەنمۇ خېلى تالايلىك كەنمە دىدىم !
رادىئو سۆھبىتىنىمۇ دەل ۋاقتىدا بۇنىمۇ دەل ۋاقتىدا كۆرگەن .
مەن بۈگۈن چۈشتە كۆردۈم. ئالىم مۇئەللىمنىڭ مۆرىسىنى پات پات كۆتىرىپ قويغىنىغا قارىغاندا، بەكرەك چارچىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ….
شۇنداق، مەنمۇ 2-3 كۈندىن بۇيان، ئۆزەمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدىم، راستتىنلا 4-5 كىلوگىرام ئۇرۇقلاپتىمەن.
گەرچە Windows 8.1 نىڭ تەرجىمىلىرى يېقىندا تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن مانا ھازىرمۇ بەزى جايلىرىنى تۈزىتىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، چۈنكى سىناق نەشىرى (كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟!
ئەمما، چارچىغان بولساممۇ ئالدىنقى ھەپتە Microsoft نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بەرگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشى مۇنداق بولغاچقا، ھاردۇقۇم راستتىنلا چىقىپ قالدى. يەنى «گەرچە بۇ تىلنى (يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەھسۇلاتلارنى) ئىشلىتىدىغانلار ھازىرچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ بازار تېز سۈرەتتە كېڭىيىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن *** ***نى *** قالالايدۇ» دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى، بۇ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن Windows 8 دىكى ھەر قايسى تىللار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە، بۇ مىكروسوفت ئەڭ خاتىرجەم، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دەرىجە. ئېنىقلا باشقا مەھسۇلاتلارغا تېز سۈرەتتە كېڭىيىدۇ.
ئىشەنچلىك خەۋەرگە قارىغاندا 2 يىل ئىچىدە Microsoft جۇڭگودىن 40,000 خادىم قوبۇل قىلىدىكەن، مېنىڭچە ئاز دېگەندە 40 ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىزمەت بېرىشى، بەلكىم نەچچە 100 ئۇيغۇر ياشلىرى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قىلىشى مۇمكىن. كومپيۇتېر ۋە ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەچ تۇرۇڭلار. دوللار مۇئاش ئالىسىلەر.
بۇ بىر ياخشى خەۋەركەن ،ئاخشىمى دوللار چۈشەپ،كۈندۈزى چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرىشايلى.
ئاجايىپ مۇھىم ئىشلار بولوۋېتىپتۇ جۇمۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايىز،. Windows 8.1 ئېلان قىپ قالسا بىز Windows 8 نى ئشلىتىۋاتقانلا 8.1 گە ھەقسىز كۆتىرەمىزمۇ يا ھەقلىقمىدۇ؟
win 8 ئىشلىتىۋاتقانلار ھەقسىز نەشرىنى كۆتۈرەلەيدۇ دەيدىغۇ
ئالىم مۇئەللىم، مېنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئالىم بار ئىدى. مەن 2008- يىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىن بىرنى ئالغانىدىم، ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولدى، ئەينى چاغدا كومپيۇتېرىمغا قاچىلىغاندا تۇنجى قېتىم ئاكتىپلاش نومۇرىنى تېلېفون ئۇرۇپ سورىغان، كېيىن windows 8 چىقتى دېگەن گەپ بىلەن سىستېمىنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلىسام كومپيۇتېر نومۇرۇم ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم سورىدىم، ئىككىنچى قېتىمدا شىركىتىڭىزدىكى خادىم سەل خاپا بولغاندەك يوسۇندا ئاكتىپلاش نومۇرىدىن يەنە بىرنى دەپ بەردى. ئەمما كومپيۇتىرنى مەندىن باشقىلارمۇ ئىشلەتكەنلىكتىن، سىستېمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە windows 7 گە قايتىپ كەلدىم، ئەمما لۇغەتنى قاچىلىسام يەنە كومپيۇتېر نومۇرى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، مېنىڭچە بۇ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەكتى، مەن قاتتىق دىسكىنى قايتا رايونغا ئايرىپمۇ باقمىدىم، ئەمدى بۇ لۇغەتنى قانداق ئاكتىپلىسام بولا؟
2008-يىللىق لۇغەت چىققاندا، تېخى Windows 8 ئۇياقتا تۇرسۇن، Windows 7 مۇ چىقمىغان ئىدى، شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا نورمال، سېتىش بۆلۈمىگە يۇمشاق دېتالنىڭ مۇلازىمەت نومۇرىنى ۋە تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، سىزگە يەنە بىر نومۇر ھاسىل قىلىپ بېرىمىز.
ئاخشام ئۆيدە كۆرۈپلاۋاتاي !