ئەھمىيەتلىك 20 يىل
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئەسلىدە كۆپ نەرسىلەرنى يازسام بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن مېنىڭ كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋە پىروگرامما تۈزۈش ھاياتىمنى باشلىغان خاتىرە كۈن ئىدى، مانا بۇنىڭغا ھەش-پەش دېگۈچە توپتوغرا 20 يىل بولۇپتۇ. ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ-ھە!
20 يىل ئىلگىرى يەنى 1991-يىل 19-ئۆكتەبىر، شەنبە كەچ 6:00 ئەتراپىدا، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاكام ياسىن ئەھەتنىڭ ئىشخانىسىدا، تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرنى كۆرگەن ئىدىم، بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرچە يېزىلغان تەخمىنەن 200 بەتلىك «Apple2 ۋە Basic تىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، «Basic تىلى» توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە دەسلەپكى ساۋاتلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. شۇ زامانلاردا كومپيۇتېرنى قوزغاتساقلا، ئۇدۇللا «Basic تىلى»غا كىرەتتى. مەن ئىشلەتكەن بۇ ئالما كومپيۇتېرىدا 12 دىيوملۇق يېشىل يالتىراق نۇرلۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، قاتتىق دىسكىسى يوق ئىدى. پىروگراممىلارنى ئادەتتىكى قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىگە خاتىرلەيتتى.
شۇ كۈنى ئاكام ياسىن ئەھەت «Basic تىلى»دا، «بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە»نى يېشىپ بېرىدىغان پىروگراممىنى يېزىپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئارقىدىن يەنە «توخۇ-توشقان 48، پۇت-قوللىرى 108» دېگەن تېپىشماقنى ئىشلەپ بەردى. بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالغان ئىدىم. مەن بۇ پىروگراممىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ باقتىم. كېيىن يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە «لار»، «لەر»نى ئاپتۇماتىك ئۇلايدىغان پىروگراممىنىمۇ تۈزۈپ باقتىم (ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي لاتىن يېزىقى ھالەتتە). شۇ ۋاقىتتا، پىروگرامما تۈزۈشكە باغلانغان بۇ قىزغىنلىقىم ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق.
20 يىلدىن بۇيان پىروگرامما تۈزۈشتىن ئىزچىل ئايرىلمىدىم، ئەمما، ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلارنى ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن. مانا، بۈگۈنمۇ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە تىل-يېزىققا ئائىت ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن. تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىشمۇ يوق، نەتىجىمۇ پۈتۈنلەي يوقمۇ ئەمەس. لېكىن، ماڭا نىسبەتەن كەسىپگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر ۋايساپ باقمىدىم، زېرىكمىدىم. ئەمما، ماڭا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەرمۇ ئىلھام بېرىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ قوللاۋاتىدۇ. يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت» ماركىسىنى يەنە 10 يىل ئۇزارتتىم، ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن ۋە شىركىتىمدىكى بارلىق خادىملاردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن.
كۆپ گەپ قىلساممۇ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ گەپنى دەيدىكەنمەن، شۇڭا، ھازىرلا دېسەم ياخشى بولغۇدەك، مەن شىركىتىمدىكى بارلىق خادىملار بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق تىرىشىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,810 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 14:19
- ئالدىنقى يازما :Microsoft بىلەن Skype رەسمىي بىرلەشتى
- كېيىنكى يازما :قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
سىز بىزنىڭ پەخىرىمىز ،،،،
مەن ئىشىنمەن 10مىليۇن ئۇيغۇر خەلقى سىزنى قوللايدۇ…………
مەن ئىلگىرى تېلېۋىزوردىن سىزنىڭ ۋورد ھەققىدىكى دەرىسلىرىڭىزنى كۆرگەن. شۇ نىڭ بىلەن سىزگە ھۆرمىتىم بەك ئاشتى. ھازىرمۇ سىزنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمەن. يىگىرمە ياش ئادەمنىڭ ياش ۋاقتى . يەنە 10 يىلدىن كېيىن 30 ياشقا كىرگەندە سىز مىللەتكە نىسبىتەن ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بۇلۇپ 200 يىل ياشايسىز!
ئالىم مۇئەللىم تىنىڭىزگە سالامەتلىك،ئشلىرىڭزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
مەن بىر ئاددى ئاشپەز بولساممۇ كومپىيوتۇرغا بولغان ئوتەك قىىز غىنلىقىم ،خوددى سىز ئېىتىپ ئوتكەندە
زىممەدىكى بىر مەسئۇلىيەت مىنى ئىزچىل تىرىشىشقا دەۋەت قىلىپ كىلۋاتىدۇ مانا بۇگۇن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ كەلگۇسىگە بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئېشۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە بەخىت ،كەسپىگىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەلەيمەن ،مىلىتىمىز سىزدىن پەخىرلىنىدۇ
ئئۈمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن تىنىڭىز سالامەت بولسۇن.
ئاشۇ شانلىق 20 يىللىق ئەسلىمىنىڭ ساھىبى بولغان ئالىم مۇئەللىمگە قۇتلۇق ۋە تەشەككۈرلەر بولسۇن!
«تىرىشقان تاغ ئاشار» دىگەندەك نۇرغۇن ئىسسىق-سوغوقلاردىن ئۇيغۇر سوفت، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېردا يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتى. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن تۆھپىڭىز زور.
ئۇيغۇر سوفت قول كۆندۈرۈش مەشىقى، ئەل كاتىپ، ئۇيغۇر سوفت چوڭ لوغىتى … كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەڭ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن، ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇر سوفت … لار بىلەن باغلىنىپ كەتكەن نادىر دېتاللار … بۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن ھەم نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۇنتىيالمايدۇ.
ئايرۇپىلغان چىققان قېرىنداشلىرىمىزمۇ، ئاپتۇماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئانا يېزىقىمىزنى كۆرگەندە ئالىم مۇئەللىمنى، ئۇيغۇر سوفتنى ئەسكە ئېلىپ قويسا، دىلىدا تەشەككۈر ئېيتىپ قويسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.
ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇر سوفت – ئىشلىرىڭلار ئوڭ بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم. سىزنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزىڭىزگە بەك دىققەت قىلىمەن. چۈنكى ئۇيغۇرچە پىروگىراممىغا ئائىت گەپ قىلىدىغان بوش ۋاقتى بار مەن بىلىدىغان ئادەم سىزلا. ئۆزۈممۇ بىر كومپىيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى (ھەۋەس بىلەن ئۆگەنگەن ۋە ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ) . پىروگىراممغا قاتتىق ھەۋىسىم بار.
‹……. بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرچە يېزىلغان تەخمىنەن 200 بەتلىك «Apple2 ۋە Basic تىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ…..›
موشۇ كىتاپنى بىزمۇ كۆرۈپ باقساق قانداق دەيسىز؟!
رەھمەت.
بۇ كىتاب ھازىر مەندە يوق، ئارىيەتكە ئالغانلار ئېلىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىدى، ئەمما بۇ 32 فورماتلىق، قارا مۇقاۋىلىق كىتاب، بەلكىم كۇتۇبخانىدا بولۇشى مۇمكىن. چوڭ كۇتۇپخانىلاردا بار. ئارىيەتكە ئالسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم.
خىلى ۋاقىتلار بولدى سىزدىن سورايدىغانغا پۇرسەت تاپالماي يۈرەتتىم.
شىركىتىڭىزنىڭ تور بىتىنى تۇيۇقسىزلا ئىنگىلىسچىگە ئۆزگەرتىۋالدىڭىزغۇ؟ بۇرۇن پات-پات شىركەت تور بىتىڭىزگە كىرىپ مەھسۇلاتلىرىڭىزنى بىرەر قۇر كۆرۈپ قوياتتىم.. بىر قانچە ۋاق بولدى. قاچانلا شىركەت تور بىتىڭىزگە كىرسەم ساپ ئىنگىلىسچىلا…………. ئادەم خەنزۇتىلىنى ئاران ئۈگىنىۋاتقاندا ……….؟؟؟؟؟
ئۇيغۇرچە باش بىتىگە كىرىدىغان يەرنى مەن تاپالماي قالدىممۇ ياكى ……..؟؟؟
ياكى سودا چەمبىرىكىڭىز چوڭىيىپ، چەتئەلچىگە ئۆزگەرتىۋەتتىڭىزمۇ يە ؟
رەھمەت مۇئەللىم. سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ! سالامەت بۇلۇڭ!
ئالىم مۇئەللىم بارمۇ سىز؟ ماۋۇ تېمىغا سىز بىر نېمە دېمەمسىز دەيمەن؟
http://bbs.bilik.co/thread-24384-1-1.html
بىلمىدىم سىز بۇنى كۆردىڭىزمىكىن تاڭ؟
كۆردۈم، ئۇ دېگەن ئېنىقلا بىر چاقچاق تۇرمامدۇ؟ ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
ئويلاپ باقسام يۇمشاق دېتال لاھىيەلەشنى ئۆگىنىشكە خېلى ۋاقىت كېتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما مەن چوقۇم ئاخىرىغىچە ياخشى ئۆگىنىشنى نىيەت قىلدىم. ئالىم مۇئەللىم سىزمۇ بەلكىم ئۆگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئەلۋەتتە. ئەمما بەل قۇيىۋەتمەي ھازىرغىچە يۇمشاق دېتال تۈزەۋېتىپسىز؟ بىر يۇمشاق دېتالنى مۇكەممەل لاھىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، پروگرامما تىلىنى ياخشى ئۆگەنسىلا بۇلامدۇ ياكى يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشى توغۇرلۇق سوئال سوراشقا مەندەك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بالدۇرلۇق قىلامدۇق؟
بىر يۇمشاق دېتالنى لاھىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن قانچا باسقۇچ خىزمەتلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؟
بۇ كەسىپمۇ باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش چىدىغانغا چىقارغان، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئارام ئېلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقمايدۇ، شەنبە-يەكشەنبە ياكى كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايمىز.
ئۇنداقتا مەنمۇ سوئال سوراپ باقاي، ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپنى بىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرچە «ئىز» غا ئوخشاش شئېر ياكى «باھادىرنامە»گە ئوخشاش رومانلارنى يېزىپ چىقىشقا بولامدۇ؟ باشلانغۇچ 1-2-يىللىقتىكى بالىلارغا شۇنداق تەلەپنى قويالامدۇ؟ مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى گەرچە ئاشۇ «ئىز»نى يېزىشقا ئالتە ئاي ۋاقتى كەتكەن بولسا، ئاشۇ سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نەچچە 10 يىل ئىزچىل تىرىشقان.
يۇمشاق دېتالدا ئىدىيە ھەممىدىن مۇھىم، ستېۋ.جوبس گەرچە كومپيۇتېردا بىر قۇر كود يازمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللار دۇنياغا تەسىر قىلدى ھەتتا بەزى ساھەلەرگە قايتا ئىنىقلىما بېرىشكە توغر كەلدى. شۇڭا، ياخشى ئىدىيە (ئوي-پىكىر، تەپەككۇر، ئەقلىي خۇلاسە،…..دېگەندەك نەرسىلەر) ، ھەر قانداق ياخشى نەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي.
ئاۋۋال قادىر ئاللاھدىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن. مەنمۇ مۇشۇ ساھەدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى، پروگرامما يېزىشنى قەۋەت ياختۇرۇمەن،php,++cلەرنى ئۆگۈنۈپ ئىچىگە كرىپلا كەتتىم.مۇشۇ جەرياندا ھازىر جۇڭگۇ بازىرىدا ئوت كەتكەن( 云计算(cloud computing گە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇپ يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، بىزمۇ مۇشۇلارنى قىلىپ باقساق دەپ ئويلاپ قالدىم. سىزچە قانداق مۇئەللىم؟
(云计算(cloud computing ھامان ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلىنىدۇ، يۇمشاق دېتال مۇلازىمەتتىن ئايرىلىپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ، يۇمشاق دېتال ئەمەلىيەتتە تېخنىكا، مەدەنىيەت ۋە مۇلازىمەتنىڭ بىرلەشمىسى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت ئەڭ مۇھىم تۇرىدۇ. 云计算 دە مۇلازىمەتلەرنى ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىشلىتىمىز ۋە ھەق تۆلەيمىز. خۇددىي ئايدا توك پۇلى، سۇ پۇلى ۋە (ماشىنىغا قاچىلىغان) ماي پۇل قاتارلىقلارنى ئېھتىياجىمىز بۇيىچە ئىشلەتكەنگە ئوخشايدۇ. مېنىڭچە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلار ۋە ياخشى مۇلازىمەتنى چۈشىنەلەيدىغان، ماسلىشالايدىغان خېرىدار توپى بولۇش كېرەك. دەسلەپتە پۇل تېپىش تەس بولىدۇ، لېكىن، راۋاجلانغاندا ياق دېسىڭىزمۇ پۇل ئۆزلىكىڭىزدىن كېلىدۇ. مېنىڭچە سىناپ بېقىش كېرەك.
رەھمەت مۇئەللىم
يەنە بىر ئىشنى سورىۋالسام، ماتېماتېكىنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆگەنسەك ياخشى. مەن ئۆزۈمگە قايسى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى مەن باشلانغۇچتىمۇ ماتېماتېكىدا بەكلا ناچار ئىدىم. بىر مەزگىل ماتېماتېماكا ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئىزدىدىم. ئەمما بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسلىرىنى چۈشىنىش بەكلا تەس توختىدى.
مەن سىزنىڭ ھازىرقى سەۋىيەرىڭىزنى ئېنىق بىلمەيمەن، بۇنداق ئەھۋالدا، كېسەللىك تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ ياخشى دۇرا بېرىش تەسكە توختايدۇ. ھەممە نەرسىنى بىر خىل كۆڭۈللۈك كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بارمىسىڭىز، بىر باشقا ئېلىپ چىقىرىشقا بولمايدۇ.
كومپيۇتېرنىڭمۇ ئايرىم نەزەرىيە دەرسىلىرى بار، كۆپىنچىسى ماتېماتىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي
بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر يازما پۈتسىڭىز بولاتتى. خۇددىي «قىرلىق ئىستاكان»دەك. (خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، قىرلىق ئىستاكان دېگەن بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ماكرو ھېكايىنىڭ دەۋرىمىزدىكى تىپىك ۋەكىلى دەپ قارايمەن).
ئەيىپكە بۇيرۇماسسىز؟!
كەچۈرۈڭ، تۇرسۇنجان، مەن مۇشۇ ماكرو نەرسىلەرگە ئانچە قىزىقمايمەن، قىلىۋاتقان ئىشىلىرىم مىكرو نەرسىلەر، مىكرو يۇمشاق دېتاللار، مىكروسوفت، مىكرو بىلوگ…دىگەندەك، مۇنداق، ماكرو ھېكايە، رومان،…دېگەنلەرگە ئانچە قىزىقمايمەن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
سىزگە مەن ھەقىقەتەن قايىلمەن. تورداشلىرىمدىن ئاڭلىسام سىزنىڭ ئەسلى كەسپىڭىز ماتېماتېكا ئىكەن. قانداق بۇلۇپ، كومپيۇتېر كەسپىنى قىلىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقسام بۇلامدۇ؟
يەنە بەزى تورداشلار سىزنى ماتېماتېكا بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەم ماتېماتېكىغا ئۇستا بولغانلىقى ئۈچۈن كومپيۇتېر ئىشلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى دەپ قارايدىكەن؟
كومپيۇتېرنىڭ ۋە مۇشۇ پروگرامما لاھىيەلەش كەسپىنىڭ ماتېماتېكا بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
كومپيۇتېرنىڭ ئەسلى تىگى-تەكتىدىن ماتېماتېكا ۋە فىزىكا ئىككى ئىلىم ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ راستلا شۇنداقمۇ ؟
كومپيۇتېرنىڭمۇ مەخسۇس ئايرىم ماتېماتېكىسى بۇلامدۇ ياكى ئادەتتىكى ماتېماتېكا شۇمۇ؟
مەن كۆپ ئوقۇمىغان شۇڭا كۆپرەك سوئال سوراپ قويىمەن. شۇڭا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز!
سىزگە رەھمەت مۇئەللىم !
ماتېماتىكا بىلمىسىڭىزمۇ كومپيۇتېرنى ئىشلىتەلەيسىز، ئازىراق بىلسىڭىز پىروگرامما يازالايسىز، بەكرەك بىلسىڭىز قىلچە قىينالمايسىز. مەنمۇ تۇنجى پىروگرامما تۈزۈشنى ئاشۇ ماتېماتىكىلىق تەڭلىمە ۋە تېپىشماقتىن باشلىغان.
ھازىرغا قەدەر ماتېماتىكىدىن ئايرىلمىدىم، بولۇپمۇ ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ۋە يېڭى لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى قۇرۇلمىسىدا پۈتۈنلەي ماتېماتىكىلىق بىلىم ئەسقاتتى.
كومپيۇتېرنىڭمۇ ئايرىم نەزەرىيە دەرسىلىرى بار، كۆپىنچىسى ماتېماتىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي