نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟

1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)

پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
189 پارچە باھا يېزىلدى
  • NotePadخاتىرە
    WritePad دەپتەر
    . Paint رەسسام
    مېنىڭچە بولغاندا مۇشۇنداق بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىسە ياخشى !
    چۈنكى خاتىرلەش دەپتىرى ،يېزىق دەپتىرى،رەسىم دوسكىسى دېيىلسە قوش سۆز دېيىشكە ئاسان بولغان بىلەن تەرجىمەقىلغاندا قولايسىز.
    توغرادېدىممۇيا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 13:24
  • ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭچە تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىكى قايسى سۆزلەرنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
    بىز ھەرقانچە پىكىر بەرسەكمۇ يەنە شۇ سۆزلەر ئەتىراپىدا چۆگلەيدىكەنمىز ،بۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا سۆزلەر يوق ئوخشايدۇ.بولسا ھەر قىتىم پىكىر ئالغاندا ئاتالغۇنىڭ مۇقۇملىشىپ بولغان بولمىغانلىقىنى ۋە نىمە دەپ مۇقىملاشقىنىنى دەپ قويغان بولسىڭىز ،ئالدىنقى تېمىنىڭ ئاخىرى قانداق بولغىنىنىمۇ بىلمەيمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 13:50
    • ماقۇل شۇنداق قىلاي. ھازىرچە
      ==================
      1. دەپتەر 记事本
      2. خەت يازغۇچ 写字板
      3. رەسىم سىزغۇچ 画图
      4. ھېسابلىغۇچ 计算器
      ===================
      مۇشۇنداق ئېلىنغان ئىدى، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى، ئىخچام، پاكىتلىق پىكىر بولسا قوبۇل قىلىمەن. ئاۋۋال مەن تەرجىمىسىنى دەپ قويسام، مەن يازغان تەرجىمىسىگە مەركەزلىشىپ قالمسىۇن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ياخشى پىكىر بولسا، داۋاملىق قارشى ئالىمەن، داۋاملىق

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:41
    • ‹‹写字板. خەت يازغۇچ›› بۇنى نېمىشقا ‹‹خەتكۈچ›› دەپ ئالمايمىز ؟ ‹‹خەت يازغۇچ›› دىگەن ھازىرىقى زاماندا ماي قەلەم ، قېرىنداش ، موي قەلەمنى ئىشقىلىپ خەت يىزىشتا ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدىغان تۇرسا !!

      ‹‹رەسىم سىزغۇچ 画图›› نى بولسا ‹‹ رەڭ قۇتسى ياكى رەسىم داسكى ›› دەپ ئالساق نەرى بولمايدىكەن ؟؟

      قارىغاندا بەزى گەپلەرنى تۈز تومتاقلا تەرجىمە قىلدىكەنمىز دە ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك …. دىمەي دىسە تىخى، دىسە تىخى !!
      ئامال يوق ! ھوقۇق كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇنىڭ گىپى راسىت ، شۇنىڭ يىقىنلىرى باشلىق بولىۋاتسا . بىزگە نىمە قۇيۇپ ئارلىشىپ .!!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:45
      • نەقىل: ————————————————————————–
        ‹‹写字板. خەت يازغۇچ›› بۇنى نېمىشقا ‹‹خەتكۈچ›› دەپ ئالمايمىز ؟ ‹‹خەت يازغۇچ›› دىگەن ھازىرىقى زاماندا ماي قەلەم ، قېرىنداش ، موي قەلەمنى ئىشقىلىپ خەت يىزىشتا ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدىغان تۇرسا !!
        ————————————————————————–
        سىز «خەتكۈچ» دېگەن ئاتالغۇنى بىلىپ سۆزلەۋاتامسىز؟ ياكى بىلمەيمۇ؟ قارىغاندا بىلمەيدىكەنسىز، چۈنكى ئۇ سۆزنى توغرا يازالماپسىز.
        سىز بۇ دېتالدا خەتلىرىڭىزنى ھەر خىل رەڭدە، ھەر خىل خەت نۇسخىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر خىل چوڭلۇقتا، سىز ئېيتقاندەك ھازىرىقى زاماندا ماي قەلەم ، قېرىنداش ، موي قەلەمنى ئىشقىلىپ خەت يىزىشتا ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەر بىلەن يازغاندەك يازالايسىز.

        نەقىل: ————————————————————————————–
        قارىغاندا بەزى گەپلەرنى تۈز تومتاقلا تەرجىمە قىلدىكەنمىز دە ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك …. دىمەي دىسە تىخى، دىسە تىخى !!
        ئامال يوق ! ھوقۇق كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇنىڭ گىپى راسىت ، شۇنىڭ يىقىنلىرى باشلىق بولىۋاتسا . بىزگە نىمە قۇيۇپ ئارلىشىپ .!!!
        ————————————————————————————–
        بۇ گېپىڭىزدىن قارىغاندا تەرجىمىنى بەك بىلىدىغان ئوخشايدۇ دېسەك، ئۆزىڭىز تەۋسىيە قىلغان سۆزنىڭ ئىملاسىنىمۇ توغرا يازالمىسىڭىز ھەم ئۇ سۆز توغرىسىدا ئازىراقمۇ چۈشەنچە بەرمىسىڭىز، قانداقمۇ پايدىلانغىلى بولسۇن، بۇ يەردە شۇ تۈز تەرجىمە قىلىمىز، ھەرگىزمۇ ئەگىتىپ، مۇرەككەپ تەرجىمە قىلمايمىز، ئەدەبىي تەرجىمە ئەمەس، ئاممىباب تەرجىمە ئۇسلۇبى ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن.
        ھەرگىزمۇ مۇرەككەپ گەپ قىلىدىغان ئەدەبىياتچىدەك يەنى «سىستېمىغا مەرھابا، سىستېما قوزغىلىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتىدۇ، ۋاھالەنكى سەل ھايال بولۇپ قالىدۇ، گاھىدا ئۆزىگە دىياگنۇز قويۇشى مۇمكىن» ئەمەس، بەلكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى سۆزلەيدىغان تەبئىي پەن خادىملىرىدەك «سىستېمىغا خۇش كېلىپسىز، سىستېما قوزغىلىشقا تەييارلاندى، ئەمما، سەل ساقلايسىز، بەزىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈشى مۇمكىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

        تورغا تاشلاپ باقاي دېسەم ھېلىمۇ 4 كۈن بولدى 4 تال ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى پۈتمەيۋاتسا، ياردەم بېرەلمىسىڭىز ياكى ياردەم بەرگۈيىڭىز كەلمىسە ئارىلاشماڭ، بۇ يەردە ھېچكىم مەجبۇرلىمايدۇ. بوغداي نېنىڭىز بولمىسا، بوغداي سۆزنىمۇ تەلەپ قىلمايمەن. ھېچكىم سىزنى بۇ يەردە بىرەر ئىشقا مەجبۇرلىمىدى.

        ئىدارىڭىزدە بىرەر كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ دەردىنى بۇ يەردە سۆزلەپ يۈرمەڭ، كۈنلىرىڭىز خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەي،

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:08
    • 1. دەپتەر 记事本
      2. خەت يازغۇچ 写字板
      3. رەسىم سىزغۇچ 画图
      4. ھېسابلىغۇچ 计

      1. مەيلى ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچىسىغا قارىغاندا خاتىرە بولۇدۇ.
      2. دەپتەر دىسەك مۇۋاپىق. خەت يازغۇچ دىسەك قەلەم ،قېرىنداش دىگەننى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىز قەگەز بولمايدۇ.
      شۇڭا بۇ ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:59
  • مېنىڭچە بۇ دېتالنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدۇ، شۇڭا قويغان ئىسىممۇ بەك دەبدەبلىك بولۇپ كەتمەسلىكى، ئاڭلاشقىلا چۈشەنگىلى بولىدىغان ئاددى بولۇشى كېرەك.
    NotePad دەپتەر
    wordpad خاتىرە
    Paint رەسىمچى
    ——————–
    ئاندىن ئالىم ئەپەندىم، Windows 8 نىڭ «Start Screen» ئۇيغۇرچىدە نېمە دەپ ئاتالدى؟ نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ pin to Start دەيدىغان كونۇپكىسى بار ئىكەن. «StartScreen» نى «باشلام» دەپ ئېلىپ، pin to strat نى «باشلام»غا قاداش (ياكى قوشۇش) دەپ ئالساق بولامدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:51
  • ئاەتتىغۇ 3-نى «رەسىم سىزىدىغان» دەپ ئاتاپ قويىمىز، ئىتتىك ئېغىزغا كەلگەندىكىن. رەسسام دېسەكمۇ قاملىشىدىكەن، ئادەتتە 10 رەسىم سىزىدىغان بالىغا چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن دېسەك ئالتىسى رەسىم سىزىدىغان ئادەم بولىمەن ئۈچى رەسسام بولىمەن دەيدىغىنى ئېنىق.
    شۇڭا رەسسام بىلەن سىلەر ئىشلەتكەن رەسىم سىزغۇچ مۇۋاپىق بولىدىكەن، يەنە رەسىم قەغىزى دېيىشنىمۇ تەشەببۇس قىلىمەن….ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە سېتىما ئۈچۈن مەندە بىر ھاياجان بار جۇمۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:42
    • شۇنداق، رەسسام دېگەندىن «رەسىم سىزغۇچ»نى مۇۋاپىق كۆرىمەن، چۈشىنىش تېخىمۇ ئوڭاي. لېكىن ھەر ئىككىسى مەنىداش كېلىدۇ،
      ئىش قىلغۇچى=ئىشچى، رەسىم سىزغۇچى=رەسسام،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:47
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز ، بۇ ۋىندوس 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسنى قاچانراق بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرەرسىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:09
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز ، بۇ ۋىندوس 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى قاچانراق تارقىتىلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:12
  • ئالىم مۇئەللىم .سىز بۇ ئاتالغۇلارنى بۇ يەردە بىزدىنلا پىكىر ئىلىپ يۈرمىگەنسىز ،ئىشىنىمەن باشقا نوپۇسلۇق كىشىلەر ،تەشكىلات ياكى باشقا يۇمشاق دىتال كارخانىچىلاردىنمۇ پىكىر ئالدىڭىز ، بولسا شۇلارنىڭ نىمە دەپ پىكىر بەرگەنلىكىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:57
  • مەن تەرجىمىدە ئىخچاملىقتىن كۆرە چۈشىنىشلىك ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
    ئىلگىرى كومپيۇتېر دەرىسى ئۆتۈپ يۈرگەنلىرىمدە ئوقۇچىلارغا كۇنۇپكا تاختىسى مەشخۇلاتىنى ئىگەللىتىشتە 记事本نى ئىشلىتەتتىم ھەم ئۇنى «خاتىرە دەپتەر» دەپ ئاتىغان شۇ چاغلاردا ئاندا ساندا ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر دەرىسلىكلىرىدىمۇ شۇنداق ئېلىنغان.
    画图 نى «رەسىم سىزغۇچ»، «رەسىم تاختىسى» دەپ ئىشلەتكەن.
    ئەمما شۇ 写字板 نى ئوبدانراق ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن. مىكروسوفت يا ۋازكەچمىدى بۇ نەرسىدىن. بۇ نەرسىدىمۇ پەقەت يېزىقلا بىرتەرەپ قىلالايدىغان بولغاندىن كېيىن چورتلا قىلىپ «يېزىق» دەيلىمىكىن يا. لېكىن ھازىرقى نەشىرلىرىدە رەسىم قىستۇرغىلى بولامدۇ نىمە.
    记事本نى خاتىرە دەپتەر، 写字板 نى خاتىرە دەپ دەپ ئېلىنسا ئىككىسىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولاتتىكەن بولمىسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:05
  • WritePad نى خەت يازغۇچ دېسەك، خەت يازىدىغان نەرسىلەر جىق بولغاندىكىن بەك ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ قالارمۇ؟ خاتىرە، رەسىم سىزغۇچ دېگەن ئاتالغۇلارغا قوشۇلىمەن. مۇشۇ 写字板 نى ئويلاپ باقسام، قوزغىتىپ باقمىغىلىمۇ 6~7 يىل بوپتۇ. تاساددىپىي Word يوق كومپيۇتېردا doc نى ئاچسام قوزغىلىپ كەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن. Microsoft بۇ قورالنى نېمە سەۋەبتىن ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ چۈشەنمىدىم. ئېلىش توغرا كەلسە، دەپتەر دەپ ئېلىپ قويسىمۇ بولغۇدەك دېدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:17
    • چۈنكى ھەممە ئادەم Word نى سېتىۋالالمايدۇ، بولۇپمۇ چەتئەلدە. Office دېگەن Windows دىن نەچچە ھەسسە قىممەت،
      جەدۋەل قىستۇرمايدىغان، ئىستون ئايرىمايدىغان ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى باسىدىغان ئىش بولسا، WordPad ئېھتىياجىمىزدىن تامامەن چىقالايدۇ، Word نى ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:20
  • 记事本 نىڭ记 خېتىنىڭ ئايرىم مەنىسىگە قارىغاندىمۇ بىرەر ئىشنى خاتىرلەيدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ ، شۇڭا 记事本 نى خاتىرە (خاتىرە دەپتەر) دەپ ئويلىدىم .

    写字板 نى يېزىش تاختىسى دىيشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .

    画图 نى سىز دىگەندەك رەسىم سىزغۇچ دەپ ئالساق چۈشۈنۈشلۈك ھەم ئاممىباب ئاڭلىنىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:48
  • ‏مەنچە مۇنداق قلايلى دوسلار! 
    ‏ھازر ھەممەيلەن ئۆزئالدمىزغا بىر قىتمدىن ئسم قويۇپ باقتۇق،ھەرخىل ئسملار بارلققا كەلدى.ئالم مۇئەللمنىڭ ئۆزى ئويلشقان ئسمنى باشتا دمەسلكدكى سەۋەپمۇ بىرەرسمىز تېخمۇ دەل ھەم پاكتلق ئسم قويۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلغان بولشى مۇمكىن .بىر قۇر ئسم قويلۇپ بولغان ئكەن،ئەمدى مۇشۇ ئسملارنى تەھلل قىلپ،بىلەت تاشلاپ باقساق قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:56
  • NotePadخاتىرە
    WritePad دەپتەر
    . Paint رەسسام
    مۇشۇ بويىنچە بولسا مۇۋاپىقكەن دەپ قارايمەن.
    بۇنىڭدا ئاتالغۇ ياساش مەسىلىسى يوق، ھەم ھەممە ئادەم بىر كۆرۈپلا چۈشۈنەلەيدۇ.
    مۈمكىن بولسا ئالىم ئەپەندىمۇ مۇشۇ بويىنچە بىرلىككە كېلىشىنى تەسۋىيە قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:57
    • سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە بولغاندا، رەسسام دېسىڭىز، ئادەمنى كۆرسىتىپ قالىدۇ، ئاۋۇ نەرسىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاندىن يەنە دەپتە بىلەن خاتىرە ئالمىشىپ قالدىمۇ نېمە؟ دەپتەر ئاددىي بولامدۇ؟ خاتىرە ئاددىي بولامدۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:26
    • مەنمۇ بۇنى سىزنىڭ ئاتالغۇ ياساپ ئولتۇرمايلى ،بارىنى ئىشلىتەيلى دىگەن نۇقتىنەزىرىڭىزنى قوللاش يۈزۈسىدىن، قوللىدىم، بولمىسا يەنە نەچچە تال ئاتالغۇ كۆپ ياسىلىپ قالغۇدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:30
    • مەيلى خاتىرە بولسۇن ياكى دەپتەر بولسۇن، بۇ ئىككىسى يېزىش،خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۈپلەنگەن قەغەزلەر،پەقەتلا مۇقاۋىسى ئوخشاشمايدۇ، ئادەتتە دەپتەرلەرنىڭ مۇقاۋىسى قاتتىق قەغەز (يەنى كالا تېرىسى قەغىزى دىگەننى بۇرۇن شۇنداق دەيتۇق ،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا)
      لەردە تاشلىنىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:31
    • خاتىرىنىڭ بولسا رەسمىي قېلىن قاتتىق قەغەز،يالتىراق دىگەنلەر بىلەن تاشلىنىدۇ. بۇ ئەمدى بۇلارنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى پەرقى، ئىشلىتىشىگە كەلسەك ئوخشاشلا خەت يازىمىز، رەسىم سىزساقمۇ بولۇدۇ جۇمۇ؟؟؟!!! ھىھىھىھى … ساقلاش مۇددىتى جەھەتتىن خاتىرىنى ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:32
    • ئەمدى ماۋۇ نوتپەد بىلەن رايىتپەد كە كەلسەك ، ئىشلىتىش جەھەتتىن ئوخشاشلا خەت يازىمىز،خاتىرلەيمىز، ئىقتىدار جەھەتتىن نوتپەد سىدام(قېلىپسىز،ناھايىتى ئاددىي ،تەبىي،مۇرەككەپ ئېلېمېنتلاردىن خالىي بولغان بولۇدۇ ) خاتىرە بولۇدۇ، ئاساسەن بەت تەھرىرلەش ئىقتىدارلىرى قوشۇلمىغان بولۇدۇ، رايىتپەد دە بولسا بەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇدۇ،يەنى خەتنى قاش كىرپىكلىرىنى تاراپ ياساپ ،قېلىپقا چۈشۈرۈپ يازغىلى بولۇدۇ،يەنى رايىتپەد قېلىپلىق خاتىرە بولۇدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:34
    • ئەمدى ئادىتىمىز بويىنچە 1.دەپتەر 2. خاتىرە دىسەكمۇ بولۇدۇ، لېكىن ئەسلى تىلنىڭ ئادىتىدىن چىقىپ،ۋە تەرجىمىنىڭ ئۇدۇل كېلىشىدىن ئويلاشقاندا 1.خاتىرە 2. دەپتەر دىسەكمۇ تەرجىمىگە چۈشۈدۇ،ھەم بۇرۇندىن باشقا تىلدىكىنى ئىشلىتىپ كۆنگەنلەرگە نىسبەتەن ،كۆنۈش ۋە چۈشۈنۈشكە ئوڭاي بولارمىكىن دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:35
    • ئەمدى پېيىنت براش (بۇرۇن ئاشۇنداق دەيتىغۇ دەيمەن)قا كەلسەك ، بۇ سىزىش چوتكىسى ،چوتكا دىگەن نەرسىشۇ.بۇنى ئەمدى رەسىم دىگەن سۆز بىلەن بىرلەشتۈرسەك، ئەسلى مەنبە ئەرەپچىكەن، رەسىم دىگەن سۆزنى قوبۇل قىلغاندىكىن رەسسام (رەسىم سىزغۇچى ،بۇنىغۇ ئاللىبۇرۇن قوبۇل قىلىپ بولغان) نى مۇۇۋاپىق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:36
  • ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر ئىش، مۈمكىن بولسا ئالىم ئەپەندى ،بۇ قېتىملىق ۋىندوۋس ئاتالغۇلىرى ئاساسىدا بىر لۇغەت تور بېتى تۈزۈپ ئېلان قىلغان بولسا،ئاتالغۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ۋە باشقا ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ بىردەكلىكنى ساقلاشقا كۆپ پايدىسى بولار ئىدى،شۇنداقلا بۇ ئاتالغۇلار ۋىندوۋس يۈزىدىلا چەكلىنىپ قېلىش خەۋپىدىن قۇتۇلالايتى.
    ياكى ئايرىم كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرسىمۇ مەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:11
  • چۈنكى بۇ خىزمەتكە ئالىم ئەپەندى باش بولۇپ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى،شۇنداقلا نۇرغۇن تورداشلار قىزغىنلىق بىلەن بۇ ئىشقا قاتنىشىپ،ياخشى پىكىرلەرنى بەردى.شۇڭا بۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا ئالدى بىلەن ئالىم ئەپەندىنىڭ ،ئاندىن قالسا كۆپچىللىكنىڭ ئاز بولمىغان ئەجرى سىڭدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:13
  • شۇڭا بۇ ئەمگەكنى ۋىندوۋس 8 نىڭ چىقىشى بىلەنلا بولدى قىلماي، توپلاپ لۇغەت شەكلىدە يەنە كۆپچىللىككە سۇنسا ياخشى بولاتتى. ھەممەيلەننىڭ ھاردۇقى چىقاتتى دەپ ئويلايمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ۋە چىقىرىۋاتقان ئالىم ئەپەندىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:13
    • بۇرۇن ھېلىقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويتاقلار بىناسىدا يازغان «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» دېگەن كىتابىمنى قايتا نەشىر قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:28
    • راست شۇ كىتاپنىڭ ئىشى ئاخىر قانداق بوپ كەتتى. چىقتىمۇ؟
      بولسا بۇ قېتىم قايتىدىن نەشىر قىلدۇرۇڭ. بۇ جەھەتتىكى قورال كىتاپلار بەك ئاز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:49
    • شۇ كىتابنى قايتا نەشىر قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ ياخشى قىپتىسز، بولسا پات ئارىدىلا قارار قىلىڭ، ئالدى بىلەن بىرنى سېتىۋالىمەن. (كونىسىمۇ بار ئىدى بولمىسا)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:43