نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار

(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.

(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش

ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!

(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.

http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null

بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB

(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.

(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.

Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن

بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.

(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.

(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.

(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ

(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ

(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.

(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.

(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.

(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.

(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.

===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================

(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.

(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.

1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش

مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.

(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.

(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.

مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.

(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
299 پارچە باھا يېزىلدى
  • ‏ئالىىم مۇئەللىم يۇقارقى گەپلەر بويىچە بولغاندا بىر ئاچقۇچ نۇمۇر بىلەن بىرقانچە كومپىيوتېرغا قاچىلاش ئىلىپ بارغىلى بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ بۇنداق بولسا مىكرو سوفىت قانچىلىك پايدا ئالار؟ ماڭا يانىلا ئوغرى نەشىرىنىڭ بازىرى چىقىدىغاندەك بىلىندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:47
    • مەن قەيەردە شۇنداق جاۋاب بەردىم؟ ھەر بىر كومپيۇتېر ئۈچۈن يېڭىدىن بىر ئاچقۇچ نومۇرى سېتىۋالىسىز. ھەر بىر ئاچقۇچ ئۈچۈن 40 دوللار ھېسابلىساق، جۇڭگودا 500 مىليون كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى بار دېسەك، 100 مىليون ئادەم مۇشۇنداق يېڭىلايدىغان بولسا(دىققەت مەن 3 نى ئېلىپ بولدۇم)، 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدىغا ئېرىشىدۇ. مېنىڭ ئالدىمدا ئوغرى نەشرىنىڭ گېپىنى قىلماڭلار. پۇلۇڭلار يەتمىسە، ئۇيغۇرچە Ubuntu نى ئىشلىتىڭلار، بۇنىڭغىمۇ پىداكار ياشلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتى سىڭگەن. كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتكەن ئادەمنىڭ 248 يۈەن پۇلى يوق دېسە، بوۋاق بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ. 248 يۈەن دېگەن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ 2 ئايلىق تېلېفون پۇلى، ياكى قۇرۇلۇش ئورنىدا بىر كۈن ئىشلىسىمۇ، 300-400 يۈەن تاپالايدىكەنسىز، 248 يۈەنگە سېتىۋالسىڭىز، Windows 9 چىققۇچە، يەنە 3 يىل ئىشلىتىسىز، ھەر ئايدا 6-7 يۈەن دېگەن گەپ. ئوغرى نەشرى ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ئەمدى بۇلغۇماڭلار. كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىش ئەڭ ئېغىر گۇناھ، تۆۋە قىلسىڭىزمۇ يۇيۇلمايدىغان گۇناھ (قارشى تەرەپ كەچۈرىۋەتمىگۈچە)
      بۇ سىزگە دېگەن گەپ ئەمەس يەنە، مۇشۇنداق ئوغرى نەشىر ئارقىلىق بىلىپ-بىلمەي گۇناھقا پېتىپ قالغانلارنى دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:39
      • ھىى ھىى …رەھمەت مۇئەللىم، ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 14:24
  • windows 8 ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاران چىداپ ئولتۇرۋاتقانتىم ، بۇگۇن قارىسام ئىنكاس دىگەن يېغىپ كىتىپتۇ . ئۇنى كۈرۈپ مەنمۇ ئولتۇرالماي قالدىم ، لېكىن كاللامدا ئىككى مەسىلە غۇۋا تۇرىۋاتىدۇ .
    1. مەسىلە ھازىر كۆپىنچىمىز ئشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستىمىسى بۇرۇنقى 5 يۈەنلىك ئوغرى نەشىر بولغاچقا ، 248 يۈەنگە دەرىجە كۈتۈرۈش بۇلىقىنى سىتىۋالساق ، بۇنداق ئوغرى نەشىردىكى سىتىمىغا سېتىۋالغان دەرىجە كۈتۈرۈش بۇلىقىنى قاچىلاشقا بۇلارمۇ ؟
    2. ئەگەردە دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىدە كۆمپىيوتىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر قاتتىق دىتاللىرى مەلۇم خىل ئىقتىدارىنى قوللىمايدۇ دەپ چىقسا ، بىز بۇنى يەنىلام دەرىجە كۈتۈرۈش بۇلىقىنى ئاۋال سىتىۋىلىپ ، بۇلالمىغان قاتتىق دىتاللارنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ، سېتىۋالغان دەرىجە كۈتۈرۈش بۇلىقىنى قاچىلاشقا بۇلارمۇ ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:18
    • 1-سوئالغا جاۋاب: مەن ئۈستىدە ئېنىق دېدىم. ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ خاسلىقىغا قاراپ بېقىڭ، 正版授权 دەپ چىققان بولسا، بۇنى ھەقىقىي نەشرى دەپ تونۇيدۇ، ئەلۋەتتە تامامەن بولىدۇ. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك دېگەن راست گەپ ئىكەن، ئالدى بىلەن سىناپ بېقىڭ، بولماي قالسا، ئۇلار كېلىپ سىزنى تۈرمىگە تاشلىمايدۇ.
      2-سوئالغا جاۋاب: Windows 7 دە نورمال ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، بۇنداق قاتتىق دېتاللارنى تونۇماي قالارمۇ دەپ غەم قىلماڭ، ئۆزىڭىز قولدا ياسىۋالغان، Microsoft بىلمەيدىغان قاتتىق دېتال سەپلىۋالغان بولسىڭىز، بۇنىڭغا ھازىرچە ئامال يوق، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاۋۇ نەرسىنى قاچىلاپ سىناپ باقمامسىلەر، شۇ ھەممىگە ئېنىق جاۋاب بېرىدۇ.

      Microsoft تىن بۇ ئايدا، ئارتۇق سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن خىزمىتىم ئۈچۈن، ئازىراق پۇل قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىسام بولمىدى،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:49
      • ئاخىرىغا كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى قوشۇۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى چىقاتتىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:26
    • 5 يۈەنلىك ئوغرى نەشىر بولسىمۇ 248 يۈەنگە Windows8 نى سىتىۋىلىپ ئشلىتەلەيسز(مەن شۇنداق قىلدىم).

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:09
    • ئەسلى سىستېمىڭىزنىڭ قانداق سىستېما بولۇشى بېلەن كارى يوق

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:26
  • بۇنداق بولغاندا، ئاشۇ 248 كوي پۇلغا سېتىۋالغان ۋىندوۋس ئەڭ دەسلەپتە (ياكى ئەڭ ئاۋۋال) ئېنگىلىزچە نەشىرىدە بولىدۇ، كېيىن ئۇنى تىل بولىقى ئارقىلىق ئۆزىمىز خالىغان تىلغا ئۆزگەرتىمىز ما؟

    مەن مۇنداق ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىۋاتىمەن:

    بىرىنچىسى، 248 كوي پۇلغا سېتىۋالغان بىر دانە Windows 8 سىستىمسىنىڭ تىلىنى سىستىمىنى قايتا قاچىلاپ يۈرمەستىنلا تىل بولىقى قورالى ئارقىلىق خالىغان چاغدا بىرنەچچە تىلغا ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشقا مۈمكىن مۇ؟ مەسىلەن سېتىۋالغان ئاشۇ بىر دانە سىستىمىنى خالىغان چاغدا ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە تىللارغا ئۆرۈپ پايدىلىنشقا بولامدىغان دۇ؟

    ئىككىنچىسى، Windows 8 كەسپىي نەشىرىنىڭ بارماقدىسكىغا قوندۇرۇلۇپ ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان ئالاھىدىلىكىنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ (يەنى بارماقدىسكىدىن قاچىلاش بولماستىن،، بەلكى پۈتۈن سىستىمىنى بارماقدىسكىدا ئېلىپ مېڭىش). بۇرۇنقى يازمىلىرىڭىزنىڭ بىر يېرىدە بۇ توغرىلىق تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنتتىڭىز.

    ئالىم مۇئەللىم، تېخى يېشىلمىگەن مۇشۇ سۇئاللىرىمغا ئەتىراپلىق چۇشەندۇرۇش بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:39
    • تىل بولىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:28
    • بىرىنچىسى، 248 كوي پۇلغا سېتىۋالغان بىر دانە Windows 8 سىستىمسىنىڭ تىلىنى سىستىمىنى قايتا قاچىلاپ يۈرمەستىنلا تىل بولىقى قورالى ئارقىلىق خالىغان چاغدا بىرنەچچە تىلغا ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشقا مۈمكىن مۇ؟ مەسىلەن سېتىۋالغان ئاشۇ بىر دانە سىستىمىنى خالىغان چاغدا ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە تىللارغا ئۆرۈپ پايدىلىنشقا بولامدىغان دۇ؟
      ======
      ئەلۋەتتە، 109 تىلنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

      ئىككىنچىسى، Windows 8 كەسپىي نەشىرىنىڭ بارماقدىسكىغا قوندۇرۇلۇپ ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان ئالاھىدىلىكىنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ (يەنى بارماقدىسكىدىن قاچىلاش بولماستىن،، بەلكى پۈتۈن سىستىمىنى بارماقدىسكىدا ئېلىپ مېڭىش). بۇرۇنقى يازمىلىرىڭىزنىڭ بىر يېرىدە بۇ توغرىلىق تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنتتىڭىز.
      ==========
      بۇ Windows To Go ئىقتىدارى بولۇپ، كارخانا نەشىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىقتىداردەك قىلاتتى، كەسپىي نەشىرى توغرىسىدا تېخى بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى كۆرمىدىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم ھازىر زاكاز قىلىپ پۇلنى تۇلۋىتىپ مەلۇم ۋاقتتىن كىيىن يەنى 6 ئاي ئەتراپىدا كومپىيوتىرنى يېڭلىۋېلىپ ھازىرققى ئاچقۇچ ئارقىلىقWindows8 نى ئىشلىتەلەيمىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:45
    • ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن ئېتىبار باھادا مەھسۇلات ئاچقۇچىنى سېتىۋېلىڭ، ئۇ 6 ئايغىچە بۇزۇلۇپ قالىدىغان مېۋە-چىۋە ئەمەس (ھا!ھا!!) ياكى 2 نى سېتىۋېلىپ، بىرنى ھازىر ئىشلىتىپ، يەنە بىرنى 6 ئايدىن كېيىن ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. كەلگۈسى 2-3 يىلغىچە كومپيۇتېر ئېلىش ياكى يېڭىلاش پىلانىڭىز بولسا، ئېتىبار باھادا بىر نەچچە تال ئارتۇق ئېلىپ قويۇڭ، ھامان لازىمى بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:52
  • http://bbs.bilik.biz/thread-25267-2-1.html
    سېتىۋىلىشقا قېينىلىۋاتقانلار يۇقارقى تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 03:21
    • ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ خاسلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، 正版授权 دەپ چىققان بولسا، تامامەن بولىدۇ. مەن ئەلۋەتتە ئوغرى نەشرىگە بولىدۇ دەپ جاۋاب بەرمەيمەندە؟ گېپىمنى (يوشۇرۇن مەناسىنى) يەنە چۈشەندىڭلارمۇ؟ 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، ۋاقتىدا ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:00
      • شۇ ئەمەسمۇ باللا كاللىنى بىر ساز تۇتىلى،ئوغرى نەشىرگىمۇ بولامدۇ دەپ ئالىم مۇئەللىمدىن سورىماي ،شۇنداق قىلىپ باققان بالىلاردىن بولامدىكەن دەپ سورىمامسىلەر .مىكرو سوفىتقا بېرىپ 5كويلۇق سېستىمامغا بولامدۇ دەپ سوراپ بېقىڭلار شۇلار نىمە دەيدىكى .ئالىم مۇئەللىم بىز ئۈچۈن شىنجاڭدىكى مىكروسوفىت ھېساپلىنىدۇ،ئۇنداق بولغانىكەن مۇئەللىمدىنمۇ بۇنداق سوئال سورىساق قاملاشمايدۇ.شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك گەپ قىلىۋاتسا يەنە تەكرار سوراۋىرەمدۇ كىشى .يا خۇپسەنلىكمۇ بۇ؟ئالدىنقى تېمىدا مەنمۇ سەل گۆدەكلىك قىلىپ مۇشۇنداق سوئال سوراپ يۈرۈپتىمەن .ئىشقىلپ خاسلىقىنى كۆرسەم 正版授权دەپ خېتىم باركەن .باشقىسى بىلەن كارىم يوق 248كوي تۆلەپ ۋىن 8نى ئالسام بولىدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:56
  • ئەمدى بۇ چۈشۈندۈرۈشلەر ئارقىلىق كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەم قىلىپ كېتەلەيدىغاندەك قىلىدۇ.يا شۇ مىكروسوفىت دېگەنمۇ بىزگە قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن توردىن سېتىۋېلىش باسقۇچلىرىنى تائىللىق ئۇيغۇرچە تىلىمىزنى تاللاپ توردىن چۈشۈرىدىغان قىلىۋەتمەپتۇ(چاقچاق ھە ،ئەمدى يەنە نېمە قىلىپ بەرسە بولاتتى دەپ كايىپ كەتمەڭلا)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 07:24
  • مەلىم :
    ماڭىمۇ ياردەم قىلىڭە
    ISO ھۆججىتىنى يوللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
    مەن تا ھازىرغىچە ئالالمىدىم .

    بانكا كارتىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيالارسىزمۇ ؟
    3000towa@163.com گە يوللىسڭىزمۇ بۇلىدۇ . رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:17
  • ؟مىنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم،ئىناۋەت كارتىسى بار سېستىمىنى چۈشۈرەلەيدىغانلارغا چۈشۈرتۈپ پۇلنى شۇلارغا تۆلىسەك قاچىلىغاندا ئاچقۇچ نۇمۇر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلىساق دەيمەن
    ===========================
    ئەڭ ياخشىسى كارتىسى بار ئادەمنى يىنىڭىزغا چاقىرىپ ئەكىلىپ ،ئۆزىڭىزنىڭ كومپىتورىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .كومپىيوتىر بىلەن كومپىيوتىر ئوخشىمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:44
  • مەن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللىماي 2-سىنى تاللاپ قاچىلاپتىمەن ،بۇنىڭ قانداق پەرىقى بار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 08:54
  • ھەرقانداق نوسخسى بولسا ،سەككىزگە ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ.ئوغرى نەشىرىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .بۇ گەپنى مەن دېدىم .مۇئەللىم دىمىدى جۇمۇ!
    پەقەت ئىشەنچە قىلالمىساڭلار سەككىزنىڭ ئالدىدا تارقاتقان سىناق نوسخسىنى قاچىلاڭلار، ئاندىن بۇ ھەققىي نوسخىسىنى قاچىلاڭلار بۇلىدۇ. مەن شۇنداق قاچىلىدىم.
    سەككىزگە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى، پەقەت سەككىزنىڭ سىناق نوسىخىسىدىن باشقا نەشىرىنى يەنى ئېكىسپى ،يەتتە ،ۋېستا دىگەندەك نەشىرىنى تۇنۇيدىغان قىلىپ چىقارغان، شۇڭا سەككىزگە ئۆستۈرۈش جەريانىدا بىر دىئالوگ رامكىسى چىقىدۇ،ئۇنىڭدا بۇ رايۇندا ئۆستۈرۈشنى قوللىمايدۇ دىگەن مەنىدىكى سۆزچىقىدۇ،شۇ چاغدا سىز چۈشۈرگەن ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنىڭ رەسىمنىڭ ئۈستىدە ئوڭ كونۇپكىنى بىسىپ 兼容دىگەن خەت بار تاللاشنى تاللاپ ،قالغىنىنى كىيىنىكى قەدەمنى بسىۋەرسىڭىز بۇلىدۇ.ئاندىن بۇنى تاماملاپ ،قايتىدىن يادەمچىسىىنى قوزغىتىپ ئۆستۈرسەڭلار بۇلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:19
  • 1000يۇەندىن تۆۋەن چىقسا سېتىۋالىمەن چوقۇم دىگەنىدىم ئۆز ۋاقتىدا. ئويلىغىنىمدىن ناھايىتى كۆپ ئەرزان چىقىپتۇ.

    ئانا تىلىمنى بۇ قەدەر قوللىغان مىكروسوفتقا، بۇ جەرياندا تىنىمسىز، ئۈنسىز تەر تۆككەن ئۇيغۇر سوفت ۋە باشقا مەن ئىسمىنى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان نۇرغۇن يۇرت سۆيەر، ۋەتەن سۆيەر، ئۆزلۈك سۆيەر ئوغلانلىرىمىزغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

    شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ سېستىما ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ كومپيۇتېر دۇنياسىدىكى تەرەققىياتىغا يېڭى بۆسۈش بېرىدۇ. ئەمدى نۇرغۇن شىركەتلەر دېتال ئىشلىسە ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇمايدۇ ياكى بۇرۇنقىغا قارىغاندا مەجبۇرلۇق ھىس قىلىپمۇ قالىدۇ.

    مېنىڭ قىلغىنىم ئاران ئىككى يۈز نەچچە يۈەنلىك كىچىككىنە بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما بىر كىشىلىك قوللىغىنىم، بۇ ئەمگەكتىن سۆيۈنگىنىم دەپ قارايمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:37
  • ئالىمكامدىن بىر سورايدىغان ئىشىم:
    مەن ئالمىنىڭ 11سۇڭلۇق يەنى ‹ مەك بوك ئاير › نۇسخىسىنى ۋىندوۋس 7 نىڭ يېشىلگەن نۇسخسى ۋە ئالمىنىڭ ئەسلى سېستىمىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانىدىم. ئاساسلىقى ۋىندوۋس7نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن. شىركەتنىڭ دۆلەتلىك باج، تاشقى پىرىۋوت ئىدارىسى، ئىلىكترونلۇق تاموژنا قاتارلىق سېستىمىلىرى، شىركەت ۋە شەخسى ھىساۋات ئىشلىرى بىلەن تور بانكىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەچكە ناۋادا ۋىندوۋس 8 نى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەپ ئىشلەتسەم مۇشۇنىڭدەك مۇھىمراق خەنزۇچە مەشغۇلاتلارغا توسالغۇ پەيدا بولامدۇ بولمامدۇ؟ ياكى ۋىندوۋس8نى سېتىۋېلىپ خەنزۇچە نۇسخىغا تەڭشەپ ئىشلىتىمەنمۇ؟
    مەسلىھەت بەرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:43
    • Windows 8 نى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەپ ئىشلەتكەندە، غەيرىي يۇنىكودلۇق پىروگراممىلار دېگەن يەرنىمۇ ئۇيغۇرچىگە توغرىلاپ قويمىسىڭىزلا (ئەسلىدە 简体中文 بولىدۇ)، ھەممە خەنزۇچە دېتاللار راۋان ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلى جۇڭگودىكى بىر تىل سۈپىتىدە قوشۇلغان (سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىچىگە ئەمەس)، شۇڭا، خەنزۇچە دېتاللار نورمال بولار قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ كەتمەڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:12
  • يائاللا! مالىمنى جىلە قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ئوخشايدۇ بەزىلەر،كېچىلەپ پىروگرامما بىلەن بولغان جەڭمۇ بۇنداق قىيىن بولمىغان بولغىيتتى بەلكىم…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:51
  • 248يۈنگە Windows8ھەقىقەتەن ئەرزان لىكىن كۆپ ساندىكى كىشىللىرىمىز Windows XP دىن مىھرنى ئۈزۆلمەي بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇۋاتىدۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:52
  • رەخمەت : ئالىم مۇئەللىم ، شۇنداق تەپسىلى چۇشەندۇرۇپسىز،ئەجرىڭىزنى مىللىتىنى سۆيىدىغان ھەر-بىر ئۇيغۇر ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:12