نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟

1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)

پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
189 پارچە باھا يېزىلدى
  • 记事本–خاتىرە
    写字板–دەپتەر
    画图—رەسىم،ياكى سىزما

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:39
    • ئالمىشىپ قالمىغاندۇ؟ دەپتەر دېگەن ئاددىي بولىدىغان، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى خاتىرلەيدىغان نەرسە ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:31
  • 记事本– خاتىرە دەپتەر
    写字板–كاتىبە
    画图—رەسسام

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:49
  • دەپتەر، يازغۇ، سىزغۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:45
    • -غۇ، -قۇ دەپ مەجبۇرىي قوشۇپ، ئامال بار يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلمىساق، بۇنداق نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر تىلىمىزدا چوقۇم بار، بۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:33
  • 记事本– دەپتەر، خاتىرە
    写字板–يازغۇ، يازما
    画图—سىزغۇ، سىزما

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:49
  • NotePad نى خاتىرە دەپتەر
    WritePad نى يېزىق دوسكىسى
    paint نى رەسىم تاختىسى (رەسىم سىزىش)
    دېسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ قارايمەن.
    پۈتۈك ، بوياق، دېگەندەك ئاتالغۇلاردىن ئاڭلىماققا نېمە دېتال ئىكەنلىكىنى دەرھاللا بىلگىلى بولمايدىكەن.
    چۈنكى بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر خەنزۇچە نەشىردىكى مەشخۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن. بۇنداق دېگىنىم تەرجىمىدە خەنزۇچىسىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلايلى دىگىنىم ئەمەس شۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىش رولىنى ئاساس قىلساق دېمەكچى ، مەسىلەن بوياق دېسەك رەسىم سىزىشتىكى بىرلا كېرەكلىك قورالنى كۆرسىتىدۇ. رەسىم تاختىسى ياكى رەسىم سىزىش دېسەك كېرەكلىك قوراللار يەنى بوياقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:25
  • مۇشۇ 画图 نى باشتا «رەسسام » دىسە قانداق بۇلار دەپ ئويلىغانتىم. ئەرەپچە شۇنداق دىگەندىكىن بىزمۇ «رەسسام » دەيلى،بۇمۇ خېلى چۈشىنىشلىك!~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:25
    • رەسسام؟بۇنداق دېسىڭىز بىۋاستە ئادەمنى كۆرسىتىپ قويمامدۇ؟ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا كىرىدىغان تۇرسا،قانداق قىلىپ ئەرەپ تىلى بىلەن بىۋاستە سېلىشتۇرىۋالدىڭىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:26
  • 记事本—-پۈتكۈچ
    写字板—-خەتكۈچ
    画图—-رەسىم تاختا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:29
  • باشقىلار قانداق ئىشلىتىدۇ ئۇقمىدىم،مەن ئادەتتە جىددىي
    ئەھۋالدا بىرنەرسە خاتىرىلىۋالماقچى بولسام،记事本نى
    ئاچىدىكەنمەن.«دەپتەر،خاتىرە»دېگەن ئىككى ئىسىمنى 记事本بىلەن 写字板نىڭ قايسىسىغا قويسا بولۇۋېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.چۈنكى ئىككىسىنىڭ رولى بىزگە نىسبەتەن ئوخشىشىپ
    كېتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:17
    • شۇنداق، مەنمۇ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىمەن Notepad نى، پىروگرامما لايىھەلىگەندە، كومپيۇتېرىمنىڭ يېنىدا يەنە رەسمىي (قەغەز) دەپتىرىممۇ بار، پىروگرامما يازغاندا، ئاۋۋال (قەغەز)دەپتىرىمگە جىجىلايمەن.

      1. دەپتەر دېگەن سەل ئاددىي بولىدۇ، جىجىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قويىمىز
      2. خاتىرە دېگەن دەپتەرگە قارىغاندا سەل ياخشى بولىدۇ، مۇھىم نەرسىلەرنى خاتىرىگە يېزىپ قويىمىز، ئىلگىرى بۇ نەرسىنىڭ رەسىمى بىر قەلەم بىلەن قەغەز ئۈستىگە بىر نەرسە يېزىش ئىدى(ئىلگىرى خەت يازغۇچ دەپمۇ بىرەسمىي تەرجىمە قىلىنىپ باققان)
      3. ئەرەبلەر رەسسام دەيدۇ، تۈركلەر، ئۆزبېكلەر پېينت (ئىنگلىزچە Paint نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) بويىچە ئىشلىتىدۇ، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە ئۇنداق ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى مەن ھازىر تۈرك تىللىرى ئىچىدە بىر قەدەر ساپ، قالايمىقانچىلىق ئاز تىل دەپ قارايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:41
  • 1-نى دەپتەر ياكى خاتىرە دەيلى
    2-نى خەتكۈچ ياكى يازغۇ دەيلى
    3-نى رەسىمدان دەيلىمۇ ؟
    سىزغۇ دىسەك قاندا بۇلا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:36
    • 3-نى رەسىمدان دەيلىمۇ ؟
      ==============
      ئۇنداقتا Photoshop نى نېمە دەيسىز؟ مېنىڭچە قارا-قويۇق «-دان» قوشۇمچىسىنى قوشۇۋەرمەيلى، بولمىسا، ئەتە-ئۆگۈن شىركەت بار بىنانى شىركەتدان، ئېگىز قەۋەتلىك ئۆيلەرنى ئۆيدان دەيمىز دەپ تۇرىۋالمىسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:44
    • رەسىمدان دېگەن سۆز Picasa قاتارلىق رەسىم كۆرۈشكە ئىشلىتىدىغان دېتاللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ قالامدۇ قانداق؟!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:21
  • يەنە بىرنى جۆيلىپ قوياي‹ كونسپىك›

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:36
    • «كونىسپىك»؟بۇ سۆز قايسى تىلنىڭ؟«قۇرۇمتاغ»دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى خەنزۇلار«昆仑»دەپ كۆچۈرگەن،كېيىن بىز يەنە خەنزۇچىدىن كەينىگە ياندۇرۇپ «كوئېنلۇن»دەپ يېزىۋالدۇق.كومپىيۇتىر ساھەسىدە بۇنداق خاتالىقنىڭ سادىر بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ھەر قېتىم ئۈرۈمچى «سەككىز قەۋەت»نىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بۇ خاتا خەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىئارام بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:40
  • يەنە بىرنى ‹پۈتۈك›

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:41
  • ھەراس ئالم مۇئللم ،يېزپ بولغان ئنكاسنى قايتا تەھرىرلگلى بولدىغان قىلپ قويغان بولسڭز بولاتتى .خاتا يوللنىپ قالسا تۈزتەلمەيدكەنمىز.
    ———————-
    ‹1.دەپتەر2.خاتىرە3.رەسم تاختا ›غا بىر بلەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:49
  • 记事本– دەپتەر
    写字板–خەتكۈچ
    画图—رەڭ داسكا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 19:08
    • مۇشۇ خەتكۈچ (توغرا ئىملاسى خەتكۈش) ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ Bookmark 书签

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:18
    • خەتكۈچ›› ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ مەلۇم جايغا كەلگەندە قىستۇرۇپ قويىدىغان بەلگە نەرسىنى كۆرسىتىدىغۇ.
      بۇ خاتىرىەيدىغان سىستىما تۇرسا ، خەتكۈچ دەپ قويساق مۇۋاپىق بولماسمىكىن ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:46
  • ئالىم مۇئەللىم سىلەر بۇلارنى نىمە دەپ ئاتىدىڭلار ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:35
    • ئاخىرى دەيدىغان بولدۇم-دە، پىكىرلەر بىر يەرگە يىغىلىپ قالمىسا بولاتتى ئەمدى، ھازىرچە مۇنداق دېگەن:
      1. دەپتەر 记事本
      2. خەت يازغۇچ 写字板
      3. رەسىم سىزغۇچ 画图
      4. ھېسابلىغۇچ 计算器
      ———
      بۇنىڭدىن ياخشى ئاممىباب ئاتالغۇ پاكىتلىق ئوتتۇرغا قويۇلسا، ئەلۋەتتە ئالماشتۇرۇلىدۇ، شەرتى چوقۇم 5-6 ياشلىق بالىلارمۇ چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، پۈتۈك، كونسىپىك، ….دېگەندەكلەرنى شەخسەن مەن مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. بەك ئەدەبىي ياكى بەك كەسپىي ئاتالغۇ بولمىسىلا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:28
  • 1. NotePad خاتىرە ياكى دەپتەر
    2. wordpad دوسكا
    3. Paint رەسىمچى ياكى رەسىم تاختا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:03