بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟
[ تاغدىن-باغدىن ]يېڭى يىل كىرىپلا سوئال چىقىرىش، ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، نەتىجە يوللاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تىكىش يەنە باشقىلارغا ئىمتىھان ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن رەسمىي تەتىل بولىدۇ. شۇڭا، نەچچە كۈندىن بېرى ماۋۇ (ماكرو) بىلوگىمنى تېخى يېڭىلاپ بولالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ھازىر دېگەن ئىمتىھان مەزگىلى تۇرسا، يېڭى تېما يازماي تۇرۇڭ دەپ تۇرۇۋالدى، لېكىن بىلوگ تەتىل قىلسا بولمايدۇ-دە؟
شۇڭا، بۇ (ماكرو) بىلوگىمدا قانداق تېما يېزىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتسام، نەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرگەن ئادەملەر «ئوخشاپتۇ-ھە؟ ئالامەت سىزىپتۇ-جۇمۇ، كارامەت ئۇستا رەسسام ئىكەن»-دەيدىغان بولۇۋالدى. كۆرگەنلەر ھەممىسى پىخىلداپ كۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى تاپتىم. قېنى سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟
ئەسلىدىكى رەسىم مانا، ئەلكۈيى تورى بېيجىڭدىكى لېكسىيەنى خەۋەر قىلغاندا تارتقان سۈرەت
ئادىلجاننىڭ مېنى سىزىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، رەسىمگە تېخىمۇ كېلىشكەن چۈشۈپ ئەۋەتىپ بەرمەمدىم-دەيمەن.
ئەسلىي مەنبەسى: ئىزدىنىش تورى
ئەسلىي مەنبەسى ئىزدىنىش تورى
- يازما كۆرۈلۈشى: 13,684 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 01-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:42
- ئالدىنقى يازما :sign in/up يەنى (登陆,注册) ئاتالغۇلىرى ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :مىكروسوفت ئۈچۈن 2012-يىلىدىكى مۇھىم مەھسۇلات
ھاھاھاھاھاھا مۇبارەك بولسۇن ! بەك پەيزى چىقىپتۇ ئىشقىلىپ بەك ئوماق چىقىپتۇ مۇئەللىم
تولىمۇ ئوماق سەبىي ئادەم جۇمۇسىز مۇئەللىم
بۇ رەسىمنى ئىزدىنىشتا ئەڭ دەسلەپ كۆرگەندە رەسىم سىزغۇچىنىڭ قابىلىيىتىگە ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ئىدىم. ھەقىقەتەن ئوخشاپتۇ…..
دېسىمۇ ئۇستىلىق بىلەن سىزىلىپتۇ ،بىراق مۇئەللىم رەسىمدە قورۇق بىزە كۆپ بوپ قالدىمۇ نېمە ..چاقچاق ھە
مۇئەللىم ، بىر مەۋسۇم دەرس ئاڭلاش جەريانىدا سىلىنىڭ مۇنداق ئوچۇق ، يۇمۇرىستىك ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن . بۇرۇنراق بىلگەن بولسام … ھەي ،،،
نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورىۋالاركەنمەن .
ئوخشاش ھىسياتتا…ھې ھې ھې …
رەسىمگە بىر قاراپلا تونۇۋالىمىز ئەمەسمۇ، ئاستىدىكى ھەقىقىي سۆرەتكە قاراپ «دېمىسىمۇ بەك ئوخشىتىپ سىزىپتىكەن» دەپ قالدىم.
بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھەجۋىيرەك بىرسىنى كۆرگەندەك قىلىۋېدىم، مۇشۇ ئوخشىمامدۇ ئەسلىسى؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەمما دەششەت ئوخشاپتۇ…………
ئالامەت ئوخشىتىۋېتىپتۇ جۇما ھې ھې ھې ………….
بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ. ھى ھى …
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ئالىمكا يېقىندىن ياقى نىمە يوقاپلا كەتتىكىن دىسەم ئەسلى ئىمتاھان ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش دىسىلا
كۈندە ئۈچ تۆت قېتىم بىلوگلىرىنى ماراپ ھىچبىر يېڭى تېما تاپالماي قالغان .
راس ئارەسىم رەسمى سىلىگە ئوخشاپتۇ
بىزنىڭ كۈلدۈرگە چولپىنىمىزنىڭ مۇباتى ئەمدى سىلمۇ بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بوپلىدە ھې ھې ھې
مارەك بولسۇن ….
بوينىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن سەل كىسىۋەتسە يەنە …… ئاندىن بەكرەك ئوخشىغۇدەك.
بۇ دېگەن شۇنداق ئۇسلۇپ ، ئۇنىڭدا مۇبالىغىنىڭ بۇلىشى تەبىئىي ئەھۋال .
ھەجىۋىي پورتىرت دېگەن نەق مۇشۇنداق بولىدۇ. بەك كەپتۇ…
تۇنجى كۆرۈشمدىلا قانداق ئىشكىن كاللامغا سىتۋېن جوبىس كەلدى دىسە…
ئالىمكا بەك كىلىشكەن سىزىۋىتىپتۇ دەيمەن……ھى ھى ھى …..
خې خې خې خې خې، ھەقىقەتەنمۇ قاملاشتۇرۇپ سىزىپتۇ ، شۇغىنىسى سەل كىلىشكەنرەك سىزىۋىتىپ قاپتۇ . (چاقچاق ھە !!!)