ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان 100 سۆز
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]توردىن توپلانغان ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە تەبئىي ماتېرىيال ئامبىرىدىن جەمئىي 28 مىليوندىن ئارتۇق سۆزگە ئېرىشتىم، بۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلانمىغان سۆز جەمئىي 1 مىليون 150 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرسەم، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان 100 سۆزنى تېپىپ چىقتىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
بۇ 100 سۆزنىڭ تەكرارلىقى يىغىندىسى 20 پىرسەنتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتساق مەلۇم بىر تەبئىي ماتېرىيالدىكى 100 سۆزنىڭ ئىچىدە مۇشۇ تىزىملىكتىكى 20 سۆزنى ئۇچرىتىسىز. ئالدىنقى 678 سۆزنىڭ تەكرارلىقى 40 پىرسەنت، ئالدىنقى 3365 سۆزنىڭ تەكرارلىقى 60 پىرسەنت، ئالدىنقى 18728 سۆزنىڭ تەكرارلىقى 80 پىرسەنت بولۇپ، تىل ئۆگىنىشتە تەكرارلىقى يۇقىرى سۆزلەرنى ئاۋۋال ئۆگەنسىڭىز، ھەسسىلەپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,718 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى am 9:35
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت تەرجىمانلار ياردەمچىسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ
- كېيىنكى يازما :Competent essay freelance writers
تېخىمۇ كۆپ
ھۆرمەتلىك ئالىم ئەپەندى!
سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك،ئامانلىق تىلەيمەن.
سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى.ياردەم قىلغان بولسىڭىز:
بۇ بەتتە ئىلگىرى ئېنگلىز ۋە باشقا چەتئەل تىللىرىدىن ئۇيغۇرچىغا بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا كىرگەن،ئۆزلەشكەن سۆزلەردىن نۇرغۇن ساندا توپلىغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەنلىكىم يادىمدا. لېكىن ئىزدەپ زادى تاپالمىدىم.تېمىنى خاتا كىرگۈزدۈممىكىن؟شۇ تېمىغا ئېھتىياجىم بار ئىدى.قانداق قىلسام كۆرەلەيمەن؟
يەنى: تېلىفون،ۋېتامىن،ئۇنۋېرسال،ماتېرىيال…دېگەندەك
مەنزە زامانىمىزدىكى ئۈچ گەپكە بەكلا ئۆچ، يەنى «بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، «كېلەمسەن ياقمۇ؟»، «ئاز بولمىغان» ! تىلىمىزنى ئاجايىب پاخپاقلاشتۇرۇدىغان ئۆتە پايتىما گەپلەر-دە بۇ!
ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 100 سۆزلۈك ئۈچۈن رەھمەت.
‹‹سېدنېيدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى››گە شىتات مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن دەرسلىك پروگرامما تۇزۇۋاتقان ئىدىم. پروگرامما ئۈچۈن مۇھىم بىر مەزمۇننى بۇيەردىن تېپىۋالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 100 ،50 ھېچ بولمىسا 10 قوشۇمچىنىڭمۇ ئىستاتىستىكىسىنى ئىشلەپ قويغان بولسىلا ياخشى بولاتتى. باشقا تىللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچە بولۇپ ئايرىم-ئايرىم بار ئىكەن.
ئەگەر تۈپ سۆز ئايرىپ بىر تەرەپ قىلساق، بۇ سۆزلۈك جەدۋىلىدە ۋە ئالدىنقى قېتىمدىكى 22 مىليون سۆزلۈك جەدۋىلىدىكى «قىلىپ، قىلغان ،قىلىدۇ، قىلدى » قاتارلىق تۈرلەنمە پېئىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى بىرلا «قىل» دىگەن پېئىل بولىدىكەن، كىيىن بىز بۇ پېئىللارنى ماشىنىدا بىر تەرەپ قىلغاندا تۈرلەنمە شەكلى ئۇچراپ قالسا قايتىلانما ئىش قىلىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالامدۇ قانداق ؟
ئاندىن يەنە بىر سۇئال خىيالىمدىن كەچتى، سىلى توپلىغان 22 مىليون سۆزلۈك ياكى بۇ قېتىمقى 28 مىليون سۆزلۈك بولسۇن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۈپ سۆز قانچىلىكتۇ ؟
22 مىليون سۆزلۈك ئىچىدە تۈپ سۆز 498 مىڭ، 28 مىليون سۆزلۈك ئىچىدە 1 مىليون 150 مىڭ، ئەمما بۇ ئىككى ئامباردا مۇتلەق كۆپ ساندىكى سۆز تەكرارلىنىدۇ،
ئالىم مۇئەللىم، ھازىرچە مۇشۇنداقلا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، رەھمەت!
ئالىم مۇئەللىم، ھازىر تۈپ سۆز ئايرىلمىغان ھالەەتىلا يوللاپ بەرسىڭىز، رەھمەت!
ئالىم مۇئەللىم مىنىڭ پىرۇگىرامما لاھىيەلەشنى بەك ئۆگەنگۈم بارئىدى،قاچانلىققا كۇرۇس باشلايسىز ياكى بىرەر لىنتا ياكى كىتاب چىقىرىش ئويىڭىز بارمۇ؟
يېقىندىن بۇيان بەكلا ئالدىراش بولۇۋاتىمەن
ئىككى سىتاستىكىنى قوشۇپ تۈپ سۆزگە ئايرىساق ماشىنىدا بىر تەرەپ قىلغاندا يەنە ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالامدۇ قانداق ؟ چۈنكى كومپىيوتېر ھەرپ بويىچە تونۇيدىغان بولغاچقا تۈپ سۆزنىڭ تۈرلەنگەن شەكلىىنى ئايرىم سۆز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىش بولارمىكى دەيمەن
لېكىن تۈپ سۆزنى تاپساق، ئۇلار يەنە بىر يەرگە كېلىدۇ. بۇ ئاسان ئىش، چاتاق چىقمايدۇ، پەقەت شەكىلداش سۆزدە چاتاق چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئات دېسە (ھايۋان) ئات ۋە دەرياغا ئالما ئاتنى بىر سۆز دەپ سانايدۇ، بىرسى ئىسىم، بىرسى پېئىل.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ مونۇ سۆزلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم:
‹‹…مېنىڭ پىلانىمدا ناۋادا ياردەم بېرەلەيدىغان بولسا، بۇ ھەر ئىككى ئىستاتىستىكىنى ئۆز-ئارا قوشۇپ، بارلىق سۆزلەرنى تۈپ سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، ئالدىنقى 1000 سۆز، ئالدىنقى 3000 سۆز، ئالدىنقى 5000 سۆز، ئالدىنقى 8000 سۆز، ئالدىنقى 10000 سۆزنى تېپىپ چىقىش. ئاندىن بۇنى لۇغىتىمگە چېتىپ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت قىلىپ ئىشلەپ ھەقسىز تارقىتىش. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنىشى ئاسان بولاتتى.››
———————
يارايسىز مۇئەللىم. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسىراپ خىزمىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. سىز يۇقارقى پىلانىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. بەلكى ئۆزىڭىز ئويلىغىڭىزدىنمۇ ئارتۇق نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئالىم مۇئەللىم، بولسا ئالدىنىقى 5000 سۆزنى تەمىنلەپ بېرەلمىسىڭىزمۇ ئالدىنقى 3000 سۆزنى، بولمىغاندا 1000 سۆزنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز تولىمۇ خۇشھال بولغان بولاتتىم. مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مەكتىپىمدە 5 نەپەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكچى بولۇپ، مېنى تولا ئىزدەپ سورايدۇ: كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى تەمىنلەپ بەرسەڭ، دەپ. پىششىقلاپ، خەنزۇچىسىنى قوشۇپ شۇلارغا بېرەي دېگەنتىم، بولارمۇ؟
بولىدۇ، ئەمما بۇ جەدۋەلدە سۆزلەرنىڭ بارلىق تۈرلىنىش شەكىللىرى بار، تۈپ سۆزگە تېخى ئايرىمىغان ئىدىم، مۇشۇنداق بولسىمۇ بولامدۇ؟
مۇئەللىم، سىزگە ماتېرىيال لازىم ئىدى؟
بايا شۇنداقلا كۆزۈمگە چېلىقىپتى ھېسابلاپ باقسام ئاشۇنداقراق چىقپ قالدى. شۇڭا خاتالىق بارمىكى دەپ ئىنكاس يازغانىدىم.
بولىدۇ، مەنمۇ ئاتاقتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقىنىم بىلەن لېكىن تېخى بىرەر پايدىلىق ئىشنى قىلالىغىنىم يوق، قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن، سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە قىلىمەن، بولمىسا تىرىشىپ ماتېرىيال كۆرىمەن، پەقەت بولمىسا ئۆزلىرى بارغۇ ؟
ياق ئىزاھلىق لۇغەت ئەمەس، تۈرك- ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپ، بوغۇم قۇرۇلمىسى ھەم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئىدى. مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەك كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 3000 سۆزنى تەمىنلەپ بەرسىللىرى تەرجىمە قىلىپ ئامبارلاشتۇرماقچىدىم.
لۇغەتكە مەنمۇ قولۇمدىن كىلىشىچە ھە ھۇ دىيىشەي.
ئالاقە چ چ 568262358
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئىشلىرىڭىز ياخشى كىتىپ بارامدۇ ؟ مەزكۇر تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئىلگىرى يازغان « ئۇيغۇرچە 22 مىليون تەبئىي سۆزلۈك ئامبىرى » دېگەن تىمىڭىزنى يەنە بىر كۆردۈم، ھەم ئىككى تېمىدىكى سۆزلەرنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچىسىنى سېلىشتۇرسام ئازراق پەرق باركەن.(سۆزنىڭ تەرتىپىدىكى پەرق) دېمەك ئىككى تېمىدا ئىشلىتىلگەن ئامبار (سۆز يىغىشتا ئاساس قىلىنغان ماتېرىيال ) پەرقلىق بولغاچقا ئىككى تېمىدىكى يۇقىرى تەكرارلىقتىكى سۆزنىڭ تەرتىپىدىمۇ پەرق باركەن.
ئاندىن بۇ تېمىڭىزدا بىر مەسىلىنى بايقىغاندەك قىلدىم، يەنى ئاخىرقى كاتەكتىكى جەمئىي دېگىنىمىز 1-سۆز ۋە 2- سۆزنىڭ جەمئىيسى بولسا مۇۋاپىق بولغىيتى ؟ لېكىن ھېسابلاپ باقسام 2- قۇردىكى جەمئىي 1- قۇردىكى تەكرارلىق پىرسەنتىنى ئىككى قېتىم قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ. ئۈچىنچى قۇردىكى جەمئىي بىرىنچى قۇردىكى جەمئىينىڭ ئىككى ھەسسىسى بىلەن 2-قۇردىكى پىرسەنتنىڭ يىغىندىسىكەن، شۇڭا بۇنىڭدا كىچىككىنە خاتالىق بارمۇ قانداق ؟
مەنمۇ كومپىيوتېر تىلشۇناسلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتقانىدىم، يېقىندا تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرسىدىكى ھەرپ ، بوغۇم ،سۆزلەرنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىشنى ئويلىغان. قولۇمدا ئوقۇتقۇچۇم بەرگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى 30 مىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بار لېكىن ئۇنىڭدىكى سۆزلەرئارىسىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ئانچە كۆپ ئەمەسكەن، مۇمكىن بولسا ئاشۇ 60 % لىك بولغان سۆزلەر توپلىمىنى بىزدەك ئوقوغۇچىلارغا ھەمبەھىر قىلىپ بەرسىڭىز .
تەشەككۈرلەر بولسۇن، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
راست بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز، مەنمۇ يوللاپ بولۇپ جەمئىيسى دېگەن ئىستونغا قاراپ باقسام بىرىنچى قۇردىكى «بىر» دېگەن سۆزنىڭ پىرسەنتى %1.39 ئۆز-ئارا قوشۇپ قويۇپتىمەن، ئەسلىدە نۆل بولۇشى كېرەك، ئومۇمىي ئىستاتىسكىدىن پەقەت %1.39 ئارتۇق كېتىپتۇ، بۇ ئالدىنقى 100 سۆزنىڭ پىرسەنتى شۇ %20 ئەتراپىدا ئىكەن.
بۇ قېتىم توپلىغان 28 مىليون سۆزلۈك توردىن كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقىسى ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن. شۇڭا قىسمەن سۆزلەردە پەرق بولۇشى مۇمكىن.
مېنىڭ پىلانىمدا ناۋادا ياردەم بېرەلەيدىغان بولسا، بۇ ھەر ئىككى ئىستاتىستىكىنى ئۆز-ئارا قوشۇپ، بارلىق سۆزلەرنى تۈپ سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، ئالدىنقى 1000 سۆز، ئالدىنقى 3000 سۆز، ئالدىنقى 5000 سۆز، ئالدىنقى 8000 سۆز، ئالدىنقى 10000 سۆزنى تېپىپ چىقىش. ئاندىن بۇنى لۇغىتىمگە چېتىپ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت قىلىپ ئىشلەپ ھەقسىز تارقىتىش. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنىشى ئاسان بولاتتى.
سىزنىڭ دېگىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەت ئەمەستۇ؟ مەن لۇغەتنىڭ ئېغىنىزنى تەمىنلەپ بەرسەم باشقا ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلسىڭىزمۇ بولىدىكەنتۇق.
رەھمەت مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز